ماتېماتىكا ئۈگۈنۈش ئۇنچە زېرىكىشلىك ئەمەس | قارلۇقتىن بالىلارغا يەنە بىر يىڭى سوۋغات – ھېسابىم
ۋاھ! ئوماق بالىلار، سىلەرگە قارلۇق شىركىتىدىن يەنە يېڭى سوۋغات كەلدى. ھېسابىم بىلەن تۆت ئەمەلنى تاللاپ ئىشلىيەلەيسىلەر، بېرىلگەن ۋاقىتتا تېز ھېسابلاپ ئېغىزچە ھېسابلاشقا ئۇستا بولۇپ كېتىسلەر، ئېرىشكەن نۇمۇرىڭلارنى دەرىجىگە تىزىپ دوستۇڭلار بىلەن بەسلىشەلەيسىلەر! يەنە تېخى كارتون ئوبرازى نەتىجەڭلارنىڭ توغرا-خاتالىقىنى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن دەپ بېرىدۇ. قېنى ئەمىسە ھوزۇرلىنىڭلار!
ئالاھىدىلىكى :
- تۆت ئەمەلنى تاللاپ ئۆگىنەلەيسىز .
- ۋاقىتقا ئاساسەن نومۇرغا ئېرىشەلەيسىز .
- ئېرىشكەن نەتىجىڭىزنى دەرىجىگە تىزالايسىز .
- ئوماق كارتون ئوبرازى بىلەن بىرگە ئۆگىنەلەيسىز .
چۈشۈرۈش ئادىرىسى :
ئالما ئەپ دۇككىنىدىن چۈشۈرۈڭ [2.9$] | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى | قىممەت كۆرمەي سېتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 27-كۈنى
- يازما مەنزىلى: hesabim-qarluq-app.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 美图秀秀 نى تاشلاڭ ئەمدى، PhotoShop مۇ يانفۇنغا كۆچتى | كۆچمە نۇسخىدىكى PhotoShop Touch
- كېيىنكى يازما > ئۇچۇر تورى ئايفۇن ئەپ دىتالى ئېلان قىلىندى | ئەمدى يانفۇندىلا ئۇچۇر يوللىيالايسىز/ ئۇچۇر كۆرەلەيسىز
دىۋان
خوش
ۋاي… ئېسىلغۇ… ياخشى ئىشلار بولۇۋاتىدۇ جۇمۇ…
ئالما تىلفۇنى يۇمتالى ئاندىروئىد نۇسخىسىسى يۇقمۇ
ئوماق ئىنى-سىڭىللىرىمىزغا ئىسىل سوۋغات بوپتۇ بۇ
ئاندىروئىد نۇسخىسىسى يۇقما
شۇنى دەيمەن………
ئەتىگەندىن بىرى 20قىتىمدىن ئارتۇق ئىچىپ باقسام يىڭى تىما يوق، تاماق يەپ كىرىپ بولىغىچە پەگامۇ قالماپتۇ مانا
ئاندىروئىدنىڭ يوقمىدۇ، ؟
قارلۇقنىڭ ئىشلىگەن ئەپلىرى ھەقىقەتەن بولىدۇ جۇمۇ، دىيارىمىز قارلۇقتەك مىللىي كارخانىلارنىڭ تىخىمۇ كۆپىيپ مۇشۇ جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلىسا بولاتتى.
نىمىشقا قارلۇقنى داۋاملىق ئالمىنىڭ ئەپلىرىنى باشتا چىقىرىدىغاندۇ دەپ ئويلايتىم ، كىيىن ئاڭلىسام قارلۇقنىڭ بىۋاستە ئامرىكىدىكى ئالما شىركىتى بىلەن بەزى بىر سودا ھەمكارلىقى باكەن ، قارلۇقنى ئالمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىنبىر تەتقىقات مەركىزى دەمدۇ ئىشقىلىپ … گۇگىل بىلەن ئالما رەقىبلەردىن تۇرسا ، قارلۇق ئاندىروئىد ئەپلىرىنىمۇ تەڭ ئىشلەپ كەتسە سەت تۇرا … ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ بىر مەزگىلدىن كىيىن ئىشلەيدۇ
ئۇنداقتا قارلۇقنىڭ بەزى ئاندىروئىد ئەپلىرى بارغۇ ..
ئاپىرىن قارلۇقتىكىلەرگە ئەگەر مىڭبىر كىچە دىگەن كارتونى مۇۋاپىقىيەتلىك چىقسىلا خەلىق ئارادا نۇرغۇن ئىناۋەت تېپىپ كىتىدۇ (ئاللاھ ئاسان قىلسۇن ئىشلىرنى )
قارلۇقنىڭ يۇمشاق دىتاللىرنى ياخشى كۆرىمەن.قارلۇقتىن يەنە بىر ئەپ دۇنياغا كەپتۇ-ھە!
ئاندىرويىد نۇسخىسىمۇ چىقىسا بۇلاتتى.