نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

[ئۇقتۇرۇش تېمىسى] تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ ئىنكاس/باھالار ئۈچۈن مەخسۇس قائىدە تۈزۈلمىسى

ئامالسىز مۇشۇنداق بىر قائىدە چىقىرىپ ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغىنىمىزغا خىجىلمەن. چۈنكى، ئۆزۈمنىڭمۇ ئۆلۈك قائىدە-تۈزۈملەر بىلەن خوشۇم يوق. بىراق يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيانقى كۆپچىلىكنىڭ ئاشكارە ۋە شەخسى ئۇسۇللار ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزگەن پىكرىنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ چىققاندىن كېيىن، مۇشۇنداق بىر قارار چىقىرىلدى. ئىشىنىمەنكى، بۇ قارار كۆپچىلىك ۋە تورخۇمارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى رول ئوينايدۇ.

diwan

ئاۋال شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتسەم، تورخۇمار تورداشلارغا ئازغىنە بولسىمۇ خۇشاللىق بېغىشلاشنى مەقسەت قىلىپ تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا، بىزمۇ يازمىلارنىڭ سۈپىتىگە قاتتىق كاپالەتلىك قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بۇمۇ كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ تورخۇمارنى ياقتۇرىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى. شۇنىڭدەك، ياخشى بىر يازمىغا(مەيلى ئۇ ساۋات بولسۇن، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرلىك بولسۇن) يېزىلغان باھالارمۇ تورداشلار ھەر قېتىم يازمىنى كۆرۈپ بولۇپ قىلىدىغان مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ بىرى.

بىز ئىزچىل تورخۇماردا پەقەت ھەددىدىن ئاشمىغان، تور قائىدە-تۈزۈملىرىگە خىلاپ بولمىغان ھەرقانداق مەزمۇننى چەكلىمەي تولۇق تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ كېلىۋاتىمىز. بىراق، كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ تور يۈزىدە ئاشكارە بولسۇن، ياكى ئى-خەت ئارقىلىق بولسۇن، بىزگە سۇنغان ھەرخىل تەكلىپ-پىكىرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىۋاتقىلى خېلى مەزگىل بولۇپ قالدى. بۇ پىكىرلەرنىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بىز تاپشۇرىۋالغان يۇقارقى پىكىرلەر ئىچىدە، ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغىنى – تورخۇماردىكى پىكىر/باھا/ئىنكاسلار توغرىلىق بولۇپ، بۇ توغرىلىق ئەسلى خېلى بۇرۇنلا ھەرىكەتكە كېلىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، بىراق تورداشلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىگى، كۆپچىلىك ئالدىدا دادىل ئۆز-پىكرىنى تاۋلاپ مېڭىشى ئۈچۈن خەنجەرنى غىلاپتىن چىقارمىدۇق.

تورخۇمار تېخىمۇ سۈپەتلىك بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پىكىر-ئىنكاسلار ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك قائىدە تۈزۈلۈپ بۈگۈندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدۇ.

قاتتىق زەربە بېرىلىدىغان ئىنكاسلار

  1. ئېلان تىپىدىكىلەر: ئىنكاستا قالايمىقان ئۆزىنىڭ تور بېكىتىنىڭ ئادرېسى ياكى باشقا تور ئادرېسىنى چاپلايدىغان، ھەر بىر ئىنكاس يازسا ئېلان پۇرايدىغان ئىنكاسلار. بۇ خىلدىكى ئىنكاسلار بىۋاستە سپەم بەلگىسى قويۇپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
  2. نېرۋا پارالىچ تىپىدىكى ئىنكاسلار: تېمىغا مۇناسىۋەتسىز، تاققا-تۇققا پاراڭلار، ياكى قەستەن كىشىنىڭ زىتىغا تېگىدىغان، گەپ ئوينىتىپ باشقىلارنى قەستەن غىدىقلىماقچى بولغان ئىنكاسلار. بىۋاستە ئۆچۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
  3. سىناق تىپىدىكى ئىنكاسلار: بىر ئۇچۇرنى تەكرار يوللىغان، ياكى «باش سۈرىتىم چىقىپتىمۇ»«ئو….باللا قېنىدۇ؟» دېگەندەك ئىنكاسلار. بىۋاستە ئۆچۈرىلىدۇ.

تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئىنكاسلار

توردا ئىنكاس يېزىش دېگەنلىك، شۇ ۋاقىتتىكى ئۆزىمىزنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغان ئوي-پىكرىنى يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەش دېگەنلىك بولىدۇ. بىز بۇ ئىنكاسىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزگە ۋەكىللىك قىلساق، يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن. ھەتتا، بەزىدە باشقىلارغا بىلىپ-بىلمەي بىرنەرسە بىلدۈرۈپ سېلىشىمىز، ياكى باشقىلارنىڭ ئىنكاسىدىن چاقنىغان ھەقىقەتنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە، كۆپچىلىكنىڭ بۇرۇنقىدەك ئەركىن-ئازادە پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن تورخۇمار ئەڭ زور چەكتە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار.

دىۋان ھەققىدە

مەزكۇر يازمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە كەلدۇق. بەلكىم يازمىنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا دىۋان خىيالىغا كەچكەن، ۋە تىت-تىت بولۇپ باشتىن باشلاپ ئوقۇپ كېلىۋاتقان سابىق دىۋانچىلارنىڭ ئۈنى بەلكىم ئەمدى ئىچىگە چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن.

تورخۇماردا دىۋان تالىشىش قاچان باشلاندى بۇنىسى مېنىڭمۇ تازا ئېسىمدە يوق، ھەم بۇ دىۋان تالىشىش دېگەن ئۇقۇمنىڭ بىزگە قانداق كىرگىنىنىمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن. تورخۇماردا دىۋان تالىشىش ئاللىقاچان تورداشلارغا بىر ئادەت بولۇپ، ئۆزگەرتىش ئىنتايىن تەس بىر ھالەت بولۇپ شەكىللىنىپ قالدى، ئەمما ئەھمىيەتسىز ئىنكاسلار تورخۇمارنى پەقەت ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى خۇش قىلىپ ئۆتىدىغان بىر قىسىم تونۇش تورداشلارلا پائالىيەت قىلىدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى ئېنىق. بىز تورخۇمار قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە ئىزچىل تورداشلارنىڭ پىكىر-ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز، دىۋان تالىشىش ۋە دىۋان توغرىلىق باشقا نەچچە قەۋەتكە سوزۇلغان ئىنكاسلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ھالبۇكى، بۇ خىل ئالاھىدە ئىمتىيازنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئېنىقكى باراۋەرلىككە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىكەن.

شۇ سەۋەپتىن، بۈگۈندىن ئېتىبارەن تورخۇماردا دىۋان تالىشىش ھەققىدە بىر قىسىم يېڭى سىياسەتلەر يولغا قويۇلىدۇ.

  1. تورخۇماردا داۋاملىق دىۋان تالىشىشقا يول قويۇلىدۇ، ئەمما 2-قەۋەتتىن كېيىنكى ئۆي جاھازىلىرى ساتىدىغانلارنىڭ ئىنكاسى بەلكىم سىرلىق ھالدا غايىپ بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. بىز كۆپچىلىكنىڭ ئادىتىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، يەنە باشقا تورداشلارنىڭ مەنپەئەتىنىمۇ قوغدىمىساق بولمايدۇ.
  2. يازمىنى ئوقۇمايلا يازغان «دىۋان» «ئەجىبا بۇ راستىنلا دىۋانمۇ؟»«دىۋان ئوخشىمامدۇ» دېگەندەك ئەھمىيەتسىز ئىنكاسلار ئۆچۈرىلىدۇ.

خوش، زور كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئەسلىدە پۈتۈنلەي چەكلەش تەلەپ قىلىنغان دىۋاننىمۇ قوغداپ قالدۇق. ئەمدى قانداق ئىنكاس يازساق بولار؟

تورخۇمار بۇرۇنقىدەك تورداشلارنىڭ پىكىر-ئەركىنلىگىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە قوغدايدۇ ۋە تورداشلارنىڭ خالىغانچە پىكىر ئالماشتۇرىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر قىسىم نادىر ئىنكاسلارنىڭ تېخى كۆپ تورداشلار تەرىپىدىن قېزىپ چىقىرىلىشى ئۈچۈن، تورخۇماردىكى ئىنكاسلارغىمۇ «ھېلىقىدەك رەسىم» سەھىپىسىدىدەك باھالاش ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ ۋە باھا سانى يۇقىرى بولغان ئىنكاسلار يان ستونغا ئاپتوماتىك تىزىلىدۇ. بۇمۇ ئوقۇرمەنلەرگە يېڭىچە تەسىرات ۋە تېخىمۇ ياخشى بولغان شارائىت ئېلىپ كېلىشى بىلەن بىرگە، بىزمۇ تورداشلارنىڭ بىزنى داۋاملىق نازارەت قىلىپ تۇرۇشى ۋە شۇنداقلا تېخىمۇ نادىر ئىنكاسلارنى كۆپچىلىككە تاشلىشى، ئامال بار ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ۋە دۇنياغا تېخىمۇ تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ۋاقتىم 2013.05.06 , 18:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن قەتئىي قوللايمەن…

    • بېغەم 2013.05.07 , 13:33

      كىلون دىۋان ! ئىشقىپ دىۋان دىۋان ! تورخۇمارنىڭ ئىنكاسلىرى بىر بىرىدىن سەرخىل ،قىزىقارلىق . تورخۇماردا ئىككى يىلدىن بۇيان بۇرۇنقى ھازىرقى بولۇپ تۇلۇق ئوقۇپ بولدۇم تېمىلارنى ، ئادەتتە تېمىنى كۆرۈپ بولۇپ ئىنكاسنىمۇ تولۇق كۆرۈپ چىقىمەن ، تورخۇماردا ساپاسىز ئىنكاسچىلار  10% گە يەتمەيدۇ ئىنكاسلارنى ئوقۇش جەريانىدا ھېس قىلغىنىم .  شۇڭلاشقىمۇ ماڭا ياققانلىقى ئۈچۈن سىزگە تەۋىسسىيە قىلدىم تورخۇمارغا مەنمۇ خۇمار دەپ يۈرۈپ جېق دوسلىرىمغا تەۋىسسىيە قىلدىم . تورخۇمار ئەپەندىمنىڭ ئىنكاس ئۆچۈرگەندە پارتىيىمىزنىڭ لۇشىيەن فاڭجېن سىياسەتلىرىگە مەھكەم ئېسىلىۋالماي جۇڭگۇچە ئۇسلۇپنى بۇزۇپ تاشلاپ بىخەتەرلىك تەھتىدى بولمىسىلا ، كاللا دېسە پاقالچاق دېگەندەك ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈپ ، قالدى ئىنكاسلارنى ساقلاپ قېلىپ دېگەندەك ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپنى ساقلىسىكەن دېگەن ئۈمۈتتىمەن .......  

    • ۋاقتىم 2013.05.07 , 13:40

      مېنىڭمۇ بۇ تورخۇمانىڭ خاسلىقى داۋاملىق ساقلانسىكەن دېگەن ئۈمۈدۈم بار… ئەمما ئاۋۇ قائىدە- تۈزۈملەرنىڭ بىتەرەپلىمىلىك بىلەن چىقىرىلمىغانلىقىغا ھەممىمىز ئىشىنىمىز …

    • بېغەم 2013.05.08 , 11:51

      مۇشۇ بەزى زىيارەتچىلەرنىڭ نېمىشقا دىۋان تالىشىشنى يامان كۆرىدىغىنىنى پەقەتلا چۈشەنمىدىم ، مەنچە بۇ بىر قىزغىنلىق ! بىزگە يارايدىغان نادىر بىر تېمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئاز بولمىغان ئەجىرلەر سىڭدۈرىلىدۇ ، بىر ئىشقا دىققەت قىلدىم ، بىر تېمىنى 3000 قېتىم چىكىلدى ياكى ئوقۇلدى دېسەك ئىنكاسلار 30 نەچچە ئەتراپىدا يېزىلىدۇ ، دېمەك نۇرغۇن ئوقۇرمەن پەقەت ئوقۇش بىلەنلا چەكلىنىدۇ ئىنكاس يازمايدۇ …. مۇشۇ ئىنكاس يېزىش بىلەن قەتئىي خوشام يوق ! نىمىشقا چۈنكى بۇبىر ئاۋارىچىلىق ... دىۋاننىمۇ كۆپ مارىلاپ كەتتىم لىكىن كەلمىگەن تەلەيدە ئانامنىڭ ھەققى بولمىغاچ دائىم كىلون دىۋاندا بولسىمۇ ئولتۇرىۋالىمەن ... ياخشى بىر ئىنكاس يېزىشنىڭ ئۆزى بىزگە زوق بېغىشلىغان تېمىنىڭ يازغۇچىسىغا رەخمىتىمىزنى بىلدۈرگەنلىك ! تېما توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلغىنىمىز تېمىنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇپ بىلىش دائىرىمىزنى كېڭەيتكەنلىك ھەر كاللىدا ھەر خىيال ! دىۋان تالىشىش تېمىغا قىزغىنلىق قوشقانلىق ،  ھۇزۇر ئېلىشنىلا بىلىپ ئىنكاس قالدۇرمايدىغانلار دىۋانچىلارنى تىللاش ئۈچۈن بولسىمۇ ئىنكاس قالدۇرىدۇ .... ئىشقىلىپ ھەممىسى بىر خىل ئۆزگىچە ! تورخۇمارنى قوللايمىز !!! .... 

  2. خەزىنە 2013.05.06 , 18:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تاس قاپتىمەن تېمىنى ئوقۇمايلا «دىۋانمۇ بۇ » دەپ يېزىۋەتكىلى.
    سىياسىتىڭلارنى قوللايمىز. بىر تەكلىپ: بولسا «ھېلىقىدەك رەسىملەر» سەھىپىسىگە تەلەپنى قاتتىقراق قويساق. باشتا ئىسلام ئەخلاقىغا زىت رەسىملەر يوللانمايدۇ دەپ ئەسكەرتكەن بىلەن، كۆپىنچەيلەن يەنىلا دىققەت قىلمايۋاتىدۇ.

    • تورخۇمار 2013.05.08 , 00:17

      بولىدۇ. تورخۇمارغا نىسبەتەن ھەرقانداق تەكلىپ-پىكىر بولسا پىكىر دەپتىرىگە بېرىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.

  3. سەھرالىق 2013.05.06 , 18:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ دىۋان ھەققىدە گەپ بولسا،تورخۇمارنىڭ كونا زىيارەتچىلىرى ئىچىدە كەمىنە سەھرالىقنى تونۇمايدىغانلار ئاز بولسا كېرەك:mrgreen:،ئەمما مەن تورخۇماردىن بىر مەزگىل ئايرىلغاندىن كېيىنلا تور خۇماردا دىۋان تالىشىدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى،بۇ بىر تەرەپتىن ئىيتقاندا بىر ياخشى ئىش بولسىمۇ،يەنە بىر تەرەپتىن ئىيتقاندا بىر قىسىم تورداشلار دىۋان تالىشىشقا ئالدىراپ كېتىپ،ماڭا ئوخشاش يازمىنى ئوقۇماي ئاۋۋال دىۋانغا چىقىپ،ئاندىن يازمىغا نەزىرىنى ئاغدۇرىدىغان بولىۋالدى…
    دەسلىۋىدە مەنمۇ شۇنداق قىلغان،نېمىشقا دىسەڭلار،شۇ ئابرويپەرەسلىك ياكى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن. ئەمما ھازىر ئويلىسام،تورخۇماردا دىۋان تالىشىش ئىشىنىڭ چىقىشىدا مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم ئەڭ ئېغىر دەپ قارايمەن.ئەگەر مەن مۇشۇنداق باشلاپ بەرمىگەن بولسام،ھازىرقى تورخۇماردا مانا مۇشۇ يازما يوللانمىغان،تورداشلارمۇ مېغىزلىق پاراڭلىرىنى تورخۇمارلارغا سۇنۇشقان بولاتتى…نەھايەت! ئەمدى ۋاقتى ئۆتكەن بولسىمۇ،مۇشۇ تېمىغا ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئىنكاس يېزىۋاتىمەن. مۇمكىن بولسا بۇرندىن كېيىن تورداشلارنىڭ ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ يازمىلارنى ئوقۇمايلا تۆرگە يۈگۈرمەي،ئاۋۋال يازمىنى ئوقۇپ ئاندىن پىكىر كەپتىرىنى پەرۋاز قىلدۇرۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن. بولمىسا تورخۇمارنى زىيارەت قىلغۇچى ئەركەكلەرنىڭ تۆر تالىشىدىغان خوتۇنلاردىن نېمە پەرقى قالسۇن؟

    • Mr. President 2013.05.06 , 18:48

      يولداش سەھرالىق ئۇيغۇر بلوگ دىۋانىچىلىقىنىڭ بەرباچىسى، ئىلمىي ئاساسچىسى شۇنداقلا ئاھانگارت باشلامچىسى، سەھرالىققا ئالىي ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن!

    • بىرتىۋىپ 2013.05.06 , 21:05

      پىرىستان ئەپەندىم ئاھانگارت ئەمەس ئاۋانگارت . ئىملاغا دىققەت قىلايلى:lol:

    • بېغەم 2013.05.07 , 13:12

      بىرتىۋىپ ئەپەندىم ئىملاغا دىققەت قىلىڭ ! قارىسام ئېۋۇ ئېدىشنىڭ ئىسمى پىرىزدىنت ئىكەنغۇ ؟! سىلە پىرىستان دەپتىڭلا ئىچىۋاتقان سۈيۈمنى كونۇپكا تاختامغا پۈركۈپ سالدىم ، ئاللاغا شۈكرى مۇنۇ كۇنۇپكا تاختام كىرئالغۇدا يۇيسا بولىدىغان نۇسقىسى ئىدىلەر بولمىسا مۇنۇ ئىنكاسنى يازاممايتىم دە ....:mrgreen::mrgreen::grin:

    • Mr. President 2013.05.10 , 11:09

      بىر تىۋىپ قاراجىم، مەن پرېستان ئەمەس

  4. Mr. President 2013.05.06 , 18:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قاتتىق زەربە بېرىدىغان ئۈچ خىل ئىنكاسلارنى قوللايمەن، ئەمما… دىۋان ھەققىدىكى قانۇن-ياساقلار تورخۇماردىكىلەرنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سېپىش، مۇستەبىت دېكتاتورا، ئۆكتەملىكدىن باشقا نەرسە ئەمەس، دىۋانىچىلىقمۇ ئەمەلىيەتتە تورخۇمارغا ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كېلىۋاتقان، تورخۇمارنى ئاۋات قىلىۋاتقان ئامېللارنىڭ بېرى، تورخۇماردىكىلەرنىڭ قىزغىنلىقىمۇ ھەم مۇشۇ دىۋانىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا دىۋانىلەرنى ئەركىن قويۇپ بېرىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمەن! دىۋانىچىلەرنىڭ مەن بىلەن بىرگە نامايىشقا چىقىشىنى تەلەپ قىلىمەن، دىۋانىلەر بىردەك مەن بىلەن شۇئار توۋلاڭلار: Freedom!…

    • ئابومجان 2013.05.07 , 01:36

      زۇڭتۇڭ ئەپەندىمنىڭ بەزەن پىكىرلىرىنى قوللايمەن ، دىۋانچىلارنى پۈتۈنلەي باسۇرۋىتىشكە بولمايدۇ ، لىكىن تەدبىركار بەك ئۇرۇنلۇق گەپتىن بىرنى قىپتۇ :بىرىنجى قەۋەت سىزنىڭ بولسا ، دىۋان دەپ يازغىڭىز بولسا يېزىڭ ، لىكىن ئىككىنجى قەۋەتتىن باشلاپ بولدى قىلىڭ .
      مىنىڭچە بۇ يەنىلا دىۋانچى باللارنىڭ قىزغىنلىقىنى ھۆرمەت قىلغىنى ،ھەممە تەرەپنى ئويلاپ يېزىلغان قائىدە بوپتۇ ، چۇقۇم قوللاش كېرەك !

    • ئۇيغۇربەگ 2013.05.07 , 18:23

      مەن توۋلىشىپ بېرەي: دىۋانچىلارغا ئەركىنلىك!

    • تورخۇمار 2013.05.08 , 00:18

      ئابومجان دېمەكچى بولغىنىمنى چۈشىنىپتۇ

    • بىرتىۋىپ 2013.05.13 , 21:01

      بىخەستەلىكىمنى كەچۈرۈڭ. مەن مۇنداقلا قاراپ ئۇسلۇپچى پىرىستان دەپتىمەن، ئەمما ھەرگىز بىھۆرمەتلىك قىلىش مەخسىتىم يوق،ئىنكاسنى يىزىپ بولۇپ بايقىغان ئىدىم. لىكىن تۈزۈتۈشكە ئۇرۇنماپتىمەن.كەچۈرۈڭ…

  5. سەھرالىق 2013.05.06 , 18:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان تالىشىشنىڭمۇ يولى بار ئەلۋەتتە،قۇرۇق پاراڭ قىلىپ باشقىلارنىڭ ئورنىنى تارتىۋالغاندىن، تېتىملىق ئىككى ئىغىز پاراڭ سالساق،ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك بولمامدۇ؟ يەنە كېلىپ قانۇندا تورخۇمارغا ئىنكاس يازمىساڭ جەرىمانە ئېلىنىدۇ ياكى دىۋان تالاشمىساڭ جەرىمانە … دەيدىغان بەلگىلىمە بولمىغاندىكىن دەيمىنا:oops:

  6. دىۋان 2013.05.06 , 18:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئارمىنىم يوق ، خېلى ئولتاغان ئۇ يەردە ! :mrgreen:
    ئەستايىدىل گەپ قىلسام بۇ ھەقىقەتەن قوللاشقا تىگىشلىك پىكىر بولۇپتۇ ، راس گەپ قىلسام مەنمۇ تۇلا دىۋاننىڭ غەلۋىسىنى قىلىپ بەزىدە ئۆزۈممۇ سەل خىجىل بۇلۇپ قالغان ، مانا ئەمدى دىۋاننىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قائىدە نىزامى چىقىپتۇ ، قوللايمىز !
    مېغىزلىق ئىنكاس يېزىشقا تىرىشايلى !

  7. Forever 2013.05.06 , 19:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راست گەپنى قىلغاندا بۇنداق دىۋان جىدىلىدىن مەن خېلى بۇرۇنلا زىرىككەن ئىدىم، بەلكىم مەنلا ئەمەس نۇرغۇن تورداشلار شۇنداق بولسا كېرەك ….
    ئاددىيسى مېنىڭمۇ بىر نەچچە دوستلىرىم ماڭا « توخۇمار ھەقىقەتەن يازمىلىرى سەرخىل نوچى بلوگ ، لېكىن تولا دىۋان-پەگا دەپ قالايمىقان ئىنكاس يازىدىكەن » دەپ بەرگەن يەرلىرىمۇ بار .

  8. Royal 2013.05.06 , 20:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن مۇ قوش قوللاپ قولايمەن ،ئەجىبا مەن بىر قېتىم دىۋانغا چىقالمىساممۇ ،تىرىشىمەن ۋە ئىشىنىمەن…! تورغۇمار زور نەتىجىلەرگە ئېرەشسۇن….!:wink::wink:

  9. بىرتىۋىپ 2013.05.06 , 21:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان مەسىلىسى بىر قىسىم تورداشلارنىڭ زەھەر چىكىش كىسىلىدەك خۇمار بولغان كىسىلى،تورخۇمارغا خۇمار بوڭلغانلار ئالدى بىلەن مۇشۇ دىۋاندىن باشلىنىدۇ،خۇددى كىم 1. بولسا ھەقىقى جۇڭگۇلۇق بولغاندەك…قوللايمەن.

  10. ئويغان 2013.05.06 , 21:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن جايىدا بۇپتۇ.

  11. خارۇخ 2013.05.06 , 21:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاھ …. دېۋان :mrgreen::mrgreen::grin: لېكىن دوسلا دېۋاندەك ئېسىل نەرسە يوق:shy:

  12. تەلبا 2013.05.06 , 21:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوبببببببببببببببببببببببببببببببدان گەپ بوپتۇ مانا!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
    دىۋان تالىشايلى ،دىۋان ئالغانلار ،ۋە ئالالمىغانلار ، قۇرۇق گەپ ساتماي ، تىمىغا ئىنكاس يازايلى .
    سازكەن[99]

  13. ئەركە 2013.05.06 , 21:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر تەكلىپىم، مۇشۇ يان تەرەپتىكى WellBox دىگەن ئېلاننى بىر ئۆزگەرتىۋەتكەن بولساڭلار. چوڭلار ياكى بالىلار بار يەردە تور خۇمارنى ئاچالمايدىغان بولۇپ قالدىم.
    ئاشۇ ئېلاندىكى رەسىم ئاستىغا سىيرىسىمۇ، ئۈستىگە سىيرىسىمۇ بىللە يۆتكىلىپ ، كۆرۈنۈپلا تۇرۇپ ئىچىمنى بەكلا سىقىۋەتتى.
    بۇ ئىنكاسىم، يازمىغا مۇناسىۋەتسىز دەپ قارىمىدىم.
    لېكىن، كىيىنكى ئىنكاسىمدا يازمىغا خاس ئىنكاس يېزىشنى كۆڭلۈمدە پۈكۈپ قويدۇم، شەخسەن ئويلىغانلىرىم بار ئەلۋەتتە. :oops:

    • تورخۇمار 2013.05.08 , 00:18

      ئېلان چەكلىۋېتىلدى. تورخۇمارغا نىسبەتەن ھەرقانداق تەكلىپ-پىكىر بولسا پىكىر دەپتىرىگە بېرىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.

  14. ياۋاغاز 2013.05.06 , 22:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ تېمىنى ئوبدان يېزىپسىز، دېمىسىمۇ بىر ئادەم شۇنداق ئوبدان تېمىدىن بىرنى يازسا بىرىنچى بولۇپ چۈشكەن ئىنكاس دىۋان تالىشىشكەن، تور خۇمارغا قاچاندىن بېرى ئامراق بولدۇم ، ئىزچىل دىۋان تالىشىش بار، قېرىنداشلار مۇشۇ دىۋان تالىىشىدىغان ئىشنى بىر تۈگەتكەن بولساق دېگەن ئۈمىدتىمەن، ھە راست تېلېفون نۇسخىسىنى يولغا قۇيۇپ بەك ئوبدان قىلىپسىلەر، تورخۇمارنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

  15. ساراڭ 2013.05.06 , 22:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان دېۋان دېگەن قانداق نېمە ئۇ ؟:oops:

  16. ئىلتەبىر 2013.05.06 , 22:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئىشىڭلار بەك ياخشى بوپتۇ. بۇمۇ بىر تەرەققىياتقا ، ،يېڭىلىققا يول ئاچقانلىق.

  17. ئۇقۇغۇچى 2013.05.06 , 23:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئامدان گەپلەركەن

  18. تەنخا 2013.05.06 , 23:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خاتالاشمىسام مەنمۇ تورخۇمارنىڭ ئۇچ يىللىق ئوقۇر مىنى :razz:مەنمۇ خىلى بولدى يازمىلارنى كۆرۇپ ئىنكاسلارغا قار مايلا بولدى قىلىمەن :shock:سەۋەپ تورخۇمار يۇقۇردا دىگەندەك يازمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلار كۆپۇيۇپ كەتكەنلىگىدىن:dizzy:
    بۇندىن كىيىن تاتلىق ئىنكاسلارنى قالدۇرۇشقا تىرشىمىز:wink::mrgreen:

  19. دىلبىر 2013.05.06 , 23:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ كۆڭلۇمدىكى گەپنى قىلسام مۇشۇ دىۋان تالاشقانلاردىن شۇنداق بىزارتىم،ئىنكاسنى ئۇقىمايلا چىكىتەتىم،ئاخىرى ياخشى قانۇن چىقىرىپسىلەر.

  20. سەھرالىق 2013.05.06 , 23:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇمۇ ياخشى بوپتۇ كەچكىچە دىۋان دىۋان دىگەن گەپلەرنىلا كۆردىكەن ئادەم لىكىن سەھرالىقتىن يەنە بىرسى باركەن ئەمدى بىلدىم

    • سەھرالىق 2013.05.07 , 12:24

      مەن تورخۇمارغا ئۈگەنگەندە سىز تېخى تورخۇمارنى بىلمەيتىڭىز:mrgreen:

  21. فارۇخ 2013.05.07 , 00:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنى كېڭەش پالاتتادىن ئۆتكۈزۈپ زوڭتۇڭنىڭ بۇيرۇقىنى ئېلىپ ئاندىن يولغان قويغان سىزلەر؟؟:mrgreen:

  22. قايماق 2013.05.07 , 00:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋانغا چىقايدەپ چىقالماي ئىچىگە ئوت كەتكەنلەرمۇ خىلى باكەن ھە :shock:

  23. ئابدۇرېشىت ئېلى 2013.05.07 , 00:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارلار پارتىيەسىنىڭ قائىدە – نىزاملىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىمنى جاكارلايمەن.
    تور خۇمار بالىلىق بىلەن خوشلىشىپ ياشلىق دالاسىغا قەدەم باسقىلىۋېتىپتۇ، مۇبارەك بولسۇن!

  24. ئىلىچىن 2013.05.07 , 00:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توغرا، مەنمۇ خېلى پىكرىم بار ئىدى بۇ دىۋانچىلارغا، ياخشى بىر تىمىنىڭ مەزمۇنىنى تەھلىل قىلىش ئۇياقتا قېلىپ دىۋان تالىشىپ كەتكەن… بۇ تۇزۇم ياخشى بوپتۇ، ھەممە ئىش يولىدا بولغان ياخشى

  25. ئابومجان 2013.05.07 , 01:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك ئەتراپلىق يېزىلغان تۈزۈم بوپتۇ ، مەنمۇ ھەپتە بوغان ئۇشۇمنى تاپقىلى ، ئامال بار ئەھمىيەتلىكراق ئىنكاس يېزىشقا تىرىشىۋاتقانتىم
    دىۋانغا قارشى بىژ بالا سەل دىيىشىپ قالغان ۋاقىتتا يا بى دىۋان تالاشماسلىق توغرىسىدا قائىدە تۈزۈم يوق دەپ ۋايساپ قويغۇنۇم ئىسىمدە ، دىگەندەك تورخۇمار ياشلىقىغا قەدەم قۇيۇپتۇ ، تورخۇماردا ئۇقۇمۇشلۇق ئىسىل باللار خېلى باركەن ، بولسا داۋاملىق نادىر ئىنكاسلىرىڭلىنى ئايىمىغايسىلەر
    يېڭىچە روھ ، يېڭىچە كەيپىيات بىلەن ئوينايمىز ئەمدى ! خەير خوش دىۋانەك

  26. مايماق 2013.05.07 , 06:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنچە بەزى تۈزۈملەر بەك چىڭىپ كەتكەندەك.1،دىۋان تالىشىش تورخۇمارنىڭ بىر خاسلىقى،مىنڭچە بۇنى 5 قەۋەت ئىچىدە چەكلىسەك،بولمىسا تورخۇمارنىڭ مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدىن پەرقى قالمايدۇ.2،تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنىڭ بىرقىسمى دىۋان تالىشىتىن كىلىپ چىققان،بۇنى 1دىكىدەك ھەل قىلساق.خۇمارداشلارنىڭ بىر-بىرىگە قىلىشقان چاقچاقلىرى تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنىڭ يەنە بىرقىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.تورخۇمارنىڭ ۋاستىچىلىقىدا تۇنۇشقان بۇرادەرلەرنىڭ بىرەر-ئىككى ئېغىز چاقچىقىنىمۇ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز،دەپ داتلىغان كىشى باشقا تورغا كىرسە بۇلىدۇ.3،تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس =ئەخلەت ئىنكاس؟بىر قىسمى شۇنداق،لېكىن ھەممىسىلا شۇنداق دەپ چەكلەنسە تورخۇمارنىڭ خاسلىقى يوقىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلاردىنمۇ مۇئەييەن بىلىملەرگە ئېرىشكىلى بۇلىدىغۇ؟! 4،تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسلارنى يېپىۋالامدىكەن؟تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاس يازماقچى بولغانلار يېزىۋەرسە بۇلىدىغۇ،يېزىۋەرسە ئىنكاسنىڭ توچكىسى يۆتكىلىدۇغۇ تېخى. ئەلۋەتتە ،ھەركىمنىڭ كۆز قارىشى ئوخشىمايدۇ، تورخۇمارنى ياقتۇرۇپ قېلىشىمنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى ئاشۇ يۇلى كەلسە ئىككى ئېغىز چاقچاق قىلىپ ‹تېمىغا مۇناسىۋەتسىز›ئىنكاسلارنىڭ تېتىملىقلىقى.شۇنچىلىك ئىشنىمۇ قۇبۇل قىلالمىغان كىشى بەلكىم پىسخىك تەرەققىياتى تۇلۇق تەرەققىي قىلمىغان كىشى ياكى قاتمال ئىدىيىگە ئىگە ۋەياكى كۈزىگە سىغمىغاننى جاھانغىمۇ سىغدۇرمايدىغان دۆلەت مەمۇرى بولسا كىرەك. 5،تورخۇمار بىر ئازادە بلوگ،لىكىن ئازادىلىك بىرقىسىم يولداشلارنىڭ كۈزىگە سىغمىغان بولسا كىرەك،زادى موما يەپ تەربىيلەنگەنلەردىن بولسا كىرەك 6. باشقا توربەتلەر قېلىن كۆزەينەك تاقىغان ،ساۋاقداشلارنى .ئۇخلىتىپ قۇيىدىغان ماتىماتىكا مۇئەللىمىگە ئوخشايدۇ،تورخۇمار بولساساۋاقداشلارنى باشلاپ دالىدا قۇرت-قوڭغۇز،ئوت-چۆپلارنى تۇنۇتىۋاتقان،كىپىنەكلەردىن ئەۋرىشكە ياساشنى ئۆگىتىۋاتقان تەبىئەت دەرسى مۇئەللىمىگە ئوخشايدۇ،لىكىن بىرقىسىم كىشىلەرگە بۇ خىل دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى ياقمىغانمۇ ،ئوقۇتقۇچىنى بالىلارنى سىنىپقا سۇلاپ ،قۇلىغا تاياق ئېلىپ دەرس ئۈتۈشنى تەلەپ قىلغىلى تۇرۇپتۇ.
    يۇقارقىلار شەخسىي قارىشىم،قوللايدىغانلار قوللاڭلار،قوللىمايدىغان قوللىماڭلار.تورخۇمار پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،ئىسىمىزدە بولسۇنكى،خاسلىقنىڭ يوقلۇقى ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلالماسلىقىدىكى بىر چوڭ سەۋەپ،

    • بەختىم 2013.05.07 , 11:41

      مەن دىمەكچى بولغاننىڭ ھەممىنى سىز دەۋىتىپسىز..
      ‹سازكەن› دىن بىرسى كەتتى..

  27. ئارسلان 107 2013.05.07 , 09:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭچە ئەگەر مۇمكىن بولسا 1- ئىنكاسقا خەق دىۋان دەپ يازمىسىمۇ ، دىۋان دەپ نام قۇيۇپ قۇيساق ، كىشىلەر تىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاس يازسىمۇ ، دىۋان دەپ كۆرىنىپ تۇرسا ، بۇندا بولغاندا دىۋانداشلار 1- ئىنكاسقا دىۋان دەپ ئېغىز ئۇپرىتىپ يۈرمەيتى . 2-،3- ئىنكاسلارغا پەگا دەمدۇق ئىشقىلىپ نام قويۇپ قويساق ، شۇنداق بولغاندا دىۋان پەگا قالماسمىكى دەپ ئەنسىرەش يوق ، تىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسلار نى خاتىرجەم يازاتتۇق (مۇنداقلا پىكىر جۇما !):mrgreen:

    • ۋارس 2013.05.07 , 11:50

      ماۋۇ ئىنكاسنىڭ جېنى بار. مەن كىردىغان بىر نەچچە بلوگنىڭ شۇنداق ئىقتىدارىنى كۆرگەن. 1.2.3دىۋان پەگا بوسۇغا بولۇپ ئاپتوماتىك قىزىل يورىسا بۇنداق دىۋان دەپ ئاتاشمۇ تۈگەيتتى.

  28. بەختىيار 2013.05.07 , 10:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم؟قىرىنداشلار مەن بىركارتون تەۋسىيە قىلايدىگەن قانداق تەۋسىيە قىلىمەن؟:shy:

    • ۋىروس 2013.05.07 , 12:19

      مەتبۇئات بېتىدىن تەۋسىيە قىلسىڭىز بولىدۇ
      ئادىرىس : contribute

    • ھاجى 2013.05.08 , 00:10

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۈستى تىزىملىكنىڭ سول تەرىپىدە ھېلىقىدەك رەسىملەرنىڭ قېشىدا تېما يوللاش دەپ بار. شۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويسىڭىز باشقۇرغىچىلار كۆرىدىغۇ دەيمەن. ئىلخەتتە يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  29. سەردارى 2013.05.07 , 10:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆپىنچە باللانىڭ مۇشۇ تورخۇمارغا ئامراق بولۇپ قىلىشىمىزدىكى سەۋەپ ئاشۇ دىۋان قىزغىنلىقىدىن بولسا كىرەك. دىۋاندا .ئولتۇرىمىز دەپ تورخۇمارنى ئەتتىگەندىن كەچكىچە ماراپلا يۈرەتكەنمىزتۇق. ئەمدى بۇمۇ يوق بوپتۇ ئەمدى ئۆز ئىشىمىزنى قىلساقمۇ بولغۇدەك دىۋان تالاشمىغاندىكىن ۋاقتىمىز چىقسا كىرىپ يىڭى تىمىلارنى كۆرۈپ ئىنكاس يازساق يىزىپ بولمىسا باھالاپ قويا چىكەتسەكلا بولىدىكەن. بۇرۇنكىدەك قاچان يىڭى تىما يوللىنا دىۋاندا ئولتۇرۋالامەن دەپ تورخۇمارنى بىقىپلا يۈرمەيدىكەنمىز.

  30. ئابومجان 2013.05.07 , 11:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي سەردارى توغرا دەيسىلا ۋا ئەدوش ، كۆيگەن يامانمۇ كۆنگەنمۇ دەپتىكەن ، كۆنۈپ قالغانتۇق ھەممەيلەن ، ئەمما ئۇمۇمنىڭ نوقتىسىدىن ئېيتساق بۇ قائىدە تۈزۈم خېلى ئەتراپلىق يېزىلىپتۇ
    ئەمدى شۇ باللا بىلەن دەقىقە تالىشىپ يۈرۈپ ئولتۇراتتۇقتە دىۋانوفتا ، دىۋاننى يوق قىلمايمىزغۇ دەپتۇ ، لىكىن دىۋاندىن كۆڭلۈم خېلى سوۋۇدى ، ئۇچراپ قالسىمۇ ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتەرمەن
    لىكىن تىمىغا مۇناسىۋەتسىز دەپلا ئىنكاسلارنى ئۆچۈرگىلى تۇرسا تازا قاملاشمايدۇ ، بەزى كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكىراق يازمىلارغا قانداق ئىنكاس يازىمىز ؟ رەسىم ، مۇزىكا دىگەندەكلەرگە… ئاشۇنداق يازمىلاردىمۇ بولسا ئىنكاسقا ئۇنداق يۇقىرى تەلەپ قويمىسىمۇ بۇلىدۇ، ئىشقىلىپ ئىنكاس ئۈچۈرگەندە ئامال بار خۇماداشلارنىڭمۇ كۆڭلىنى ئويلاپ قۇيارسىلەر

    • سەردارى 2013.05.07 , 11:48

      بۇمۇ بولغىنى ئىشقىلىپ ئەمدى تورخۇماردا ھەپتىدە بىرە قىتىم كىرسەك تىما بولسا ئوقۇپ قويساق بولىدىغان بوپتۇ .

  31. خۇشال 2013.05.07 , 12:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما ئىش بوپتۇ ، ئەمدى تايىنى يوق ئىنكاس يازسساق باشقىلا مازكەن دەپ باھا بەرسە :mrgreen::mrgreen:
    مباشقىلانىڭ شۇنداق باھالىشىدىن قورقۇپ بولسىمۇ ئەھمىيىتى بار ئىنكاسلارنى قالدۇرغۇدەك .

  32. بەختىيار 2013.05.07 , 14:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋىروس ئەپەندى كۆپتىن كۆپ رەھمەت!!!! :grin:

  33. موللاخۇن 2013.05.07 , 14:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يائاللا نىمگەپ بوپكەتتى بۇ ، ئەمدى جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىم ،پارتىيەنىڭ لۇشىيەنلىرى ، سۆزچەكلىمىسى،3كە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيىسى تورخۇمارغا سىڭىپ كىرىشكە باشلاپتىمۇ نىمە؟ دىۋان تالاشساڭ بولمايدۇ، جىق گەپ قىلساڭ بولمايدۇ، ئارتۇق گەپ قىلساڭ بولمايدۇ،تىمىغا مۇناسىۋاتسىز گەپ قىلساڭ بولمايدۇ،مەدەنىي گەپ قىلمىساڭ بولمايدۇ،………نىمىلا قىلسا بولمايدىغان ھازىرقى جەميەتكىلا ئوخشاپ قاپتۇ، مەن مايماق بىلەن 100% ئوخشاش پىكىردە، خىاسلىقنى كەملىكى ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ئەڭ كەمچىل ئەڭ تەرەپلىرىدىن بىرى ،تورخۇمارنىڭ خىسلىقى يۇقرىس بولغاچقا بەك ياختۇراتتىم . ئەمدى بۇنىڭدىن ئايرىلدىغان ئوخشايمىز. تورخۇمار بىلەن خوشلاشساق بولغۇدەك ، ،ھەممىمزگە ئايان تورخۇمارغا چىققانلارنىڭ 90%تى ئاساسان تورخۇماردىلى قىزقارلىق ۋە يېڭى خىەۋەرلەرنى كۆرگىلى ئۇچۇقىنى .ئېيتقاندا كۆڭۈل ئاچقىلى تورخۇمارلار بىلەن پىكىرلىشىپ چاقچاقلاشقىلى كىرىدۇ، بۇمۇ ، ۋاي بولدىلا بۇ تىمىنى ئەستايىدىل ئۇقۇپ چىقىپ كۆڭلۈم شۇنداق يىرىم بولدى، مىنىڭچە مۇشۇ يۈلنۈش بۇيىچە ماڭسا تورخۇمار كەينىچە مىڭىپ ئاخىرى كەش بازىرىدا قالىدۇ، تەدرىبكار بىلەن ۋىرىۇسنىڭ خاسلىقنى ۋە ئەسلى ئۇسلۇپنى ساقلاپ قالغان ئاساستا تەدبىر كۈرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، تورخۇمار ھەم سىلەرنىڭ ھەم بىز تورخۇمارلارنىڭ ……

    • سەھرالىق 2013.05.07 , 15:15

      بەلكىم يېقىن كەلگۈسىدە يېڭىچە دىۋان تالىشىش ئۇسۇلى تورخۇماردا بازار تېپىشى ۋە كەمىنە باشلىق دىۋانخۇمارلار يېڭى جەڭگە باشچىلاپ كىرىپ كېتىشىمىز تەبئىي:mrgreen: ھازىر ۋىرۇس ئۆزى يېڭىدىن تەتقىق قىلىۋاتقان«ۋىرۇسى دىۋان»ناملىق تالقىنى بىلەن پاتنىتقا ماڭدى.تەدبىركار بېشىنى قاشلاپ ئولتۇرىدۇ مۇشۇ تاپتا:oops:.قېنى قاراپ باقمايمىزمۇ؟
      يەنە دىۋان تالاشتىڭ،-دەپ ئېتىۋىتەمتى بىزنى؟ شۇغىنىسى دىۋان تالاشقاندا قۇرۇق پاراڭ سالمىساقلا بولدى.باشقىلار يەنە بىزگە ھەۋەس قىلىپ ئولتۇرىۋىرىدۇ خالاس:razz:

    • ئابومجان 2013.05.07 , 15:47

      سازدىن بىسسى كەتتى.
      سىياسەت يېڭىچە چىققىنىدا ھەمىشە ئاشۇنداق سۈرلۈك بۇلىدۇ ، بىر مەزگىل ئۆتسۇن ، دىگەندەك يېڭىچە دىۋان تالىشش ئۇسۇل ئوتتۇرىغا چىقىرامىز:mrgreen:
      مۇنبەرلەردە ھە دىسىلا ئۇرۇش تالاش ، ئوق دۇرا پۇراپلا تۇراتتى ، كىرسەممۇ ئالدىراپ ئىنكاس يازمايدىغان ، لىكىن تورخۇماردىكى ما ئازادە يەڭگىل كەيپىياتنى ياقتۇراتتىم ، دىۋان تالاشماڭلار ، مېغىزلىق ئىنكاس يېزىڭلار دەپ قاينايدىغانلارنىڭ گىپى ئۇرۇنلۇق بولسىمۇ ، ئەدەمنىڭ كۆڭلىنى بىر خىل قىپ قۇيىدىكەن .بۇنىڭغىمۇ بۇلاپتا ، كۆنەپ قالامىز يانا

  34. رىشتە 2013.05.07 , 17:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆزگىچىلىكى بىلەن ھەرخىل يڭىلىقلارنى ئاپىرىدە قىلىپ كېتىۋاتىدۇ تورخۇمارلار تورى. ھەركۈنى يېڭىلىقلار ئۈزۈلمىگەي، تورداشلارنىڭ قىزغىن ئىنكاسلىرى، يۇمۇر-چاقچاقلىرى، ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان يېقىشلىق، تېتىملىق پاراڭلىرىمۇ تورخۇمارلار تىمىلىرىدىن ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!

    بىر تەكلىپىم باتتى، ئىلگىرىمۇ ئىنكاسلىرىمدا بىر نەچچە قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن، باشقۇرغۇچىلارنىڭ نەزىرىگە چۈشمىدىمۇ بىلمىدىم، ھېىچ بىر ئەكىس سادا كەلمىگەنتى. بۇ يەدە يەنە بىر قېتىم دەۋالغۇم كەلدى

    تەكلىپ:

    ئىنكاس يېزىپ بولۇپ مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە ئىنكاسىنى قايتا تەھرىرلەش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولسا، قانداق دېدىم تورداشلار؟

    • ئابومجان 2013.05.07 , 17:58

      ۋاي ۋاي ۋاي ناۋاتتەك گەپ بولدى ماۋۇ ، ئالدىراشچىلىقتا بەزى ئىملا دىگەندەكلەرنى خاتا يېزىپ قالساق كالپۇكنى چىشلاپ ئولتاماقتىن باشقى ئامال يوقكەن ، يوللانغان ئىنكاسلارنىمۇ تەھرىرلىگى بولغان بولسا ، ئويلىشىپ بېقىڭلا

    • تورخۇمار 2013.05.08 , 00:22

      سىز ئالدىنقى قېتىم پىكىر بەرگەن چاغدىلا خاتىرىلەپ قويغان. ھازىر ئىنكاس رايونى ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، پات يېقىندا يېڭىچە ئىنكاس يېزىش رامكىسىنى كۆرىسىز، تەكلىۋىڭىزگە كۆپ رەھمەت. تورخۇمارغا نىسبەتەن ھەرقانداق تەكلىپ-پىكىر بولسا پىكىر دەپتىرىگە بېرىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.

  35. بىلىم خۇمار 2013.05.07 , 19:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارغا كۆپ ئىنكاس يېزىپ كەتمىگىنىم بىلەن، تورخۇمارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن ھۇزۇرلىناتتىم. قاپاقلىرىم تۈرۈلۈپ سەپرا بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرىمدا تورخۇماردىكى ئىنكاسلار ماڭا دورا ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىن سەپرا مىجەزلەرگە تورخۇماردىن تېخىمۇ كۆپ دورىلارنىڭ تېپىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

  36. namsiz 2013.05.07 , 21:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ ئەسەرلىرىنى مەنمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن، ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ شۇ ئەسەرلەرگە بولغان ئازدۇر-كۆپتۈر كۆز-قاراشلىرىنىمۇ كۆرەتتىم. ئەمما دىۋان پاراڭلىرى بارغانسىرى ئاينىپ كېتىپ، كۆپچىلىكنىڭ باھا ئىنكاسلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن بەت يۈزىنى بىراقلا ئەڭ ئاستىغا تارتىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. ئۇغۇ ئەمدى كۆپچىلىكنىڭ ئەركىنلىكى، ئەمما بەزىدە پۈتۈنلەي دېگۈدەك دىۋان پارىڭى قاپلاپ كېتىدىكەن.
    قايسى بىر خەنچە مۇنازىرە مۇنبىرىمۇ مۇشۇنداق «سافا، بەندىڭ» دىگەن قۇرۇق گەپلەر بىلەن تولۇپ كېتىپ، ئاخىرى يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ ۋاقىت تەرتىپىنى تەتۈر ئورۇنلاشتۇرغاندەك يەنى ئاستىدىن ئۈستىگە قاراپ تىزىلىدىغان قىلغاندەك ئىش ئېسىمدە بار.

  37. تورخۇمار 2013.05.08 , 00:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يازمىدا دىۋان چەكلەندى دېگەن گەپ يوق. يۇقارقى قائىدىلەر تورخۇمارنىڭ بۇرۇنقى ئاۋاتلىقى ۋە تورداشلارنىڭ پىكىر-ئەركىنلىكىگە نىسبەتەن ھېچقانداق چەكلەش ئېلىپ بارمايدۇ. بىز پەقەت تېخىمۇ سۈپەتلىك بولغان ئىنكاسلار ئارقىلىق تورداشلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى تېخىمۇ بېيىتساق دېگەن مەقسەتتە، بىر قىسىم ئىنكاسلارنى تەستىقلاشتا بۇرۇنقىدەك ئۆلچەمنى سەل چىڭايتايلى دېيىشتۇق، تورداشلارنىڭ باشقىچە ئويلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    • سەھرالىق 2013.05.08 , 00:24

      مەنچە مۇشۇ تورخۇمارنىڭ يازغۇچىلىرى پەقەت دىۋان تالاشمايدۇ،يا ئۇلار دىۋان تالىشالمايدۇ ياكى قولى چولاق:mrgreen:(ماندا دىسەم يانا خاتا چۈشىنىۋىلىشمىسىلا) سىلەر يازمىنى يېزىپلا قويىسىلەر،خۇددى ئىشەك تەخىيىگە ئىگە بولمىغاندەك… ئاندىن ئابيوماخۇن كېلىپ ھەممىنى مالىماتاڭ قىلىدۇ. دىۋان تالىشىش جېڭىنىڭ كەسكىنلىكىدىن يازمىغا يېقىن كەلگىلى بولماس بوپ كېتىدۇكى ئاي-ھاي… پالتا-پىچاق،نەيزە-قېلىچلار جاراڭ-جۇرۇڭ… قىلىپ سوقۇشىدىغان بولسا…
      يېڭى يازما بولمىغان بولسا دىۋانمۇ تالاشمايتۇق.:mrgreen:
      ھەقىچان تەدبىركار ھەزىرەتلىرى مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىمنى تۈنۈگۈنلا چۈشىنىپ بولدى:razz:

    • تورخۇمار 2013.05.08 , 00:26

      تېخنىكا خاراكتېرلىك، زۆرۈر تېپىلغان تېمىلاردا بىز كۆپچىلىكنىڭ ئىنكاسىغا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتىمىز. ئۇندىن باشقا تېمىلاردا ئاساسەن كۆز-قاراشلىرىمىزنى يازمىدا قالدۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. پىكرىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن ۋە تورداشلارنىڭ داۋاملىق بىزنىمۇ نازارەت قىلىپ تۇرۇشىنى قارشى ئالىمەن.

  38. ئوتيۈرەك 2013.05.08 , 01:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇتېمىنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم دىمىسىمۇ مېنىڭ مۇشۇ ئىنكاسچىلارغا پىكىرىم بار ئىدى، چۈنكى مەن تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا ئەڭ ئاۋال قارايدىغىنىم ئىنكاس ، ئەگەر ئىنكاستا ئۆزگىچە مېنى قىزىقتۇرالايدىغان گەپ – سۆزلەر بولسا ئاندىن تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىمەن ، سىز ئۈستىدە دەپ ئۆتكەندەك تېتىقسىز ئىنكاسلار تېمىنىڭ ئوقۇلۇش نىسبىتىنى چۈشۈرۋېتىشى مۇمكىن ، يەنە شۇنىڭدەك مۇشۇ دېۋاندا ئوتتۇرىۋالغانلار ئۆزىنى پادىشاھنىڭ ئورۇندۇقىغا چىقىۋالغاندەك ھىس قىلامدىكىن تاڭ ، بىرىنجى ئىنكاسقىلا دىۋان ، دىۋانكەنغۇ ، دىۋان ماڭا قاپتۇدە ، دىگەندەك ئىنكاس قالدۇرۇپ تېما سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن ، شۇڭا بولسا ھەممىمىز مۇشۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولساق دەپ قارايمەن …..:smile:

  39. قايماق 2013.05.08 , 01:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئادەتتە تورغا چىقسام بىرىنجى بولۇپ تورخۇمارنى ئاچاتتىم يادىمغا يەتكەندە ياندىكى ئېلانلارنى دەسسەپ چەيلەپ چىكىتەتتىم لىكىن ئەمدى نىمىدەپ ئنكاس يىزىشىمنى بىلەلمىدىم :sad:

  40. سەھرالىق 2013.05.08 , 13:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    زادى تورخۇماردا تېما قىززىمدۇ ئىنكاسمۇ؟:mrgreen:

    • مايماق 2013.05.08 , 17:50

      دىۋاندا ئولتۇرغانلارغا ئىچىمىز قىززىيدۇ:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

    • ئابومجان 2013.05.10 , 23:30

      ۋوي سەھرالىق ئاداش ، ئەجەپ چاپسىلە مىنى ما تىمىدا ، ھازىر خېلى تۈزەتتىمغۇ ، بۇرۇنقىدەك ئۇندا دىۋان دەپ غەۋغا قىلمايمەن ، مېغىزلىق ئىنكاس يېزىشقا تىرىشىۋاتىمەن ، ئىنكاسىمنى كۆرسەڭلا پىنگىۋىنغا قېتىۋېلىڭلا مىنى ، سىلى بىلەن تۇنۇشۇپ قاغۇم با 30769175 تورخۇماردا سىلىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئىسىل باللارنى كۆرگۈم ، دوست بۇلۇشقا ئەرزىگۈدەك

  41. Mr. President 2013.05.10 , 11:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇنداق قىلىپ سوتسىيالىزىمچە تۈزۈم بىلەن دىۋانچىلىق دەۋرىگە خاتىمە بەردۇقما؟

    • سەھرالىق 2013.05.10 , 16:23

      ئۇنداق ئاسان ئىش يوق.ھازىر ئابيومجان بۇ ھەقتە دوكتۇر ئاشتىلىق دېسىرتاتسىيىسىننى ياقىلاۋاتىدۇ(سەندەك):mrgreen:

  42. قازانچى 2013.05.12 , 12:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان تالاشماي تىما قىززامدۇ ؟ بۇرۇنكىدەك قاچان يىڭى تىما چىقاكىن دەپ ساقلايتوق. «ئۇھ » شۇنداق قىلىپ سوتسىيالىزىمچە تۈزۈم بىلەن دىۋانچىلىق دەۋرىگە خاتىمە بەردۇقما؟

  43. روھچىن 2013.05.12 , 15:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەزىلىرىڭلار قەيداپمۇ ئۈلگۈرۈپسىلەر ئەجەبا تەدبىركار باشقا ئادەم سىلە باشقا ئادەممۇ ؟ سىلەرگە قايسى ئۇسۇلدا ياخشىراق مۇلازىمەت قىلىشنى بىلەلمەي قىلغان ئىشمىدۇ؟ نىمىشقا مەقسەتنى چۈشۈنۈشمەيمىز؟ تۇرخۇمارنىڭ تۇنجى تىمىسىغا شاھىت ئىدۇق، ھازىرغا كەلگىچە قويماي كۆرەپ كىلىۋاتىمىز. شۇنەرسە ئايدىڭكى، تورخۇمارنىڭ تىمىللىرى ساز بولغانلىقتىن دىۋانچىلارپەيدا بولغان، ھەرگىزمۇ دىۋانچىلارنىڭ موللىقىدىن سازتىما مەيدانغا كەلمىگەن. چىرايلىق داستىخان سېلىپ ئالدىڭىزغا بىرلىگەن پولو قويسا پولوغا كەينىڭىزنى قىلىپ ئولتۇرۇپ تۆرگە چىققان، چىقمىغاننىڭ جىدىلىنى قىلسىڭىز بەلەن بولامدىكەن. بەزى تىمىلارغاقارپ تىما يوللىغۇچىغا ئىچىم ئاغرىپ قالىدۇن ئاران تەييارلىغان تىمىسىغا بىرە ئېغىز تەسىرات ئاڭلىيالمىسا قانداقمۇ ھاردۇقى چىقار؟ ھەممە نەرسىنىڭ نۇرمال بولغىنى ياخشى تەدبىركار قايتا-قايتا چۈشەندۈرۈپتۇ دىۋاننى چەكلىمىدۇق. نۇرمال بولسۇن دىدۇق دەپ. تورخۇمارنى يوق يەردىن قۇرۇپ بۈگۈنكىدەك ھالغا كەلتۈرگەن تەدبىركار سىلەرگە قانداق ئۇسۇلدا ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى بىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئىشىنەيلى. مەنمۇ دىۋانچىلارنىڭ بىكار پارىڭىدىن زىركىپ ئىنكاس يېزىشتىن يالتىيىپ قالغانلارنىڭ بىرىن.

  44. پەرۋاز 2013.05.12 , 23:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان چەكلەنمىدى باللا ، شۇ تېما بىر يەردە قېلىپ ھەممىسى دىۋان جىدىلىگە چۈشۈپ قالىدىكەن ، قايسى بىر ئاداش دىۋان جىدىلىگە 5 ئۇرۇن قويساق دەپتۇ ئۇنداق بولسا قىسقىسى مەن زېرىكىمە ، زېرىكىدىغانلامۇ خىلە چىقىدۇ مېنىڭچە ، دىۋان ئالغان ئادەم ئۆزىنىڭ دىۋان ئالغىنىنى بىر جاكارلىۋېتىپ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاس يازسا ئا پەگادىكىلەرمۇ دىۋان جىدىلى قىسا مەيلى ئەمما جىدىلىنى قىلىپ بولۇ شۇ جىدىلىنىڭ ئاخىرىغا تېمىغا بولغان كۆزقارىشىنى يازسا تېمىغا قارىتا ئىنكاسى بولمىسا قۇرۇق دىۋان جىدىلىنى قىممىسىكەن دەيمەن.

  45. مايماق 2013.05.13 , 01:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ‹دىۋان تالاشقانلاردىن زىرىكىپ ئىنكاس يازماس بولدۇم›دىگەن نىمە گەپ ئەمدى؟مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلار بىلەن قالماي تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېتىملىق ئىنكاسلارنى يازساق ئىنكاسلارنىڭ مەركىزى نوقتىسى مۇناسىۋەتسىز پاراڭلاردىن يۆتكىلىدىغۇ.ئىسىل ئىنكاسلارنى كۆرسە دىۋانچىلارمۇ دىۋاننىڭ پارىڭىدىن تېمىنىڭ پارىڭىغا چۈشىدۇ (ئەسكەرتىش :مەن دىۋانچى ئەمەس،پەقەت تورخۇمارغا خۇمار بولغانلىقىمدىنلا ئۇنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلەلسىكەن،دىگەن ئۈمىدتە بۇ ئىنكاسلارنى يېزىۋاتىمەن):mrgreen:

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量