بىر فىلامىنگو قۇشىنىڭ مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ھەققىدىكى قىززىقارلىق ھېكايە | Flamingo Pride
بىر توپ ھەمجىنىس فىلامىنگو قۇشلىرى ئىچىدىكى بىر دانە نورمال فىلامىنگو قۇشىنىڭ زېرىكىشلىك تۇرمۇشى ۋە باشقا بىر قەۋىمدىكى يات جىنىسلىق «چىشى» قۇشقا ئاشىق بولۇشى ھەققىدىكى قىززىقارلىق ھېكايە. ئۆز قەۋىمدىكىلەرنىڭ بولمىغۇرلىقىدىن جاق تويغان بۇ ئەركەك تۇيۇقسىز ناھايىتى سۇمباتلىق بىر چىشى قۇشنى بايقايدۇ ۋە ئۇنى ئىزدەپ بارىدۇ. بېرىپ كۆرۈش جەريانىدا ھېس قىلىدۇكى، نورمال بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت ساقلاپ قېلىنغان بۇ رايون تولىمۇ جىمجىت ۋە بەخىتكە تولغان بولۇپ، ھەممە ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خۇشال ياشىماقتا ئىدى. خوش، ۋەقەلىكنى مۇشۇنچىلىك بايان قىلىپ تۇرايلى. مۇرادىغا يىتەمدۇ يوق كۆرگەندىن كېيىن بىلىسىز.
مەزكۇر قىسقا كارتون ناھايتىمۇ نەپىس كۆرۈنمە ئۈنۈم ۋە قىزىقارلىق ھېكايە ئارقىلىق ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ زىل بولغان ئەخلاق مەسىلىسىنى سۆككەن بولۇپ، ھەمجىنىسلارغا قارىشى ياخشى بىر قامچا بولغاندەكمۇ قىلىدۇ. فىلىمدە بايان قىلىنغان فىلامېنگو تۇرمىشى قارىماققا تولىمۇ خۇشال-خۇرام. لېكىن ئەمەلىيەت شۇكى بۇ خۇشاللىق پەقەت شۇ بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مېڭە تورمۇزلىنىشى بولۇپ، ئەتراپتىكىلەرگە نىسبەتەن تولىمۇ يىرگىنىشلىك تۇيغۇ بېرىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: جەمئىيەت، سىن، فىلىم، قىزىقارلىق، كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: flamingo-pride.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئون مىڭ تال iPhone5 ئارقىلىق دومىنو قارتىسى ئويناش؟ چەتئەللىكلەر بىلىپ-بىلمەي بىزنىڭ كوممۇنىزىمغا كىرىپ قالغان چىراي
- كېيىنكى يازما > گرافىك ساھەسىدە سۇيۇق جىسىم ۋە دولقۇن ھەركىتىنى ئىپادىلەشنىڭ يىڭى بىر دەرىجىسى نامايەن بولغاندەك قىلىدۇ
- ئەسلىدە ھەقىقى خاسىيەتلىك پالۋانلار مۈشۈك پلانېتىدىكىلەر ئىكەن ئەمەسمۇ؟!
- 21-ئەسىردىكى خاسىيەتلىك پالۋانلار – يەنە بىر يۈرۈش قاننى ئۇرغۇتىدىغان كىرىشتۈرمە فىلىم
- ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلارنىڭ ھەممىسى ياخشى قىزلار، تورخۇماردىكى يىگىتلەر بۇنداق قىزلارنى قولدىن بېرىپ قويماڭلار
- سىز كۈندە نىمىلەرنى يەيسىز؟ | دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ دەستۇرخىنىدىكى پەرىق
- جەڭگىۋار روس مىللىتىنىڭ كىشىنىڭ تەسىرلەندۈرىدىغان يەنە بىر خىل تۇرمۇشى
- يېڭى «ئانارخان» ھەققىدە سۆھبەت | ئانارخاندىن نىمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز ؟
- سىز iPhone ھەۋەسكارىمۇ ياكى SAMSUNG ھەۋەسكارىمۇ ؟ مەنچە يەنىلا NOKIA نى تاللىغان دۇرۇستەك قىلىدۇ
- تولا غەۋغا قىلمىسۇن، بولكاڭنىمۇ چانايمەن! يېمەكلىكلەرنىڭ توغرا كەسمە يۈزىنى كۆرۈپ باقىلى
- گېرمانىيىلىكلەرنىڭ تۆمۈر يولنى قانداق ياسايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- 10 يۈرۈش ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن، چوقۇم كۆرۈشكە تىگىشلىك ھۆججەتلىك فىلىم | ۋىروستىن ئالاھىدە تەۋسىيە
بۇپقالىدىكەن
تورخۇماردا دىۋاننى قانداق تالىشىمىز ؟
بۇ مىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈزۈتۈش جەريانىدىكى خۇلاسەم ، بۇنىڭ كۆپ قىسىمى ئىھتىماللىق ، ھەرگىزمۇ مۇتلەق ئەمەس …
يېڭى تىما قانداق ۋاقىتتا پەيدا بۇلىدۇ ؟ 1.ھەر كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى3تىن 6گىچە بولغان ۋاقىتتا ئىھتىماللىقى يۇقىرى . 2.دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، جۈممە كۈنى چۈشتىن كىيىن ئىھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى .3. شەنبە يەكشەنبە چۈشتىن بۇرۇن ئاساسەن يېڭى تىما يوللانمايدۇ ، چۈشتىن كىيىن يوللاش ئىھتىمالىمۇ يۇقىرى ئەمەس ، تورخۇمار بىلەن ۋىروس مەبەتلىرى بىلەن ئوينىغىلى قاچقان چېغى ۋاقتى يوق .4.كەچ سائەت 9دىن چۈشتىن بۇرۇن 9 قىچە تىما يوللانغىنى تازا بىلىپ بۇلالمىدىم ، تامامەن خاتىرجەم بۇلۇپ ئۇخلىسىڭىز بۇلىدۇ . ★★★★ دىۋاندا ئولتۇرۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىھتىماللىقى :ئادەتتە يېڭى تىما يوللاپلا تەدبىركار ۋىروسكاملار ئادىتى بۇيىچە بۇنى شىنلاڭ مىكرو بىلوگىغا ھەممەبىرلەيدۇ ، سىز پەقەت شىنلاڭ مىكرو بىلوگىغا 10يۈەنگە ئەزا بۇلۇپ تورخۇمارنىڭ مىكرو بىلوگىنى ئالاھىدە دوست قاتارىغا كىرگۈزسىڭىزلا يېڭى تىما پەيدا بۇلىشى بىلەن تەڭ يانفۇنىڭىزغا قىسقا ئۇچۇر چۈشىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن دىۋان سىزنىڭ دىگەن گەپ ، مۇھىمى مىكرو بىلوگقا ھەممە بىرلىنىشى كىرەك (مەن سىناپ باققان ھەم ئاشتا دىۋاندا ئولتۇرۇپمۇ باققان ، لىكىن داۋاملىق ئولتۇرىۋەرسەممۇ نۇمۇس قىلدىكەنمە ، نەچچە قېتىم قەستەن ئولتامىدىم جىما)★★ بۇ پەقەت ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولغان ۋاقىتلار ، توغرا چىقمىسا سەل يۈز خاتىرە قىلاسىلە جۇمۇي
ۋا ﺋﺎﺑﻮﻣﺠﺎﻥ خېلە تەتقىق قىلىپسىز جۇمۇ قانداق قىلغاندا دىۋاندا ئولتاغىلى بۇلىدۇ دىگەنلەرنى
تەتقىق قىلغانغۇ ئەمەس ، كىچىك ۋاخلىرىمدا تۇلا دىۋان غەلۋىسى قىپ كۈندە تورخۇمارنى چۆگلەپ كىتەممەيدىغان ، شۇ ۋاقىتلاردا دىۋان يەتمەي ئاچچىغىمدا تورخۇمارغا يېڭى تىما پەيدا بولغاننى خاتىرلىگەن دەپتىرىممۇ با شۇنىڭدىن پايدىلانغان شۇنىڭ پايدىسىدا دىۋاننىڭ ھۇزۇرىنىمۇ سۈرۈۋالغانتىم بىر زامان
قايسى كۈنى كەينى-كەينىدىن ئىككى قېتىم دىۋاندا ئولتۇرۇپ قويسام ئاچچىقىڭلىدا ئىنكاسمۇ يازمىغانيا سىلە . شۇنىڭ ياقى تەتقىق قىلىپ چىقىپسىلىدە م ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ دىگەندەك.
ھە راست، شىنلاڭ مىكرو بلوگىدا Teddy ئەپەندىمغا ئەگىشىكلىك ئىدىم مەن بولمىسا. ھېچ ئۇنداق يېڭى يازما يوللانغانلىق ئۇچۇرىنى كۆرمەيمەنيا مەن.
تورخۇمارنىڭ ئورگان بلوگىغا ئەگىشىڭ.
زادى تورخۇماردا ۋاقىت دەقىقە بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
لېكىن ماشتا نەرسىلەرنى ياقتۇرىمەندە.
ئاستىمدا چوقۇم، ئىزىقىپ، ساختا دىۋاندا ئولتۇردىغانلار چىقىپ قالىدۇ. بۇنىڭغا قاتتىق ئىشىنىمەن
بۇگۈن دىۋان تالىشىدىغانلار يوققۇ
مۇشۇنداق نادىر فىلىملار، كىنولار داۋاملىق تونۇشتۇرۇلۇپ تۇرسا دەيمەن. ۋوللىۋوتنىڭ نادىر فىلىملىرىدىن بىرەر ئىككىنى چىقىرۋەتمەمسىلەر.
背水一战 ياخشى كىنۇ سۈزۇك نۇسىخىسى ئۇچراپ قالسا توۋلاپ قۇياسىز
背水一战 نىڭ 720P نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ | 1080P نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
دىۋاندا بىژ ئولتۇرۇپلا ئەلگە نۇرغا قۇچقاچتەك تىل چىقتى مانا
رەھمەت رەھمەت
يە ۋىروس،ئاۋۇ فىلىمنىڭ ۋاقىت ئوقى خاتاكەن جۇما،ئاۋازى بىردەم چىقىپ بولۇپ خېتى چىقىۋاتىدا
خېلى بولىدىكەن
توۋا دىمەي ئەمالىم يوق ئابومجان ئېدىش بامۇ يا ئاسماندىكى سامۇ يا 3 كۈن بولدې يوقاپ كەتلە قوساقلىرىدا بامۇ يا چا خ چاخ جۇما
پەگاھ مۇ تەگمەي ئابومجان غا شۇڭا يۇقاپ كەتكەن گەپ
ئوھوي ما گەپنى ، كۆلىما ئې تۆپىسىگە چاپلاپ قويغان مەخپى قۇرالنى ، شۇنىڭدىن پايدىلانسام دىۋاننىڭ پۇچىقىمۇ يەتمەي قالامىكى سىلىگە
ھە راس سىز قىز بالىمۇ يا ؟
قىزىقارلىقتەك تۇرىدۇ…
ئاخىرىدا قانداق خۇلاسە چىقتى چۈشەنمەيلا قالدىم ؟! ھەمجىنىسلار مەھەلىسىدىن كەلگەچكە نورمال ئەمەس دەپ قارىلىپ قوغلاندىمۇ قانداق ئۆز مەھەلىسىگە ؟؟؟؟
چوڭ بولمىغان ئابومجان ،
ھىرىپ قالغان ئابومجان .
دىۋاننى تولا تالىشىپ ،
قىرىپ قالغان ئابومجان .
گەرچە بۇ تور بەتتە دىۋانغا ئىرىشمىگەن بولساقمۇ شاھ ئۇيغۇردا 2 قىتىم ئىرىشتىم
يې باللا ما ما ما
ئەمما لىكىن سەت كەپتۇ .كۈچۈرۋالدىم
نەچچە كۈن تورخۇمارغا چىقاممايمە دىسەم ئې بىژ تىمىدا ئەركەك ئاكام بىلەن كۇسەنجان تۇيۇمنى قىلىپ ئۈلگۈرۈپتۇ ، چىن دىلىمدىن بەك رەھمەت ئېيتاي لىكىن مەن تېخى بويتاق ماڭا تىگىدىغان قىزچاقنىڭ نەدىلىكنىمۇ بىلمەيمە تېخى ئانامغۇ سەت ئالدىراۋاتىدا ، شۈكرى قانائەت قىلىپ قايلاپ باقاي قېنى ، كىلىنچەكنى تورخۇماردىنلا يۆتكەمدىم تېخى
چاتاق ئاڭلىمىغانمۇ
يىقىن يەردىن توخۇ ئالما
تورخۇماردىن خوتۇن دىگەننى
بۇ يەرگە ساپ سىزدىن چوڭ قىزلار كىرىدۇ ئابومجان يەنىلا ئاپاش تاپسۇن ھە
ما نەۋقىراننى تىللاڭلا ھې قىز باللا سىلەنى بەك چوڭ ،قېرى قىز دەۋاتىدا ، قېنى ما ھۆرقىز ؟ ، خەپ شىئىردىن مەنمۇ تۇقۇيمە
ئەگەر مەن ھەركەتلەنسەم،تورخۇماردا ھەرقانداق دىۋان مەندىن ئاشمايدۇ.شۇڭا كونا دىۋانشاھ بىلەن قايتا كۈچ سىنىشىشقا شەمشىرىڭلارنى بىلەڭلار!!!
مەن بۇنى كۆرۈپ چۈشەنمىدىم ~
خ
ئابومىجان ئۇزاق مۇدەتلىك دىۋان چى تۇرسا ئەلۋەتتە بىلىدۇدە ھە شۇنداقمۇ،،،تورغۇمارنڭ تورىدىن ئورۇن ئالىدىغانلاردىن بىرى ئابومىجان…..! مەنمۇ سىناپ باقمىسام قېنى ھە،،،، دىۋا بىزلەرگىمۇ نېسىپ بوپ قاللا ھە…..
تورخۇماردىكى ماۋۇ يازما ماڭا پەقەت ياقمىدى
GAY لار مەزمون قىلىنغان ئەسەرلەر ئىچىمنى ئىلەشتۇردىدۇ!!! قانداق flamenco مۇزىكىسى بادۇ دەپ كىرسەم كارتوننىڭ مەزمونىنىڭ ناچارلىقغا باقماي مۇزىكىسنىڭمۇ تايىنى يوقكەن
PS:مەزكۇر ئىنكاسىم شەخسكە قارتىلمىغان