يامغۇرلىقىڭىزنى تاشلىۋېتىڭ | ئەمدى كىيىملىرىڭىزگە سۇ ئەمەس، لاي- لاتقىمۇ يۇقمايدۇ!
تىلىۋىزوردا دائىم بېرىدىغان(ھەتتا مەخسۇس قانال تەسىس قىلغان)، ئاتالمىش ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ئەرزان باھادا سېتىش پائالىيەتلىرى كىشىنى تولىمۇ بىزار قىلىدۇ. كىر يۇقمايدىغان دەسمال دەمدۇ، ياغسىز تاماق ئەتكىلى بولىدىغان قازان دەمدۇ، 360 گرادۇس ئايلىنىدىغان پول سۈرتكۈچ دەمدۇ ئىشقىلىپ تەڭدىن تولىسى ساختا ئېلانلار.
بۇ خىل ئېلانلارنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى يۇقىرى. ئەمما مەھسۇلاتلىرى ئۇنچە ماختاپ كەتكۈدەك ئەمەس. ياغ قۇيمىسا تاماق پىشىدۇ. كاۋاپ بولۇپ پىشىدۇ شۇ. پول سۈرتكۈچنىڭ بېشى 360 گرادۇس ئايلانسا نېمە بوپتۇ؟ ماي بولمايدىغان دەسمالغا كەلسەك بۇ قېپقىزىل يالغان. يالغان دىگىنىم بۇ مۇمكىن ئەمەس دىگىنىم ئەمەس. يېقىندا پەرەڭلەرنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، نانو تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈنلەي سۇ ۋە ماي ھەتتا لاي يۇندىمۇ يۇقماس بىر قەۋەت پەردە ھاسىل قىلغان. مۇناسىۋەتلىك تەجرىبە ۋىدىئوسى YouTubeغا چىقىرىلىپ قىسقىغىنا ئىككى ھەپتە ئىچىدىلا كۆرۈلۈش قېتىم سانى 500,000 دىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخپارات ۋاستىلىرىدىمۇ بەس-بەستە ئېلان قىلىنغان. قارىماققا بۇ خىل تېخنىكا ھەقىقەتەن بەكلا كىشىنى جەلىپ قىلىدۇ. ئىشەنچىلىك دەرىجىسىمۇ يۇقىرى بولۇپ ئورگان توربېتىدە بۇ خىل مەھسۇلاتنى رەسمى سېتىشقا باشلىغان(كىرىپ كۆرۈپ باقتىم، ئەمما قانداق ئىشلىتىشنى بىلەلمىدىم). ئەگەر راستىنلا بۇ خىل تېخنىكا كۈندىلىك تۇرمىشىمىزغا سىڭىپ كىرسە كىيىملىرىمىزنى ئايدا بىرەر قېتىم يۇيۇپ قويساقلا بولغۇدەك!
مەزكۇر تېخنىكا قوللىنىلغان ۋە قوللىنىلمىغان ئىككى مەھسۇلاتنىڭ پەرىقى
مۇناسىۋەتلىك ۋېدىو:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاجايىپ، تېخنىكا، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,772 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: nanotech-ever-dry.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئامراق يانفونىڭىزنىڭ توكى تېز تۈگەمدۇ ؟ بۇندىن كېيىن ستولبا تۈۋىدە ئولتۇرۇپ تېلىفۇن ئويناڭ!
- كېيىنكى يازما > ئىشىك-دېرىزىلەرنى چىڭ تاقاپ ئولتۇرۇڭلار، چاغاندا يولداشلار ئاتقان مېتىئورىتلار روسىيەگە چۈشۈپ كېتىپتۇ دەيدۇ…
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- مارىيو مەستانىسى بولا، مۇشۇنچىلىك بولا
- توخۇ پاچىقىدىنمۇ تەملىك كېسەكمىدۇ؟ ھىندىستانلىق ئەر كۈنىگە ئۈچ كىلو خام كېسەك يەيدىكەن
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- ئەردوغان ھولوگرافلىق پرويېكسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى
- ئەينى يىللاردىكى كارتون فىلىملەرنىڭ قانداق ئىشلەنگەنلىكىنى بىلەمسىز؟
ئاھ ..دىۋان…….
راستىنلا شۇنداق بولسا ئاياللىرىمىز ھورۇنلىشىپ كەتكۈدەك ھە؟
يېڭىلىق….
كىر بوپ قالغان كىيىملەرنى يۇيىمەن دەپمۇ يۇيغىلى بولمىغۇدەك
خوتون ئالماسلىققا باھانە چىقىدىغان بولدى مانا…
ئېلىۋىرىڭلار، خوتۇن دىگەننىڭ ئۆيدە كىر يۇيۇشتىن باشقا نۇرغۇن پايدىسى بار….، بۇنى باھانە قىپ خوتۇن ئالمىساڭلا كۈندە تۇز ساممىغان ئۇماچ ئىچىپ ئولتۇرسىلە
____________
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بىر ئاغىنەمنىڭ خوتۇنى يامانلاپ كېتىپ، ئۆزۈم تاماق ئېتىمەن دەپ تۇز سامماي ئۇماچ ئېتىپ ئىچمەي تۆكىۋىتىپتىكەن.
YouTube قانداق كىردۇ مۇشنىمۇ يوللاپ قويغىلى بولما؟
زادى قانداق تور بىكەت بۇ بى كۆرەپ باقايلىك
ئېچىلمايدىغان توربەت، مەنمۇ ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىدىم، جۇڭگو ئىچىدە ياكى شىنجاڭ ئىچىدە مۇلازىمىتىرى چەكلىۋىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن.
شۇ ئاچالمىغاچقا شۇنداق يازغان. ماۋۇ تىمىدا كىرىپ كۆرۈپ باقتىم دەپتۇغۇ؟
تامدىن يامىشىشقا ئۇستا بولمىسىڭىز ياكى سىز چەتئەلدە بولمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ئۇ يەرگە ھەۋەس قىلمىغىنىڭىز تۈزۈك !
زادى بەك كۆرەتتىم دىسىڭىز بەيدۇنىڭ رەسىم ئىزدەش رامكىسىغا youtube دەپ ئىزدەپ جامالىنى كۆرىۋالسىڭىزمۇ مەيلى ……
بولىدىغان تېخنىكا ئىكەن بۇ!…
ئەمما ئاۋۇ نانو تېخنىكىسى دېگىنى قانداق تېخنىكىدۇ زادى…بەك كۆپ ئاڭلىدۇق,ئۇنىمۇ بىلگىم كېلىۋاتىدۇ.
ھەي بۇچۇ شىنلاڭ ،ۋاڭيى ،شىن ۋېن دېگەندەك تور بەتلەردىن كۆچۆرگەن نەرسىلەر ، تور خۇماردا مەنبە دىگەندىن سۆز اچقىلى بولمايدۇ، ھەتتا ۇسلۇبىمۇ شۇ، اۋۇ نەسىنىڭ باش تور بېكىتى يۇتۇبى ەمەس شۇڭا كىرگىلى بولدۇ .يۇتۇبى ۋە فېكبۇك قا جۇڭگۇ دا كىرەلميسىز، خەنچە تور بەتلەردە مەخسۇس خەۋەر ۈچۈن باشقا رايۇن ياكى دۆلەتتە اغۇنداق تور بەتلەردىن پايدىلنىشى مومكىن. بەلكىم مۇھىم دىپ ويلىۋالغاچ سىزگە قالدۇرۇپ قويمىغاندۇ باش تور بەت ادېرسىنى ، بۇ مەھسلاتنىڭ بازار ىچىش قىممىتى يۇقىرى. ىملا اڭفۇندا مۇشۇنداق يىزىلىپ قالدى
يازما مەنبەسى : http://www.dailymail.co.uk/news/article-2276104/Ultra-Ever-Dry-Video-amazing-water-repellent-keeps-surfaces-completely-clean-online-hit.html#axzz2KWp2cXVR
مەن يۇقىردا تىلغا ئالغان مەزكۇر مەھسۇلات ئورگان تور بېتى : http://www.ultraeverdrystore.com/products/ (مەزكۇر بەتتە بۇ مەھسۇلات بىلەن باھاسىدىن باشقا ئالاھىدە چۈشەندۈرۈلىشى يوقكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن قانداق پايدىلىنىشنى بىلەلمىدىم)
ئەجىبا مەن قالدۇرغان بۇ مەنبەدىن پايدىلىنالامسىز ؟ شىنلاڭ دىكىلەر بۇ مەھسۇلاتنى مۇشۇ مەنبەلەردىن كۆچۈرمەي، ئۆزى بىۋاستە مۇخپىر ئەۋەتەمدۇ ؟
خەتنى تۈزۈك يېزىشنى ئۈگۈنۈپ كېلىپ ئاندىن توخۇماردىن تۈك ئۈندۈرسىڭىزچۇ !
مەنبەسى شىنلاڭ بولسا نېمە بوپتۇ ، خەنلەرنىڭ بولسا نېمە بوپتۇ، ئىشقىلىپ يېڭىلىق ، بىزگە پايدىلىق نەرسىلەر تۇرسا، ھەممە ئادەم سىزدەك خەنزۇتىلىنى ژىتىۋىتەلمەيدۇ ….
ئەگەر بۇلارنىڭ قىلغىنىنى پەقەت ياراتمىسىڭىز سىزمۇ تورخۇماردىن ياخشىراق بلوگدىن بىرنى قۇرۇڭ ، شۇ چاغدا ھەممىمىز سىزنى قوللايمىز !
ئانداق تۈكچى ، كۆرەلمەس بولۇپ كەتمەيلى دوستلا !!!!!
ايفوندا مۇشۇنداق يېزىلىپ قالدى
چۆرىۋىتىڭە ئاندا ئايفون دىگەننى WP7 دە بىر چىرايلىق يىزىۋاتىمەن مانا.
You tube غا كىرىش قوغونلوققا كىرگەندەك ئىش باللا ئاللائاللا…
ئۇنىڭدىنمۇ ئاسان دەڭلا تېخى .، بەزى باللا سەت ھۇدۇقۇپ كىتىپتۇ زادى ،.چاينادا كىرمەيدۇ ،چەكلەنگەن دەپ .،.
YouTube نى بۇرۇن كۆرگەن لىكىن مۇشۇ2009دىن كىين زادىلائاچقىلى بولمىدى/بىلىدىغان قىرىن داشلاربولسائورتاق پايدىلان ساق*رەخمەت
ما تېخنىكا بىلەن ماشىنىنى سىرلىۋالسا بىرەر يىلغىچە ماشىنىنى يۇيدۇرمىسىمۇ بولىدىغان چىراي !
ئىشقىلىپ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى نەرسە ئىكەن بۇ .
ھازىرقىدەك ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش تەكىتلىنىۋاتقان كۈنلەردە بۇ تېخنىكا ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ، ئاۋانگارت بولغۇدەك جۇمۇ !
لىكىن دەششەت تېخنىكا كەنبۇ
كىر تەپكۈچ تېخنىكىسى دىسە بولغىدەك بۇنى
تورخۇمارلارغا كۆپ رەخمەت.پايدىلىق ئۇچۇرلاربىلەن تەمىنلەپ تۇرغىنىغا،گۈزەل توربىكىتگە.ھەممىڭلارغا رەخمەت.
يۇتۇبىغا كىردىغانلا جىفۇباۋرىڭلا بولسا سېتىۋالدىغان بىر نەرسە بار ئاشۇ نەرسىنى سېتىۋېلىپ شۇ ئارقىلىپ بىمالال كىرەلەيسىلە .،.مەن نەچچە ئاي بولدى چەكلەنگەن تورنىڭ ھەممىسىگە كىرىپ يۈرگىلى ،.،تور سۈرىتىمۇ شۇنداق ياخشى .،.ئەتىلىككە گۇگىل پىلاستا ئوباما پۇقرالار بىلەن پاراڭلىشىدىكەن .،مەنمۇ بى ئىككى ئېغىز تىللاپ قۇيۇشنى ئويلاشتىم بۇ قارۋاينى .،.،
بولىدۇ مەن سىتۋالاي QQ 334731859
مۇناسىۋەتلىك ۋىئو ئەمەس،مۇناسىۋەتلىك سن.
ۇيغۇر ئەمەس ئۇيغۇر
ۋۇييۇ ،ئاران تۇرامدىغاندۇ مۇشۇ باللار تورخۇماردىن چاتاق تاپقىلى مۇشۇ باللار……
دەششەتكەنغۇ بۇ،….يېڭىلىق!…
بۇ تورخۇماردىن چاتاق تاپقانلىققا كىرمەيدۇ . ئەكسىچە سىزنىڭ دەل تورخۇماردىن چاتاق تاپقانلىققا كىرىدۇ.
ما تېخنىكا پېچەتكەنغۇ ۋاھ كەڭ قوللۇنۇلسا بەك ياخشى بولغۇدەك .
ما كەشپىيات راس بولدىكەن!!!