ئىشىك-دېرىزىلەرنى چىڭ تاقاپ ئولتۇرۇڭلار، چاغاندا يولداشلار ئاتقان مېتىئورىتلار روسىيەگە چۈشۈپ كېتىپتۇ دەيدۇ…
ئۈستىدە ئازراق ماۋزۇ ئويناپ قويدۇق. ئەمدى رەسمىي گەپكە كېلەيلى. بىر پارچە مېتىئورىت تاش 15 – چىسلا ئەتىگەندە رۇسىيە چېليابىنىسكايا ئوبلاستىغا چۈشتى. بۇ ئاز كۆرۈلىدىغان تەبىئەت ھادىسىسى شۇ جايدىكى خېلى كۆپ پۇقرالارنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بىراق، شۇ جايدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش كاپالەت سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسەتمىدى.
مېتىئورىت تاش چۈشكەن ۋاقىتتا، غايەت زور پارتلاش ئاۋازى پەيدا بولدى، ھەمدە ئاسماندا بىر تال ناھايىتى ئۇزۇن ئاق ئىس شەكىللەندۇردى. يەر يۈزىدىكى ماشىنىلارنىڭ ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش سىگنال ئاۋازى بەس – بەستە سايرىشىپ كەتتى، شۇ جايدىكى پۇقرالار بىر مەھەل «ئۇرۇش پارتلىغان ئوخشايدۇ» دەپ قېلىشتى.
رۇسىيە گىدرولوگىيىلىك مېتېئورولوگىيە ۋە مۇھىت ئۆلچەش ئىدارىسى مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئاناتورى چىگانكوۋ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: موسكۋا ۋاقتى 15 – چىسلا سائەت يەتتە يېرىمدىن سەككىزگىچە بولغان ئارىلىقتا، چېليابىنىسكايا ئوبلاستىغا مېتېئورىت تاش چۈشكەنلىكى مەلۇم بولدى. مېتىئورىت تاش قازاقىستاندىن رۇسىيە چېگرىسى ئىچىگە كىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا چېليابىنىسكايا ئوبلاستىغا چۈشۈپ كەتتى.
رۇسىيە جىددىي ئەھۋال بۆلۈمى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، مېتىئورىت تاش ئاتموسفېرا قاتلىمىدا كۆيۈشكە باشلىغان بولۇپ، ھەجمى ئانچە چوڭ بولمىغان تاش پارچىلىرى مەزكۇر ئوبلاستنىڭ ساتكا شەھىرىدىكى ئادەم ئاياغ باسمايدىغان بىر رايونغا چۈشكەن.
چېليابىنىسكايا ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئېلان چىقىرىپ مۇنداق دېدى: دائىرىلەر پۇقرالارغا يارىلغانلىقىغا دائىر خېلى كۆپ خەۋەرلەرنى تاپشۇرۇۋالغان، بىراق ئوبلاست مەركىزىدىكى خەۋەرلىشىش تورى، ئېنىرگىيە ئەسلىھەلىرى قاتارلىق تۇرمۇش كاپالەت سىستېمىسى تەسىرگە ئۇچرىمىغان. شۇ جايلىق ھەربى ئىشلار ئەسلىھەلىرى ۋە يادرو ئەسلىھەلىرى ھىچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان. مېتىئورىت تاش چۈشۈپ كەتكەن جاينىڭ ئەتراپىدىكى رادىئاتسىيەمۇ نورمال سەۋىيەدە ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك سىن
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئالەم، تەبىئەت، تۇرمۇش، سىرلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,675 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: meteorite-falls-russia.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يامغۇرلىقىڭىزنى تاشلىۋېتىڭ | ئەمدى كىيىملىرىڭىزگە سۇ ئەمەس، لاي- لاتقىمۇ يۇقمايدۇ!
- كېيىنكى يازما > «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» گە مۇبارەك بولسۇن!
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
- رېئاللىق ھەمىشە رەھىمسىز كېلىدۇ | كىنو ۋە رېئال تۇرمۇشتىكى پەرق(2)
خۇدايىم ساقلىسۇن بۇياقلارغىمۇ ئېزىپ چۈشۈپ قېلىشتىن
خەپ يەنە كىچىكىپتىمە .،.
ھېلىمۇ ياخشى 2012-12-21دىن كىيىن چۈشۈپتۇ بۇ مىتورىتلار .،ئەگەر شۇ كۈنى چۈشكەن بولسا قانچىلىك خەق قورقۇپ ئىشتىنىغا چىقىرۋىتە بولغۇيتى .،.،.:lol:
توۋا ، مۇشۇنداق ئىشلارنى ئالدىن بىلىدىغان ئامىرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار نىمشى قىلدىكىنە ئالدىن خەۋەر بەرمەي. جۇڭگوغۇ مۇقىملىقنى چىڭ تۇتىمىز دەپ ئۇنداق ئىشلار بىلەن كارى يوق.
بەلكىم ناسادىكىلەرمۇ تاشقى پىلانت ئادەملىرى ھۇجۇم قىلغان ئوخشايدۇ دەپ قورققىندىن كامالىرغا كىرىپ كەتكەندۇ
مىنىڭچە ئامرىكا بىلەن كونا رەقىبلەر ئەمەسمىدى ،
مىنىڭچە ئامرىكا بىلەن روسىيە كونا رەقىبلەر ئەمەسمۇ ، ناسادىكىلەر بىلسىمۇ قەسەلىق قىلىپ روسىيە تەرەپكە دىمىگەن چېغى
ئاسماندىن مىتورىت چۈشكەندەك مۇنۇ ئېيىق يەنە دىۋاندا ئولتۇرۋاپتۇ دىسە
بەلكىم بىردەمدىن كىيىن تەستىق كۈتۈپ ئولتاغاندىن بىرەسى يەنە قىستىلامىكى
بۈگەن دىۋاندا ئولتامىسام ھىساپ ئەمەس دەپ بەلنى چىڭ باغلىغانمەن ، يەنە دىۋاندىن قىستاپ چۈشۈرۋەتسە بولدى ، سەت ئاچچىغىم كىلىدۇ لىكىن ھې ھې ھې (يانفۇندا چىققان ، چىراي ئىپادىسى يوقكەن ، مۇشتا خەتچىلاپ كۈلەي ئەمدى )
ئاسماندىن تاش چۈشىۋاتسا . دىۋان ئولتۇرۇپ قورىقمىلىما؟ چاقچاق….. مىتورىت تاش قانداق بولىدىغاندۇ؟
ئۇ تاشنى ئالتۇنغا ئوخشاش ئالامۇ؟
نەق مەيداننى سىنغا ئاۋالغانلار يوقمىدۇ، نەچچە كۈنگىچە ھەقىقىيسى چىقمىسىمۇ ساختىسى چىقىدىغىنىغا گەپ گەتمەيدۇ .
مەنمۇ يىزىپ باقاي
ئا ئو
ئاۋۇ خىرىستىئانلارنىڭ ئېلانى ھەممە يەرنى قاپلاپتىغۇ! تورخۇمارغىمۇ قىسىلىپ بولۇپتۇ مانا. يوقىتىدىغانغا ئامال يوقمىدۇ؟
شىنخۇائاگېنتلىقى خەۋىرى : بۈگۈن سەھەردە جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا تۇرۇشلۇق ۋىروس ئىسىملىك كىشى تۈگۈن روسىيىدە يۈزبەرگەن مېتورىد چۈشۈپ كېتىش ۋەقىسىگە مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەسلى قىز دوستىنىڭ ھويلىسغا تاش ئاتقان ئىكەن، كۈتۈلمىگەندە ئۇنىڭ ئاتقان تېشى يۇپېتىرغا تېگىپ كېتىپ، بىرپارچىسى روسىيىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ.
دەششەت كەلتۈر ۋېتىپ سىزغۇ
ئالە شەرىڭنى كۆرمەي تەرىڭنى !
دەھشەت كەپتۇ ماچاقچاق. ئۇقىز نەچچىنچى قەۋەتتەئولتۇرار بولغىيتى
نەچچىنچى قەۋەت ئەمەس،
قايسى پىلانت ياكى قايسى يۇلتۇز سىستىمىسى دەڭلا ئېۋۇ خەۋەرگە قارىغاندا ۋېروس نىڭ قىز دوستى تاشقى پىلانتلىق ئوخشايدۇ، يا تىخى ‹‹ئاۋاتار››دىكى بىرەسىنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىمۇ تىخى
ئاپلا !!!!!!!! بۇ خەۋەرنى ناسا دىكىلەر ئاڭلاپ قىلىپ ، ۋېروس نى تەتقىق قىلغىلى ئەكەتسە ………………. ۋېروس نڭ بۇرنىنىڭ يەنە بىر تۆشۈكىمۇ ساق قالمايدىغان بولدى-دە ئەمدى:kiss:
تورخۇمارنىڭ مۇشۇ يەرلىرى بولىدۇ دە…..
ۋەي…..ۋەي….ۋەي…..ئوت كەتتى ئوت
ئالدىرماي سوزلەڭ نەگە ئوت كەتتى؟
نىمە، نەگە ئوت كىتتەتتى تورخۇماردىكى ئىنكاسلارغا ئوت كەتتى ئوت
بۇ خەۋەرنىڭ ئايىغى يوقاپ كەتتىيا ، ھەجەپ قىزىقىۋاتسام
مائىشنى كۆرۈڭ ئەمدى
ھا ھا ھا ھا ھا ھا
ﮪﯧﻠﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ 2012-12-21ﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯘ .،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻕ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﺋﯩﺸﺘﯩﻨﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﯨﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﯘﻳﺘﻰ .،.،.:lol:
راسدەيدۇ