ئارقان دېگەننى تاقلاپ ئوت چىقىرىۋېتىدىغان قىزچاق | ئۆزىڭىزنى تېخىچە تانا سەكرەشنى بىلىمەن دەپ قارامسىز؟
ۋېنگىرىيەلىك قىزچاق Adrienn Banhegyi يېقىندا توردىكى بىر كىچىك گۇرۇپپا بىلەن ھەمكارلىشىپ، ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا بىر بۆلەك كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئارقان تاقلاش ماھارەت فىلىمىنى سۈرەتكە ئالغان، فىلىمدىكى ئۇنىڭ ھەرىكىتى راۋان بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئارقان بىلەن مۇكەممەل جىپسىلىشىپ كەتكەن ئىدى…
Banhegyi ئارقان تاقلاشنى 15 يىل مەشىق قىلغان بولۇپ(Oh My God)، بۇ تۈردە ئىككى خىل دۇنيا جېننس رېكورتىمۇ بار ئىكەن، ياۋروپا ۋە دۇنيا چېمپيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ قۇياش سېرك ئۆمىكىنىڭ بىر ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە نيۇيورك شەھىرىدە سەييارە ئويۇن قويغان. 2011-يىلى ئۇ دۆلەت ھالقىغان بىر تېلىۋېزىيە پروگراممىسىدا ماھارەت كۆرسىتىپ، كۆپچىلىكنىڭ كۆزىنى بىر ئېچىپ قويغان.
Jump Rope Girl
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تەنتەربىيە، قالتىس، قىزلار، ماھارەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,930 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 10-كۈنى
- يازما مەنزىلى: adrienn-banhegyi.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 10 يۈرۈش ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن، چوقۇم كۆرۈشكە تىگىشلىك ھۆججەتلىك فىلىم | ۋىروستىن ئالاھىدە تەۋسىيە
- كېيىنكى يازما > سىز iPhone ھەۋەسكارىمۇ ياكى SAMSUNG ھەۋەسكارىمۇ ؟ مەنچە يەنىلا NOKIA نى تاللىغان دۇرۇستەك قىلىدۇ
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
- دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدىكى قىز-ئوغۇللار پائالىيەت قوللانمىسى
- كەلگۈسىدىكى ئويۇن دۇنياسى – دەۋر ھالقىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئويۇنچۇق Virtuix Omni
بۇ ئايالنىڭ تانا سەكرىشىمۇ بىرخىل سەنئەت ئىكەن …
ھە راست « (Oh My God)، بۇ تۈردە ئىككى خىل دۇنيا جېننس رېكورتىمۇ بار ئىكەن » بۇ قانداق جىنىس رىكورتى بولغۇيتى ، ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن .
ئۇ Oh My God دىگىنى ئاۋۇ 15 يىل مەشىق قىلغان دىگەنگە ھەيرانۇ ھەس قېلىپ دىگەن گەپ ئۇ.
Oh My God دەپ جىنىس رىكورتى يوق بىر يەردە.
سىلىمۇ ئىدەم چېلىۋاتامسىلە نىمە؟ بىلمەسكە سېلىپ !
ھە مۇنداقمىتى يا ؟ قارىغاندا مەن جىق ئويلاپ كەتكەن ئوخشايمەن
چەتئەللىكلەر نىمىلا ئىش قىلسا شۇنىڭغا جان-جەھلى بىلەن كىرشىپ تۇرۇپ قىلىدىكەن … بىز شۇنداق روھدىن ئۈگىنىشىمىز كېرەك …
ھەرقانداق ئىشنى تىرىشىپ مەشىق قىلسىلا ۋايىغا يەتكۈزگىلى بولىدىكەن ئاينا. لېكىن بۇنىڭغا چىدامچانلىق كېرەك…
مەن مانداق سەكرىگەننى تۇنجى كۇرۇشۇم
ئالامەت سەكرەيدىكەنغۇ بۇ قىز… مېنىڭمۇ تۇنجى كۆرۈشۈم
بىر سەكرىگەن پىتى سەددىچىن سىپىلىنى ئايلىنىپ چىقامدۇ نىمە
مىنىڭ ئىككىنقى قېتىم كۆرۈشۈم بۇنداق سەكرىگەننى.
Rise Up دەپ بىر ناخشا بار، شۇنى كۆرسەڭلارمۇ شۇ ناخشىنىڭ MV سىدا شۇنداق كۆرۈنۈشلەر بار. ئۇلارمۇ بەك پەيزى سەكرەيدۇ. مەن پات – پات كۆرۈپ قوياتتىم ئاشۇ ناخشىنى.
كۆرۈش ئادرىسى مانا.
http://v.youku.com/v_show/id_XMTYzNjA2MzA4.html
مۇشۇ ئادرىستىن كۆرسەڭلارمۇ ئاۋۇ ئىسمىنى ئىزدەپ كۆرسەڭلارمۇ بولىدۇ.
ماۋۇ ناخشىنىڭ MV سىدىكى باللامۇ ئالامەت پەيزى سەكرەپ قويىدۇ جۇما.
ما ناخشا بولىدىكەن.
باشلىق ئەپەندىممۇ ياقتۇرۇپتۇ مانا .
ئەمدى باشقىلارنىڭ ياقتۇرماسلىققا ھەددى ئەمەس. ( ھۇ ھا ھا ھا ھۇ ھا ھا ھا ھا ) چاقچاق جۇما !
ئىشقىلىپ بىر خىل يىقىملىق جۇمۇ بۇنىڭ ناخشىسىمۇ .
ئەركە تەۋىسسىيە قىلغان فىلىمدىكى قىز دەل ئۈزى شۇكەنغۇ ! ئىككى فىلىمدىكى قىز بىرئادەمكەن ….
مېنىڭ ئۆچكىلىرىمدەكلا سەكرەيدىكەن
مۇشۇ ناخشىنى ئېيتقان – Yves Larock گۇرۇپپىسىنىڭ ناخشىلىرىمۇ خېلى بوپ قۇيىدۇ.
مەسىلەن ماۋۇ ناخشىسى : Listen To The Voice Inside
نىمانداق قالتىس مىنىڭمۇ سەكرىگۈم كىلۋاتىدۇ،خەپ بىر سەكرەپ باقمىسام
ئەمما ئالامەت سەكرەپ قويىدىكەن ما قىز! باشلانغۇچتىكى ۋاقتىمىزدا باللار بايرىمى مەزگىلىدە مۇشۇنداق مۇسسابىقە تۈرى بار ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئارقان دېگەننى خېلى سەكرەپ قويىمەن دەپ يۈرۈپتىكەنمە. مانى كۆرۈپ خېجىل بوپ كەتتىم،
يەنە بىر قول قويغۇنۇم ما قىسقا فىلىمنى سۈرۈتكە ئالغۇچى بولدى، سۈرەتكە ئېلىنىدىغان ئورۇنلارنى، تارتىش بولۇڭلىرى دېگەنلەرنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.
مۇنداقمۇ ئاغامچا تاقلاش ئۇستىلللىرى بارئىكەن.بىز تاقلىغاننى ئاغامچا تاقلاش ئەمەس ،ئاغامچا تۇتۇپ بېقىش دىسە بولغىدەك.
ياق تۇتۇپ ئەمەس سىلاپ بېقىش دىسەك بولىدىكەن ….
مەنمۇ بۇرۇن 300-400نى گەپ يوق ئاتلايتىم،ما قىزنىڭ ئالدىدا سەي بۇلالمايدىكەنمەن.
سەنئەت…ئاددى بىلىندىغان ئىشنى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە سەنئەتكە ئايلاندۇرۇپتۇ.
15يىل مەشىقنىڭ نەتىجىسى ۋاي ۋاي ئەجەپ قالتىسكەن
بەلكىم تېمىغا مۇناسىۋەتسىزدۇ،
سىلەردىن سوراپ باقاي،بىر نەچچە يىل ئىلگىرى غالتەكلىك تاختا ماھىرلىرى دەمدۇ ئىشقىلىپ شۇنداراق ناملىق بىر كىنو قويۇلغان، كىين بۇ كىنونى پەقەتلا تاپالمىدىم.
مەن ئۆزۈممۇ شەخسەن بىر غالتەكلىك تاختا ھەۋەسكارى ( ئەمەلىيەتتە ئىشقىلىپ تەنتەربىيەگە قىزىقىمەن ) بولغاچقىمۇ شۇ كىنونى كۆرگۈم كىلىپ قالدى، بۇرۇنلاردا غالتەكلىك تاختىنى خېلى ئويناپ قوياتتىم، ئەلۋەتتە، نەچچە يىقىلىپ دەھشەت قاتتىق چۈشۈپ كەتكەن ۋاقىتلىرىممۇ بولغان. كىيىنچە ئوقۇش ئۈچۈن ئۆيدىن ئايرىلىپ ئۇزۇن مەزگىل تاشلاپ قويۇپ ئوينىمىدىم، شۇنىڭ بىلەن كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئويناپ باقسام پۇتلىشىدىغان بوپ قاپتىمەن. دىمەك قېرىپ قالغان گەپ . ھا ھا ھا .
مەقسەتكە كەلسەك، ئاشۇ كىنونى بىر كۆرۈپ چىقاي دىگەن. بىلىدىغانلار تېپىشىپ بەرسەڭلار دىمەكچىمەن.
دەششەتكەنغۇ بۇ قىز سەكرەڭ دىسە مۇشۇندامۇ سەكرەمدا قايسىڭلا سەكىريەلەيسىلە
يۇقىرىدىكى مەن تەۋسىيە قىلغان فىلىمگە ئوخشاش يەنە بىر فىلىم :
كۆرۈش ئادرىسى مانا !
http://v.youku.com/v_show/id_XMTUyMTEyMTYw.html?mqq_source=iphoneqq&appinstall=1&x
بۇلارمۇ ئارقان ساكرەيدىغانلار !
يوووووووو ما قىز تاننى ئالامەت سەكلەيدىكەنغۇ راس !
مەن تۇلۇقسىز دا كالتەك توپ ئويناشقا ئۇستا ئىدىم ! بىڭ توپ ئۇرسام ئۇچ ياكى تۆت بالا كۇچ ئۇلاپ تىرەتتى توپنى