سىز كۈندە نىمىلەرنى يەيسىز؟ | دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ دەستۇرخىنىدىكى پەرىق
سىز كۈندە قانداق نازۇ-نىممەتلەردىن ئوزۇقلىنىسىز؟ بىر ھەپتىدىچۇ ؟ بەلكىم بىزنىڭ مەلۇم مەزگىلدە قانداق ئوزۇقلۇقلارنى قۇبۇل قىلىشىمىز، شۇ مەزگىلدىكى تۇرمۇش سەۋىيىمىزنى ئۆلچەشتە ئەڭ ئۈنۈملۈك تاللاش بولىشى مۇمكىن. ھەممىمىز بىلىمىزكى بىز تويلاردا، سورۇنلاردا ئىسىراپ قىلىۋاتقان يىمەكلىكلەرگە نۇرغۇن ئەللەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر زار. بىز يەنە بىلىمىزكى بىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىمىز نۇرۇغۇن كىشىلەرنىڭكىدىن تۆۋەن ۋە يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى. تۆۋەندە ئەركىن فوتوگراف Peter Menzel نىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈرۈپ تارتقان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىر ھەپتىلىك ئوزۇقلۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى فوتو سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ، بايىقى دىگەن سۆزلىرىمىزنى بىر قۇۋەتلىۋىتەيلى …
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، جەمئىيەت، رەسىم، سەنئەت، فوتو سۈرەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,683 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: siz-kunde-nimilerni-yeysiz.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > گېرمانىيىلىكلەرنىڭ تۆمۈر يولنى قانداق ياسايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- كېيىنكى يازما > بۇ كۆزلەرنىڭ قايسى ھايۋاناتلارنىڭ كۆزى ئىكەنلىگىنى تونۇيالامسىز؟
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- 8 تال رەسىم سىزگە بۈگۈن قانچىلىك سوغۇق بولغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ
مەن ھېساپلاپ باقماپتىمەن ، ئىشقىلىپ قوساقنى ئۇتتۇرۋەتمەيمەن !
تەدبىركارنى گۆشنانغا ئامراق دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، يازمىنىڭ باش رەسىمىگىمۇ گۆشنان چىقىرىلىپتۇ ھە …..
بۇ تېمىنى تورخۇمار يوللىماپتىغۇ ۋىروس يوللاپتىغۇ يە مەن ئاملاشتۇرۇپ قويدۇممۇ
ھەركۈنى ئەتىگەندە بىرمۇنچە غەم يەيمەن
بۇدۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن ئەتتىگەن دە غەم قىلىشنى باشلىسىڭىز قانداق بولىدۇ …
نىمىشقا ئۇيغۇرلانىڭ يوق
بىزنىڭ يوقكەن ھە
تورخۇمار ئەپەندى تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقاي تومۇرپالۋان 3نى ئايفوندا توردا كۆرگىلى بولامدۇ
ھېييىى ، ئا ۋو قارا باللانىڭ ھەپتىلىك يەيدىغىنىنى كۈرۈپ ھەجەپ بوپ قالدىم
بىر قېتىم دادام بىلەن گۆش ئالغىلى چىققاندا سەل ياشانغان بىر دېھقان ئاپاشنىڭ
ساق بىر كىلو ئاپئاق قۇيرۇق گۆشىنى ئالغىنىنى كۈرۈپ ھەيران قالغانتىم، قاسساپ ئۇستامدىن
نىمىشلىقنى سورىسام ، قارا گۆشلەرنىڭ قىممەت ئىكەنلىكىنى ، قۇيرۇق سەل ئەرزان بولغاچقا
خېلى كۆپ دېھقانلارنىڭ ئالىدىغانلىقىنى دىگەنتى ،ئاڭلاپ ئىچىم سەت ئېچىشقان ، كىچىكمدىن مايلىق گۆشلەرنى بەك يەممەيتىم ، كىچىككىنە ئاق يىرى بولسىمۇ ئىلغاپ ئېلىۋىتەتتىم ،
ئەمما ما ئىش خېلى تەسىر قىلغانتى ، شۇندىن بىرى ماي دىگەننى ئىلغاپ باقمىدىم ، بەزى
سەل ئاقراق گۆشلەرنى كۆرسەممۇ ئىككىلەنمەي يەۋىرىمە ھازىر ! تۇرۇپ تۇرۇپ ئاشۇ دېھقان ئاپاش ئىسىمگە كىلىدۇ ئەمەسمۇ
شۈكرى قىلاي !
مېنىڭ ھەپتىلىك ئوزۇقلۇق ئەھۋالىم ئاۋۇ رەسىمدىكى بىر نەچچە ئائىلىلىكلەردىن خېلىلا مولكەن. ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن مۇشۇ كۈنلىرىگە چەكسىز شۈكرى…
ماۋۇ پارتىيەنىڭ سىياسىتىگە خىلاپ تېما بولاپتا،رەئىسىمىز ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرايلى دېسە،ماۋ ۋىروس قوپاپ جاھاندىكى ھەممە يەيدىغان-ئىچىدىغاننى دۆۋلىۋىلىپ…جەرىمانە تۆلەي دىدىڭما؟ دۆۋلىۋالغان بىلەن ئىسراپ قىلماي يەپ بولسا شۇنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى ئوزۇقلىنىش مەنچە…بىر توننا ئوت-چۆپنى دۆۋلىۋىلىپ يىگىنى يىگەن،قالغىنىنى ھېلىقىغا بەرسە ئۇمۇ گۆش يەيدىغان بولاپ كەتتى(خاڭسو بىلەن كاماندوروپكىغا چىقماڭلا جۇما ۋا باللا،بوممىسا ئۈچ ۋاقلىقىڭلارغا يا ھەلەپ يا ئوت-چۆپ يەيسىلە)…
گۆشنانغا مەنمۇ ئامراق
مەن گۆشناننى كۈندە يېسەممۇ زېرىكمەيمەن.(سىناپ باققان)
راستىنى دىسەم ئاۋۇ رەسىمدىكى گۆشناننى كۆرۈپ مېنىڭمۇ ئېغىزىمغا سېرىق سۇ يىغىلىپ كەتتى ۋە دەرھال ئۆيگە تېلىفۇن قىلىپ كەچتە گۆشنان ئېتىپ قويۇشنى تاپىلاپ قويدۇم .
تۇۋا دەيلى دۇنيادا بىر قاچا تاماققا زار يۇرگەنلەر نۇرغۇن
ئاۋۇ 8- رەسىمدىكىلەر ئۆمرىدە ئىچىملىك بىلەنلا ئۆرە تۇرىدىغان ئادەملەرمۇ نىمە؟! ئالدىغا تىزىۋالغاننىڭ ئاز دىگەندە 70 % تى ئىىچملىككەن.
بۇ رەسىمدە خەن لەر بىلەن ئاۋۇ ئەرەبلەرنىڭ ھەپتىلىك يىمەكلىكى باشقىسىدىن جىقراق تۇرامدۇ نېمە !؟
ئامال بار ئاددى تاماقلارنى يېيىشكە تىرىشايلى!ھە دېسىلا لەغمەن ،پولو يەلىۋەرمەي كۈندە ،ماندا بىر ئۇماچ دېگەندەك نەرسىلەرمۇ بار بىز ئۇيغۇرلاردا،شۇنداق ئاددى نەرسىلەر بىلەن غىزالانساق بىرىنجى بولۇپ كىسەللىكتىن نېرى تۇرىمىز ،ئىككىنجىدىن ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنىمۇ ئالالايمىز قېرىنداشلار!…..ئاددىسى دوختۇرغا ئاز بارىمىز!ھازىرغۇ دوختۇرغا بارغىلىمۇ بولمايدىغان بولۇپ كىتىپتۇ!………….