نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

گېرمانىيىلىكلەرنىڭ تۆمۈر يولنى قانداق ياسايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ياتاقدىشىمنىڭ  تونۇشتۇرىشى بىلەن تورخۇمار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈم. تورخۇماردىكى ئېلان قىلىنغان يازمىلار مېنى جەلىپ قىلدى. بولۇپمۇ فانتازىيىلىك فىلىملەر، تۇرمۇش… تېمىسىدىكى يازمىلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە تورخۇماردىكى خېلى كۆپ باللا «جەسەتلەر» گە مۇناسىۋەتلىك فىلىملەرنى كۆرۈشكە ئامراقكەن،(شۇنداقلا سىلەرنىڭ «The Walking Dead» فىلىمى توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭلارغىمۇ دىققەت قىلدىم، بۇ فىلىمنى مەنمۇ ياخشى كۆرىمەن). شۇڭا مېنىڭمۇ تورخۇمارغا ئەزا بولۇپ بىرەر تېما يوللىغۇم كەلدى، شۇڭا بۇ فىلىمنى كۆپچىلىك بىلەن بىللە كۆرسەكمىكىن دېگەن ئىدىم.

railroads

گېرمانىيە تىلغا ئېلىنسا گېرمانىيىنىڭ ماشىنىلىرى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئەينى يىللىرى ئاكا-ئۇكا موسابايلارمۇ كۆن-خۇرۇم ئىشلەش زاۋۇتىنى گېرمانىيىدىن ناھايىتى مۇشەققەت بىلەن يۇرتىمىزغا ئەپكەپتىكەن. تېخى يېقىنقى يىللارغىچە شۇ زاۋۇت ئىشلەۋېتىپتىكەنتۇق( ھازىر چېقىۋېتىلدى). گېرمانىيىلىكلەرنىڭ بىر ئىشقا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى باشقا ئەل خەلقلىرىدىن ھەرگىز تۆۋەن ئەمەس. قالغىنىنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەر… تۆۋەندىكى فىلىمنى كۆرۈپ بىلمىگەنلەر بىلىۋېلاسىلەر.

گېرمانىيەلىكلەر تۆمۈر يولنى مۇنداق ياسايدۇ

توردىشىمىز ehmet نىڭ مەزكۇر يازمىنى تەۋسىيە قىلغىنىغا كۆپ رەھمەت



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. نۇرنىجات 2013.05.09 , 22:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گېرمانلار دېسىلا،گىتلېر ئېسىمگە كېلىدۇ…

  2. مېھمان 2013.05.09 , 23:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جوڭگۇدىچۇ؟

    • بىرتىۋىپ 2013.05.09 , 23:57

      يولداش مازىدۇڭ كىلىشى ئىنىقلا گەپ.جۇڭگۇلۇقلاردىكى تەسىرى ئالامەت ئەمەسمۇ ئۇشەخىسنىڭ……..
      :smile:

    • پرېستان 2013.05.10 , 00:35

      جوڭگودا خەلق ئىشچىلىرى ئارقىلىق ياسايدۇ.

  3. مۇرات 2013.05.09 , 23:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىچىچارە پاۋىل ئەينى يىللىرى شۇنداق جاپادا يۇل ياسىغانتى ماۋۇلانى كۇرەپ پاۋۇلكام ئىسىمگە كەپقالدى ھەي تىخنىكا دىگەن گۇي :mrgreen:

  4. باي ئاكا 2013.05.10 , 00:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گېرمانىيەلىكلەر يىرىم يىلدا قىلغان بۇ غايەت قۇرۇلۇشنى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئاز دىگەندە 5 يىلدا تاماملايدىكەندە !
    :mrgreen:

  5. ئۇيغۇرۇم131 2013.05.10 , 01:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تىلىفوندا ئىچىلغان بولسا فىلىمى، بىر كۆرەپ باقاكەنمەندە ۋاي ئىسىت ……………

  6. مايماق 2013.05.10 , 05:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گېرمانىيەلىكلەرنىڭ 100يىللار بۇرۇن جۇڭگۇدا سالغان قۇرۇلۇشلىرى تاھازىرغچە نورمال ئىشلەپ كىلىۋېتىپتۇ(ئوڭ كۆزۈم بىلەن سول كۆزۈم گۇۋاھ).لىكىن ما خەقلەرنىڭ ‹100يىل قەد كۆتۈرىدۇ›دەپ لوزۇنكىلارنى ئېسىۋالغان قۇرلۇشلىرى قارىسا نەچچە يىلدا قىڭغىيىپ قالغان.ۋىنچۇەندىكى يەر تەۋرەشتىن كىيىن سېلىنغان ‹يەر تەۋرەشكە چىداملىق›مەكتەپ بىناسى ما قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ۋەيرانە بوپكىتىپتۇ(گېزىت خەۋىرى):grin:

  7. Royal 2013.05.10 , 08:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قالتىس ياسايدىكەن جۇمۇ….. تەرەقىيات دىگەن مىنە….ھە،،،

  8. ئابومجان 2013.05.10 , 10:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى !:shy:
    510 بۈگەن مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمتى ، ناشتا قىپ كىرىپلا تورخۇمارغا يۈگۈردۈم ، خۇماداشلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزەي دەپ !
    ئانامىنىڭ مىنى تۇغقان كۈنىگە مۇبارەك بوسۇن ، ئاللاھدىن ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمە ! ھەم خۇماداشلارغىمۇ خۇشاللىق سالامەتلىك تىلەيمە ! :oops:

    • ۋىروس 2013.05.10 , 11:12

      مۇبارەك بولسۇن !!!

    • ۋاپاسىز 2013.05.10 , 12:54

      بىرياش قىرىپسىلە مارەك بولسۇن:mrgreen:

    • ئىسيانكار 2013.05.10 , 20:47

      مارەك بولسۇن :wink:

    • يادىكار 2013.05.10 , 22:37

      توۋا ما ئۇدۇل كىپ قېلىشىنى،بۈگۈن 510 مىنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنۈم . تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن.

    • خۇشال 2013.05.11 , 18:52

      ئابومجان ، يادىكار تۇغۇلغان كۈنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن …..

  9. Mr. President 2013.05.10 , 11:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    tuxumdin chiqqan konigizge marek wosun!
    تۇخۇمدىن چىققان كۈنىڭىزگە مارەك ۋوسۇن!

    • ئابومجان 2013.05.10 , 12:14

      زۇڭتۇڭ ئەپەندىگە ھەم بارلىق خۇماداشلارغا كۆپ رەھمەت

  10. Mr. President 2013.05.10 , 11:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گېرمانىيە دېسە كۆز ئالدىمغا نېمە كېلىدۇ بىلەمسىلە؟ تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلا…

    • Mr. President 2013.05.10 , 11:06

      ما ئىنكاسىم تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدىمۇ، ئۆچۈرۈلۈپ كەتسەڭ كېتەسەۋاي…

    • دىلبىر 2013.05.10 , 11:38

      سېرىق چاچلىق قىزلار،ھى ھى!!! چاقچاق جۇمۇ! ھەر ئېسل ماشىنلار كېلە بەلكىم.

  11. ۋاقتىم 2013.05.10 , 12:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گېرمانىيە دېسە ماڭا ئەڭ ئاۋۋال گىتلېرنىڭ سول بىلىكىگە ئېسىۋالغان ھېلىقى بايراقنىڭ بەلگىسى ئېسىمگە كېلىدۇ…

  12. بېغەم 2013.05.10 , 13:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گېرمانىيە دېسە ئاۋدى ، تۇلپار ، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئىسىل ماشىنىلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ ! ياپۇننىڭ ماشىنىلىرى سىرتقى كۆرۈنۈش ئىچكى لاھىيەلىرى كۆركەم بولغىنى بىلەن گېرمان ماشىنىلىرىدەك چىداملىق ئەمەس ….. ۋولكىسۋاگېننىڭ جۇڭگۇدا ئىشلەنگەن س س دېگەن ماشىنىسىغا كۆيۈپ يۈرۈپ ، سىناپ ھەيدەشكە ئاتايىتەن 1000 كىلومىتىر يول بېسىپ بېرىپ كەلدىم ، ئەمما ھەيدەش ھۇزۇرى ئۆزگىچە :dizzy: شۇنى بىر ھەيدەپلا ھازىرقى كوناپاسون ئاككورت ماشىنامنى قەتتىيلا ھەيدىگۈم كەلمەيدۇ :???:

    • ئۇچقۇن114 2013.05.11 , 09:56

      س س ھەقىقەتەن پەيزى ماشىنا ، ئىشىك لايىھەلىنىشىمۇ ناھايىتى قاملاشقان . لىكىن يېڭى چىققان نۇسخىسىنى سەتلەشتۈرىۋىتىپتۇ بۇ يىل . مەنمۇ ئاشۇ ماشىنىنىڭ ئاق رەڭلىكىدىن بىرنى ئالاي دەيمەن

  13. ئەركە 2013.05.10 , 14:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گېرمانىيە دىسە مىنىڭ كۆز ئالدىمغا گېرمانىيە كىلىدۇ. ( ماۋۇ گەپ ھەرگىزمۇ مۇنداقلا دەپ قويغان گەپ ئەمەس جۇما . چۈنكى تارىختا ھەم ھازىردا گېرمانىيەنىڭ تەسىرى كۈچلۈك. )

  14. ئەلسۆي 2013.05.10 , 14:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھە مانا مەنمۇ كىرىۋالدىم تورخۇمارغا!

  15. يولۋاسباي 2013.05.10 , 17:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پاھ پاھ تىخنىكا دىگەن ھە

  16. قاراخان 2013.05.10 , 18:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇڭا سانائىتى تېز تەرەققىي قىلغان گېرمانلارنىڭ، ئادەمدەك ياشايدۇ بۇلار، ھەم ئۆزنى قەدىرلەشنى ئوندان بىلىدۇ

  17. ئەل ئۇمۇت 2013.05.10 , 20:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئابومجاننىڭ تەۋاللۇت بولغان كۇنىگە مۇبارەك بولسۇن
    گىرمانلار ھەقىقى ئۆزىنى ھەم ئۆزىگىنى قەدىرلەشنى بىلىدىغان مىللەت

  18. سېرژانت 2013.05.10 , 22:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نېمىدىگەن ئىلغار. مۇسابايۇف ئەپەندىم گىرمانىيە تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ پاي چېكى ئىكەنتۇق. يۇرتىمىزغا شۇنداق چوڭ زاۋۇت-ئۈسكۈنىلەرنى ئېكىلەلىشىنقىڭ بىر سەۋەبىمۇ مۇشۇكەن.مۇسابايۇف چوڭ پايچېك بولغاچقا سىرتقا تەمىنلىمىگەن ماشىنىنى ئۇنىڭغا تەمىنلىگەن ئىكەن. ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تېخنىكىسىدىن پەخىرلەنسە بىزمۇ مۇسابايۇفلارنىڭ سەمىمىيىتى ۋە تالانتىدىن پەخىرلىنىمىز.

  19. سېرژانت 2013.05.10 , 22:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىملاغا بەك دىققەت قىلاتتىم. بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىممۇ خاتا يېزىپ ساپتىمەن. تۈزۈتۈپ قويۇلسا، رەھمەت.

  20. ئۇچقۇن114 2013.05.11 , 09:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھازىر جوڭگۇدىكى نۇرغۇن زاۋۇتلارنىڭ ئۈسكۈنىلىرى گىرمانلارنىڭ جوڭگۇدا زاۋۇت جىق دىگەن بىلەن

  21. ھەۋەسكار 2013.05.11 , 11:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تېخنىكا دىگەن مۇشۇلاردا باركەن دە كاساپەت. كۈنىگە نۇرغۇن يەرلەرگە رىلىس ياساپ قىلىپ بولىدىكەن. يەكەندە تۆمۈر يول ياسغاندا قارىسام 1 كىلومىتىېر يەرنى 10 كۈندىمۇ تۈگىتەلمىگەنتى بۇ خەنلەر.

    • نۇرنىجات 2013.05.11 , 22:35

      بىزنىڭ بۇ يەردە ئاتالمىش ‹‹لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولى››مىزنىڭ كۆتۈرمە تۈۋرۈكى سېلىنىپ بولغىلى خېلى بولغان بولمىسا،رېلىسى ياتقۇزۇلماي تۇرىدۇ شۇ توپىلىق جاڭگالدا…:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  22. muzluk 2013.05.11 , 23:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تېخنىكا،ماشىنلاشتۇرۇش دېگەن شۇ؟ئەگەر ماشىنلىشىپ كەتسە خەلق ئىشچىلىرى قانداق جان باقىدۇ؟:?:

    • مەنسۇر 2013.05.12 , 11:59

      قانداق جان باقاتتى، ئەلۋەتتە رېمونتخانا ئېچىپ جان باقىدۇ-دە! (چاقچاق)

  23. تەەەي 2013.05.26 , 08:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەبچە سىزبىڭ خاتا

  24. بىخلان 2013.09.04 , 14:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گىرمانلار ھەقىقەتەنمۇ ئەقىللىق، مەن شۇلارنىڭ تىرىشچانلىق ئىجادجانلىقىغا بەك ھەۋەس قىلىمەن

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量