نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟

بەزى دوستلىرىمىز «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن قانداق ۋە قاچان ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ۋە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تازا ئوبدان بىلمەسلىكى مۇمكىن. شۇنى كۆزدە تۇتۇپ تور ئارلاپ بۇ ماتېرياللارنى يىغدىم. شۇڭا «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» نى ئازراق چۈشىنىۋالساق زىيىنى يوق دەپ قارايمەن ، تېمىمىز سەل ئۇزۇنراق، لېكىن سىزنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.

doppa

ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» تەبرىكلىنىدۇ.
تېمىسى: ئورتاق مەدەنىيەت ئورتاق خۇشاللىق
题目:共同的文化 共同的欢乐
Subject: Same Culture Same Merriment
يىتەكچى ئىدىيە: «مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات»
主导思想:文化与发展
Guiding Cogitation: Culture and development
ئوتتۇرىغا قويغۇچى: تاھىر ئىمىن
ئۇيۇشتۇرغۇچى :شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتى ،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتتۇتى ،شىنجاڭ مەدەنىيەت قوللىغۇچى ئورۇنلار : شىنجاڭ دەرمان سودا چەكلىك شىركىتى، ئۇرۇمچى ئىزچىلار سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ فۇرقان بىئو-پەن تىخنىكا چەكلىك شىركىتى قانۇنى مەسلىھەتچى :ياسىنجان تەلئەت
ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى قوللاپ مەدەت بەرگەن ئورۇن ۋە شەخسلەر: -ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى:
1-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى غەيرى ماددى مەدەنىيەت قوغداش ئشخانىسى 2-شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتى ئاز سانلىق مىللەتلەر فولكلور تەتقىقات مەركىزى 3-شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتى
جامائەت ئەربابلىرى: مىجىت ناسىر،ئىمىن تۇرسۇن،ئسلامجان شىرىف ،ئابدۇقادىر جالالىدىن .
تەتقىقاتچى خادىملار: ئابدۇكىرىم راخمان،ئابدۇبەسىر شۇكۇرى ،راھىلە داۋۇت (دوكتۇر،ئاسپىرانىت يىتەكچىسى)،ھەسەنجان ئابلىز (دوكتۇر)،قاتارلىقلار
كارخانىلار : شىنجاڭ دەرمان سودا چەكلىك شىركىتى،ئۇرۇمچى ئىزچىلار سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ فۇرقان بىئو-پەن تىخنىكا چەكلىك شىركىتى.
يۇقارقى مەزمۇنلار گۇگىل تورىدىن ئىزدەپ تېپىلغان…

«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» ھەققىدە

2009-يىلى 5-ماي كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ‹‹ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى››ئىلتىماس قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، سۆھبەتكە ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەشەببۇس قىلغۇچى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-فولكلور تەتقىقاتچىلىرى (تەتقىقاتچى ھەم جامائەت ئەربابى –ئىمىن تۇرسۇن، ژۇرنالست ۋە ئۇيغۇر ئېدىئولوگىيە تەتقىقاتچىسى ئسلامجان شرىپ بەشكىرەمى ،دوكتۇر يىتەكچىسى ۋە ئۇيغۇرشۇناس ئالىم ئابدۇبەسر شۈكۈرى ، يازغۇچى ۋە ئەدەبىيات پىروففىسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى،دوكتۇر، دوتسنېت ھەسەنجان ئابلىز، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، قۇتادغۇبىلىك تەتقىقاتچىسى ئالىم يار مۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق قاتارلىقلار )، فۇرقان شىركىتىنىڭ سابىق دېرىكتورى (مۇھەممەد ئەمىن)، دەرمان شېركىتى دېرىكتور ئابلاجان ۋە ئىزچىلار شېركىتى ۋەكىللىرى، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ۋە‹‹ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى›› پىدائىيلىرى قاتنىشىپ، دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ مىللىي ھاياتىمىزدىكى ئەھمىيتى ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى ، تەشۋىقات چارىلىرى ھەققىدە قىزغىن سۆھبەتلەشتى. ئاپتونوم رايونلۇق غەيرى ماددى مەدەنيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقات ئشىخانىسى ۋە شنجاڭ ئۇنىۋىرسېتىتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدىكى مۇناسۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە تەتقىقاتچىلار يوليورۇق بەردى.
سۆھبەت «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى»نىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ۋە تارىخىي قىممىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلىنىپ،«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى» نى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئەھمىيتى، دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت مىراسىغا ئىلتىماس قىلىش چارىسى ۋە دوپپا مەدەنىيتىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئەھمىيتىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا قىزغىن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، سۆھبەتتە يەنە «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى تەپسلىي ئۇسۇللار ۋە بۇ ھەقتە ئشلەنگەن خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىسى تونۇشتۇرۇلدى.
«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» نىڭ تەشەببۇسچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندى 2007-يىلىدىن بۇيانقى دوپپا مەدەنىيىتى، دوپپا قول-ھۈنەر سەنئىتىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت تۈرىگە ئىلتىماس قىلىنىش ئەھۋالى، ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى غەيرى ماددى مەدەنىيەتلەرنى قوغداش تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ يېقىندىن بۇيان قوللىغان خىزمەتلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا ئەل ئارىسدىكى ئىجتىمائىي بايرام سۈپىتىدە«دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» تەسس قىلىش لايىھەسنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت، ئورتاق خوشاللىقى ئۈچۈن بىر ھەسسە قوشۇش ئۈمىدى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئەسلەتتى ۋە بۇنى قوللاپ كەلگەن رەھبەرلەر، تەتقىقاتچىلار، كارخانىچىلارغا سەمىمىي رەھمىتىنى بىلدۇردى.
سۆھبەتتە تەتقىقاتچى، جامائەت ئەربابى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى سۆز قىلىپ بۇ خىل يېڭىچە مەدەنىيەت ھادىسسنى مۇئەييەنلەشتۇردى ۋە ئۆزىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان بۇ پائالىيەت ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ۋە يوليۇرۇقلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ۋە ياشلار ئارىسدا «دوپپا مەدەنىيىتى» ئېڭىنى كۈچەيتىشنىڭ توغرا ھەم ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ئشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان شەخس ۋە ئورۇنلارغا ئاپىرىن ئېيتتى.
«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى ژۇرنالىست ۋە مۇتەپەككۇر ئسلامجان شىرىپ بەشكىرەمى ئەپەندى «دوپپا مەدەنىيتى»نى ئاممىۋىيلىققا ئىگە قىلىشنىڭ ئاساسلىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ «قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى»نىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدىكى ئشلىگەن خىزمەتلىرى ئاساسىدا تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدىن تەتقىقاتچى ۋە پىروففىسور ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى «دوپپا» دىن ئىبارەت بۇ بىر مۇكەممەل سېستىمىنىڭ باش-ئاخىرى ھەققىدە مەزمۇنلۇق پىكىرقىلىپ،«دوپپا مەدەنىيتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەممىمىزنىڭ، بارلىق مەدەنىيەت سۆيەر كىشنىڭ مەجبۇرىيتى، ئۇنى چوقۇم ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش، كەڭ ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشتۈرۈپ، جەمىئىيەت ئۈچۈن بىركىشلىك ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى، ئىقتىسادىي ئاساس، مەمۇرى يوليورۇق، تەشۋىقات ئەمەلىيتى ۋە ئىجراچى خىزمەتچىلەرنىڭ بىر تۇتاش ھەرىكەتلىنىشى زۆرۈر» دەپ كۆرسەتتى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر قاتار كونكىرىت چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتېتى فىلولوگىيە ئنىستىتۇتىنىڭ پىروففىسورى ، تەتقىقاتچى، دوكتۇر يىتەكچىسسى ئابدۇبەسىرشۈكۈرى ئەپەندى «دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»نى ھەرساھەنىڭ قەتئىي قوللىشى كېرەك بولغان خاسىيەتلىك چوڭ ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىشى ئىناقلىقى، تەرەققىياتى ،شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك ئشلىرى، مىللىي قول-ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن زور ئەھمىيتى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، غەيرى ماددى مەدەنىيەت تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش خىزمەتلىرى ھەققىدە ئۆزكۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر كىيم-كىچەك تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ھەسەنجان ئابلىز بۇ ھەقتە تىخىمۇ كونكىرىت ۋە ئنچىكە بولغان ئىلمىي خىزمەتلەرنىڭ ئشلىنىشى كېرەكلىكىنى، دوپپا مەدەنىيتىنڭ پەقەت بىز كۆرىۋاتقان ئاددىي شەكىل ۋە جىسملا ئەمەس نۇرغۇن مەدەنىيەت، سەنئەت، پەلسەپىۋىي مەنىلەرگە، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھميەتلەرگە تويۇنغان بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا بۇنىڭدىن كىينكى تەتقىقات يۆنىلىشىدە ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيتىنىڭ سالمىقى ھەققىدە توختالدى.
تونۇلغان مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر ئىجتىمائىي مائارىپىنىڭ تىنماس تۆھپىكارى يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندى ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ ھەقىقەتەن بۈيۈك مەدھىيەگە لايىق مەدەنىيەت تىپى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئاستا-ئاستا جەۋلان بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «دوپپا مەدەنىيتى» دىن ئىبارەت مىللىي تاشقى كىملىكنىڭ ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۇردى.
ئادۋوكات ،دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ قانۇنى مەسلىھەتچىسى ياسىنجان تەلئەت«دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»نىڭ قانۇنىي ئاساسىنى تەكىتلىدى ۋە بارلىق ئاممىۋىيلىققا ياتىدىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنىي ئاساسىغا دائىر قانۇن ۋە سىياسەتلەر ھەققىدە سۆز قىلدى.
شۇ قېتىمقى چاي سۆھبىتىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەمەلىي قوللىغان شىنجاڭ فورقان بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتۇرى مۇھەممەت ئەمىن ئەپەندى دوپپا مەدەنىيتىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن شەخس ۋە كارخانىلارنىڭ ئەمەلى كۈچ بىلەن قوللىشىنى ئۈمىد قىلدى.
شىنجاڭ دەرمان چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى ئابلاجان ئەپەندى «دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»نى ئەل ئارىسدىكى بايرامدىن يەنە بىر دەرىجە كۆتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ«نان مەدەنىيىتى بايرىمى» نى تەستىقلىتىش جەريانىنى تونۇشتۇردى.
بىر قانچە داڭلىق تور بىكەت مەسئوللىرى ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بۇ مەدەنىيەت پائالىيتىنى پائال تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۈرۈمچى نشان ئېلانچىلىق چەكلىك شىركىتى ئېلان ۋە لايىھە ئشلىرىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەرجىمە باشقارمىسىدىن تۇرغۇن ئابدۇلئەزىز ئەپەندى، شىنجاڭ مىللىي بىڭتۈەن سفەندىن زاكىرجان مىجىت سىددىق ، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسى 5-قانال ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسىدىن ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى ، شىنجاڭ گۈلقەقە يىمەك-ئىچمەك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى مۇھەممەت رىشات ھاجى ئەپەندى، ئىزچىلار سودا شىركىتىدىن بەختىيار، شىنجاڭ سىرتىق باسمچىلىق شېركىتىدىن ئادىل ئالىم توغراق، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 21-باشلانغۇچ مەكتەپتىن نۇرمۇھەممەت ئىمىن كۈنقۇت، ۋىيخۇلىياڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىۋىدىن تۇرسۇنجان ئابلىمىت قاتارلىق ياش ۋە ئوتتۇرا ياش قوللىغۇچىلارمۇ قاتناشتى ۋە پىكىر بايان قىلدى.
مەزكۇر پائالىيەت جۇڭگو مەركىزى خەلق رادىئو ئستانسسنىڭ جۇڭگوغا نەزەر پىروگراممىسى ۋە شۇ چاغدىكى كۆپ قىسم ئۇيغۇرچە يىتەكچى تور بېكەتلەر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسغا تارقىلىپ، ئۇيغۇر تاشقى كىملىكى ۋە مىللى مەدەنىيەتنىڭ ئۈزۈلمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇشبۇ ئۇچۇردىن كۆپچىلىككە ئۈمىد ئىلىپ كەلدى. شنجاڭ تىلىۋىزىيە ئستانسسنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى باشتىن-ئاخىر ‹‹دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى››نى ئۆز پىروگراممىلىرىدىكى مىللى ئەنئەنىگە بولغان يېقىنلىق ۋە ئۆزلىرى دوپپا كىيش بىلەن ،‹‹دوپپا مەدەنىيتى›› ھەققىدە مەخسۇس پىروگىرامما ئىشلەش بىلەن قوللىدى.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئەركە 2013.05.04 , 22:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دوپپامنى قايتا كىيەي ئەمدى !

    • ئەركە 2013.05.04 , 22:33

      ھەراست، دىۋاندا ئولتۇرۇپ كىيىۋالاي دوپپامنى !

  2. tughluq 2013.05.04 , 22:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان دىگەن مۇشۇما :idea:

    • ئەركە 2013.05.04 , 22:34

      ئۇقمۇدۇم جۇما !

    • بانكىر 2013.05.06 , 11:03

      ئۈستى تەرپىڭىزدە بىرسى ئولتۇرۇپ بوپتۇ، كىسىپ ئىيتالايمەنكى بۇ دىۋان ئەمەس.:mrgreen:

  3. ئەركە 2013.05.04 , 22:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىلمىگەننى بىلىۋالدىم مانا !

    • ئەركە 2013.05.04 , 22:36

      دىۋاندا ئولتۇرۇپ يەنە كىسەل تۇتتى بولغاي، تولا گەپ قىپ سالدىم، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلە . شۇڭىمۇ دىۋاندا ئولتاماي دىگەن ئەسلى.

  4. ئەنىشتە 2013.05.04 , 22:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋاندا ئولتۇرغانلار جىق گەپ قىلىدىغان كىسەلگە گىرىپتار بولىدۇ دىسە ئىشەنمەپتىكەنمەن….. راسكەن جۇمۇ…..

    • ئابومجان 2013.05.05 , 00:27

      دىۋانچىلارنىڭ كۆپ سۆزلەش كىسىلى ، بۇنى مەن ئەڭ بۇرۇن بايقىغان ھەم ئۆزەمدىمۇ بۇ كىسەل خېلى ئېغىر ، ئېغىرلىقىدىن دىۋان تەگمىسىمۇ توختىيامماي سۆزلەپ قالىمە ھازىر

    • ئەركە 2013.05.05 , 08:22

      شۇڭىمۇ ئۆزۈمنى بىلىپ مەسىلەمنى تاپشۇرۇپ ئۈستىدە ئاتايىن دەپ قويدۇم ئاينا …… :evil:
      ئىشقىلىپ، ھەنىمىدۇر ئابومجاندىن يەڭگىلرەكقۇ دەيمەن كىسەلنى ..:!::shock:

  5. ئابومجان 2013.05.05 , 00:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چىسلاغا بەش بوپتا مانا ، ھەممەيلەننىڭ دوپپا بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن !
    خاپومماي دوپپىلىرىمىزنى كىيىپ باقىلىما بۈگەن …
    ھە ئەركەك ئاكا ، پاراڭلا قىززىۋاتىدا دوپپىنى قىرلاپ كىيىپ ئوتتۇراپ پاراڭ سۇقۇپ بەمەملا

  6. ۋاقتىم 2013.05.05 , 01:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارداشلارنىڭ «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» غا مۇبارەك بولسۇن!!!:oops:

  7. بېغەم 2013.05.05 , 11:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر زامانلاردا مەكتەپتە ئەتىگەنلىك گىمناستىكىدا دوپپام كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالغان مەكتەپ مۇدىرىمىزدىن گەدىنىمگە بىر شاپلاق يىگىنىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى ، ئىسىت ! دوپپام يەردە نەچچىنى دومىلاپ ئاياق ئاستىدا قالغاندا بىرسى كاللامغا دەسسىگەندەك شۇنداق بىئارام بولغان ئىدىم …… مۇئەللىمدىن بەك قوقاتتىكەنمىز ئۇ زامانلاردا توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن مۇئەللىمنىڭ دېگىنى توپتوغرا ئىدى ! ئەمدى بىلسەم رايىش ، پاتتاڭلىرىمىز بىلەن بەللىرىمىزنى نىمىشقا ئۇنچە ئىگىلىشچانكى دېسەم مەكتەپتە شۇنداق يىتىشىپ چىقىدىكەنمىز ! 

  8. شامال 2013.05.05 , 13:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دوستلارنىڭ «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» غا مۇبارەك بولسۇن!!! :oops:
    – چىمەن دوپپا ، بادام دوپپا ، گىلەم دوپپا ، چېكەن دوپپا ، شاپاق دوپپا …. ئاقار يولدا تۈمەن دوپپا …، ئاشۇ دوپپىلىقلارنىڭ ئىچىدە سىز بىلەن مەن با… :smile:

    • خۇشال 2013.05.06 , 11:42

      شاپاق دوپپا كەيگىنى سىز چېكەن دوپپا كىيگىنى مەن …..:lol::lol:

  9. سېرژانت 2013.05.05 , 17:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قوللايمەن. لېكىن تولىمۇ ئەپسۇس بۇ يىل قولدىن بېرىپ قويغاندەك قىلىمەن. ئەسلى بايا كوچىدا كىيىپ مېڭىشىم كېرەكتى. ھازىر بولسىمۇ كومپىيۇتېر ئالدىدا كىيىپ ئولتۇردۇم.

  10. خۇشال 2013.05.06 , 10:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باللا تۈنۈگگۈن دوپپا كەيدىڭلامۇ يا ………..
    يالغان گەپ قىلىشقا بولمايدۇ :lol::lol:

  11. بانكىر 2013.05.06 , 11:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تۈنۈگۈن ئاران كەلگەن دەمئىلىش بولغاچقا ئۆيدىن چىقماي، تورنىمۇ ئاچماي چوڭلار بىلەن پاراڭ سوقۇپ ئولتادىم، شۇڭلاشقا دوپپا كەيمەپتىمەن، :shy:

  12. ئىماممۇھەممەت 2013.05.06 , 16:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاپلا تۈنۈگۈن دوپپا كىيىپ رەسىمگە چۈشۈۋالسام بوپتىكەن ئەسلى…. بۈگۈن باش سۈرىتىمگە توغۇرلاپ قويۇپ ئولتۇرىدىكەنمەن. ھەيييييييي…:evil:

    • خۇشال 2013.05.06 , 17:31

      مەن شۇنداق قىلغانتىم ھى ھى ھى :mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  13. خۇشال 2013.05.06 , 17:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما تور ىۇماردىمۇ بىرە ئىككى كۈن دوپپا كىيىپ ئولتۇراي چۇ بومىسا :mrgreen::mrgreen:

  14. ئۇيغۇرباي 2013.05.06 , 21:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ بىز ھەقىقەتەن ھەقىقەتەن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك زۆرۈر بىلىم ئىكەن !
    توغرا، بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىۋاتىمىز ، بىراق بۇنىڭ ماھىيىتنى ، كىلىپ چىقىش تارىخنى بىلمەيتتۇق . قىممەتلىك تېما ئىكەن !

  15. ئىلتەبىر 2013.05.06 , 22:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ كۈن بولسا دوپپا مەدەنيىتىمىزنى قاتتىق تەشۋىق قىلىدىغان كۈن.

  16. ئارسلان 2013.05.10 , 15:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن كىييىن قالدىممۇ نىمە؟

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量