美图秀秀 نى تاشلاڭ ئەمدى، PhotoShop مۇ يانفۇنغا كۆچتى | كۆچمە نۇسخىدىكى PhotoShop Touch
PhotoShop نى بىلمەيدىغانلار ئارىمىزدا يوق دىيەرلىك. ئىشلىتىشنى بىلمىسىمۇ ئۇنىڭ نېمە قىلىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى بولسىمۇ ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. يەنە شۇنداق كىسىپ ئېيتالايمەنكى ھازىرقى دۇنيادا photoshop قا يىتىدىغان رەسىم بىر تەرەپ قىلىش قۇرالى يوق. كۆچمە ئۈسكىنىلەر ساھەسى ئارغىماقتەك يۈگۈرۈپ تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، PhotoShop مۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ كۆچمە نەشرى PhotoShop Touch نى ئېلان قىلدى.
كۆچمە نۇسخىدىكى PhotoShop Touch نىڭ ھازىر iOS ۋە Android نەشىرلىرى تارقىتىلدى. ئەلۋەتتە بۇ گىگانىت دېتالنىڭ چەكلىك بوشلۇق ۋە سېزىمچان ئېكىرانغا كۆچۈشى ئۈچۈن ئاز بولمىغان ئىقتىدارلار ھازىرلاندى. 美图秀秀 دىگەندەك باللار ئويۇنچۇقلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇ يەنىلا سالاپىتىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، كۆچمە نۇسخىسىدىمۇ رەسىم قەۋىتى (图层) قوللايدۇ. ئەقلى ئىقتىدارلىىق خەت شەكلى سىلىقلىغۇچ ۋە كامېرا ئۈنۈملىرىمۇ بار. ئەلۋەتتە بىز ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان يېزىق ھۆچچىتىگە نىسپەتەن ھەرخىل ئالاھىدە ئۈنۈملەرنى قوشۇش، سايە چۈشۈرۈش، رەڭ تەڭشەشلەرمۇ كەم قالمىغان. ھەممىدىن تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى كۆچمە نۇسخىدىكى PhotoShop نىڭ بۇلۇت ئىقتىدارى بولۇپ، تەھرىرلەش باسقۇچىنى مەيلى يانفون ياكى كومپيۇتېر بولسۇن، ھەتتا تاختا كومپىيۇتېردىمۇ تەڭ قەدەمدە ئېلىپ ماڭالايسىز.
PhotoShop Touch نىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى:
كۆچمە دېتال ۋە ئۈستەل يۈزى دېتاللىرى ئارىسىدا مەشخۇلات شەكلى جەھەتتە تامامەن ئوخشىماسلىق مەۋجۇد. ئەڭ ئەقەللىسى ئېكىران يۈزىمۇ زور دەرىجىدە ئوخشىمايدۇ. دىمەك قوللىنىشچان بوشلۇق نىسپىتىدە زور پەرىق بار. شۇ سەۋەب Adobe شىركىتىمۇ PhotoShop Touch لايىھەسىدە ئاز بولمىغان كۈچ چىقاردى دىيىشكە بولىدۇ.
ئىقتىدار جەھەتتە خۇددى كومپىيۇتېردىكىدەكلا PhotoShop Touch ئوخشاش ساھەدىكى باشقا رەسىم بىر تەرەپ قىلىش قۇراللىرى بىلەن سېلىشتۇغاندا ئاللاقاچان كۈچلۈك دەپ ئېيتالايمىز. ئەگەر سىز بىر رەسىم بىر تەرەپ قىلىش مەستانىسسى بولسىڭىز ۋە كۈچلۈك بىر رەسىم بىر تەرەپ قىلىش قۇرالىنى ھامان يىنىڭىزدا ئېلىپ يۈرۈشنى ئىستىسىڭىز بىز سىزگە يەنىلا PhotoShop Touch نى تەۋسىيە قىلىمىز.
PhotoShop Touch ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە :
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار:
ئورگان تور بېتى : زىيارەت قىلىش | يۇمتال خاسلىقى : ھەقلىق
PS : ھازىرچە PhotoShop Touch جۇڭگو بازىرىغا سېلىنمىدى. ئىشلىتىپ بېقىشنى خالايدىغانلار يەنىلا چەتئەل ھېساۋاتىدىن پايدىلانسا بولىدۇ.
iPhone نەشىردىكى PhotoShop Touch نى چۈشۈرۈش | iPad نەشىرىنى چۈشۈرۈش | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى| Android يانفۇن نەشىرىنى چۈشۈرۈش | تاختا كومپىيۇتېر نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | PhotoShop ھەققىدە پاراڭلار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، iOS، photoshop، رەسىم، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,670 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 03-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: photoshop-touch.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Cydia ھەققىدە | iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن ئالدىڭىزدا يېڭىچە بىر دۇنيا نامايەن بولىدۇ
- كېيىنكى يازما > ماتېماتىكا ئۈگۈنۈش ئۇنچە زېرىكىشلىك ئەمەس | قارلۇقتىن بالىلارغا يەنە بىر يىڭى سوۋغات – ھېسابىم
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- 8 تال رەسىم سىزگە بۈگۈن قانچىلىك سوغۇق بولغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
ئەجەب ياخشى بولدى! ئىشلىتىپ باقاي …
ئاپلا ئازراق بالدۇر كىرسەمچۇ،دىۋان قولدىن كىتىپتۇ مانا…
پىچەت بوپتۇ….
ئېسىل!!!
ئاپلا دىۋان
مېيتۇ شۇشۇدىن نەچچە ھەسسە ياخشىكەن بۇ قورال .،.ھېلىقى ئاسمانغا قاراپ ، كۆزىنىڭ ئاق پاختىسىنى چىقىرىپ رەسىمگە چۈشىدىغان قىزلا ئۈچۈن رەسىم بىزەشتە خېلە قولايلىقلارنى ئەپ كەلگۈدەك .،.
ما گەپنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالمىدىم توغرا چۈشۈنەسىلە باشقا نىيتىم يوق،PhotoShop تا بەك كۆپ ئىش قىلىمەنچۇ گەرچە ھەقلىق نۇسقىسىنى ئىشلەتمىسەممۇ، نەچچە ھەسسە ئەمەس، ئاسمان زىمىن پەرقى با . PhotoShop نىڭ ئالدىدا شۇشۇ لانىڭ گىپىنى چىقارمىساقمۇ بۇلدۇ .
راس راس .،.سۇمۇرۇغ بار يەردە ھۆپۆپۆپىغا نىم با دەپتىكەن ئەمەسمۇ .،.،
بۇ دىتالنى ئىشىلتىشنى شۇنداق ئۆگەنگىم با…. لىكىن….مۇشۇ لىكىنلەمۇ بېشىمنى ئاغرىتىپ
بۇنى ئىشلىتىش بەك ئاسان بوممىسا مەن ئۈگىتىپ قوياي
سەركەردە ئاخىرى كىپتۇدە ، ھازىرقى مەتۆلە سۇغا چۈشكەن مۇشۇكتەك بوپكىتە .
مەن ئۆتكەندە چۈشۈرۈپ سىناپ باققان ئېنگىلىزچە كەنتۇق
ئىشلىتىپ كۆرەيچۇ
2013-يىلدىكى ئەڭ مەنپەئەتلىك خەۋەر بولدى بۇ !!! رەھمەت سىزگە.
«رەسىم بىر تەرەپ قىلىش»چوڭ كاتېگورىيە.photoshopھەقىقەتەن رەسىم كىرىشتۈرۈش،رەسىم زىننەتلەش،فوتو سۈرەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتتە ئەڭ ئىلغار يۇمشاق دېتال. بىراق «رەسىم بىر تەرەپ قىلىش»تىكى ئەڭ نوچىسى دېگىلى بولمايدۇ.ھالبۇكى،رەڭ پەرقلەندۈرۈش،ئېنىقلىق بىر تەرەپ قىلىش،viلايىھە ئىشلىرىدا يەنىلا Illustrator غا مۇراجىئەت قىلماي بولمايدۇ.
ئۆز ئارا ئۆگىنىش ۋە يېڭى بىلىملەرگە ئىنتىلىمەن.ھېسىياتچان تورداشلارغا قۇسۇرچى كۆرۈنۈپ قالغۇم قەتئىي يوق.
ھەر كىمنىڭ ياقتۇرۇشى ئوخشاش بولمايدۇ. مۇشۇ «ئەڭ ياخشى…» «ئەڭ قالتىس …» دىگەن گەپلەر بەك كۆپ ئىشلىتىلمىسە، ھەممە نەرسە بىر قېلىپقا سېلىنمىسا دەپ ئويلايمەن. مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقان نەرسىنىڭ ھامان مەلۇم ئاساسى بار.
تامامەن قوشۇلىمەن!
ۋوي ، شامال دېگەن ئىسىمدا تورخۇمارغا ئىنكاس تاشلايدىغاندىن ئىككىمىز باركەنمىز ھە ! (تېمىدىن سىرت گەپ ):razz:
بۇ پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمەن !
شۇنداقكەن، بىلمەپتىمەن. ئەمدى بوران غا ئۆزگەرتىۋالدىم
photoshop نى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغانلار بولسا مەن ئۈگىتىپ قويسام بۇلىدۇ
مەن مۇشۇ photoshop بىلەن 4يىل جان باققان،
چىم دەيدۇ جۇڭگوغا كىرمىدى دەپ ؟ دۆلىتىمىزنىڭ كومپيوتېر ئۇستىللىرى يامان جۇما
ئاندبروئد تېلفۇنىغا ماس كېلىدىغان خەنچە نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادىرسى لازىممۇ ؟
مەن چىن رايۇنىدا چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتىمەنغو
مەنكۇ ئۆتكەندە كۆرگەن، شۇ ھەقلىق .ئىكەنتۇق، تۈكۈرۈكۈمنى يۇتۇپ يېنىپ چىققان بازاردىن.
ۋاھ ! نېمە دېگەن ياخشى.بىر چۈشۈرۈپ سىناپ باقايچۇ! ھە راست ،مۇشۇ كومپىيۇتىر نۇسخىدىكى فوتوشوپقا قاچانمۇ بىۋاستە ئۇيغۇرچە يېزىش ئەمەلگە ئاشار؟
ئەمەلگە ئېشىپ بولدى.cs6 نەشىرىنى ئىشلەتسىڭىز بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ.
بۇماڭا بەك كىرەكتى رەھمەت ھە!
چۇشەي ۋاتىدۇ قانداق چۇشۇرۇمىز