ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ! باشلىق ياكى خوجايىنغا دېيىشكە بولمايدىغان 10 تۈرلۈك گەپ!
بەلكىم سىز باشلىقىڭىزياكى خوجايىنىڭىزبىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتىشىڭىز مۇمكىن، ھەتتائۇنىڭ ئالدىدا يۈزتۇرانە تۇرۇپ خىلى -خىلى گەپلەرنى قىلالايدىغانلىقىڭىزنى ئويلىغان چىغىڭىزدا ئۆزىڭىزگە«مەن ھەقىقەتەنمۇ قالتىس» دەپ باھا بەرگەنمۇ بولىشىڭىز ئېھتىمال. لىكىن شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭكى، ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا سىز ئىتىراپ قىلمىسڭىزبولمايدىغان بىر رىئاللىق مەۋجۈت، ئۇبولسىمۇ«ئۇ سىزنىڭ رەھبىرىڭىز ياكى خوجايىنىڭىز، سىزئۇنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى خادىم»تۆۋەندىكى ئون خىل سۆزنى باشلىقىڭىزياكى خوجاينىڭىزئالدىدا ھەرگىزئىشلەتمەسلىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
1.بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ
بەزىدە باشلىق ياكى خوجايىن سىزنى ئىشخانىسىغا چىقىشقا چاقىرغاندا، سىز بەلكىم قىلمىىسڭىزبولمايدىغان مەلۇم بىرئىش ئۈستىدە بولىشىڭىزمۈمكىن. ئەمەلىيەتتە باشلىق ياكى خوجايىن سىز قىلىۋاتقان شۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم ئادەم، شۇڭا سىز ئۇئىشنى قويۇپلا دەرھال ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا چىقىڭ، ئەڭ ياخشىسى «بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ»دېگەن سۆزنى قىلماڭ.
2.ئاپلا ! ئۇنتۇپ قاپتىمەن
سىز دائىم ئالدىراش خىزمەت قىلىۋاتقاچقا، ھەممە ئىشلارنى يادىڭىزدا ساقلىيالماسلىقىڭىز تەبىئىي ئەھۋال.ئەمماباشلىق ياكى خوجايىنلار سىزنىڭ ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭىزدىن چوقۇم رەنجىيدۇ.شۇڭاسىز، بۇنداق ئەھۋالدا«مەن ھازىرقىلىۋاتىمەن، تېخى ئورۇنداپ بولالمىدىم» دىسڭىز بولىدۇكى ھەرگىزئۇدۇللا ئۇنتۇپ قاپتىمەن دەپ يەرگە قاراپ تۇرماڭ. بۇخۇددى، يىرىم بۇتۇلكا سۇنى «بۇتۇلكىنىڭ يىرىمى قۇرۇق» دېمەي بىلەن«بۇتۇلكىدا يىرىم سۇبار» دېگەنگە ئوخشايدۇ، بۇيەردە گەرچە ئىككىلى گەپ ئوخشاش مەنىدە بولسىمۇ ، لىكىن ئىككىنچىسى ياخشىراق ئاڭلىنىدۇ.
3.بولمايدۇ!
باشلىقىڭىزياكى خوجايىنىڭىز سىزگەمەلۇم بىر ۋەزىپىنى تاپشۇردى، ئەمما بۇ سىز قىزىقىدىغان تۈر ئەمەس.ئەگەرسىزنىڭ راستىنلا قىلغىڭىزبولمىسا، سىزدىنمۇياخشى قىلالايدىغان باشقا بىرىنى كۆرسەتسىڭىزمۇ ياكى ئۆزىڭىزنىڭ باشقا بىر مۇھىم ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈستىدە ئىكەنلىڭىزنى ئىيتسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمماھەرگىزپوسۇققىنە:«بولمايدۇ!» دېمەڭ. بۇنداق جاۋابنى ھېچكىم ياقتۇرمايدۇ.
4.سىزبىلمەمسىز؟
كۆپ ساندىكى باشلىق ياكى خوجايىنلارئۆزىنى ھەممە ئىشنى بىلىمەن دەپ قارايدۇ، جۈملىدىن سىز ۋە خىزمەت ئورنىڭىزدىكى بارلىق ئىشلارنى. ئەگەرسىزئۇلاربىلەن ئوخشىمايدىغان كۆزقاراشقا دۇچ كېلىپ قالسىڭىز، «بەلكىم سىزبۇئىشنى بۇرۇنلائويلىشىپ بولدىڭىز» دېگەندەك گەپلەرنى سىناپ بىقىڭ، بۇنداق قىلسىڭىز ئۇلار سىزنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكنى ئۇدۇللا دەپ سالماڭ.
5. سىز كېچىكىپ قالدىڭىز!
ئىشقا كىچىكىش سىز ئۈچۈن ئاۋارىچىلىق بولغىنى بىلەن باشلىق ياكى خوجايىن ئۈچۈن ئېلىپ ئىيتقاندا ئۇبىر«ئىمتىياز»خالاس.ئەگەرئۇلارغا«سىز كېچىكىپ قالدىڭىز!»دېگەن سۆزنى ئىشلەتسىڭىز، ئۇلارسىزنى ئۆزلىرىنىڭ ئىش -ھەرىكىتىنى پايلاپ يۈرگەندەك چۈشەنچىدە بولۇپ قالىدۇ.
6. كېيىمىڭىزياراشماپتۇ
بەزىدە باشلىقىڭىزياكى خوجايىنىڭىزدۇنيادىكى ئەڭ «مەتۇ»بىرسىياقتا ياسىنىپ قىلىشى مۇمكىن، لىكىن بۇنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە سالماڭ. چۈنكى ئىسىڭىزدە بولسۇن قانداق كىيىم كىيىش ھەركىمنىڭ ئۆزھوقۇقى.
7.ماشىنىڭىزنى سوقىۋەتتىم
ئەلۋەتتە، ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا سىز باشلىقىڭىزنىڭ ياكى خوجايىنىڭىزنىڭ ماشنىسىنى سوقۇپ قويىشىڭىز مۇمكىن، بۇ بولۇپ تۇرىدىغان ئىشلار، ئەمما بۇئىشنى ئۇلارغا ئىيىتىپ چۈشەندۇرىمەن دەپ تۇرىۋالماڭ، بىلىپ قىلىڭكى بۇ ئۇلارغادىيىىشكە قەتئىي بولمايدىغان گەپ.
8.تۈنۈگۈن كەچ مەيخانىدا خانىمىڭىزنى كۆرگەنگەن، سىزنى كۆرمىدىمغۇ؟…….
بۇنداق گەپلەر باشلىق ياكى خوجايىنغا قەتئى دىيىشكە بولمايدىغان سۆزلەردۇر، ئەگەردەپ سالسىڭىز كىسىپ ئىيتىمەنكى بۇ سىزنى نەس بىسىشنىڭ باشلىنىش مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ.
9.ئايلىق(يىللىق)كىرىمىڭىزقانچىلىك؟
بۇ ھەممەيلەننىڭ بىلگۈسى كېلىدىغان مەسىلە، ئەمما كۆپىنچە باشلىق ياكى خوجايىنلار بۇ ھەقتە سىز بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆھبەتلىششنى ئانچە خالىمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى بۇ مەسىلىنى سورىمىغانلا ياخشى.
10.ئىش ھەققىمنى ئۆستۈرۇپ بىرەلەمسىز؟
ئەگەر ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويماي دېسىڭىز، ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۆرۇشكە ھەقلىق دەپ ئويلىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىپ، پۇت تېرەپ تۇرالىغۇدەك «باھانە» تىپىلغاندا ئاندىن مۇۋاپىق بىر پۇرسەت يارىتىپ ئاندىن بۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: باشلىق، خوجايىن، خىزمەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 31-كۈنى
- يازما مەنزىلى: angry-boss.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مىكروسوفتنىڭ ھەقسىز ماتېماتكا يۇمشاق دېتالى Microsoft Mathematics v4.0
- كېيىنكى يازما > شادىمان iPad مۇزىكا ئەترىتى، iPhone ۋە iPhone ئارقىلىق روژدېستىۋو مۇزىكىسى ئورۇنلاش
- خېنەندىكى بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس شىركىتى ئۇدا 12 يىلدىن بېرى بىر سوملۇق پۇل بىلەن ئىش ھەققى تارقىتىۋېتىپتۇ
- ياشلار بېرىپ خىزمەت قىلىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان 15 شىركەت، ئالدىنقى ئۈچىنى بەلكىم پەرەز قىلىپ بولدىڭىز!!!
- 90% تىن ئارتۇق كىشى Ctrl + F ئارقىلىق ئۇچۇر ئىزدەيدىغان ئاددى بىر تېخنىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن!!!
- بولدى مەن ئىشلىمەيمەن! قانداق قىلغاندا خىزمەتتىن ئەڭ ئاقسا ھالدا ئىستېپا بەرگىلى بولىدۇ؟!
- 40 دانە ئالاھىدە لايىھەلەنگەن خىزمەت ئۈستىلى لايىھەسى! ئازادە مۇھىت خىزمەت ئۈنىمىڭىزنى تېخىمۇ يۇقىرىلىتىدۇ!
- iPad ئالاي دېگەنمىدىڭىز؟ مەن سىزگە iPad ئالماسلىققا 10 دانە سەۋەپ كۆرسىتىپ بېرەي
- ئىدارە باشلىقىنى ئاۋارە قىلىش(فېليەتون)
- قىزلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى نېمىشقا بۇنچە تەس؟
- تۇرمۇشتىكى ئاشۇ بىر قىسىم ھەقىقەتلەر: مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار ۋە مەغلۇبىيەتچىلەر
- بىر ساۋاقداشنىڭ Microsoft ،NOKIA ،Google قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى
بىزنىڭ تەدبىركار ھەممىدىن بەك ئىسىدە قاتتىق چىڭ تۇتسا بولىدىغان گەپلەركەن بۇ
دىۋان ….
كەينىدە قاپسىز
ئورۇنلۇق گەپلەر!
باشقىلارغا ئىشلەۋاتقانلار ئېسىدە مەھكەم ساقلىسا بولىدىغان گەپلەركەن.
گېنىرال بولۇشنى ئويلىمىغان ئەسكەر ياخشى ئەسكەر ئەمەس!
باشلىقنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۇنۇپ قالسىڭىز قانداق باشلىق سىزگە باشلىق بولۇشنىڭ يولىرنى دەپ بېردۇ ، ھا ھا
ئىشقىلىپ ئارتۇق ئىشقا بەك ئارلىشىپ كەتمىگەن ياخشى
بۇ گەپلەرنى ئىسىمدە چېڭ تۇتىۋالاي!