نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

شەخسىيەتچىلەرنىڭ 10 ئەقىدىسى | بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىر قىسىم قىسقا ھېكمەتلەر

دانالارنىڭ ھېكمەتلىرىنى توختىماي ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز. توۋۋا دەيمەن، ئادەتتىن تاشقىرى كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ئاددى گەپلىرىمۇ بىزلەرگە ئاددى بولمىغان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ بىزدىكى زىيادە كۆتۈرۈش خاھىشىمۇ ياكى ئۇلاردىكى يۈكسەكلىكمۇ بىلەلمىدىم. تۆۋەندە يوسېف كىرىشنىرنىڭ بىر يۈرۈش ھېكمەتلىرىگە قۇلاق سالايلى.

shexiyetchi

1. ئاۋۋال مەسئۇلىيەتكە ئىگە بولسىڭىز ، ئاندىن ھۇزۇرلىنىش  ھوقۇقىڭىز بولىدۇ .

2. پۇلىڭىز بولمىسا بىر سىنتنىمۇ ئىسراپ قىلسىڭىز بولمايدۇ .

3. بىر خىل ئىقتىدارغا ئىگە بولسىڭىز جەمئىيەت ئاندىن سىزگە ئىھتىياجلىق بولىدۇ . سىزمۇ ئۆز قىممىتىڭىزنى بەلگىلىيەلەيسىز .

4. ئۆزىڭىزنى تەڭشىيەلىسىڭىز ، پۈتۈن دۇنيا بىلەن  بىر گەۋدە بولۇپ كېتەلەيسىز .

5. باشقىلارغا قىلىنغان ھەر قانداق ھۇجۇم ئۆزىڭىزگە قىلىنغان ھۇجۇمغا باراۋەر . بۇ باشقىلار ئارقىلىق غەزىپىنى چىقىرىشتىن باشقا ئىش ئەمەس .

6. ئۆزىڭىزگە نېمە لازىملىقىنى بىلسىڭىز ، ھېچكىم سىزنى ئۆزى توغرا دەپ قارىغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىيالمايدۇ .

7. ھەر بىر ئادەمنىڭ ھورۇنلۇق قىلىش ھوقۇقى بار ، لېكىن باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى خورىتىش ئۈچۈن ياشىماسلىق كىرەك .

8. ناۋادا بەك ئىقتىدارلىق بولسىڭىز ، بۇ ئىقتىدار ئەڭ ئاۋال باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس ئۆزىڭىز ئىشلىسۇن .

9. بىر ئىش ھەققىدە شۇنچە زوق-شوخ بىلەن سۆزلەشكە باشلىغانلىقىڭىز شۇ ھەقتە يېتىم قېلىۋاتقانلىقىڭىزنىڭ ئىسپاتى .

10. سىزنىڭ مەلۇم نۇقتىدا بىلىدىغانلىرىڭىز شۇنچە كۆپەيسە ، ئىقرار بولۇشقا تېگىشلىك ئىشلىرىڭىز شۇنچە ئاز بولىدۇ . بەزىدە مەقسەتلىك قىلىنغان سۈكۈت 100قۇرۇق جۈملىدىن ئەۋزەل .



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 14 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. Qiyim_Kariz 2013.05.01 , 12:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دېۋاندا تۇنجى قىتىم ھوزۇرىنى سۈرۈشۈم جۇما…

  2. كارۋان 2013.05.01 , 13:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھا ھا دىۋان مىنىڭ بوپتۇ دە،،،، :idea:

  3. ‏‏ئەلىف 2013.05.01 , 13:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‏بەزىلىرىنى كۆچۈرىۋالدىم،

  4. نەۋقىران 2013.05.01 , 13:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ناھايىتى ئەھمىيەتلىككەن ئاللا ھەممىمىزگە ھاياتلىقتا ۋە ئاخىرەتتە ياخشى ئاقىۋەت ئاتا قىلغاي .ئابومجون ئىدىش قىنى سىلە قوڭلا ئىنىستىتوت ئالدىدا قىز تاللاۋەرمەي تورخۇمارغىمۇ كىرىلى بۇ يەردە قىز يوق ئادەم بولۇشنىڭ ئىپى با :kiss: :kiss: :kiss: :kiss:

  5. بەختىم 2013.05.01 , 13:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇماردا تىما يوللىمىغان مەنلا قالدىممۇ نىمە.؟؟ :shock:

    • ئابومجان 2013.05.01 , 21:12

      ۋوي شۇ سىلىلام قالدىڭلا ئېدىش ، ھەممەيلەن بىژ قېتىمدىن يوللاپ بولدۇقيا ، ما خۇشال دىۋاننىمۇ ياراتماي چۇقىسىغا چىقىۋاپتا

    • خۇشال 2013.05.02 , 16:41

      يو ئابومجان ئۇندامۇ دەپ كەتمەڭلا ………………

  6. مۇساپىر 2013.05.01 , 14:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا 9-ھىكمەت يارىدى…..مەن تورخۇمارغا يىڭى كىردىم سوراپ باقسام دىۋاندا ئولتۇرغانىڭ ئادەم بەدىنىگە قانداق پايدىلىق تەرىپى بار؟ تۇنجى بولۇپ تىما كۆرگۇچىلار كۆپ ۋاقىتلاردا ‹ۋا دىۋان › دەپ ئاغىزى قۇلقىغا يىتىپ خۇشاللىقىدا تىمغا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتۇپ قالىدىكەن.

    • خۇشال 2013.05.02 , 16:47

      دىۋاننىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان بىر نەچچە پايدىلىق تەرەپلىرى .
      1. تىز ئورۇقلىيالايسىز (چۈنكى دىۋاندا ئولتۇرۇغ ئۈچۈن تاماق يىيىشنى ئۇنتۇپ قىلىشىڭىز مومكىن ، ھەتتا تاماق يىمەي ماراپ ئولتۇرىسىز )
      2. خۇشاللىق تاپالايسىز ( دىۋاندا ئولتۇرسىڭىز خۇددى جەڭدە غەلبە قىلغان گىنرالداك ئى

    • خۇشال 2013.05.02 , 16:56

      تۈگىمەستىلا يوللىنىپ كەتتى داۋامى ……
      ئوزىڭىز نى شۇنداق ئازا دە ھىس قىلىسىز .)
      3. ئازراق بىئارام بولىسىز ( دائىم دىۋاندا ئولتۇرۋالسىڭىز باشقىلارنىڭ ئاچچىقى كىلىپ ، ئاز تولا سىسىق گەپ قىپ قويۇشى مومكىن :mrgreen: )
      4. كەم سۆزلۈكنى تۈگىتىدۇ ( دىۋاندا ئولتۇرسىڭىز باشقىلا سىزنىڭ دىۋان بولىۋالغىنىڭىزنى كۆرۈرۈپ ئىنكاس يازمىغاندەك ھىس قىلىسىز شۇنىڭ بىلەن توختىماي ئىنۆاس قالدۇرىسىز .)
      بىرمۇنچە بىمەنە گەپلەنى قىلىۋەتتىم ھە :lol: :lol: :lol:

  7. ۋاقتىم 2013.05.01 , 14:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    3. بىر خىل ئىقتىدارغا ئىگە بولسىڭىز جەمئىيەت ئاندىن سىزگە ئىھتىياجلىق بولىدۇ . سىزمۇ ئۆز قىممىتىڭىزنى بەلگىلىيەلەيسىز .
    بۇ گېپى بەك يارىدى ماڭا….

  8. كۈرەش 2013.05.01 , 17:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    9- ھېكمەت بۇلا مۇشتاق بۇلا….. ئويلاپمۇ باقماپتىمەن شۇ ھەقتە يېتىم قېلىۋاتقانلىقىمنى ……. :dizzy:

  9. گىلور 2013.05.04 , 10:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىم دىدى تورخۇماردار قىزلار يوق دەپ ئابىيا :mad: :mad: :mad:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif