كېيىنكى ئەۋلاد iPhone ئېلان قىلىنىشقا ئاز قالدى، iPhone 5 ھەققىدىكى ئەپقاچتى پاراڭلارنىڭ توپلانمىسى
كېيىنكى ئەۋلاد iPhone ھەققىدىكى پاراڭلار ئاللىقاچان تور دۇنياسىنى بىر ئالدى، تېخنىكا تور بېكىتى Business Insider ئالدىنقى كۈنى توردىكى بۇ ئەپقاچتى پاراڭلارنى خۇلاسە قىلىپ چىققان، مەسىلەن يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone كەلگۈسىدە 4G LTE تورىنى قوللايدۇ، iPhone 4 تىنمۇ نېپىز دېگەندەك، ئەلۋەتتە كۆپچىلىك قىززىقىدىغان تارقىتىلىش ۋاقتى قاتارلىقلارمۇ بار…
تارقىتىلىش ۋاقتى: 9-10-ئايلار(مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى)
ئالما شىركىتى ئۆتكەن يىلى كۈزدە iPhone 4S نى ئېلان قىلدى ھەمدە مەھسۇلات ئېلان قىلىشتىكى يېڭى دەۋرىلىك ئۆلچىمىنى باشلىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، iPhone 5 بەلكىم بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 10-ئاينىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.
كۆچمە پۇل تۆلەش ئۆزىكى قوشۇلىدۇ(بەلكىم)
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، iPhone5 كە NFC ئۆزىكى قوشۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۆزەك ئىستېمالچىلارنىڭ يانفوندا تۇرۇپ پۇل تۆلەش ئېھتىياجىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن، بۇ Google Wallet نىڭ Android ئۈسكۈنىسىدىكىگە ئوخشاش ئىكەن. NFC ئۆزىكىنىڭ قوشۇلىشى، يەنە iPhone ئىشلەتكۈچىلەر ئوتتۇرىسىدا ناخشا–مۇزىكا، فىلىم، ئالاقە نومۇر، سۈرەت قاتارلىقلارنى ئورتاقلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت ئىككى iPhone نى بىر يەرگە قويۇپ قويسىلا بولىدىكەن.
4G LTE يۇقىرى سۈرئەتلىك تورنى قوللايدۇ(ئاساسى جەھەتتىن جەزملەشتۈرۈلگەن)
بارلىق بىشارەتلەر شۇنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتىكى، iPhone 5 كەلگۈسىدە بىر دانە 4G LTE يانفونى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ قالتىس سىمسىز تور تېخنىكىسى بولۇشى سۈپىتى بىلەن، LTE تورىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ چۈشۈرۈلۈش سۈرئىتى ھەتتا ADSL دىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.
iPhone 4 تىنمۇ نېپىز(مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى)
ئۇدا ئىككى يىل ئوخشاش شەكىلدىكى يانفون ئىشلەتكەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر چوقۇم يېڭىچە لايىھەلەنگەن بىر iPhone غا تەقەززا بولۇۋاتىدۇ. ئەڭ يېڭى ئەپقاچتى پاراڭلارغا قارىغاندا، كېيىنكى ئەۋلاد iPhone نىڭ قېلىنلىقى 7.9mm بولۇپ، iPhone 4S قا قارىغاندا 1mm نېپىز ئىكەن.
4 سۇڭلۇق ئېكران سەپلىنىدۇ، ئەمما يانفوننىڭ ئومۇمى گەۋدىسىنىڭ چوڭلىقى ئۆزگەرمەيدۇ(بەلكىم)
يېقىنقى بىر قىسىم خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئالما شىركىتى كېيىنكى ئەۋلاد iPhone غا 4 سۇڭلۇق ئېكران ئىشلەتمەكچى ئىكەن. ئالدى بىلەن ۋال-سىترېت كوچىسى گېزىتى خەۋەر بېرىپ، ئالمىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد يانفونىدا بىر ئاز چوڭراق بولغان ئېكران سەپلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان؛ كەينىدىن، 9to5Mac مۇ ئالمىنىڭ ھازىر بىر دانە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 4 سۇڭلۇق ئېكراننى سىناق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن.
يانفون ماتېرىيالىغا سۇيۇق مېتال ئىشلىتىلگەن(كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ)
ئاسىيا تاراتقۇلىرىدىن كەلگەن بىر قىسىم خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئالما كېيىنكى ئەۋلاد iPhone نىڭ سىرتقى ماتېرىيالى ئۈچۈن سۇيۇق قېتىشما دەپ ئاتىلىدىغان بىر ماتېرىيالنى ئىشلەتمەكچى ئىكەن.
new iPad كە ئوخشاش ئۆزەك سەپلەنگەن(مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى)
ئالمىنىڭ iOS ئۈسكۈنلىرىنىڭ يۈزلىنىشى، ئادەتتە iPad تە ئەڭ تېز بولغان قاتتىق دېتال ۋە ئۆزەكنى ئىشلىتىش، ئاندىن شۇ يىلىدا ئېلان قىلىنىدىغان iPhone غا سەپلەش بولۇپ، ئىلگىرىكى iPad 2 ۋە iPhone 4S كە ئوخشاش، بۇ قېتىممۇ ئەھۋال شۇنداق بولۇشى مۇمكىن.
خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئالما ئاللىقاچان iPhone نىڭ ئىچكى سەپلىمىلىرىگە بولغان سىناقنى باشلىغان. يېڭى iPhone غا new iPad كە ئوخشاش A5X مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، ئىچكى ساقلىغۇچمۇ 1GB ئىكەن.
iPhone غا بەلكىم iPad تىنمۇ تېز بولغان ئۆزەك سېلىنىشى مۇمكىن(گۇمانلىق)
DigTimes نىڭ يېقىنقى بىر پارچە ئاخباراتىغا ئاساسلانغاندا، كېيىنكى ئەۋلاد iPhone غا A6 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، new iPad تىكى A5X كە قارىغاندا تېخىمۇ تېز ئىكەن. ئەمما بۇ خەۋەرنىڭ ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، ئالمىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە قارىغاندا، ھەمىشە يېڭى ئۆزەكنى ئاۋال iPad كە ئىشلىتىپ ئاندىن iPhone غا سەپلەيدۇ.
ئەپلەرنى ئىزدەپ چۈشۈرۈش تېخىمۇ قولايلىقلاشقان(مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى)
ئالما يېقىندا، iPhone ۋە iPad كە ئەپ ئىزدەشنى تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇشنى تەتقىق قىلىدىغان Chomp دەيدىغان بىر شىركەتنى سېتىۋالغان. بۇ بەلكىم ئالمىنىڭ App Store غا كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى قوشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. App Store دا ھازىر نەچچە يۈزمىڭلىغان ئەپ بار، ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىگە ماس كېلىدىغان بىر دانە ئەپنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن بەزىدە خېلى ئاۋارىلىق تارتىدۇ. Chomp بولسا نۆۋەتتە دەل مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋاتىدۇ. ھازىر مۇقىملاشتۇرۇلغان يېڭى بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، iOS 6 دە ھەقسىز ئەپلەرنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن پارول كىرگۈزمىسىمۇ بولىدىكەن.
iTunes قايتىدىن ئۈزۈل-كېسىل پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلىنىدۇ(مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى)
App Store نىڭ يېڭىلىنىشىدىن باشقا، يەنە ئالما iTunes نى قايتىدىن لايىھەلەۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يېڭىلىنىش ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ناخشا، كىنو ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى iPhone بىلەن ماس قەدەملەشتۈرۈشنى تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرىدىكەن.
تېخىمۇ كىچىك doc ئېغىزى ئىشلىتىلگەن(بەلكىم)
كېيىنكى ئەۋلاد iPhone تېخىمۇ نېپىز دەپ قارىلىۋاتقان بولغاچ، ئالما بەلكىم ئۆلچەملىك 30-pin dock ئېغىزىنى كىچىكلىتىش مۇمكىن. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىغىنى شۇكى، بۇ ناۋادا iPhone 4/4S ئىشلەتكۈچىلىرى iPhone 5 كە كۆچۈپ قالسا، ئۇنداقتا يېڭىدىن توكلىغۇچ ۋە زاپچاسلارنى سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تېخىمۇ راۋان ۋە سەزگۈر يېڭىچە سېزىمچان ئېكران سەپلەنگەن
ناۋادا كېيىنكى ئەۋلاد iPhone نېپىزلىشىپ قالسا، ئۇنداقتا ئالما چوقۇم سېزىمچان ئېكران تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. ئانالىزچىلارنىڭ دېيىشىچە، ئالما يېڭى iPhone غا ئىشلەتكەن يېڭىچە ئېكران تېخىمۇ سەزگۈر ئىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، iPhone، ئانالىز، خەۋەر، مەھسۇلات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,850 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 07-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone5-rumors-summary.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قارلۇقتىن يەنە بىر يېڭى ئەپ: Eli For iPhone | پۈتۈنلەي ھەقسىز، iOS 4.0 دىن يۇقىرى iPhone غا ماس كېلىدۇ
- كېيىنكى يازما > ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخىسلەر تونۇشتۇرۇلغان ئەپ – شەخىسلەر
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
نىمانچە قىزقىدىغانسىلەر مۇشۇ تىلغۇنغا
شۇنى دەيمەن!
ئوتى يامان دەيمەن بۇ تېلېفۇننىڭ، قالدىسىغا چىققاندا كۆرمەمدۇق،
ئەمدى بۇ قېتىم ،بۇتېلىفۇننى چۇقۇم ئالماي بولماپتۇ.
ئوتى يامان ، پۇلىمۇ يامان كاساپەتنىڭ ، 4 نى ئالدىغانغا پۇل يىغىپ بولالمايۋاتساق 5 نى بازاغا سالسا
پۈتۈن ئالەمنى ھەيران قالدۇرۇپ، باھاسىنى 4 تىن ئەرزان چىقىرىپ قالامدىكىن دەپ خىيال قىلىپ قالدىم. لېكىن ئالمىنىڭ نەپسانىيەتچىلىكىگە باققاندا بۇ خىيالنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى سەل تەسرەكمىكىن.
يەھۇدىنى ئاندا ساخاۋەتچى چاغلىماڭ
4 نىڭ باھاسىنىڭ يېرىمىچىلىك چىقارمىسۇ خېلى پايدا قالاتتى بۇ كاساپەتلەرگە، پۇلغىمۇ تويمايدىغان شىركەت دېسە،
ئېكراننى يەنىلا شۇ سامسۇڭ شىركىتى تەمىنلەيدىغاندۇ؟ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچمۇ سامسۇڭ شىركىتىنىڭغۇ دەيمەن!
ۋىجدانى يوق شىركەتلەرنى تىزىپ قالسا ئالما شېركىتى 1- ئورۇندا تۇرىدىغۇ دەيمەن!
بىز نىڭ دىيارىمزدا مۇشۇ سىمسز تور سۈرىتىلام بۇلىدىكەن،بۇتېلغۇننى ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق جۇما !
4s تىن كۆپ پەرىقى يوق ، مىنىڭچە