10 يۈرۈش ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن، چوقۇم كۆرۈشكە تىگىشلىك ھۆججەتلىك فىلىم | ۋىروستىن ئالاھىدە تەۋسىيە
دىيارىمىز ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىزلەرگە سۇنغان ھۆججەتلىك فىلىملىرىنىڭ سانى ئاز ۋە سۈپىتى تۆۋەنىرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئارىمىزدا كۆپۈنچىمىزگە نىسپەتەن ھۆججەتلىك فىلىم دىگەن بۇ ئۇقۇم سەل غۇۋا. ئەمىلىيەتتە بىر پارچە نادىر ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەپ ئېلان قىلىش، بىز كۆرىۋاتقان ھۆللىۋود كىنولىرىنىڭ روياپقا چىقىشىدىنمۇ قېيىنىراق. چىنلىقنى ئاساس قىلىدىغان بۇ فىلىم ژانىرى دائىم ئوپىراتورلارنى قىيىن قىستاققا ئالىدۇ. تۆۋەندە تورداشلارغا بىر كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك 10 يۈرۈش ھۆججەتلىك فىلىمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
地球 | Earth | 2007
ئەنگىلىيە BBC ۋە گىرمانىيە بىرلىشىپ ئىشلىگەن، يەرشارى ۋە كەڭ تەبىئەتكە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم. تەخمىنەن 3 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ سۈرەتكە ئېلىنغان بۇ فىلىم بىزگە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى ۋە ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى سىرلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىدۇ. گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىلىرىگە تەڭكەش قىلىنغان مۇڭلۇڭ سىمفۇنىيە سىزنى غايىۋى دۇنياغا باشلايدۇ. يىغىپ كەلگەندە بۇ سىزگە دۇنيانى تېخىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ھۆججەتلىك فىلىم.
سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش : HR-HDTV نۇسىخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
海豚湾| The Cove | 2009
Richard O’Barry ئەسلى بىر نەپەر دېلفىن كۆندۈرگۈچى. ئۇ ئىشلەشكە قاتناشقان «دېلفىن ھېكايىسى» ناملىق فىلىممۇ خېلى ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئەمما بىر دېلفىننىڭ ئۆلىمى Richard نىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. شۇندىن باشلاپ ئۇ بارلىقىنى دېلفىن قوغداش ھەركىتىگە ئاتىدى. ئۇ ۋە ئۇنۇڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر ھۆكىمەت ۋە مىڭلىغان خەلىقنىڭ قارىشلىقىغا پىسەنىت قىلماي، ئېچىنىشلىق دېلفىن قەتلىئاملىرىنى سۈرەتكە ئالدى. مانا بۇ فىلىم ئۇنىڭ دۇنيانى قۇتقۇزۇش ۋە بۇ ئۇماق جانىۋارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىلغان ئەڭ ئەھمىيەتلىك ھەركەتلىرىدىندۇر. مىزكۇر فىلىم 2010- يىلى 82- نۆۋەتلىك ئوسكار فېستىۋالىدا ئەڭ نادىر ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. (كەمىنە ۋىروس ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدۇ)
سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش : RMVB نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ | HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
旅行到宇宙边缘 | Journey to the Edge of the Universe| 2008
بۇ فىلىم گەرچە ئەڭ يىڭى ھېسابلانمىسىمۇ ئەمما ھازىرچە ئەڭ ياخشى بولغان ئاستىرنومىيەلىك ھۆججەتلىك فىلىم ھېسابلىنىدۇ. فىلىمدە سىزنى بىزگە ئەڭ يىقىن بولغان ئاي شارىدىن تارتىپ قۇياش سېستىمىسى ۋە سامان يولى سېستىمىسى ھەتتا ئىنسانلار ھازىرغىچە بايقىيالىغان كائىنات چىگىرسىگىچە تولۇق ساياھەتكە باشلاپ بارىدۇ. تەپسىلى ھالدا قۇياش سېستىمىسىدىكى سەككىز چوڭ پىلانىت ۋە ھاۋارايى ئۆزگۈرۈشى. چىنلىققا يىقىنلاشقان 3D ئۈنۈمى…. بۇ لارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى تولۇق كۆرۈپ چىقىشىڭىزغا باھانە بولالايدۇ. قېنى ئاستىرنومىيە ھەۋەسكارلىرى نەزىرىڭلارنى تۆۋەنگە بېرىڭلار.
سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش : 1080P نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
家园 | Home| 2009
مەزكۇر فىلىمنى رىجىسسور 15 يىلدا پۈتۈن دۇنيادىكى 55 دۆلەتتە سۈرەتكە ئالغان. فىلىم بىرىنچى قول ماتىرىيالى جەمئى 488 سائەت. تەخمىنەت تولۇق 21 كۈن. ئومومى 88،000 خادىم ئىشلەتكەن. ياۋروپا دېڭىز ئاستىدىن تاكى ئافىرىقا ئېگىزلىكىگىچە. ئامازون يامغۇرلۇق ئورمىنىدىن سەھرايى كەبىر قۇملۇقىغىچە. ئامېرىكا تېكساس شىتاتىدىن تاكى جۇڭگونىڭ شاڭخەي، شىنجىن قاتارلىق سانائەت شەھەرلىرىگىچە… فىلىمدە باشقا بىر نۇقتىدا تۇرۇپ دۇنيانى كۈزىتەلەيسىز.
سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش : HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
迁徙的鸟 | Le peuple migrateur| 2001
ئاددىغىنە چۈشەندۈرۈشتىن باشقا بۇ فىلىمدە ئارتۇق گەپ سۆز يوق. سىزنى قاناتلىق بۇ جانىۋارلار بىلەن تاغ- دەريادىن ئاشقۇزۇپ، دېڭىز- ئوكىيانلاردا سەيلە قىلدۇرىدۇ. كۆرىۋېتىپ قۇشقا ئايلىنىپ ئۇچقىلىرىڭىزمۇ كېلىپ قېلىشى مۇقەررەر. شۇڭا بۇ ھەقتە مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي.
سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش : HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
海洋 | Océans| 2009
«ئوكىيان» ناملىق بۇ ھۆججەتلىك فىلىم 5 يىلدا سۈرەتكە ئېلىنغان. 50 مىليون ياۋرو چىقىم قىلغان. 12 سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى 70 دانە كېمە بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 50 سۈرەتكە ئېلىش نۇقتىسدا بۇ فىلىمنى تاماملىغان. 100 دىن ئارتۇق سۇ جانلىقى سۈرەتكە ئېلىنغان بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بىرىنچى قول ماتىرىيالى 500 سائەتتىن ئاشىدۇ. چىقىم جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ زور سەرپىيات بىلەن سۈرەتكە ئېلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم ھېسابلىنىدۇ.
سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش : RMVB نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
就是这样 | This Is It| 2009
2009- يىلى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى. بۇ كۈن دۇنيا مۇزىكا ساھەسىدە غايەت يوقۇتۇش ھېسابلىنىدۇ دىسەك ئارتۇق كەتمەس. مايكىل جېكسون (Michael Jackson) ئاتلىق دۇنياغا داڭلىق بۇ مۇزىكا شاھى مانا مۇشۇ كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. ئەسلى 2009- يىلى يازداقويۇلماقچى بولغان خوشلىشىش كونسېرتى «This is it»مۇ ساناقلىق كۈنلەر قالغاندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. لېكىن جېكسۇن بۇ جەرياندىكى بارلىق تەپسىلاتلارنى بىرمۇ بىر خاتىرلەپ ماڭغان. ھەربىر مۇزىكا تاللاش، ئۇسۇل ئىشلەشتىن تارتىپ مەشىق جەريانىدىكى بىر قىسىم شەخسى پاراڭلارغىچە مانا بۇ سىندا ئۇنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرى خاتىرىلەنگەن. مانا مۇشۇ خاتىرە سىندىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن ئۇشبۇ ھۆججەتلىك فىلىم جېكسون ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناھايتى قىممەتلىك بايلىق ھېسابلانسا كېرەك.
سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش : RMVB نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
时间的风景 | TimeScapes| 2012
فىلىم ئاستا كۆرۈنۈش ۋە ۋاقىت بەلگىلەپ سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ سىنغا ئېلىنغان. بىزگە ئامېرىكا جەنۇپ-شىمال قۇرۇقلۇقى ۋە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۇنىدۇ. ئەڭ موھېمى مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمگە 4K (4096×2304 پىسكېل) لىق پەرىق ئېتىش ئۈنىمى بېرىلگەن بولۇپ، مۇشۇ خىل تېخنىكىدا سۈرەتكە ئېلىنغان تۇنجى فىلىم ھېسابلىنىدۇ. (كەمىنە ۋىروس تەۋسىيەسى)
سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش : 720P نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | 1080P نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
微观世界 | Microcosmos: Le peuple de l’herbe| 1996
يۇقۇردا تەبىئەتنىڭ ئەڭ گۈزەل مۆجىزىلىرىنى كۆردۇق، پۈتۈن يەرشارىنىمۇ كۆردۇق، ھەتتا بىز بايقىغانكى كائېناتنىمۇ كۆردۇق. بۇ قېتىم نەزىرىمىزنى بىز كۆرەلمەيدىغان، ياق قىسقىسى ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان مىكرو جانلىقلار دۇنياسىغا ئاغدۇرايلى. فىلىمدىن شۇنى ھېس قىلىسىزكى بىز دائىم كۆرسەك ھۆ قىلغۇمىز كېلىدىغان بۇ جانىۋارلار ئەسلى شۇنچە گۈزەك، ئۇلار ياشاۋاتقان موھېتمۇ خۇددى ئىنسانلار جەمىئەتىدەك شۇنچە مۇكەممەل …
سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش : DVD نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى
圆明园 | 2006
بۇ ھەقتە توختۇلۇشنىڭ زادى ئورنى يوق. يۈەنميىڭ يۈەن باغچىسى ۋە ئۇنىڭ ۋەيران بولۇش تارىخىنى مەكتەبتە جىق ئوقىغان. بۇنىڭغا قىززىقىپ كېتىدىغانلارمۇ كۆپ بولمىسا كېرەك. شۇڭا ئارتۇق توختالمىدىم.
مەزكۇر يازما ناھايتى ئالدىراشلىق ئىچىدە بىرلا قەلەمدە روياپقا چىقتى، ئىملا خاتالىقىنى توغىرا يۇسۇندا كۆرسۈتۈپ قويىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، دۇنيا، سىن، فىلىم، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 20,008 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 10-yvrvsh-hojjetlik-filim.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئاجايىپ سىرلىق چەكسىز ئۇلانما كارىدور | چېكىپ كىرىپ كۆرمىسىڭىز نېمىشلىقىنى ئۇقمايسىز!
- كېيىنكى يازما > ئارقان دېگەننى تاقلاپ ئوت چىقىرىۋېتىدىغان قىزچاق | ئۆزىڭىزنى تېخىچە تانا سەكرەشنى بىلىمەن دەپ قارامسىز؟
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
مېنى 海豚湾 بىلەن时间的风景 قىززىقتۇرۇپ قويدى ، كۆپتىن كۆپ رەھمەت !
15يىللىق ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ تارتقان سۈرەتلەر….راسىت، بۇنىڭغا نۇرغۇن ئىقتىسادى ئاساس بولغاندىن سىرىت كۈچلۈك ئىرادىمۇ سىڭدى ھەقىچان
مەن ئالەم بىلەن جېكسوننىڭكىنىلا كۆرۈپ بېقىپتىمەن. قالغىنىنى ئالدىرماي كۆرەي :)
ۋاي ۋاي ھىچ بولمىغاندا بىرەر كۇن ئوتراپ كۆرگۇدەك نەرسە چىقىپتۇ . ۋىروس يوقتۇ ھە فىلىم ئىچىدە . كۆرەۋاتسام مىنى سۇرەتكە تارتىۋالدىغان
مەن ئاۋۇ ئاستىرنومىيەلىك ھۆججەتلىك فىلىمگە قىزىقىپ قالدىم… شۇنى بىر تولۇق كۆرۈپ چىقسام بولغۇدەك…
مەندىمۇ BBCنىڭ بىر قانچە ھۆججەتلىك فىلىم باتى ، 法拉利,兰博基尼 دىگەندەك چاپقۇر ماشىنىلارنىڭ قانداق ياسىلىپ چىقىلدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان، بۇ ماشىنىلارنىڭ ياسىلىش جەريانىمۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا بىر سەنئەتكەن، ئامرىكىنىڭ ئىراققا ئەۋەتكەن ئاپاچ ماركىلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانى، يىرىتقۇچ ماركىلىق تانكىسىنىڭمۇ ھۆججەتلىك فىلىمى با …
خالىغانچە تور ئادرىسىنى يوللاپ قويسام ئىنكاسىم تىمىغا مۇناسىۋەتسىز قارىلىپ تۇيۇقسىز غايىپ بۇلىنىپ كەتمىسۇن ،قىزىقىدىغان باللا ئېۋۇ قىزىل خەتنى بېسىپ قۇيۇڭلا ، كۆپرەك بولسا چۈشۈرۈش ئادرىسىنى چاپلاپ قۇيامە
بولسا شۇنداق قىلىڭلا، ھېلىقى «ئاپاش» دىگەن كاساپەتنىڭ پۈتۈنلەي قولدا قوراشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالغانتىم؛ ئىۋۇ سىلە دىگەن «گۆشخور تانكا» بىلەن «ئۇچقۇر ماشىنا»لارنىڭ ياسىلىش جەريانىمۇ يۇقارقى ھۆججەتلىك فىلىملاردەكلا قىزىقتۇرۇپ قويدى، ئىۋۇ ئاستىدكى «سازكەن»، «مازكەن»نى ساناپ ژۈمەي ئوغاۋالىدەك بى ئىش قىڭلا ئابومجون!
ftp://l3:l3@vip.66ys.cn:4121/宝马Z4跑车1024×576版(在线高清www.66ys.cc).rmvb
ftp://l3:l3@vip.66ys.cn:4121/法拉利超级跑车1024×576版(在线高清www.66ys.cc).rmvb
法拉利 بىلەن 宝马Z4跑车 نىڭ سۈزۈك نۇسقىسىنى چۈشۈرۈش ئادرىسىنى يوللاپ قويدۇم ، بىر كۈرۈشكە ئەرزىيدۇ
كۆڭلۈم ئەجەپ يېرىم بولدىيا ، ما تۆپىدىكى ئادرىسنى نەچچە سىناپ باقسام توغرىتى ، مىيەگە چاپلىسام ئۇلانمايۋاتىدا ، پەقەت خاپومماڭلا !
ھازىرچە توردىن بىۋاستە كۈرۈش ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قۇياي ، كەچۈرگەيسىزلەر (مەن بۇرۇن چۈشۈرگەن ئادرىسنىڭ ۋاقتى تۇشۇپ كىتىپتۇ )
http://www.ccv5.com/b/30197.html
1 科尔维特跑车
2 兰博基尼跑车LP760-4SV
3 布加迪超级跑车
4 大黄蜂FA—18
5 哈雷摩托
6 梅赛德斯-奔驰
7 劳斯莱斯幻影
8 保时捷911GT3
9 超级直升机
10 法拉利
11 卡特彼勒卡车
12 玛莎拉蒂
13 温尼巴哥露营车
14 奥迪R8
15 C-5运输机
16 M1主战坦克
17 宝马Z4跑车
18 阿帕奇武装直升机
http://www.gaoqing.tv/jrp/ShowSoftDown.asp?UrlID=1&SoftID=5219
ماۋۇ 国家地理 نىڭ بارلىق ھۆججەتلىك فىلىملىرى سىز ئىزدىگەن ھەممە فىلىمنىڭ چۈشۈرۈش ئۇرۇقى بار
家园چۈشمىدى
ئوڭشاپ قويدۇم، ئەمدى چۈرۈشۋالسىڭىز بولىدۇ…
جېكسوننىڭكىنى چۈشۈرۋالايچۇ ئەمىسە .،.
پاھ پاھ پاھ ! بىر-بىرىدىن ئېسىل سىنلاركەن بۇ. گەرچە بەزىلىرىنى تولۇق كۆرمىسەممۇ ئانچە-مۇنچە كۆرۈپ باققانتىم بۇرۇنمۇ. ئەمدى ئوتىراپ تەپسىلىي كۆرمەي بولمىدى .
ۋىروسجانغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن !
مەن ئاشۇ يۈەنمىڭيۈەندىن باشقا ھەممىسىگە قىزىقتىم، ھازىردىن باشلاپ چۈشۈرۈپ كۆرگىلى تۇرسام قانچىلىك ۋاقىتتا كۆرۈپ بولارمەن ھە…
ۋىروسجانغا رەھمەت،
ئىسىل ھۆججەتلىك فىلىملاركەن ،ۋىرىسقارىغا رەھمەت.
يۈەنمىڭيۈندىن باشقىسىنى چۈشۈرۈۋالماقچىدىم ،ئەمما 时间的风景نىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى ئېچىلمايدىكەن.
تور دېسكىسىغا يۆتكەپ قويدۇم، ئەمدى چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.
ماۋۇ دۆلىتىمىزنىڭ ھۆججەتلىك فىلىملىرى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغانمىكىن تاڭ، ئىشقىلىپ ھۆججەتلىك فىلىم دىسە كۆز ئالدىمغا كېلىدىغىنى بىر نەچچە كىنودىن كېسىۋىلىنغان فىلىم ياكى ئاددىي سۈرەتكە ئېلىنغان فىلىم بىلەن فىلىمدىن ئۇزۇن گەپ؛ بىراق، ۋىروسقارى يوللىغان بۇ ھۆججەتلىك فىلىملەرنى كۆرۈپ يۇقارقى قارىشىم 180 گىرادۇس ئۆزگەردى. ئەسلى ياخشى ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم ۋوللىۋوتنىڭ كىنوسىدىن قېلىشمايدىكەن دىسە.
گىتلىرنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم باما؟كىتابخانىدا گىتلىرنىڭ تەرجىمىھالى ئەڭ قىممەتكەن(پۇلۇمغا ئىچىم ئاغرىپ ئالمىغانتىم)
Microcosmos: Le peuple de l’herbe| 1996 بىز دائىم كۆرسەك ھۆ قىلغۇمىز كېلىدىغان بۇ جانىۋارلار ئەسلى شۇنچە گۈزەك،
گۈزەك
ھەقىقەتەن بەك ياخشى فىلىملەر ئىكەن ! دوكتۇر ھارۇن يەھيا نىڭ ھۆججەتلىك فىلىملىرىنىڭ ئادىرىسىنى بىلىدىغانلار بولسا قالدۇرۇپ قويساڭلار بوپتىكەن !