ئۇچۇر تورى ئايفۇن ئەپ دىتالى ئېلان قىلىندى | ئەمدى يانفۇندىلا ئۇچۇر يوللىيالايسىز/ ئۇچۇر كۆرەلەيسىز
ئۇلىنىش شىركىتى(ulinix.cn) قارمىقىدىكى نۇر تورىنىڭ ئەپ دىتالى تارقىتىلىپ ناھايتى ياخشى بولغان ئۈنۈم ياراتتى ۋە ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئىپادىلەپ بەردى. يېقىندا ھەممىمىزنىڭ كۈندۈلۈك ئېھتىياجىمىزدا ناھايتى ياخشى رول ئويناۋاتقان ئۇچۇر تورىنىڭ ئەپ دېتالىمۇ رەسمى تارقىتىلغان بولۇپ ۋاقتىنچە ئايفون نۇسخىسى بار. ئاندروئىد نۇسخىسىمۇ جىددى ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ يىقىن كەلگۈسىدە بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى.
ئۇچۇر تورى ئۇلىنىش تور-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى ئۆي-مۈلۈك، خىزمەت، نىمكەش ماشىنا، نىمكەش بۇيۇملار، تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى، ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار قاتارلىق خەلىققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلارنى تەمىن ئېتىدىغان تور بېكەت.
ئۇچۇر تورىنىڭ كۈندىلىك يېڭىلىنىدىغان ئۇچۇرلار سانى 3000 دىن ئاشىدۇ، چوڭ شەھەرلەردىكى نىمكەش ئۆيلەرنىڭ %60 تى ئۇچۇر تورى ئارقىلىق سودىلىشىدۇ. يىلدا 20 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئورۇنلىرى ئۇچۇر تورى ئارقىلىق ئادەم تولۇقلايدۇ.
شىركىتىمىز ئۇچۇر تورىنى خەلىققە، تورداشلارغا تېخىمۇ يېقىن قىلىش ئۈچۈن ئايفون ئەپ دېتالىنى ئىشلەپ چىقتى (ئاندىرويىد ئەپ دېتالى 7-ئايلاردا چىقىشى مۇمكىن)، تورداشلار بۇ ئەپ دېتال ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاش، ئۇچۇر يېڭىلاش، ئۇچۇر ئۆچۈرۈش، خۇرجۇنغا ساقلاش، ئۇچۇر ئىزدەش، مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار، دوستلار چەمبىرىكى قاتارلىقلارغا ھەمبەھىرلەش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايدۇ.
ئۇچۇر تورىغا يوللانغان ھەرقانداق ئۇچۇر بۇ ئەپ دېتالغا تەڭ ۋاقىتتا چىقىدۇ. بۇ ئەپ دېتالدا يوللانغان ئۇچۇرمۇ كومپىيوتېردىكى ئۇچۇر تورىغا تەڭ ۋاقىتتا چىقىدۇ. تورداشلارنىڭ بۇ ئەپنى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىنى ئەتراپىدىكىلەرگە تەشۋىق قىلىپ قويىشىنى، ياخشى باھا-تەكلىپلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇچۇر تورى ئەپ دىتالىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى:
- ئۇچۇرلارنى تۈر بويىچە، رايۇن بويىچە، ئايرىم-ئايرىم كۆرەلەيسىز
- ئۇچۇر تورىغا يانفۇندىلا ئۇچۇر يوللىيالايسىز
- بۇرۇنقى ئەزالىق نۇمۇرى ياكى QQ نۇمۇرى ئارقىلىق كىرەلەيسىز
- ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئۇچۇرلارنى دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلىيەلەيسز
- ئېھتىياجلىق ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئىزدەش ئارقىلىق تېزلىكتە تاپالايسىز
- ئۇچۇرلارغا سۆز قالدۇرالايسىز ياكى يازغۇچىغا بىۋاستە تېلىفۇن ئۇرالايسىز
چۈشۈرۈش مەنزىلى :
[iOSprm url=”https://itunes.apple.com/cn/app/uqur/id642104686?mt=8″ price=”ھەقسىز” appname=”ئۇچۇر تورى” os=”iOS 5.0 دىن يۇقىرى”]
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: iOS، iPad، iPhone، ئەپ، ئۇچۇر، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 19,178 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: uqur-tori-app-detali.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ماتېماتىكا ئۈگۈنۈش ئۇنچە زېرىكىشلىك ئەمەس | قارلۇقتىن بالىلارغا يەنە بىر يىڭى سوۋغات – ھېسابىم
- كېيىنكى يازما > پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلەنگەن iOS 7 Beta نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
ھەقىقەتەن بەلەن ئىش بوپتۇ . مۇشۇنداق ئەپلەرنىڭ دائىم چىقىپ تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . بولسا مۇشۇ ئەپلەر ۋىندوسفون نۇسقىسىدا ئىشلەپ تارقىتىلسا ، ھازىر قارىسام ۋىندوسفون سېستىمىلىق يانفۇن ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەسكەن .
يۇقىرقى يولداشنىڭ پىكرىگە قوشۇلمەن ، بىز ۋىندوۋس چىلارنىمۇ ئاز تولا ئويلىشىپ قويغان بولسا ياخشى بولاتتى…..
يانفوندا ئۆز ئارا ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدىغان قىلىپ قويغان بولسا ياخشى بولاتتىكەن…
ھەققەتەن ياخشىى ئىشكەن ئەمدى ،ئايفوندىن ياخىشى پايدىلىندىغان بولدۇقدە!
بۇ راسلا ياخشى ئىش بوپتۇ .ئۇيغۇرلۇرىمىز ئرىسىدا مۇشۇنداق يىڭىلىقلار تىخىمۇ كۆپلەپ چىقىشىنى تىخىمۇ تەرەققى قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
ئۇچۇر تور بىكەتلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن قايسىسىغا كىرىشنىمۇ بەك بىلمىگەنتىم ، ھەم بەزى ئۇچۇرلارغا ئىشىنىپمۇ كەتمەيتىم ، بىر يازدا ئۈرۈمچىدە بىر ئايچە تۇرۇپ قېلىپ ئىجارە ئۆي ئىزدەپ جۇلۇقۇم چىكەتكەن ، ئاخىرى دوستۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۇشبۇ ئۇچۇر تورىنى ماتىلاپ يۈرۈپ كونسۇل كۇچىسى تەرەپتىن شۇنداق ئەزانلا بىر ئۆينى تېپىۋالغان ، تېلفۇن قىلسام كىلىپ ئۆينى كۈرۈڭ دىدى ، كۈرۈپلا ياراپ قېلىپ ئاخشىمىلا كۈچۈپ كىرىۋالغان . ما ۋاستىچى ، ۋاكالەتچى دەيدىغانلاردىن يىراق تۇرسا بۇلتىكەن جۇما .
ئابومجان راس دەڭدۇ جۇمۇ ، نەگىلا قارىسا ۋاستىچى ئۇچۇر ئىقىپ يۇرۇيدىكەن
ما ئىنكاسنىمۇ تىمىغا قوشۇپ قويساق بوپتىكەن…
نىمە ئاۋۇ خەتنى خاتا بىسىپ ساغىنىمغىما ئەمدى …..
(ئاندىرويىد ئەپ دېتالى 7-ئايلاردا چىقىشى مۇمكىن) ئۇنداق بولسا مەندەك ئاندىرويىدچىلارنىڭ يەنە ئازراق ساقلىشىغا توغرا كەلگۈدەك…
ماڭا يارايدىغان بىر قانچە ئەنجۈرنىڭ ئۇيغۇرچە نادىر ئەپلىرىنى تەۋسىيە قىلاي: ئىز تورنىڭ ئەپ دىتالى(ئۇنۋىرسال ، مۇنبەر) ، گۈدۈك مىكرو بىلوگى ، يەل تاپاننىڭ ئەپ دىتالى (مۇنبەر جەمگاھى ، ۋاقتىنچە پاراڭلىشىشنى قوللىمايدۇ)، نۇر تورى (خەۋەر) ، باۋۇدۇن ( مانى بەك ئىسىل ئىشلەپتىكەن ، ئەپسۇس تۇلا خاتالىق چىقىۋالدى ) ، كۈيچى ) ناخشا قويغۇچ، ئەمما لىكىن ئۇيغۇرچە ناخشىنىمۇ ئىزدەپ چۈشۈرەلەيدۇ جۇما ) ، ئېلىپبە ( قارلۇقنىڭ راس بىڭسىسى باركەن ، ئانا تىلنى ئۆزلىكىندىن ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن بىرىنجى تەۋسىيە )
ئىشلىتىپ بىر قەدەر ياخشىكەن دەپ ھېس قىلغانلىرىم ، سىلەمۇ بىر ئىككىنى دەڭلا قېنى ، ئىشلىتىپ باقىنى
ۋوي ۋوي، ماۋۇ ئىز تورىنىڭ دىتالى ئالامەتكەن جۇمۇ راس، مەن بۇرۇن كۆمەپتىكەنمەن، دەششەت ياساپ قويۇپتۇ بۇنى، ئىشلەتمىگەنلە ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقساڭلا بوغىدەك
بەك بەلەن ئىش بوپتۇ. قوللايمىز
ياخشى چىققان ئەپ ئىكەن، ئىشلىتىپ رازى بولدۇم.
سىلەر بەك كىيىن قاپسىلەر . مەن ئېلان قىلغان كۈنىلا چۈشۈرىۋالغان. ( ئاخسا تۇرغان چىراي )
يەنە مۇشۇنداق ىەپلەرنىڭ چىقىشىنى ۋە سۈپۈتىنى تېخىمۇ يۇقرى كۆتۈرشىگە تىلەكداشمەن ، مەن يەلتاپاننى ىەپ ماگىزىنىدىن پەقەت تاپالمىدىم ياردەم قىلساڭلار
ئۇيغۇرچە قۇشۇمچە ئىشلىتىغان لاتىنچىنى ياخشى ئۆگەنمىگەن ئوخشايدۇ.قاچانغىچە پنيىندىن قۇتۇلماي يۈرۈيمىزكىن -تاڭ! ئۇچۇر تورى دەپ ئۇقۇيلى «ئۇقۇر تورى» ئەمەسكەن.
بەك ياخشى چىقىپتۇ… كۆرۈنمە يۈزىمۇ بەك سىپتا ئىكەن..
مۇبارەك بولسۇن..بىزدەك ئاندىرويىدچى لارنىڭ سېستىمىسىنىڭمۇ بالدۇراق چىقىشىنى 4+4=()كۆزىمىز بىلەن كۈتىمىز ئەمىسە…