iOS 7 نىڭ ياپىلاقلاشتۇرۇلغان ئۇقۇم لايىھەسى – بۇنداق iOS 7 قاچىلانغان iPhone 6 گە قانداق قارايسىز؟
WWDC 2013 ئۆتكۈزىلىدىغانغا يەنە بىر ئاز ۋاقىت بار، گەرچە ئالدىنقى ئىككى ئەۋلاد iPhone ئالدىن ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئۇچۇرلار بەك كۆپ بولۇش تۈپەيلى، بىزگە ئۇنچە كۆپ ھاياجان ئېلىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىلقى WWDC دىكى بىر نۇقتا ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا، ئۇ بولسىمۇ Johnny Ivy باش بولۇپ لايىھەلىگەن iOS 7. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، iOS 7 «ياپىلاقلاشتۇرۇلغان» لايىھە ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىگە سەۋەپ بولۇۋېتىپتۇ…
ھازىرغا قەدەر توردا ئېلان قىلىنغان iOS قا دائىر ئۇقۇم لايىھەلىرى ئىنتايىن كۆپ، ئەمما بۈگۈن كۆرۈپ ئۆتمەكچى بولغان بۇ لايىھەدە ئاساسى ئېكران ئېلىمېنتلىرى بولۇپلا قالماي، يەنە بىر قىسىم ئۆزىدە تەمىنلەنگەن ئەپلەرنىڭ ئۆزگەرتىلمىسىمۇ بار. قېنى بىردىن-بىردىن كۆرۈپ باقايلى.
ئېكران قۇلۇپلانغان ھالەتتىكى كۆرۈنۈشى. بۇ ئۇقۇم لايىھەسىدە، ئېكران قۇلۇپلانغان ھالەتكە كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىش بىر قەدەر چوڭ. ئاۋال قارايدىغان بولساق، ئالما ئىجاد قىلغان سىيرىپ ئاچىدىغان ئېكران قۇلپىسى ئېكراننىڭ ئۈستىگە يۆتكىۋېتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئېكراننىڭ ئاستى قىسمىغا ئىلگىرى بار ئېلىمېنتلاردىن كامېرادىن باشقا يەنە خەرىتە، Siri ئىككىسىنىڭ ئايكونسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋاقىت ئاستى قىسمىغا يۆتكىۋېتىلىپ يېنىغا ھاۋارايى قوشۇلغان.
ئەمەدى ئاساسى ئېكرانى توغرىسىدا توختىلايلى. ئايكونلاردىكى ئۆزگەرتىش ھەقىقەتەن ياپىلاق لايىھەگە قاراپ تەرەققىي قىلغان، لايىھەلىگۈچى iOS 7 ئۈچۈن 9 دانە يېڭى ئايكون لايىھەلىگەن، ئەمما كۆركەملىك دەرىجىسى ھەققىدە توختىلىپ ئولتۇرمايلى. ئۇقتۇرۇش مەركىزىدىكى ئۆزگىرىش سەل كۆپ، قارىماققا ئىشلەتكۈچىلەر ھەممىسى ئۇقتۇرۇش مەركىزىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقىغا ئاغرىنىشى بىكار ئەمەستەك قىلىدۇ. ئۇقۇم لايىھەسىدىكى ئۇقتۇرۇش مەركىزى بىلەن تۈرمىدىن قاچۇرۇلۇپ قىستۇرما قاچىلانغان iOS 6 قارىماققا ئىنتايىن ئوخشىشىدىكەن، ئوخشىمايدىغان يېرى، ھازىر ئۇقتۇرۇش مەركىزىنى سىيرىپ ئوتتۇرىدا مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدىكەن.
مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۇقتۇرۇش مەركىزى بىر Widget قا ئايلانغان، ھەمدە ئوڭ سولغا سۈرۈش ئارقىلىق ئوخشىمىغان تۈرلەرنى ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن. بۇ لايىھە ۋىججېتقا بولغان كۈچلۈك تەقەززالىقنى ئىپادىلىگەن، ئەمما قارىماققا سەل ئاشۇرىۋەتكەندەكمۇ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشقان لايىھە بولسا، ئالما ئۇقتۇرۇش مەركىزىنىڭ ئېغىزىنى پروگراممېرلارغا ئېچىپ بېرىپ، ئاچقۇچىلارنىڭ ئۇقتۇرۇش مەركىزى ئۈچۈن ھەرخىل قوللانچىلارنى ئېچىشىنى قولغا كەلتۈرىشى كېرەك.
سىستېما ئۆزى تەمىنلىگەن بىر قىسىم ئەپلەرنى كۆرۈپ باقايلى. بۈگۈن تونۇشتۇرغان بۇ ئۇقۇم لايىھەسىنىڭ ئىلگىرىكى باشقا لايىھەلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، لايىھەلىگۈچى سىستېما تەمىنلىگەن ئەسلى ئەپلەرگە پۈتۈنلەي يېڭىچە كۆرۈنمە يۈز لايىھەلەپ چىققان. مۇزىكا ئىچىگە سىيرىلما قول ئىشارىسى قوشۇلغان بولۇپ، تېز سۈرئەتتە بىر ناخشىنى قايتا قويۇش ياكى خالىغانچە قويۇشنى بەلگىلى بولىدۇ، كامېرا، كالېندار قاتارلىق ئەپلەرگە پۈتۈنلەي ياپىلاقلاشتۇرۇلغان UI سەپلەنگەن.
بۇ لايىھەلەرنى كۆرۈپ قانداق تەسىراتقا كەلدىڭىز؟ ئەگەر iOS 7 ھەقىقەتەن مۇشۇنداق لايىھەلەنسە ياقتۇرامدىكەنسىز؟
iOS 7 ئۇقۇم ياپىلاق لايىھەسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: iOS، iPhone، UI، لايىھە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,594 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ios7-concept-design.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > پورتىگالىيەلىك سەنئەتكار Budapest-based نىڭ ئاجايىپ گۈزەل قېرىنداش ئويمىلىرى
- كېيىنكى يازما > ئەسلىدە ھەقىقى خاسىيەتلىك پالۋانلار مۈشۈك پلانېتىدىكىلەر ئىكەن ئەمەسمۇ؟!
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- ئادەمنى جىلە قىلىپ قويىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى | ئەسەبىي سەنئەتكارلارنىڭ دۇنياسىنى چۈشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن
- دۇنيا بويىچە ئەڭ رەتلىك سېلىنغان شەھەر
ماڭا پەقەت تۈرمىدىن قىچىپ بەرسىلابولدى !
ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت ئەمما سىزدىن 1 مىنۇت كىيىن قاپتىمەن.
مۇشۇ ئالمىنىڭ مەسھۇلاتلىرىغا بەكلا قايىلمەن، ھەقىقەتەن ياخشى.نىمىلا دىمەيلى ئالما ئەمەسمۇ؟
ھەي ئالما يەنە ئالمىلىقىنى قىلسا ياخشى بولاتتىدە…
راس دەيسىز ماڭا سەل win8 غا ئوخشاپقالغاندەك تۇيغۇ بەردى …..
تېىلغۇن يىڭى دەۋېرىنى ئاچىقىنى يەنىلا ئالما .ئالمىغا راستنلا قايىللىقىم بار
بۇنىڭمۇ ئۆزگىچىلىكى باركەن…
ماڭا يەنىلە ھازىرقى ئايكونلىرى چىرايلىق بىلىندى .
ھەي ئالما ھەي ئالما ، ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن كىيىن قالما
ھازىر سامسۇڭنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ، ھەتتا ئالمىنى بېسىپ چۈشەيلا دەپ قالدى (ئەمەلىيەتتىغۇ ئالمىدىن سامسۇڭ ئىلغارلىشىپ بولدى). ئالدى بىلەن نوكىيانىڭ باش كۆتۈرىشىنى، ئاندىن سامسۇڭنىڭ ئالمىنى مەغلۇپ قىلىشىنى بەكمۇ كۆگۈم با.
بولمىسا ئەتە-ئۆگۈن تويلۇققا ئالما ئالىدىغان ئىش چىقىدىغان ئوخشايدۇ، (بىر ئاغىنەم تويغا پۈتۈشكەن قىز تويلۇقتىن باشقا ئايفۇندىن بىرنى ئەپ بېرىسىز دەپتىكەن)
ئالما ھەقىقەتەن باشلامچى ، يېڭىلىق ياراتقۇچى . ئۇ بەرپا قىلىدۇ ، باشقىلار تەرەققى قىلدۇرىدۇ . ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى ھەققى ئۆز قىممىتىنى ساقلىغان ، پاغاللىشىپ كەتمىگەن مەھسۇلاتلاردۇر
ۋۇييۇ ماۋۇ پەيزىكەنغۇ ..ۋاھ ..بەك-سەت ياخشى كۆرەپ قالدىم..
قولى يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق دىگەن گەپ بار ئىكەن. بۇ ئالمىغىمۇ قولوم يەتمەيۋاتىدۇ، ئاچچىق بولسىمۇ بىر چىشلەي دىگەنتىم بولمىسا….
بۇخىل نىپىز لىتىلگەن لاھىيە ۋىندوۋۇس قا ئوخشاپ قاپتۇ …
ئالما 6 بۇيىل ئېلان قىلىنىدىكەن دەيدۇ .. قانداراق چىقار ..
ئالمىنىڭ بۇ ئايكون لاھىيىسى دۆلىتىمىزنىڭ 小米 ئاندرويىد يانفۇنلىرىنىڭ ئايكونىغا بەك ئوخشايدىكەن،قالغىنىنى قادىر بەيدۇدىن ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇMIUIدەپ…
مەن قارىسام سەل 小米شىمال تۇرامدۇ…ھازىرقى ھالىتى چىرايلىقمىكىن مىنىڭچە ماڭا ئانچە ياقمىدى
مەن ئىزچىل ئالمىنى قوللاپ كەلمەكتىمەن.بۇ بىر مۈلچەر خالاس.IOS7 چىققاندا بىرنىمە دېمەمدۇق؟شۇنداقمۇ يا؟
قانداق قارايتتىم ، ئوڭ سول كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ ئۇدۇلدىن قارايمەن
مەنمۇ پىنھاندەك قارايمەن
ئىزدىنىش قاندىغاي ھازىر؟
ئىزدىنىشنى ئوڭشىغاي دەپ ھەممە يەردە جىق ئىنكاسلارنى ئاڭلاپ كەتتىم ،
ئىزدىنىشقا ئىنكاس ماراپلا كىرەتتىمدە ،دەھشەت ئۇقۇمۇشلۇق باللا باتى
كۆزنەك 8 گىلا ئوخشايدىكەن .
ئالمىمۇدوراۋاتامدۇ نىمە ؟
مېنىڭچە بۇ خىل ئۆزگەرتىش بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق بولسا ئالما ۋندوۋسقا يېقىنلىشىپ خاسلىقىنى يوقىتىدۇ. ئەنئەنىلىكى كۈچلۈك بىر شىركەت بۇنداق ئىشقا يول قويمايدۇ.
جوبىس ئالەمدىن ئۆتۈپلا ئىشلار قالايمىقانلاشقىلى تۇردىمۇ نىمە …. بۇ لايىھە ماڭا پەقەت يارىمىدى
مەن بۇ يىلدىن باشلاپ win8 قاچىلانغان تېلېفۇن ئىشلىتىپ باققىم كىلۋاتىدۇ، ئالمىنىمۇ، ئاندىروئىدنىمۇ ئىشلىتىپ بىقىپتىمەن، نوكىيا 928نى ساقلاپ تۇرۋاتىمەن.
ماڭا پەقەت ياقمىدى سىرتقى كۆرۈنىشى، ئايكونلارنى ئۇنداق كۆزنەك 8 ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىۋەتسە، ئورگان ئايكونلىرىغۇ شۇنداق بولسۇن دەيلى، شەخىسلەر ئەپلىرىنىڭ ئايكونلىرى يەنە شۇ يۇمىلاق تۇرسا، ئۇنى چاسا شەكىلگە ئۆزگەرتىشكە خېلى ئىش ھەم ۋاقىت كىتىدۇ، بۇنىڭ ئۆزى ھەم ۋاقىت ھەم ئىقتىساد ھەم زېھىن ئىسراپچىلىقىدىن باشقا ئىش ئەمەس ئۇ چاغدا.
بەك پەيزىكەن ھازىر مۇرەككەپلىكتىن ئاددىلىققا يۈزلىنىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ،..
Android بىلەن Wp8 نىڭ بىرىكمىسىمۇ نىمە؟
قوشنامنىڭ قوش كۆرەنگىلى تۇرغان ئوخشايدۇ ئەمدى ماۋۇ ئالمىلىقلارغا..
ئاتالمىش ياپىلاق لاھىيە دىگىنى ئىنىقلا بىز ياپىلاق، قايسى مودا بولسا شۇنى دورايمىز دەپ win8نى دورىغىنى Android قا ئوخشاتقىنى مانا مەن دەپ تۇرمامدۇ….
ئوچۇق كودلۇق قىلىپ ئەنجۇر ياخشى