نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

«دۇنيا ئانا تىل كۈنى» گە مۇبارەك بولسۇن!

تىل ئالاقە ۋاستىسى ۋە تەپەككۇر قۇرالى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ مەنىۋى ئومۇرتقىسى، مىللىي مەۋجۇدلۇقىنىڭ زۆرۈر كاپالىتى، مىللەت تەرەققىياتىنىڭ سولماس قانىتى. دۇنيادىكى بارچە تىللار ئوخشاش گۈزەل ۋە بۈيۈك ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ھەر مىللەت ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلى ئەڭ مۇقەددەستۇر! بۈگۈن مانا بۇ مۇقەددەس تىلىمىزنى ئادەتتىكىدىن بەكەرەك ئۇلۇغلايدىغان، ئۇنىڭ شەنىگە گۈللەر ياپىدىغان كۈن. بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا خەلىقلىرىنىڭ ئانا تىل بايرىمىدۇر.

anatil3

2-ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى

1999-يىلى ب د ت پەن-مائارىپ مەدەنىيەت ئورگىنى، 2000-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ21-كۈنىنى < خەلقئارا ئانا تىل > كۈنى قىلىپ بېكىتىپ(International Mother Language Day )، ئانا تىل ۋە كۆپ قىرلىق مەدەنىيەتنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلغان. پەن-مائارىپ مەدەنىيەت ئورگىنى << كۆپ قىرلىق مەدەنىيەت  خىتاپنامىسى>>، << مەدەنىيەت ئارقىلىق كۆپ قىرلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھدىنامىسى >> ۋە << تور بوشلۇقى ئارقىلىق كوپ خىل تىل ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش>> قاتارلىق قارارنامىلەر ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ تىل مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاپ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تىلنىڭ كۆپ قىرلىشىش ئامىللىرىغا قارىتا قوغداش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ب د ت پەن-مائارىپ مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ب د ت پەن-مائارىپ مەدەنىيەت ئورگىنى بېيجىڭ باشقارمىسى 2006- ۋە 2007- يىللىرى <ئانا تىل> كۈنىدە << ئانا تىل مائارىپىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كۆپ قىرلىق مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش>> قاتارلىق تېمىلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، جۇڭگو  <خەلقئارا ئانا تىل> كۈنىنىڭ تېمىسىنى << كۆپ قىرلىق مەدەنىيەتنى جارى قىلدۇرۇپ، ئولىمپىكنى كۈتۈۋالايلى>> دەپ بېكىتكەن.

خەلقئارا ئانا تىل تىل كۈنىنىڭ كېلىپ چىقىشى:

2-ئاينىڭ 21- كۈنى < ئانا تىل> كۈنى قىلىپ بېكىتىلىشى، بېنگال دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىق كۆرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 1952-يىلى بېنگال دۆلىتى تېخىچە پاكىستانغا قاراشلىق بولۇپ، بېنگاللىقلار بېنگال تىلىنىڭ ھۆكۈمەت تىلىنىڭ بىرسى بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان. 2-ئاينىڭ 21-كۈنى بېنگاللىقلار ئانا تىلىنى قوغداش يولىدا، كەڭ كۆلەمدە نامايىش قىلغاندا ساقچىلار نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان سەۋەپلىك 5 كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بۇلاردىن ئۈچ كىشى: ئابۇل باركات، داكا(University of Dhaka) نىڭ دوكتور ئاسپىرانتى؛ شافۇر راخمان، داكا ئالى سوتىنىڭ بوغالتىرى؛  رفىقۇددىن ئاخماد، Manikgonj Debandra ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى؛
1953-يىلىدىن تا ھازىرغىچە بېنگال ھۆكۈمىتى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى <قەھرىمانلار خاتىرە كۈنى> قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ تىل قەھرىمانلىرىغا بولغان سۆيۈنۈش ۋە ھۆرمەت، كىشىلەرنىڭ بېنگال تىلى ۋە بېنگال مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى قوزغاتقان، شۇنداقلا بېنگال دۆلىتىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا ئاساس سالغان.
1956 -يىلى پاكىستان ئاساسى قانۇنى، بېنگال تىلىنىڭ ئوردۇ تىلى بىلەن ئوخشاش ھالدا دولەت تىلى بولۇشىنى قانۇنلاشتۇرغان.
تىل بولسا ئىنسانىيەت ماددى ۋە مەنىۋى مىراسلىرىنى قوغداش شۇنداقلا تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالى.
ھازىر دۇنيادا 7000 خىلدىن ئارتۇق تىل بار بولۇپ، بۇنىڭ %96 تىلنى ئىشلىتىۋاتقانلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران %4 نى تەشكىل قىلىدۇ. ب د ت ئەمەلدارى سىمىس تەكىتلەپ، دۇنيادىكى يېرىمدىن ئارتۇق تىللار يوقۇلۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولۇپ، ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر خىل تىل يوقالماقتا ئىكەن. ئەگەر ۋاقتىدا ئەمەلى ھەرىكەت  ۋە زور مەبلەغ بىلەن تەدبىر قوللانمىغاندا، يەنە نەچچە يۇز يىلدىن كېيىن يەر شارىدا پەقەت بىر نەچچە يۈز خىل تىللا مەۋجۇت بولۇپ قالىدىكەن. ئەگەر ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانسا تىلنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ۋېلش تىلىwelsh، كاتالان تىلىCatalan ،كانادا ئىندىئان تىلى Indian بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
دۆلىتىمىز كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، كۆپ خىل تىل تەڭ مەۋجۇتلۇقىدىكى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت. خەنزۇلاردىن باشقا يەنە 55 مىللەت بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ نوپۇسى ئومۇمى نوپۇسنىڭ %8.5 نى ئىگەللەيدۇ، ئىگىلىگەن يەر مەيدانى بولسا پۈتۈن دۆلەت يەر زىمىنىنىڭ %55 نى ئىگەللەيدۇ. 55 ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا تۇڭگان بىلەن مانجۇ خەنزۇ تىلىنى ئىشلەتكەندىن باشقا 53 مىللەتنىڭ ئۆز تىلى بار. جۇڭگو زامانىۋى تەرەققىياتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى. گەرچە ھۆكۈمەت مىللى تىل يېزىق قوغداش جەھەتتە بەزى بىر نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق تىلنى ئۈنۈملۈك قوغداشنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۈشكۈلدۇر.
جۇڭگو مىللەتلەر تىل_يېزىق جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى سۇن خوڭ كەي پىراففىسورنىڭ تونۇشتۇرىشىچە؛ بر نەچچە خىل ئاز سانلىق مىللەت تىل يېزىقىئىجتىمائىي ئالاقىدىكى ئىشلىتىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قېلىش ھالىتىگە بېرىپ قالغان، مەسىلەن؛ مانجۇ تىلى، شېزۇ تىلى، خېجېزۇ تىلى ۋە تاتار تىلى قاتارلىقلار. يەنە%20 دىن ئارتۇق تىل خەۋپ ئاستىدا قالغان، مەسىلەن؛ نۇڭزۇ تىلى، گېلاۋزۇ تىلى، پۇمىزۇ تىلى، جىنوزۇ تىلى قاتارلىقلار. يەنە % 40 تىن ئارتۇق تىلدا يوقۇلۇش خەۋپى كۆرۈلگەن ياكى يوقىلىشقا باشلىغان.
بۇ ھەقتە جوڭگودىكى نوپۇزلۇق بىلىمدار جاۋ خەي جوڭ مۇنداق دېگەن؛ ھازىر ئاجىز ھالەتتە تۇرىۋاتقان مىللى تىللار، كۈچلۈك تىللارنىڭ < يەر شارىلىشىشى> ۋە<ئىنتېرنېت > نىڭ كۈچلۈك زەربىسىگە دۇچ كەلمەكتە، شۇڭا ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە تىل تارماقلىرىنىڭ ئاكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك بولغان تەدبىر قوللىنىپ، ئاجىز شۇنداقلا يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان مىللى تىل يېزىقلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى زۆرۈر. بۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ تىنچ- ئامان بولۇشىغىمۇ پايدىلىق.

جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە:

95% مانجۇ مانجۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن ۋە شۇنداقلا ئوقۇيالمايدىكەن. 30% موڭغۇل مۇڭغۇلچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 40% تى راۋان ئالاقە قىلالمايدىكەن. 70% تى موڭغۇلچىنى ئوقۇيالمايدىكەن. 10% ئۇيغۇر ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىكەن، 20%تى راۋان ئالاقە قىلالمايدىكەن، 30%تى راۋان ئوقۇيالمايدىكەن. 25 % تىبەت تىبەتچە سۆزلىيەلمەيدىكەن، 70% تى راۋان ئوقۇيالمايدىكەن.جۇاڭزۇلارنىڭ 65% تى جۇاڭزۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن، 80 % تى ئوقۇيالمايدىكەن.

سەمىمىزدە بولسۇنكى، ئانا تىل ـــــ ئانىمىزنىڭ تىلى! سڭقۇسەلى تۇتۇڭ، مەھمۇد كاشغەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئەلشىر ناۋايى …. نىڭ تىلى! مۇقاملىرىمىزنىڭ كۈي- چەشمىلىرىگە، مىڭ ئۆيلىرىمىزنىڭ نەقىش-بېزەكلىرىگە، ھەتتا قان-قېنىمىزغا، تومۇر-تومۇرلىرىمىزغا سىڭگەن تىل، ھەمىمىز «ئانا» دەپ تۇنجى ئېغىزلانغان تىل.
خۇلاسە، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايمىز، پەرزەنتىمىزنى توغرا تەپەككۇرغا، ساغلام روھى ھالەتكە ئىگە قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ئانا تىلمىز – ئۇيغۇر تىلىنى سۆيەيلى، پەرزەنتلىرىمىزگە ئانا تىلنى ئۆگىتەيلى!!!

ئۇيغۇرلاردا تىل مەدەنىيىتى تەربىيىسى

يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق

ئەقىل ھەم بىلىم تەرجىمانى بۇ تىل،
رۇشەن تىل كىشىنى يۇرۇتقۇچى،بىل! -يۈسۈپ خاس ھاجىپ

تىل مەدەنىيىتى تەربىيىسى دېگەندە نەزەردە تۇتۇلىدىغىنى ئانا تىل تەربىيىسى،ئانا تىل تەربىيىسى پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدە ئانا تىلغا بولغان مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىش،ئانا تىلنى قوغداش ۋە ئانا تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.شۇڭا،«تىل ۋە تىلشۇناسلىق خەلق مۇئارىپىنىڭ ئادەتتىكى ھاياتىنىلا ئەمەس،بەلكى مەركىزىي ماھىيىتىنى تەشكىل قىلىدۇ»كارامىزىن).بىراق ئانا تىل تەربىيىسى مەكتەپلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس،بەلكى ئۇ پۈتۈن جەمئىيەت ۋە ھەربىر ئائىلىنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى.ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن تارىخىي مۇساپىسىدە ئۇيغۇر تىلىنى يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ،ئۇنى جېنىدەك قەدىرلەپ كەلدى.ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرى ئەمدى دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىگە ئانا تىل تاۋۇشلىرىنى سىڭدۇرۇپ،ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئانا تىلغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىپ كەلدى.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئانا تىل مەدەنىيىتى تەربىيىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئۇلۇغۋار ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەنلىكى تارىختىن بىزگە مەلۇم.ئۇيغۇر مۇئارىپىمۇ ئانا تىل دەرسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بىلەن قارايتتى.
تارىخىي مۇساپىگە نەزەر سالىدىغان بولساق،ئۇيغۇر خەلقى ئانا تىلنى ۋە ئۇنىڭ ساپلىقىنى قوغداش،ئانا تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى سەرپ قىلغانلىقى تارىختىن بىزگە مەلۇم.بۇنىڭدىن مىڭ يىللار مۇقەددەم ئوتتۇرا ئاسىيادا ئومۇمىي يۈزلۇك ئەۋج ئالغان ئەرەبلەشتۇرۇش دولقۇنىدا قاراخانىيلارنىڭ مەھمۇد ئىسىملىك بىر شاھزادىسى يېتىشىپ چىقىپ،ئۆز دەۋرىدە «مۇقەددەس تىل» دەپ ئۇلۇغلىنىۋاتقان ئەرەب تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ «بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقان» مەدەنىي تىل ئىكەنلىكىنى ئەرەبلەرگە ۋە ئۆز ۋاقتىدىكى ئانا تىلىدىن ئاينىغان ۋە ياتلاشقان بىر بۆلەك زىيالىلارغا ئىسپاتلاپ بېرىش مەخسىتىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى» دېگەن بۈيۈك قامۇسنى يازغان.ئۇ بۇ ئەسىرى ئۈچۈن ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك سەرپ قىلغان.ئۇ گىگانت ئالىم بۇ قىممەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئەمگىكى بىلەن ئەينى دەۋردە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىلىنىۋاتقان دەھشەتلىك ھۇجۇم ئۈچۈن مۇستەھكەم مەنىۋى سېپىل سوققانىدى. ئەسىرگە 15-كەلگەندە يەنىلا بىر قىسىم ئاغمىچى شائىرلار ئانا تىلنى كەمسىتىدىغان،پارس تىلىنى مەدەنىي تىل ھېسابلايدىغان بىر تەتۈر ئېقىم ئوتتۇرغا چىققان.خېلى كۆپ ئاپتۇرلار ئەسەرلىرىنى پارس تىلىدا يازغان.ئەرەب-پارسچە نۇرغۇن سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىغا كىرىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت سوستاۋىدا خېلى بۇزۇلۇشنى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى.بۇخىل يۈزلىنىشنىڭ يامان ئاقىۋېتىنى ئەقىل كۆزى بىلەن كۆرگەن نۇرغۇن مەدەنىيەت سەركەردىلىرى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ،بىر تەرەپتىن،ئىلمىي ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى بىلەن پارس تىلىنىڭ مەدەنىيەتلىك دەرىجىسىنى سېلىشتۇرۇپ،ئۇيغۇر تىلىنىڭ پارس تىلىدىن مەدەنىي تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن،ئۇيغۇر تىلىدا مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ،ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاغمىچىلارغا زەربە بەردى ۋە ئانا تىلنى قوغداپ قالغانىدى.
ئۇلار ئانا تىل ئۈچۈن نېمىشقا مۇنچە كۆيىدۇ،ئانا تىل ئۈچۈن شۇنچە زور قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرىدۇ؟چۈنكى تىل دېگەن بىر مىللەتنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى بايلىقلىرىدىن بىرى.تىل دېگەن مىللەتنىڭ روھى،مىللەتنىڭ جېنى.تىل ھەم بىر مىللەتنىڭ ئورتاق مۇلكى.قەدىمكى ئەجدادلىرىدىن قالغان قىممەتلىك تەۋەرۇكى.ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ تەپەككۇر بايلىقى دېگەن سۆز.شۇڭا،ئۇلار تىلنى مىللەتنىڭ جېنى دەپ قارايتتى.مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى،مەدەنىيەتنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئىزچىل داۋاملىشىشى تىلدىن ئىبارەت قۇرالغا باغلىق.ئەگەر بىر مىللەتنىڭ تىلى يوقالسا،مىللەتنىڭ ئۆزىمۇ ۋە مەدەنىيىتىمۇ يوقىلاتتى.ئۇلار خەلقنىڭ تىلىغا قارىتىلغان ھوجۇمنى ئۇنىڭ قەلبىگە قىلغان ھۇجۇم دەپ چۈشىنەتتى.«خەلق تىلىنىڭ ھەمىشە مىللىي رەھ بىلەن چەمبەرچەس باغلانغانلىقىنى»(گۇمبۇلىدت)بىلەتتى.ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن بولغان كۆرەش ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە خەلقپەرۋەرلىكنىڭ ئالىي ئىپادىسى ئىدى.
مانا شۇ ئۇيغۇر تىلى ئۇزاق يىللار مابەينىدە ئۇيغۇر خەلقىنى دۇنيا بىلەن باغلاپ تۇردى،دۇنيا مەدەنىيىتى ئۇچرىشىدىغان بۇ ئالتۇن ماكاندا ئالتۇن كۆۋرۈك بولۇپ،دۇنيا بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىنى ئۈزۈلمەس رىشتە بىلەن باغلىدى.ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى تارىخىمىزدا نۇرغۇن ئۇلۇغ ئالىملارنى يىتىشتۇرۇپ ،ئۇيغۇرلارنى دۇنيا مەدەنىيەت مۇنبىرىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزگەنىدى.ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخت يولىنى،نىجاتلىق يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دۇنياۋى خاراكتىرلىك نادىر ئەسەرلەر ئەنە شۇ مەدەنىي ئۇيغۇر تىلى بىلەن بارلىققا كېلىپ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شان-شۆھرىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تۇنۇتقانىدى.دۇنيا تارىخىدا بارلىققا كەلگەن مۇقەددەس كىتابلارمۇ ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇلۇپ،ئۆزىنىڭ ھاياتىي قۇدرىتىنى نامايەن قىلغانىدى.
بۇ ھەقىقەتنى تولۇق چۈشەنگەن ئۇيغۇر خەلقى بالا «ئىڭە» دەپ تۇغۇلغىنىدىن تارتىپ،ئۇنىڭ قەلب دەپتىرىگە«ئەللەي ناخشىلىرى» بىلەن ئانا تىلنىڭ مۇقەددەس نۇرلىرىنى نەقىشلەشكە باشلايتتى.شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر تىلى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ،تارىختىكى ھەر خىل تىل ئاسسىمىلياتسىيىلىرىگە قارشى كۆرەشتە غالىب كېلىپ،پەن-مەدەنىيەت غايەت زور دەرجىدە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى 21-ئەسىرگە دادىل قەدەم باستى.
ھازىرقى مەدەنىي دۇنيادا ئۇيغۇر خەلقى پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل ھەققىدە قانداق تەربىيە بېرىشى كېرەك؟ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى زامان دۇنيا مەدەنىيىتىگە ياندىشىشى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئائىلە تەربىيىسى قانداق رول ئوينايدۇ؟
ئانا تىل تەربىيىسى ھازىرقى دۇنيادىمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ قەتئىي جىددىي قاراشقا تېگىشلىك بىر چەكسىزلىك.ئانا تىل تەربىيسىگە سەل قارىغانلىق،باشقا تەربىيلەرگە ھەم سەل قارىغانلىق بولىدۇ.پەرزەنتلەرنىڭ بوۋاق چېغىدا چىققان تۈنجى«ئانا» سۆزى ئانا تىل مۇقەددەسلىكى بىلەن يۇغۇرىلىپ كېتىدۇ.شۇ تۈنجى سادادىن كېيىن ئۇيغۇر ئانىلىرى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ تۈنجى ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالىدۇ.ئانىنىڭ بۇ ھەقتە سىڭدۈرگەن ئەجرى پەرزەنتلەرنىڭ تىلىنىڭ راۋان بولىشى،تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چوڭقۇر ئاساس سالىدۇ.چۈنكى تىلنىڭ راۋانلىقى،ئېنىقلىقى ۋە ئىپادە قىلىش كۈچى پەرزەنتلەرنىڭ پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.تىلى بالدۇر چىققان بالىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتى بىلەن تىلى كېيىن چىققان بالىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتى رۇشەن پەرقلىنىدۇ.بالىلارنىڭ تىلىنىڭ تېز ۋە راۋان چىقىشى كۆپ مەشىقلەندۇرۇش،كۆپ سۆزلىتىش،كۆپ گەپ قىلىپ بېرىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.شۇڭا،ئۇيغۇرلار مەقسەت-مۇددىئاسىنى تولۇق،راۋان ئۇقتۇرالايدىغان بالىلارنى «ئەقىللىق بالا ئىكەن» دەيدۇ.دۇدۇقلاپ گېپىنى ئۇقتۇرالمىغان،گەپنى تاققا-تۇققا قىلىپ مەقسىدىنى ئۇقتۇرالمىغان جۈرئەتسىز بالىلارنى ياخشى تىل تەربىيىسى كۆرمىگەن،دەپ قارايدۇ.شۇڭا،پەرزەنتلەرنىڭ تىلىنىڭ ئۇچۇق ۋە راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق بىر قانچە خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش مۇۋاپىق:
بىرىنچى،پەرزەنتلەرنى تىلى چىقىشقا باشلىغاندىن تارتىپ ئېنىق،توغرا تەلەپپۇز بىلەن راۋان سۆزلەشكە ئادەتلەندۇرۇش لازىم.ئەگەر گېپىنى تولۇق تەلەپپۇز قىلالماسلىق ئەھۋاللىرى بايقالسا،جۈرئەتلىك بولۇشقا،تارتىنماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇپ،گەپنى ئېنىق،دانە-دانە،ئالدىرىماي سۆزلەشكە ئادەتلەندۇرۇش؛قىيلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندا،يېتەكلەش خاراكتىرىدە سۆزلىرىنى تولۇقلاپ بېرىش كېرەك.چۈنكى بەزى بالىلار تارتىنىش ۋە جىددىيلىشىش تۈپەيلىدىن گەپنى تولۇق تەلەپپۇز قىلالمايدۇ.
ئىككىنچى،بالىلارغا گەپ قىلىش زۈرۈرىيىتى تۇغۇلغان چاغدىلا گەپ قىلىپ،قالغان چاغلارغا كارىمىز بولمىسا بولمايدۇ.زۆرۈرىيەتسىز چاغلاردىمۇ بالىلاردىن كۆپرەك نەرسىلەرنى سوراش يولى بىلەن غىدىقلاش لازىم.ئەگەر بالىلار بىرەر يەرگە بارغان بولسا شۇ يەرگە بارغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى،نېمىلەرنى كۆرگەنلىكىنى،نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى سۆزلىتىش،ئوينىغان،تۇرغان ئىشلىرى توغرىسىدا سۆزلىتىش،باشقىلارغا بولغان چۈشەنچىسىنى سۆزلىتىش كېرەك.بەزى چاغلارغا پالانىنىڭكىگە بېرىپ «مۇنداق،مۇنداق دەپ كەل»دەپ بۇيرۇش،تېلفۇندا سۆزلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يېتەكلەش كېرەك.
ئۈچۈنچى،مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ۋە مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن،بالىلار بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئىشتىراك قىلىش،ئۇقۇشتىكى تەسىراتلىرىنى،دەرسلەرنىڭ مەزمۇنلىرىنى سۆزلەپ بېقىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش،كىتابلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىشنى ئۆتۈنۈش يولى بىلەن بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى،نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.بالىلار بىلەن ئانچە-مۇنچە بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنازىرىلىشىپ قويۇشمۇ بالىلارنىڭ پىكرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ،تىلىنى راۋان قىلىدۇ.
ئاتا-ئانىلار پەرزەنت تەربىيلەشتە ئانا تىل بىلەن خەنزۇچە تىلى ۋە باشقا چەت ئەل تىللىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئىلمىي كۆز قاراشتا بولۇشى كېرەك.
قوش تىل ئۆگۈنۈش قەدىمدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلەرگە قويغان مۇھىم تەلىپى بولۇپ كەلگەن.دىنىي ئېتىقاد ئېھتىياجىدىن بولسۇن،مەدەنىيەت نوقتىئىنەزەردىن بولسۇن،ئۇيغۇرلار قوش تىللىق بولۇشنى دۇنياغا يۈزلىنىشنىڭ يول خېتى دەپ قاراشقان.قەدىمكى بۈيۈك ئالىملاردىن مەھمۇد قەشقىرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،ئەلىشىر نەۋائىيلارمۇ ئەرەب،پارس تىللىرىدا يوقۇرى سەۋىيەلىك ۋە پاساھەتلىك ئەسەرلىرىنى يازغانىدى.بىراق ئۇلار شۇنداق كامالەتكە يەتكەن تۇرۇقلۇقمۇ ھەرگىز ئانا تىلىدىن ۋاز كەچمىگەن،بەلكى ئانا تىلنى ئۇلۇغ بىلگەن ۋە ئانا تىلدىن ئەسەر يېزىپ دۇنياغا تۇنۇتقان.
ھازىر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ قوش تىللىق بولىشىغا بەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ.بولۇپمۇ شەرت-شارائىتى يار بېرىدىغان جايلاردا بالىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش ۋە چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش ئىشتىياقى زور دەرىجىدە يوقۇرى كۆتۈرۈلگەن،چەت ئەل تىلى كۇرىسلىرى كۆپەيگەن،بۇخىل يۈزلىنىش ئەلۋەتتە كىشىنى سۆيۈندۇرىدۇ.ئاتا-ئانىلار بۇنىڭ ئۈچۈن خېلى كۆپ پۇل چىقىم قىلىۋاتىدۇ.
بىراق ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش،بەزى ئاتا-ئانىلار باشلامچىلىق بىلەن پەرزەنتلەرنى ئانا تىلدىن ياتلاشتۇرىدىغان ئەھۋاللار باش كۆتۈردى.بۇنىڭ ئىپادىلىرى مۇنداق بىر قانچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ:بىرى،بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى بىلەن ئالاقىدە ئانا تىلدا سۆزلىمەي،خەنزۇ تىلدا سۆزلەشسە،بەزىلىرى يېرىم ئۇيغۇر تىلىدا،يېرىم خەنزۇ تىلىدا سۆزلەپ ئەبجەش بىر تىلنى بارلىققا كەلتۈرىۋاتسا ئۇنىڭغا توغرا تەدبىر قوللانماقتا يوق،ئەكسىچە پەخىرلىنىدىغان،ھەتتا ئۆزى باشلامچى بولۇپ خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ ئۇچراتتۇق.يەنە بىرى،ھازىر خېلى كۆپ ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى خەنزۇ مەكتەپلەرگە بېرىش بىر دولقۇنغا ئايلانغىلى تۇردى.بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلى مەڭگۇ خەنزۇ تىلى بولۇپ قالىدۇ.ئۇيغۇر تىلى ئۇلار ئۈچۈن ئىككىنچى ئورۇندىكى قوشۇمچە ئۈگەنگەن تىل بولىدۇ.ئۇ بالىلار ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئانا تىل تەربىيىسى كۆرگەن بالىلاردەك قەلب ھېسياتىنى ئانا تىل بىلەن تولۇق مۇكەممەل ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ.ئۇلار ئانا تىل بىلەن پەقەت تۇرمۇشتىكى ئاددىي ئالاقىنىڭلا ھۆددىسىدىن چىقالىشى مۈمكىن.مەن تونۇيدىغان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بېرىپ قوبۇل قىلىنغان بىر نەچچە ئوقۇغۇچى بار ئىدى.ئۇلار 5 يىل مۇنتىزىم ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئاڭلاپمۇ،كېيىن خېلى ئۇزۇن مەزگىل ئۇيغۇر تىلى بىلەن دەرس ئۆتۈشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى.بەزىلىرى كەسپ ئالماشتۇرۇپ چىقىپ كەتتى.
بۇنداق بولۇشنىڭ نېمە سەۋەبى باردۇر،دەپ جەمىيەتتىن ئەھۋال ئىگىلەپ باقتىم.بەزى ئاتا-ئانىلار،ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان بالىلار خەنزۇ تىلىنى بىلمەيدىكەن،شۇڭا،ئۇلارنىڭ ئىستىقبالى يوق بولىدىكەن،خەنزۇ مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا ئىستىقبالى بولىدۇ،دەپ قارايدىكەن.يەنە بىر بۆلەك ئاتا-ئانىلار،ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ شەرت-شارائىتى ناچار،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى تۆۋەن،خەنزۇ مەكتەپلىرىنىڭ شارائىتى ياخشى،ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسى يۇقۇرى،دەپ قارايدىكەن.بىرىنچى خىل قاراشنىڭ ئاساسى يوق.ئەگەر مەسىلىگە ئۇنداق قارايدىغان بولساق،مەنتىق جەھەتتىن خەنزۇ بالىلارنىڭ ئىستىقبالى بار،ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئىستىقبالى يوق دېگەن خاتا ئەقلىي يەكۈن چىقارغان بولۇپ قالىمىز. بىلىش كېرەككى،مىللىي مۇئارىپ پۈتۈن جۇڭگۇ مۇئارىپىنىڭ ئايرىلماس تەركىۋى قىسمى،ئۇيغۇر مۇئارىپىمۇ سوتسىيالىزم ئۈچۈن،جۇڭگۇچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن،كەلگۈسى ئۈچۈن،تەرەققىيات ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىلىدۇ.ئورتاق مۇئارىپ فاڭجىنى بويىچە ئادەم تەربىيىلەيدۇ.ھازىر دەرسلىك مەزمۇنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلدى.ئەگەر تىل پەرقى نوقتىسىدىن ئىستىقبالى پەرقلىنىدۇ،دەپ قارايدىغان بولساق،ئۇنداقتا مىللىي مۇئارىپنىڭ دەرۋازىسىنى تاقاپ،بارلىق بالىلارنى خەنزۇ مەكتەپلەرگە بېرىش زۈرۈرىيىتى تۇغۇلامدۇ؟
شۇنى بىلىش كېرەككى،مىللىي مۇئارىپ مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتنىڭ ئەڭ مۇھىم كاپالەتچىسى.ئومۇملۇق نوقتىسىدىن قارىغاندا،ئىستىقبال مەسىلىسىنى پەرزەنتلەرنى خەنزۇ مەكتەپلەرگە بېرىش يولى بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.بەلكى مىللىي مۇئارىپنىڭ سۈپىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاساس سالغىلى بولىدۇ.ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مۇئارىپى ھەرگىزمۇ مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇئارىپ ئەمەس،ئۇيغۇر مۇئارىپى نەچچە مىڭ يىللاردىن بويان ئانا تىلدا دەرس ئۆتۈش ئارقىلىق دۇنياۋى مەشھۇر ئالىملارنى يىتىشتۇرۇپ چىققانىدى.ھازىرمۇ شۇنچە كۆپ پىروفېسسور ۋە دوكتۇرلارنى جەمىيەتكە چىقاردى.خەنزۇ مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە(شارائىتى ياخشىراق مەكتەپلەردە) ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىدا رۈشەن پەرق يوققۇ.تىل مەسىلىسىدىن قارىساق،ھازىر 3-يىللىقتىن باشلاپ تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە خەنزۇ تىلى ئۆگۈنىدۇ.ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كۆپلىگەن بالىلار خەنزۇ تىلىدا راۋان ئالاقىلىشالايدۇ.شۇڭا،ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلدىن مەھرۇم قىلىشقا زورلايدىغان ھەرقانداق ۋاستىسىنى ئىستىقبال ئۈچۈن تىرىشىش دەپ قارىمايمىز.ئۇ شەخسىيەتچىلىك،مەنپەئەتپەرەسلىكتىن كېلىپ چىققان قۇرۇق باھانىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئەگەر ئاتا-ئانىلار ھەقىقەتەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلايدىغان بولسا،ئۇنى مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ۋە ئانا تىلنىڭ مۇكەممەللىكىدىن ئىزدىشى لازىم.
پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئانا تىلدىن مەھرۇم قېلىشتىنمۇ ئارتۇق يوقىتىش بولمايدۇ.چۈنكى «تىلدا خەلقنىڭ بارلىقى،ئۇنىڭ ۋەتىنى گەۋدىلىنىدۇ…تىل خەلقنىڭ ئۆتمۈشى،ھازىرى ھەم كېلەچەك ئەۋلادنى مۇستەھكەم بىر پۈتۈنلۇككە،تارىخىيلىق ۋە جانلىقلىق جەھەتتە جىپسىلىققا ئايلاندۇرغۇچى ئەڭ ھاياتىي،ئەڭ باي،ئەڭ مۇستەھكەم ۋاستىدۇر» (ئوشىنسكىي)

يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 16,480 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 20-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: dunya-ana-til-kuni.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. بەختىم 2013.02.21 , 14:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان دەي دىسەم يۈزۈم چىدىمىدى بۇ تىمىغا…:mrgreen:

  2. تەدبىركار 2013.02.21 , 14:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئانا تىل كۈنۈڭلارغا مۇبارەك

    • ئابومجان 2013.02.22 , 00:17

      نىمىشقا تەدبىركارنىڭ خېتى كۆك چىقىدا ؟ بىزمۇ رەڭ تاللىيالىساق ، ھەسەن -ھۈسەندەك چىرايلىق ئىنكاسلارنى يازساق بوممامدا ؟ ھە راس تەدبىركارغىمۇ دىۋان يەتمەپتۇ :mrgreen:

  3. marganjan 2013.02.21 , 14:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەممىڭلارنىڭ ئاناتىل بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن !

    • قارا ھەرە 2013.02.21 , 21:41

      بىرگە بولسۇن!!! ئانا تىلىمىزنىڭ قەدىرىنى بىلىپ، ئانا تىلىمىزنىڭ ئوتىدا تىن تارتماي جاپا تارتىۋاتقان، ئۇيغۇر تىلىمىز ئۈچۈن يۈرەك قېىنىنى سەرىپ قىلىۋاتقان ئۇستازلارغا، قېرىنداشلارغا، ئۇيغۇرلىرىمغا كەمىنە قارا ھەرىدىن ئوتلۇق سالام!!!! ياشا ئۇيغۇر تىلىم !!!!

  4. تاماشىبىن 2013.02.21 , 14:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يائاللا % سانلار نېمىدىگەن قورقۇنۇشلۇق. مۇبارەك مۇبارەك ئانا تىل بايرىمىغا، توۋا مۇشۇ كۈندە يەنە بىر ياخشى ئىشقا ئۇچرىدىم. ‹يەلتاپان› پاراڭلىشىش قورالى. ئىشلىتىپ كۆرۈپ قۇسۇر تاپالمىدىم. بۇرۇن بىر چىقىپ يوقاپ كەتكەن كوت-كوت دىن نەچچە ھەسسە ئىلغار شۇنداق قولاي، شۇنداق يېقىشلىق.ئەمدى QQ غا خوش دەيدىغان زامان كەپتۇ.
    ئورگان بېكىتى: http://yeltapan.com/

    • ئەلكان 2013.02.21 , 15:55

      يەلتاپان دىسە قايسى كىنوكى دەپتىمەن ئەمەسما؟
      بۇ ياخشى بولغىنى مەنمۇ سىناپ كۆرەي جۇمۇ!!

    • ئابومجان 2013.02.22 , 00:27

      ما يەل تاپان دىگەن كارامەت ئىسىل دىتالكەن باللا ، چۇقۇم ئىشلىتىپ بېقىڭلا ، دەششەت ئەجىر قىپتۇ دەيمە ، يەل تاپاننى قاچىلاپ ئۇيەر بۇيەرنى مىجىقلاپ ئولتاسام بىرسى دوستقا قۇشۇش ئۇچۇرى ئەۋەتىپتۇ ، كىمۇدۇ دەپ ھەيرانلىقتا پاراڭلاشسام ما تورخۇماردا ئوينايدىغان ئىلياسقارىمكەن ئەمەسمۇ ، خۇددى كونا ئاغىنەمنى كۆرگندەك بوپقالدىم ، ئىلياسقارىم مىنى بىر كۆرۈپلا تۇنۇۋاپتىدەك ، ئۆزەممۇ تۇيماي يۈرۈپتىىمە ، نام شەرىپىم خېلى يەرلەرگىچە تاراپ كىتىپتۇ ، ئەجەپ خىجىل بولدۇم :mrgreen:

    • ئابومجان 2013.02.22 , 00:34

      ما يەل تاپاندا ئوينايدىغان ئاكا ھەدە ، ئاچا سىڭىل ، ئىنى بۇرادەرلەر ئەگەر يەل تاپانغا ئەزا بولساڭلا خاپومماي مىنى بى قېتىۋاساڭلا بوپتىكەن ، بەك خوش بوپ كىتەي !
      مىنڭ يەل تاپان ئىسمىم : ئابومجان
      بوسا سىلەمۇ تورخۇماردىكى ئىسمىڭلا بىلەن تىزىلىتىڭلا ، تۇنۇش ئاسان بۇلىدا :mrgreen:

  5. ئىلتەبىر 2013.02.21 , 15:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بارلىق تورداشلارنىڭ دۇنيا ئانا تىل خاتىرە كۈنىگەمۇبارەك بولسۇن.ئانا تىلنى قەدىرلىسەك ،ئاندىن ئۇنىڭ قېممىتى بۇلىدۇ.

  6. ئابدۇشۈكۈر 2013.02.21 , 15:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئانا تىل كۈنىىمىزگە مۇبارەك بولسۇن،،،،

  7. ئابدۇشۈكۈر 2013.02.21 , 15:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەلتاپان توغرىسىدا بىرە تىما يېزىلمىسا بولمىغىدەك جۇمۇ..

  8. پەنجىر 2013.02.21 , 15:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئانا تىل بايرىمغا مۇبارەك بولسۇن !
    ما يەل تاپاننى كۆرۈپ باقايلى ، مىنىڭچە بۇنداق ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىش دىتالىرىنىڭ ئەقلى يانفونلاردا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئەپلىرى چىقسا ئۇمۇملىشىشى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈگىلى بۇلۇشى مۇمكىىن

    • تاماشىبىن 2013.02.21 , 15:33

      ئاندرىئود بار ئەقلىفون، ئايفون ،ئايپەد ھەممىسىدە ئىشلەيدىكەن. بۇ قېتىمقىسىنى بوش چاغلاشقا بولمايدۇ…. :mrgreen:

    • Forever 2013.02.21 , 16:31

      ئايفون ، ئاندروئىد نۇسخىسىنى قەيەردىن چۈشۈرىدىكەن ؟ ياكى تېخى ئېلان قىلمىدىمۇ يا ؟

  9. كۇسەن 2013.02.21 , 16:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئانا تىل كۈنۈڭلارغا مۇبارەك
    :razz::razz::razz::oops::oops:

  10. سەپرا 2013.02.21 , 16:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولسا شۇ يەلتاپان توغۇرلۇق تىما يوللانسا بوپتىكەن

  11. سەپرا 2013.02.21 , 16:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن يەلتاپاننى پىروگىرامما سۇپىسىدىن تاپالمىدىم غۇ

  12. ئايشەم تورى 2013.02.21 , 16:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ سىتاستىكىنى كۆرۈپ بەك ئېچىندىم ! %10 ئۇيغۇر ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۆزىنىڭ تىلىدا سۆزلىيەلمىسە ، ئۆزىنىڭ تىلىنى ئۇقۇيالمىسا ، بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئازاب بولمىسا كىرەك …..

    ھەي ئىسىت !!!!!

  13. بانكىر 2013.02.21 , 16:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشىلىك سانلاركەن.

  14. تۈركزاد 2013.02.21 , 22:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورخۇمار ئەپەندى. ئاۋۇ جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە دېگەن سىتاتىستىكىنىڭ مەنبەسىنى بىلسەك بولارمۇ؟

    • ۋىروس 2013.02.22 , 13:19

      بۇنى ئىلگىرى مەن شىنلاڭ مىكرو بلوگىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەكشۇرۇش نەتىجىسىدىن ساقلىۋالغان ئىدىم. ئادەتتە سىتاستىكا قىلغاندا ھەرگىزمۇ 10 مىليون ئۇيغۇرنى بىرمۇبىر تەكشۈرمەيدۇ. تەجىربىگە قاتناشتۇرۇلغان ھەر مىڭ ياكى 10 مىڭ كىشىدىن نىسپەتلەشتۈرۈلىدۇ. شۇڭا بۇنى تامامەن توغىرا دەپ چۈشەنگەندىن، ئەھۋال خەتەرلىككەن دەپ چۈشەنگەن ئەۋزەل.

  15. ۋاقتىم 2013.02.21 , 22:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كېچىكىپ قالغان بولساممۇ ، ئانا تىل بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمەن…

  16. قاراخان 2013.02.21 , 23:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئانا تىل- ھەممە ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئانا تىل – ئۇيغۇر تىلى كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن.
    ھۆرمەتلىك ۋىرۇس ئەپەندى، بۇ يازما ئېسىل چىقپتۇ شۇڭا بۇ يازمىنى تور بېتىمىگە يوللاپ قويدۇم. سىزگە تېخىمۇ شان-شەرەپ تىلەيمەن!

  17. تۈركزاد 2013.02.21 , 23:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇرلارنىڭ %10 ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمىسە بىر مىليون ئادەم دېگەن گەپ بولامدا؟ بەك جېق بوپ كەتتىمۇ نېمە؟

  18. كۆك بۆرە 2013.02.21 , 23:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ ئىستاستىكا خاتا بولۇپ قالدىمۇ قانداق ، ئۇ قايسى نۇپۇزلۇق ئورگاننىڭ چىقارغان يەكۈنىكەن؟؟
    مەن ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىغان ۋە ئوقۇيالمايدىغان ئۇيغۇر كۆرۇپ باقمىدىم،ھەر قانچە بولسىمۇ 10% ئۇيغۇر ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەمدۇ.
    قىلىڭ دىسە گەپ دىگەننى كاسىغا ئۇرۇپلا تىپىۋەتمەيلى.

    • ئابومجان 2013.02.22 , 00:21

      بەلكىم بۇنىڭدا ئېيتىلغان %10 چەتئەللەردە بالدۇرلا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى ، ھەم ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى كۆرسەتسە كىرەك ، شىنجاڭنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك بۇلارغا ئىشەنمەسمىز بەلكىم ، چەتئەللەردە چۇقۇم بار

    • تاماشىبىن 2013.02.22 , 00:59

      بار قېرىنداش بار. ئەتراپىمدىكى مۇھىتنى دەپ بەرسەم، تونۇيدىغان 10 ئۇيغۇر ئادەمنىڭ 2 سى باللىرنى يەسلىدىن باشلاپ خەنچىدە تەربىيىلىدى ھازىر باشلانغۇچنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلدى. ئۆيدە ، يولدا ئىشقىلىپ مەن قاچان ئۇچراتسام بالىسى بىلەن خەنچە پاراڭلىشىدۇ. بىر قېتىم شۇلارنىڭ بىرى بىلەن يولدا ئۇچرىشىپ قېلىپ ھال-ئەھۋال سورىشىپ تۇرساق بالىسى ‹‹شۇشۇ كەن ۋودى ۋەنجۈ خاۋ ۋەنما›› دېگەن . ياخشىكەن دېسەم ‹‹ بابا شۇشۇ شو شىما››!!!(بۇ كۆز ئالدىمدىكى %2 لىك ئەھۋال)
      بۈگۈن ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى قاتناش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش قىزىق لىنىيىسىدە بىر بالىنىڭ بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە(ئورۇن جايلىرىنى پۈتۈنلەي خەنچە سۆزلەۋاتىدۇ) چۇزۇدا(كىرا ماشىنىسىدا) كىرا قىلىپ چۈشكەندە خۇبىچاڭدا(كەينى كابىنكىسىدا) چامادىنىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى، ئىچىدە شىنفىنجىڭ(كىملىك) ئايروپىلان بېلىتى (بۇنىمۇ خەنچە) دېگىلى تۇرغاندا رىياسەتچىمۇ تاقەت قىلىپ تۇرالماي بولدى چۈشەنمىدىم، باشتىن دەڭ دەۋەتتى. ئۆزىمۇ دېيىشىپ بېرىپ تاكى ھەممە سۆزلىرى ئۇيغۇرچىغا چۈشكەنگە قەدەر توختىدى. ئاخىرىدا ئالاقىلىشىش نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇشنى سورىغاندا يەنىلا شۇ…ياۋ سەن بىرنىمە…..
      مەن يەنە چوڭ-كىچىك بولۇپ ئۇيغۇرچە خەت تونۇمايدىغان خېلى كۆپ ئادەمنى بىلىمەن.
      بىر ئادەمنىڭ بىلگىنى شۇنچىلىك بولسا بۇ ستاستىكىنىمۇ خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.

    • قارا ھەرە 2013.02.22 , 01:48

      مۇشۇ رادىئو پىراگراممىلىرى رىياسەتچىلىرىنىڭ ئاشۇ يېرى ماڭا بەك يارايدۇ دىسە، خەنچە سۆزلىگەنلەرنى ئانا تىلدا سۆزلەشكە دەۋات قىلىدۇ، مەنمۇ بىر قانچە قېتىم ئاشۇنداق خەنچە سۆزلىگەنلەرنى قايتا قايتا سۆزلىتىپ ئۇيغۇرچە سۆزلەتكىنىنى ئاڭلاپ بەكلا سۆيۈنگەنتىم

  19. توختى 2013.02.22 , 18:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاھ،،ئانا تىلىم ،،،ئاھ ،،تورخۇمار

  20. سادا425 2013.02.23 , 09:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قاچانلاردا قاغا ياڭىقى يەپتىپ بولغىيتىم ئۇنتۇپ قاپتىمەن 21چىسلانى ،توۋا قىلدىم!!!!

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量