قارلۇقتىن يەنە بىر يېڭى ئەپ: Eli For iPhone | پۈتۈنلەي ھەقسىز، iOS 4.0 دىن يۇقىرى iPhone غا ماس كېلىدۇ
قارلۇق شىركىتى ئىلگىرى ئېلان قىلغان خاتىرەم، ئوكيان خەۋەرلىرى قاتارلىق ھەقسىز ئەپلەردىن كېيىن، بۈگۈن يەنە بىر دانە كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى ھەقسىز ئەپ – «Salam Eli»نى ئېلان قىپتۇ. ئەلى-ئاقكۆڭۈل، تۈز دېھقان. سىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلپەتدىشىڭىز، زېرىكپ قالغاندا ئۇنىڭ بىلەن ئانچە-مۇنچە چاقچاقلىشىپ قۇيۇڭ. ئەلى سەل ئۇيقۇچان توغرا چۈشىنەرسىز. ئەگەر تولا ئەسنەپ ئىچىڭىزنى پۇشۇرسا سىزمۇ ئۇنى بوزەك قىلىپ ئاچچىغىنى كەلتۈرۈڭ!
ئەلىنى مۇنداق بوزەك قىلىمىز:
ئوڭ مەڭزىگە شاپىلاق سېلىڭ.
سول پۇتىغا ئۇرسىڭز سەكرەپ كېتىدۇ.
ئېغىزغا ئۇرسىڭىز چىشى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.
قورساق-مەيدە قىسىملىرىنى سىلىسڭىز قىچىغى كېلىدۇ.
ئالاھىدىلىگى:
ئەلى راۋاپ چالالايدۇ.
چىۋىنلەرنى قورىيالايدۇ.
بۇزۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ يىقىلىپ كېتىدۇ.
ئاچچىغى كېلىپ قالسا ئېكرانغا پىچاق ئاتىدۇ.
بېشغا توپ ئېتىپ قويسڭىز ۋارقىراپ ئاچچىقلاپ كېتىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: App، iPhone، ئەپ، ئۇيغۇرچە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,456 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 07-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: eli-for-iphone.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 21- ئەسىردىكى ئون چوڭ تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى بىلەمسىز؟ بۇنىڭ ئىچىدە تۆتى ئالمىنىڭ ئىكەن…
- كېيىنكى يازما > كېيىنكى ئەۋلاد iPhone ئېلان قىلىنىشقا ئاز قالدى، iPhone 5 ھەققىدىكى ئەپقاچتى پاراڭلارنىڭ توپلانمىسى
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- ئۇيغۇرخەلق چۆچىكىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مۇزىكىلىق قىسقا كارتون فىلىم(ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان)
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- iPhone بىزگە زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
دىۋان بىكامۇ نىمە بۈگۈن. قارلۇققا بارىكاللا…….
ھازىر تېخى گۈدۈكتە كۆرگەنتىم …
بارىكاللا قارلۇق !~ بۇنىڭدىن كىيىنكى خىزمىتىڭلارغا تېخىمۇ زور مۇۋاپىقىيەت تېلەيمەن!~
ھەجەپ ئايفون ئالغۇسنى كەلتۈرۋەتتى دىسە!!!
بۇ سۆزلىيەلەيدىغان مۈشۈككە ئوخشاش ئويۇنكەندە .
قارلۇق شىركىتىگە دەپ قويۇڭ، ئەلينى بىز بىلەن پاراڭلىشالايدىغان قىلىپ لاھىيلىسۇن، ئۇنىڭ بىلەن 100مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقايمىنى شۇنداق دىدى دەڭ جۇما
مەن مۇشۇ تۈردىكى ئويۇنلارنى پەقەت ياقتۇرمايمەن، كىچىككىنىە بالىلارنىڭ ئېڭىغىمۇ زوراۋانلىق تۇيغۇسىنى سىڭدۈرىۋېتىدۇ، مۇشۈكنىڭ ئورنىغا ئەلىنىڭ ئوبرازىنى ئىشلىتىش ئېنىقكى يوقىرىقى ئەندىشىنى كۈچلەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرۇمنىڭ روھىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان بىر ئىش.
ئەركاننىڭ پىكرى ئورۇنلۇق، قوللايمەن.
باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغوق سۇسەپمەيلى دوسلا قۇلىمىزدىن قانچىلىك كەلسەشۇنچىلىك قىلايلى قۇلىمىزدىن كەلمىسە قوللاپ رىغبەتلەدۇرۇپ قۇيايلى
نىمانداق ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىسىز كىچىككىنە ئۇيۇن بىلەن زوراۋانلىق خاھىشى يىتىلىپ قالارمىش ىوتۇنكىشىدەك چوڭ بولسا پەخىرلىنىدىكەنسىزدە باللىرىڭىزدىن باللا دىگەن ئەقلى ھۇشۇدا بولسا ئەركەكلەرگە خاس سىز ئويلىغان زوراۋانلىق بولسا تېخى پەخىرلەنگۈلۈك سىزدەك ئادەملەرنىڭ بالا تەربىيلىشىدىن ھازىر چوڭ بۇۋاتقان ئوغۇللار ساپلا چەنبىكۈ [تار ئىشتان] كىيىپ كۇچۇلاردا يۈرۈيدۇ ھازىر
ئىكرانغا بىر پىچاق ئاتقانغا بالىلارنىڭ زوراۋانلىق خاھىشى يېتىلەمدىكەن؟
بۇ ئەپنى مەنمۇ ئىشلىتىپ باقتىم، ئوبدانلا ئەپچىل ئىشلەپتۇ.
يۇقىرىدىكى تورداش دېگەندەك ھىلىگەم شۇ «زوراۋانلىق» خاھىشى بولمىغاچقا ھالىمىزغا ۋاي………..
بۇنى ئۇنچىۋالا ئويلاپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوقمىكىن دەيمىنا
سىزمۇ يامان بولسىڭىز قىلىپ بىقىڭ-ھە !
ئاندىروئىد قا يوقمىكەن
قارلۇققا بارىكاللا……سىلەرنى قوللايمەن.
قېنى مەن چۈشۈرىۋاتىمەن ، قارلۇققا راسلا بارىكاللا جۇمۇ ، قوللايمەن !
قارلۇقنىڭ ئەپلىرى ھەممىسى 5.0 ios دىن تۆۋەن نەشىرنى قوللىمىغاچقا ھېچقايسىسىنى قاچىلىيالمىغان ئىدىم… بۈگۈن بۇنى كۆرۈپ ئەجەپ خۇش بولدۇم دېسە…
بارىكاللا !
。、ئاندروئىد نۇسقىسىمۇ بارمىدۇ؟
مەن كۆتۈمنى ياراتمايمەن باسۇرۇپ ئولتۇرىمەن ، كۆتۈم مېنى ياراتمايدۇ ئوسۇرۇپ ئولتۇرىدۇ ، قارلۇققا نىمىشقا بارىكاللا ئىيىتمايمىز ، ئۇيغۇرچىلىقىمىزدا مۇشۇنداق بىر شىركەتنىڭ چىققىنىدىن نىمىشقا پەخىر لەنمەيمىز ، ئاجايىپ كىشىلەر بار شۇنچىلىك قىتىغىر خۇددى ئۈستىدىكى ماقال سەكلا ….
ماقال دەكلا …. (سەكلا) بوپ قاپتۇ .
ھەقىقەتەن قالتىسكەن ، مۇمكىن بولسا ئاندىروئىد نۇسقىسىنىمۇ چىقارغان بولسا بولسا ياخشى بولاتتىكەنتۇق…
دىمىسىمۇ ئاندىروئىد ئىشلىتىدىغانلار iPhone ئىشلىتىدىغانلادىن كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ…
قارلۇق ھەرگىز ئەنجۈر نۇسخىسىنى چىقارمايدۇ!چۈنكى قارلۇق ئاسىيادىكى ئالما تەتقىقات مەركىزى.
نەدىن چۇشۇرۇمىز
دوسلار ماڭا چۇشۇرۇش مەنزىلى ۋە ئۇسۇلى كىرەك
نۇر نىجاتخان راس دەيدا جۇما!!! مەرۋايىت يامان ياخشى بەلەن گەپ قىلدىڭىز …
مەن android نۇسخىسىنى ئويناپ باققان. راستىنلا بەلەن ئىشلىنىپتۇ.
مەن ئالما ئىشلەتمەيمەندە،ئاندرويىد ئىشلىتىمەن. ئاندرويىد نۇسخىسىمۇ بولغان بولسا ياخشى بولاتتىدە