يىل ئاخىرىدىكى گىگانت ئەسەر، «ھۆكۈمران ئۈزۈك» نىڭ قىسسىلىرىدىن بىرى بولغان «خوببىتلار» فىلىمىنىڭ تەشۋىق فىلىمى!
بىر دەۋىر ھەممىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشىپ كەلگەن گىگانىت ئەسەر «ھۆكۈمران ئۈزۈك» بەلكىم يادىڭلاردىن كۆتۈرۈلمىگەن بولسا كېرەك. قەددى قامەتلىك باتۇر پادىشاھ ئاراگون، ئۆزى ئۇماق ھەم ساددا فىرودو بايۋەتچە ۋە ئۇنىڭ دوستى سام، كىلىشكەن مەرگەن يىگىت لىگولاس ۋە ئۇنىڭ ھېلىقى پەتەك سەبدىشى، يەنە تېخى بەتبەشىرە سىمىگو… ھەقىقەتەن بىر دەۋىر ئۈزۈلمەس رىۋايەتلەرنى بىزگە تەقدىم ئەتكەن. يېقىندا بۇ گىگانىت ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسى بولغان «خوبىتلار» سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان بولۇپ بىر قىسىم كەسمە رەسىملىرى ۋە تەشۋىق فىلىملىرى ئاشكارلىنىپ بولدى. تېخى ئالدىنقى كۈنىلا مەزكۇر فىلىمنىڭ ئەڭ يىڭى تەشۋىق فىلىمى توردا تارقىىشقا باشلىدى. قېنى بۈگۈن تورخۇماردا بۇ كونا دوسنى ئەسلىگەچ قانداق يىڭىلىقلار بارلىقىغا كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى.
ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرۇپتۇكى، بۇ قېتىمقىسى مەخسۇس پەتەك خوبىتلار ھەققىدىكى رىۋايەت بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ قىسىم «ھۆكۈمران ئۈزۈك»تە بۇ پەتەكلەرنىڭ رولى ئاز بولمىغان. ئاخىرقى نەتىجىمۇ فىرودو بايۋەتچىنىڭ دوستى سامنىڭ ياردىمى بىلەن ئاخىرقى ئۈزۈكنى ھالاك قىلىشى بىلەن يەكۈنلەنگەن. بۇ كلاسسىك ئەسەر ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىگە نۇرغۇن ئېلىمېنتلارنى مۇجەسسەملىگەن بولۇپ دوسلۇقتىن مۇھەببەتكىچە، ئاسيلىقتىن قەھرىمانلىققىچە ھەممىسى تېپىلىدۇ. مۇمكىن بولسا تورخۇمارلار بۈگۈن بىرلىكتە بۇ كىلاسسىك ئەسەر ھەققىدە ئېلمى مۇنازىرلىشىپ باقساق.
«خوبىتلار» ئەڭ يىڭى تەشۋىق فىلىمى:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: فانتازىيە، فىلىم ئۇچۇرى، كلاسسىك، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,445 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 09-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: the-hobbit-trailer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئايفون بولا ماشتاق بولا! ئالما مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى ھەقىقى The New iPhone 5 نىڭ قانداقلىقىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟
- كېيىنكى يازما > شادىمان پادىچىلار! 1000 تۇياق قويدىن پايدىلىنىپ ئېلىكترونلۇق ئويۇن ئويناش دېگەن قانداق گەپ بولۇپ كەتتى ئەمدى؟!
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
ئۇبۇنتۇدا دىكى دىۋاندا بىر ئولتۇراي……… شۇمۇ يا؟
مەنغۇ بۇ تېمىغا بەك قىزقاتتىم. ئەمما فىلىمنى كۆرەلمىدىم، فىلىم قۇيۇلمىدى.
ئاپلا! دىۋاندا ئولتۇرىمەن دەپ ئالدىراپ ، خەتنى خاتا يېزىپ كەتكىنىمنى……..
قاراشتىن بۇ ھۆكۈمران ئۈزۈكنىڭ ئاخىرىدەك قىلامدۇ نىمە؟………
ئاۋۇ تەلەتى سەت مايمۇن ئۆلگەنغۇ دەيمەن ، يەنە يۇردىغۇ ،،، مەن ئەڭ ئوشتىم ئۇنىڭغا . …. تورخۇمار ئىچىمنى قىزدۇرۇپ يوللاپتۇ بۇ تىمىنى،،،، قاچان نەدىمۇ كورەمەن دەپ يۇرەمەن بۇ كىنۇنى،، ئەستا، كورۇشكە ئالدىرا ۋاتىمەن
بۇ قىسىمى «ھۆكىمىران ئۈزۈك»نىڭ مۇقەددىمىسىغا تەۋە ، يەنى ئالدىنقى رىۋايەتلەردىن بۇرۇنقى قىسسىلەر بايان قىلىنغان خەنچە دىسەم 前传 سى بولىدۇ
بىزدەك نامىراتلار سۇزۇك نۇسغىسى تورغا ھەقسىز يوللانغاندللا كۇرەيلى
بۇ فىلىم بەك ياخشى ئدى قاچانمۇ چىقا ئاخىرى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
بۇ فىلىم قانچە قىسىمدۇ؟؟؟
مەنمۇ چەتئەلنىڭ تېخنىكىلىك فىلىملىرىنى شۇنداق ياختۇرىمەن ھەم شۇنداقلا قىزىقىمەن،ئۇلار كىنونى شۇنداق ئەمىلىيەتكە يېقىنلاشتۇرىدۇ،رىۋايەت ئوقۇمىنى ئالسىمۇ گەرچە،كورۇرمەنلەرنى ئالداشقا ئالدىرمايدۇ :شۇڭا بۇ كىنونىڭ ياخشى نۇسخىسىنى قالدۇرۇپ كوياي قىزىقىدىگانلار كۆرۈپ باقار
ئدرىسىنى يېزىشنى ئۇنتۇپ كاپتڭمەن دىسە :
http://www.zhoumody.com/play/1-8-26377-0.html
نەشىر ھوقۇقى شۇ توربەتكە تەۋە خە
مەن بۇ كىنونى كورۇپ بولۇپ،بۇ كىنودا تەسۋىرلەنگەن ئادەمنىڭ قىممىتىنى (گەرچە بويى پاكار بولسىمۇ)ئورنى ھەم شۇنداقلا ئەقىل پاراسىتىگە قايىل بولدۇم.بۇ بىر تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور فىلىمكەن.
مەنمۇ بۇ كىنوغا ئامراق