نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىز راستىنلا مەخپىيمىدۇ؟

يېقىندا مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار  ۋەقەلەر، بولۇپمۇ سىنوۋىدىننىڭ  مەخپىيەتلىك ئاشكارلاش ۋەقەسى  دۇنيا جامائەتچىلىكىنى  يەنە بىر قېتىم  ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن قايتىدىن ئويلىنىشقا ئېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ ئامېركىدەك دەرىجىدىن تاشقىرى بىر تېخنىكا دۆلىتىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكلىرى،  بىر ۋىجىككىنە سېرىق تەرىپىدىن  ئارقا – ئارقىدىن  ئاشكارىلانسا، بۇ قانداق بولغىنى؟ ئۇنىڭسىزمۇ تېخى ئالدىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن  مۇشۇ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىمۇ، دۇنيا ئۇچۇر – پەن تېخنىكا ساھەسىگە كەينى – كەينىدىن زور خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى.  مەسلەن،  دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىجدىمائى ئالاقە تورى Facebook  نىڭ ئابونىت ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارلىنىشى ، «ئەڭ سىرلىق»، بىخەتەرلىكى«ئەڭ كۈچلۈك» ئالما شىركىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە خاككىرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچىرىشى… بۇ ساھەگە نىسبەتەن يېڭى  خىرىسلارنى ئېلىپ كەلمەكتە.

privacy-info

بىزنىڭ بۈگۈن تەھلىل قىلماقچى بولغىنىمىز تور بەتلەردىكى ئابونت بىخەتەرلىكى ئەمەس، ئېلىكترونلۇق خەت ساندۇقىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىمۇ ئەمەس،  چۈنكى بۇلارنىڭ  بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن بىرلا نەرسىنى،  دۇنيا ئېنتىرنىت باش شىتابىنىڭ سىزنىڭ  ھويلىڭىزدا ئەمەس، بەلكى  ئامېركىدىكى ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىدا ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىزلا كۇپايە. 
ئەمدى   بىز بۇ يەردە  سىز ئەسلا خىيالىڭىزغا  كەلتۈرمەيدىغان، سىز ئەزەلدىن «تامامەن مەخپى»،«ئۆزۈمدىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرگەن، شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىز ھەققىدە توختىلىپ باقايلى!    
(سۆزلىرىمىزنىڭ چۈشىنىشلىك ھەم ئامىباب بولۇشى ئۈچۈن بىر قىسىم داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ئاساسلىق مىسالغا ئېلىپ سۆزلەيمىز)

1. يېڭى ئەۋلاد ئالما ئەقلىفونى – iPhone 5s بارماق تونۇش تېخنىكىسى

iphone-5s-fingerprint-schanner

ھازىرقى ئەڭ مودا بازارلىق مەھسۇلات  iPhone 5s، نۇرغۇنلىغان  يېڭى ئىقتىدارلار سەپلەنگەن، كۆرۈنمە يۈزى ۋە باشقا جەھەتلەردىن كىشلەرنىڭ قاتتىق ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بۇ مەھسۇلات،  ئالما شىركىتىنىڭ  iPhone 4S  تىن كېيىنكى ئەڭ غەلبىلىك مەھسۇلاتى ھىسابلىنىدۇ.  بولۇپمۇ ئۇنىڭ بارماق تونۇش ئىقتىدارى  نۇرغۇن كىشىلەرنى  ئىختىيارسىز «ۋاھ !» دېگۈزدى.  نۇرغۇن كىشىلەر  تېلىفونىنىڭ ئۆزىنىڭلا بارمىقىنى تونۇيدىغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ يۈرۈشىدۇ. ئەمما  ئالما شىركىتىنىڭ «ئامىركا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى» ئۈچۈن ھېچ كۈچىمەيلا، دۇنيادىكى بىرقانچە يۈز مىليون ئادەمنىڭ بارماق ئىزىنى ئېلىپ بەرگەنلىكىدىن قانچىلىك ئادەم خەۋەرداركىن؟  
ئەمدى بۇنى سەل يىشىپ چۈشەندۈرەي: كومپيۇتېر بىلەن سەللا ئېتىشقان بالىلار بىلىدۇ. سىز بەرگەن ھەر بىر بۇيرۇق، يەنى سىز چىققان تور بەت، سىز كۆرگەن كىنو، سىز قاچىلىغان ھۆججەت…  قاتارلىقلار ئەمەلىيەتتە  كومپيۇتېر ئاساسى مېڭىسىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، سىز قىلغان ھەر بىر  مەشغۇلاتنى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ. شۇڭا سىز ۋاقتى كەلگەندە كومپىيۇتېرىڭىزدىن ئەسلى سىز «ئۆچۈرىۋەتكەن»   نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ  ئەمەلىيەتتە  ھەقىقى  يۇيۇلمىغانلىقىنى بىلمەيسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش  سىز بارمىقىڭىزنى تونۇتقان ۋاقتتا، ئالما يانفونى سىزنىڭ بارماق ئىزى شىفىرىڭىزنى خاتىرلىۋالىدۇ ۋە دەرھال ئالما شىركىتىنىڭ مۇلازىمېتىرىغا يوللايدۇ… قالغىنى خۇدايىمغا ئامانەت…

2. ئالما يانفونى Siri  ئەقلى پاراڭلىشىش تېخنىكىسى

ios7-siri

ئالما شىركىتىنىڭ  يېڭىلىقلىرى قاتارىدا ئەقلىفون ھەۋەسكارلىرىنىلا  ئەمەس، دۇنيا  IT ساھەسىنى ھەيران قالدۇرغان بۇ تېخنىكا (ئەمەلىيەتتە ھەيران قالغۇدەكمۇ ئەمەس، ERS  تېخنىكىسى دېسە تونۇمايدىغىنى يوق، شۇ ئالما سەل چاققان كەلدى) ئالما تېلىفونىنىڭ  بازار قىممىتىنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرىۋەتتى، نۇرغۇن كىشىلەر  ئاشۇ پاراڭلىشالايدىغان  ماشىنىنى دەپلا iPhone  سېتىۋالدى ۋە بەس – بەستە سىناشتى.  سىزمۇ ھەم  ئەگەر iPhone نى تۇتۇپ باققان بولسىڭىزلا Siri بىلەن پاراڭلىشىپ باقمىدىم دىيەلمەيسىز!  ئەمما ئوخشاشلا نۇرغۇن ئادەم  iPhone غا  (ئاشۇ تۆمۈرگە)  قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەۋاتقىنىدا، ئەمەلىيەتتە ئۆز سۆزلىرىنىڭ  ئالما شىركىتىنىڭلا ئەمەس، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇلازىمېتىرلىرىدا ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ يانفونى بىلەن ئەمەس، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ جاسۇسلىرى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى  بىلەرمۇ؟

3. گۇگېل كۆز ئەينىكى

Google-Glass

سەللا ئەقلى بار ئادەم، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ زور قوللىشى بار بۇ مەھسۇلاتنىڭ مەقسىدىنى پەرەز قىلالايدۇ.  مۇنداقچە ئېيتقاندا دۇنيادا 1 مىليون ئادەم ئۇنى تاقىسا، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 1 مىليون كۆزى بار دىگەن گەپ.(مىنىڭچە يەنە ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز)

4. بۇلۇت سۇپىسى

pc-cloud-phone

بۇ يىللاردا ئىنتىرنىت ساھەسىدە ئەڭ مودا بولۇۋاتقان بۇ ئاتالغۇ  ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز تەرەققى قىلىش كۈچىگە ئىگە.  ھازىر نۇرغۇن تورداشلار ئۆزىنىڭ بۇلۇت دېسكىسىدا  ناھايىتى چوڭ بوشلۇقى بارلىقىدىن پەخىرلىنىدىغان بولۇشتى. ئىلگىرى  500GBبوشلۇقنى ئاڭلىساق ھەيران قالاتتۇق، ھازىر  بىرقانچە  تىتابايىت، نەچچە ئون تىتابايىت، ھەتتا 100 تىتابايىتلار  بۇلۇت دېسكىسىدا ھېچبىر چوڭ ئىش ئەمەس.  ئەمما بۇ يەردە مۇنداق  ئىككى چوڭ ئالدامچىلىق بار.
1. سىزگە بەرگەن  نەچچە ئون تىتابايىت بوشلۇقنى سىز ئىشلىتىپ بولالامسىز؟ ھازىرغىچە قانچىلىك يېرىنى ئىشلەتكەنسىز؟ سىز ئىشلەتمىگەن قالدۇق بوشلۇق راستىنلا سىزنىڭ ئىلىكىڭىزدە تاكى سىز ئىشلەتكۈچە قۇرۇق تۇرارمۇ؟    
ئەمدى سۇئاللارغا بىر – بىرلەپ جاۋاب بېرەيلى:  بىر بۇلۇت سېستىمىسى نەچچە يۈزلىگەن، ھەتتا نەچچە مىڭلىغان مۇلازىمېتىرلار توپىدىن ھاسىل بولىدۇ. ئادەتتە  بىر مۇلازىمېتىرنى 10 تىتابايىت دىگەن تەغدىردىمۇ،  بۇ  1000  دانە مۇلازىمېتىر قۇيۇلغان بىر مۇلازىمېتىرخانا  10 مىڭ تىتابايىت دېگەن گەپ، دېمەك ۋاقتى  كەلگەندە ئورگان تەرەپ بازار ئېچىش ئۈچۈن  سىزگە ھەتتا 10 مىڭ تىتابايىتلىق بۇلۇت بوشلۇقىنى بېرىدۇ، ئەمەلىيەتتە سىزگە ئوخشاشلا باشقا ئونمىڭلىغان ئابونىتلارغىمۇ 10 مىڭ تىتابايىتتىن بوشلۇقنى بېرىۋېرىدۇ…  (ئەمدى سەل چۈشەنگەنسىز؟)
2. سىزنىڭ بۇلۇت دىسكىڭىزغا ساقلىغان «ئالى مەخپىيەتلىكىڭىز» راستىنلا مەخپىمىدۇ؟  ئۇ قەيەردە ساقلىنار؟
بىز  بۇ سۇئالغا جاۋاب بەرمەيمىز.(جاۋابى سىزگە قالدى)
بۇ توغرىلىق تەپسىلى توختىلىدىغان بولساق، سىز ئىشلىتىۋاتقان ھەر بىر ئېلىكترون مەھسۇلاتى، ئىنتىرنېت بىلەن ئازغىنە ئالاقىسى بولسىلا(بەزىسىنى بىلىسىز، بەزىسىنى بىلىشىڭىز ناتايىن) ھەرگىز مەخپى  دىيەلمەيسىز .



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئەكرەمجان 2013.10.23 , 22:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋانىم…
    راس مەن ھەرقىتىم مۇشۇنداق ئويلىساملا غەلىتە بوپ قالىمەن

  2. ئەكرەمجان 2013.10.23 , 22:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تامنىڭمۇ قۇلىقى بار دىگەندەك…

  3. ئۇغۇز 2013.10.23 , 22:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇلارنى ئۇقۇپ دەششەت بىر قىسما بۇلۇپ قالدىم ئەمما!
    ياخشى يېزىلغان تېما ئىكەن

  4. تاماشىبىن 2013.10.23 , 22:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ تېمىنى بىرنەچچە يەردە كۆردۈم. ئالىپ، نۇرقۇت، ئاق بۈركۈت دېگەندەك يېڭىلىق يوقما…..:grin:

    • مەن ساراڭ 2013.10.23 , 22:51

      يېڭىلىق بولسا تورخۇمار تورخۇمار بولماي قالىدۇ، تورخۇمارنىڭ خاسلىقى كۆچۈرمىچىلىك

    • سۈۋەرەك 2013.10.24 , 19:57

      ئۇغۇ شۇ….،تورخۇماركا،تىمىلار تەستە يېڭىلانسىمۇ تاماكىغا خۇمار بولغاندەك خۇمار بولىۋاتىمىز ،ئەگەر كۈندە يېڭىلىنىدىغان بولسا ئاققا خۇمار بولغاندەك خۇمار بولاتتۇق-دە… سىزمۇ بىزنڭ ‹ئاققا›خۇمار بولۇپ قېلىشىمىزدىن ئەنسىرىدىڭىزمۇ يا:mrgreen::mrgreen:

  5. چاقماق 2013.10.23 , 23:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەزىدە مۇشۇ تورخۇمارغا ئېلخەت ئادىرسىنى تولدۇرۇپ ئىنكاس يېزىپ بۇلۇپ ئۆزەمچە ئەنسىرەپ قالىمەن :mrgreen::mrgreen:

    • تورخۇمار 2013.10.24 , 13:29

      ھاھا! ئېلخەت ئادرېسىڭىز ۋە IP ئۇچۇرلىرىڭىز خاتىرىلىنىدۇ. بىراق بۇ ئۇچۇرنىڭ ئۈچىنچى بىر تەرەپكە ئاشكارىلانماسلىقى ھەم بىز تەرەپتىن ھېچقانداق سودا خاراكتېرلىك ياكى بۇزغۇنچىلىك خاراكتېرىدىكى ئىشلارغا ئىشلىتىلمەسلىكىگە مەن كاپالەت بېرەلەيمەن.

  6. رىچارد 2013.10.24 , 00:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي مۇشۇ ئىشلارنى ئويلىغانسىرى ئادەمنىڭ بېشى قاتىدۇ دىسە ھ

  7. سۈۋەرەك 2013.10.24 , 20:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاي ھاي…گۇمانمۇ لايىقىدا بولسۇن ،،، Siriدىكى سىزنىڭ-بىزنىڭ قىلغان تايىنى يوق پاراڭلىرىمىزنى مەركىزى ئاخپارات ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ ئاڭلايدىغان ۋاقتى بارمىدۇ!؟:arrow:ياكى سىز بىرەرسىنىڭ Siriغا قانۇنسىز ۋە ياكى جەمىيەتكە ۋەزىيەتكە چېتىلىدىغان پاراڭ قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمۇ يا؟:arrow:

    • مەنسۇر 2013.10.24 , 22:21

      ئۈچ يىل بۇرۇن 115 تورىغا تىزىملىتىپ 1.5 گىگابايت ھەقسىز بوشلۇق ئەپ قويغانتىم. ئۆتكەن ھەپتە يادىمغا كەپ قېلىپ ئېچىپ باقسام 142.27 گىگابايت دەپ كۆرۈندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بوشلۇق داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرلىۋىتىپتۇ. ئېچىپ بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 80 نەچچە مىگابايىت بوشلۇق قوشۇلۇپ بولدى.
      بۇنى كۆرۈپ كاللامغا سەل گۇمان كەگەن زادى.

  8. ئىلتەبىر 2013.10.24 , 22:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىزنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىمىز100 پىرسەنت مەخپىيەتلىك ئەمەس.سىزگە كەلگەن ئەخلەت ئۇچۇر ۋە قالايمىقان تېلىفۇن……ۋە باشقىلار بولسا بۇنىڭ دەلىلى.

  9. ياۋاغاز 2013.10.24 , 23:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىلەرنىڭ تورخۇمارنىڭ خېتىنى ئالما تېلېفوننىڭ چىرايلىق خەت قاچىلانغان نۇسخىسىدا كۆچۈرۈپ تېلېفوننىڭ خاتىرىسىگە چاپلىسا خەتلە كاتەك چىقىدىكىنا ؟ مۇشۇنى دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاي دېگەن ئىدىم

  10. ياۋاغاز 2013.10.24 , 23:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    زادى تورغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ ، تور دېگەن خۇددى ئەخلەتخانىدىن ئالتۇن ئىزدىگەنگە ئوخشايدىكەن، لېكىن ئالتۇن باردە ھىھىھى ئىشقىلىپ دىققەت قىلساق بولغۇدەك

  11. ئارىيان 2013.10.25 , 13:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىز بىلمەيدىغان يەنە قانداق مەخپىيەتلىكلەر باردۇ .،..:roll:

  12. بىرلان 2013.10.26 , 03:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئۇزۇن يىللىق سۇيقەست…

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量