نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تور بايلىقلىرى > يازما مەزمۇنى

كىنونىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى بولسىلا توردا بىۋاستە كىنو كۆرەلەيسىز! بۇلۇت كىنوخانىسى(پۈتۈنلەي ھەقسىز)

xlvod

دائىم كىنو چۈشۈرۈش ئۈچۈن بىر مۇنچە ۋاقتىڭىز ئىسراپ بولامدۇ؟ تور سۈرئىتىڭىز ئاستىلاپ كېتەمدۇ؟ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىملەرنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن نەچچە سائەتلەپ ساقلاپ ئولتۇرۇپ ئىچڭىز پۇشامدۇ؟ بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇلۇت كىنوخانىسى پۈتۈنلەي ھەقسىز ۋە توردىلا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كىنو كۆرۈش ئۈچۈن تۈزۈلگەن قورال. پەقەت چۈشۈرمەكچى بولغان كىنونىڭ ئادرېسىنى چاپلاپ، قويۇش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا كىنو قويۇلۇشقا باشلايدۇ، ئەمدى ھەرگىزمۇ كىنو چۈشۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپ قىلمايسىز…

بۇلۇت كىنوخانىسىنىڭ ئەسلى پرىنسىپى، 迅雷云点播 بولۇپ، نۆۋەتتە 迅雷 گە ھەقلىق ئەزا بولغانلارلا بۇ خىل مۇلازىمەتنى ئىشلىتەلەيدۇ. بۇ مۇلازىمەتنىڭ ئارتۇقچىلىقى، سىزدە پەقەت كىنونىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى بولسىلا، كىنونى چۈشۈرمەي تۇرۇپلا بىۋاستە كۆرەلەيسىز.

ئازراق ئېتىشىپ يۈرۈپ، بۇلۇت كىنوخانىسى نامىدا بۇ قورالنى تۈزۈپ قويدۇم، سىزدە 迅雷 ھەقلىق ئەزا ھېساباتى بولمىسىمۇ بولىدۇ، پۈتۈنلەي ھەقسىز. پەقەت كۆرمەكچى بولغان كىنونىڭ ھۆججەت بېشى ed2k، thunder، ftp، magnet شەكلىدىكى چۈشۈرۈش ئادرېسى بولسىلا، توردا تۇرۇپ بىۋاستىلا كۆرەلەيسىز. بولۇپمۇ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىملەرنى كۆرۈش ۋە كىنو چۈشۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنى خالىمايدىغانلارغا نىسبەتەن، ئىنتايىن ياخشى بىر تاللاش بولالايدۇ. ناۋادا بۇ قورالنى ياقتۇرسىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە ۋە تونۇش بۇرادەرلەرگە، شۇنداقلا مىكروبلوگ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ…

ئەسكەرتىش: بۇ قورال بەلكىم خالىغان ۋاقىتتا ئۈنۈمىنى يوقىتىشى مۇمكىن، ناۋادا سىز ھەقىقەتەن بۇ خىلدىكى كىنو كۆرۈش ئۇسۇلىنى ياقتۇرسىڭىز، يەنىلا 迅雷VIP ھېساباتى سېتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەزكۇر قورالنى IE9، Chrome، FireFox قاتارلىق تور كۆرگۈدە ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، باشقا تور كۆرگۈلەرگە نىسبەتەن سىناق ئېلىپ بېرىلمىدى، IE6 دېگەنلەردە بەلكىم قاملاشماسلىقىمۇ مۇمكىن. قورال ھەققىدە يەنىمۇ ياخشى تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا بېرىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.

مەنزىل تونىلى: بۇلۇت كىنوخانىسىغا مەرھەمەت    |    مەنبە: تورخۇمار

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 8 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. ۋەيرانى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇنداق بىر مۇلازىمەتنى يولغا قويسا بولدىكەن…

  2. ئۇدۇن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ مەن سىناپ باقتىم بەكلا فەچەت بوپتۇ!!! رەھمەت

  3. wiros : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن چاقماقنىڭ بىر يىللىق VIP سىنى ئاچقۇزۇپ قويغان ، لېكىن يەنىلا چۈشۈرۈپ كۆرۈمەن ، چۈشۈرۈپ كۆرگەننىڭ ھوزورى باشقىچىكەن ! (ما گەپ تېددىنىڭ ئېلانىغا زىت بوپ قالدىمۇ قانداق ؟)

  4. توركەش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ سىنىدىم ،بەكلا ياخشى بوپتۇ! بەكلا رازى بولدۇم،كۆپ رەخمەت!

  5. بەگزادە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راسلا بولىدىغان ئۇسۇلكەن… سۈزۈك كىنو ئادرىسلىرى بولسا قالدۇرۇڭلا باللا

  6. باتۇرخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشىكەنغۇ، قايسى كىنونى باشتا كۆرسەم بولا؟

  7. باتۇرخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تور سۈرئەتنىڭ تەسىرىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ كىنو كۆرگەن ۋاقتىمدا قىتىۋىلىش ھادىسسى يۈز بەردى. بولمىسا گوگىلنىڭ تور كۆرگۈچىدە كۆرگەن.

  8. تاڭنۇرى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر نەچچە كۈن بولدى،كېنۇ قويۇلمايۋاتىدۇ






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)