ئەتراپىمىزدا دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان كەسپى يالغان سۆزلەر…
كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدا خىلمۇ-خىل سورۇنلاردا ھەر خىل ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىش ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى، بىر قىسىم سۆزلەرنى تەكرار ئاڭلاشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز، يەنى بۇ سۆزلەر قېلىپلىشىپ كەتكەن كەسپى يالغان سۆزلەر بولۇپ، بەزى چاغدا بىر نېمە دەپ بولۇپلا كەينىدىن قارشى تەرەپنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بولالايمىز. قېنى ئۇنداقتا تۆۋەندىكى پېرسوناژلارنىڭ ئادەت خارەكتېرلىك سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ باقايلى:
ئاشپۇزۇل كۈتكۈچى : قورۇما ھازىر چىقىدۇ.
شىركەت خىزمەتچىسى : ئەتىدىن باشلاپ ئىشلىمەيمەن .
مال ساتقۇچى : بەك ئەرزان بولۇپ كەتتى ، زىيىنىگە بېرىۋەتتىم .
كارخانا دىرىكتورى : بىزنىڭ كارخانا بارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە مەنسۈپ .
باشلىق: ياخشى ئىشلىسەڭ مائاشىڭنى قوشۇپ بېرىمەن.
دوختۇر : بۇ ئۇكۇلنى ئۇرسا ئازراقمۇ ئاغرىمايدۇ .
دورىگەر : كېسىلىڭىزنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن مۇشۇ دورىلارنىڭ ھەممىنى يىيىشىڭىز كېرەك .
فوتوگراف : سىز مەن كۆرگەن ئەڭ چىرايلىق قىز .
ئاپتوبۇس شوپۇرى : ماشىنا دەل ۋاقتىدا قوزغۇلىدۇ .
بېلەت ساتقۇچى: كەينىدە ئورۇن بار.
كىيىم – كىچەك ساتقۇچى : دەللام كەلدى ،سىزگە ئاتاپ تىككەندەكلا .
رەھبەر : مەن پارا ئالمىدىم.
ئوقۇتقۇچى : بۇ قېتىمقى ئىمتېھان نەتىجەڭلەر نېمىدىگەن ناچار؟
سىنىپ مەسئۇلى : مەن ھەممە ئوقۇغۇچىنى باراۋەر كۆرىمەن.
ئوقۇغۇچىلار : ئەتىدىن باشلاپ ئوقىمايمەن.
ئاتا-ئانىلار : مۇشۇ ئىمتىھاندا پالانىدىن ئېشىپ كەتسەڭ ، نېمە دىسەڭ شۇنى ئېلىپ بېرىمەن.
ئەخلاق – تەربىيە ئىشخانىسىدىكىلەر : مەكتەپ ھاجەتخانىسىدا تاماكا چەككۈچىلەر بايقالسا ، مەكتەپتىن قوغلاش چارىسى بېرىلىدۇ.
مەكتەپ مۇدىرى : مەن ئىككى ئېغىز قوشۇمچە قىلاي
كىنو چولپىنى : بىز پەقەتلا دوست .
QQ دىكى يىگىتلەر: مېنىڭ مابىتىم يوق
ئايرۇپىلان باشلىقى : يولۇچىلار ھۇدۇقماڭلار ، ئايرۇپىلاندىن كىچىككىنە كاشىلا چىقتى .
ئامانلىق خادىمى : ھەر قانداق جىنايەتچىنىڭ قېچىپ كىتىشىگە ھەرگىز يول قويمايمەن .
سىياسەتۋاز : مەن بىر تىيىنمۇ ھەق ئالمىدىم .
رىياسەتچى : ئالدىرىماڭلار ، ئۇيۇن ھازىرلا باشلىنىدۇ.
تور بوشلۇقى ساتقۇچى: مۇلازىمېتىرغا خاككېر ھۇجۇم قىپتۇ، بىردەمدە ئوڭشايمىز.
تور بېكەت باشلىقى: بارلىقىمىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تور ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن!
بلوگگېر: ئەتىدىن باشلاپ بەلنى قەتئىي باغلاپ بلوگ يازىمەن.
تەدبىركار: تورخۇمار تورخۇمارىڭىزنى باسىدۇ.
باشلانغۇچ مەكتەپ مۇئەللىمى: ماڭا راست گەپ قىل، ئاتا-ئاناڭغا دېمەيمەن.
تولۇقسىز مۇئەللىمى: بۇ سائەتلىك تەنتەربىيە دەرسى مالىمىنىڭ ئىشى چىقىپ قېلىپ ئۆتۈلمەيدۇ، سىنىپتا تەكرار قىلىڭلار.
تولۇق ئوتتۇرا مالىمى: سىلەرنىڭ پەقەت 1 مىنۇتلا ۋاقتىڭلارنى ئالاي
نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچى: بۇ قېتىم يەنە تۈزۈك بېرەلمىدىم ئىمتىھاننى
باشقا مەكتەپتىن توپ ئوينىغىلى كەلگەنلەر: بىز تۈزۈك ئوينىيالمايمىز
دوختۇر: بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق
ئالاقىلەشمىگىلى ئۇزۇن بولغان ساۋاقداشلار: ئالاقىلىشىپ تۇرايلى
ئاتا-ئانىلار: ھېيتلىق پۇلۇڭنى بىز ساڭا ساقلاپ بېرەيلى
ئايالى ئېرىگە ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن: مانا ھازىر، ئازىراقلا قالدى
قىز: بىز يەنىلا دوست بولۇپ ئۆتسەك بولىۋېرىدۇ
مۇئەللىم نەتىجىسى ئەڭ كەينىدىكى ساۋاقداشقا: سەن ئەمەلىيەتتە بەك ئەقىللىق، شۇ تىرىشمايسەن
سوۋغا قوبۇل قىلغۇچى: ۋاي بولدى ئاۋارە بولمىسىڭىزمۇ بولاتتى ئەسلى
خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان كىچىك بالا يىغلاپ تۇرۇپ: ئەمدى ئىككىنچى بۇنداق قىلمايمەن، ھۈ ھۈ ھۈ!
ئاتا-ئانا: ئىمتىھان تۈگىگەندە قانداق ئوينىساڭ مەيلى
جۇڭگو پۇتبول كوماندىسى: بىز كېلەر يىلى چوقۇم World Cup قا كىرىمىز!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش,تەرمەچ,قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: lie.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغان Flash ئويۇن : تاشقى پلانېت كالا ئوغرىلىرى(Alien Thief)
- كېيىنكى يازما > ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇشتىكى ياخشى ياردەمچى – Office 2007 كەسپى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
ئاللا ئاللا””دىۋان تىگىپ قاپتۇ ماڭا!!
ئەسلى سىزگە ئاشمايتى، كىچىچە ئىككى سائەت ھەپلىشىپمۇ مۇشۇ يازمىنىڭ ئىنكاس يازىدىغان يىرىنى ئاچالمىدىم، نىمە ئىش بولدىكىن تاڭ، تەدبىركارنى ئويغىتىۋەتكۈم كەلمىدى،ھازىر ئىچىلىپ قاپتۇ…
تەدبىركار:
يېڭى يازما ھازىرلا يوللىنىدۇ
مانا بۇنىمۇ قېتىپ قويايلى
بېكەت ياسىلىۋاتىدۇ ، ئەتە ئېچىۋېتىلىدۇ …
سندىبات:ئەتە چۇقۇم دىۋاندا ئولتۇرىمەن!
ھا ھا ھا راسلا قىزىقارلىق گەپلەركەن بۇ يا!!!!!!!!!!!! 3 ئورۇندىن ئورۇن تىگىپتۇ دە
نەدە؟ سىلە پەگادا ھازىر
دولقۇن731 : ئەمدى بلوگ يازمايمەن
قاچانلادايوللىىنىپ بولا بۇ تىمىلا،تۈرىگە چىقاي دەپمۇ چىقالماي يۈرىمە
مەن بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ ، داۋامىنى تىپىپ چىقاي
ما تېمىغا ئىشلەتكە رەسىمدىكى كىنونى بىزگە كۈندە دىگۈدەك قۇيۇپ بىرىدۇ، بەك ئىسىل كىنو ئۇ … يازمىمۇ بەك ياخشىكەن رەھمەت سىزگە !
مەن : تىما كۆرسەم چوقۇم ئىنكاس يازىمەن