نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

قىزلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى نېمىشقا بۇنچە تەس؟

يېقىندا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن قىز ئىستۇدېنتلاردىن بىر قانچىسى مېنى ئىزدەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىنىگە بىر نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ ھازىرغىچە تۈزۈكرەك خىزمەت تاپالمىغانلىقىنى، ئەكسىچە، ئالىي مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ئوغۇل ساۋاقداشلىرىنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئوقۇغان كەسپىگە لايىق خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىقىنى، بىر قىسىم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ھەر قېتىم خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا ئوغۇللارنىلا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن غۇلجا شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئىدارە – ئورگان، ئاساسىي قاتلام، شىركەت، مەكتەپ رەھبەرلىرىنى زىيارەت قىلدىم. بىر قىسىم مەسئۇللارنىڭ ئېيتىشىچە، قىزلارنىڭ شەخسىي ئىشى كۆپ بولىدىكەن. ئەكسىچە، ئوغۇللار خىزمەتنى، كەسىپنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەيدىكەن. مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالىسىلا قىز – ئوغۇل، دەپ ئايرىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئاساسىي قاتلاملاردا ئىشلەيدىغان ئاياللار كۆپ. بەزى ئاياللارنىڭ جاسارىتى، خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقى، رىقابەت ئېڭى ئەرلەرنى بېسىپ چۈشىدۇ، بىراق بەزى ئورۇنلار ئاياللارنىڭ تۇغۇت سەۋەبلىك مەزگىللىك دەم ئىلىشىنى توغرا چۈشەنمەيدۇ، بۇنى توغرا چۈشىنىش كېرەك. شۇڭا نوقۇل ھالدا مۇشۇ بىر تەرەپنىلا كۆزدە تۇتۇپ قىزلارنى خىزمەتكە قوبۇل قىلمايمىز، دەپ قاراش ئاقىلانىلىك ئەمەس.
مەن زىيارەت داۋامىدا بىر قىسىم ئورۇنلارنىڭ ئەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بەزى ئورۇنلاردىكىلەر ئاياللار كەسىپچانلىقى كۈچلۈك خىزمەتنى قىلغاندىن كۆرە، مۇلازىمەت تۈرىدىكى خىزمەتلەرنى قىلىشقا تېخىمۇ لايىق، دەپ قارايدىكەن. ئىلى پېداگوكىكا ئىنىستىتۇتىدا بۇ يىل ماتېماتىكا، ئەدەبىيات، كومپىيۇتېر كەسىپلىرىنى پۈتكۈزىدىغان قىزلار بىلەنمۇ سۆھبەتتە بولدۇم. ئۇلار مۇنداق دېدى: مەكتەپ پۈتكۈزۈپ جەمئىيەتكە چىققىنىمىزدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ بىزگە قىز – ئوغۇللۇق نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى كەسپىي ئىقتىدار نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.
مەكتەپ پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان بىر قىسىم قىز ئىستۇدېنتلارنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۇلار ئۇچۈن ئەڭ مۇۋاپىق تاللاش ئىكەن. لېكىن مەن زىيارەت قىلغان بىر قانچە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى ئوغۇللارنى قوبۇل قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. چۈنكى تەبىئىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئوغۇللارنى قوبۇل قىلىش لازىم ئىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئوغۇللارنىڭ تەبىئىي پەندىكى نەتىجىسى قىزلارنىڭكىدىن ياخشى ئىكەن. لېكىن، ئىلى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىدىن ئۇقۇشۇمچە، ھەر يىلى « ئىلغار ئوقۇتقۇچى » ، « مۇنەۋۋەر سىنىپ مەسئۇلى » بولۇپ باھالىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە ئايال ئوقۇتقۇچىلار%85 تىن يۇقىرى ئىكەن. ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسى مەكتەپ بويىچە ئالدىقى قاتاردا تۇرىدىغان سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئىكەن.
غۇلجا شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رۇقىيە مۇنداق دېدى: جەمئىيەتتىكى بىر تەرەپلىمە خاتا قاراشنىڭ تەسىرىدە قىزلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەس بولۇۋاتىدۇ. بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا يەنىلا ئاياللارنى ئاجىز چاغلاش قارىشى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلار ئاياللار باراۋەرلىكىنى ئېغىزدىن چۈشۈرمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئاياللارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇمۇ قىز ئىستۇدېنتلارنىڭ خىزمەت تېپىشىنىڭ تەس بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
يەنە مۇنداقمۇ سەۋەب بار. خىزمەت قىلىۋاتقان ئاز ساندىكى بەزى ئاياللار مۇقىم خىزمەتكە ئىگە بولۇۋالغاندىن كېيىنلا بوشىشىپ كېتىدۇ. بەزىلىرى توي قىلىپ، بالىلىق بولغاندىن كېيىن خىزمەتتە سۇسلىق قىلىدۇ. مۇشۇنداق ئاياللارنىڭ خىزمەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئىدارە رەھبەرلىكى ۋە جەمئىيەتتە « قىزلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى، كەسپىي ئىقتىدارى شۇنچىلىك » دېگەن چۈشەنچىنى بېرىپ قويىدۇ – دە، ئاقىۋەتتە، ئاياللارنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان ئاياللىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئائىلىسىدە ياخشى ئانا، ۋاپادار ئاياللاردۇر. ئۇلار كەسىپ، تۇرمۇش، ئائىلە ئىشلىرىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالىغان. شۇڭا قىزلىرىمىزمۇ دادىللىق بىلەن جەمئىيەتكە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئىقتىدارى ۋە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم.
ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ قانداق بولۇشى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى جىنسنى ئەمەس، ئىقتىدارنى شەرت قىلىدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. Forever 2011.06.08 , 00:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىزلارنىڭ تېمىسىدا قىزلار دىۋاندا ئولتۇرسا بولار ئىدى ئەسلى ، نەگە كەتكەندۇ بۇلار ؟ :lol:

    • نەفىسە 2011.06.08 , 10:57

      چۈشۈڭە، قايتىدىن كىلەيلى……..:mrgreen:

  2. يۈكسەل 2011.06.08 , 01:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ تېما مېنى چوڭقۇر ئويغا سېلىپ قويدى. ئىككىلىنىپ تۇراتتىم شۇ تاپتا…:cool:

  3. freebird 2011.06.08 , 09:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەسىمدىكى قىزچاقنىڭ يانفون نۇمۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇڭلا~~~:grin:

    • دۆت بالا 2011.06.08 , 13:27

      قىزنىڭ كەينىدىن كۆرۈپلا تېلفۇن نومۇرىنىڭ كويىغا چۈشتىڭىزما :mrgreen:چىرايى ژىگو چىراي بىرسى چىقامدۇ تېخى :mrgreen::mrgreen:

  4. دۆت بالا 2011.06.08 , 10:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تېمىنى خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ ياكى :?: ھازىر ئەكسىچە قىزلارنىڭ خىزمەت تېپىشى ئاسان، ئوغۇللارنىڭ تەسلىشىپ كېتىپ بارىدۇ، قىسقىسى قىزلار تىرىشىپ كەسىپتە تىرىشچانلىق كۆرسەتسە ئۇلارمۇ بۇھالغا چۈشۈپ قالمايدۇ، ئوغۇللارمۇ دىققەت قىلىڭلار بولمىسا بوشىشىپ كەينىگە چېكىنىپ قىزلارنىڭ كەينىدە قېلىپ سەتلىشىپ قالىسىلەر:mrgreen:

    • نەفىسە 2011.06.08 , 11:02

      خىزمەت تېپىپ كەتكەن قىز ساۋاقداشلىرىڭىزغا ھەسەت قىلىۋاتامسىز نېمە؟:mrgreen:

    • دۆت بالا 2011.06.08 , 13:23

      ئۇنداق ئەمەس نەفىسە، ھازىرقى خىزمەتچى ئىشلىتىدىغانلارمۇ ئويلايدۇ، كۆز ئالدىدا بىر ئوغۇل بالىنىڭ خىزمەت قىلغىنىدىن، چىرايلىق بىر قىزبالىنىڭ ئىشلىگىنىنى ئەۋزەل بىلىدۇ، شۇڭا قىزبالا خىزمەت تاپقان بىلەنمۇ ياخشى يەرگە چۈشۈشى تەس. بۇ گەپلەرنى ئېچىپ دىمىسەممۇ ھەمەيلەننىڭ كۆڭلىگە ئايان.

    • نەفىسە 2011.06.08 , 16:35

      ئەستايىدىل گەپ قىلاي، سىزنىڭ بۇ دېگىنىڭىز چاقچاق ياكى راسىت بولسۇن، ئەگەر ئىدارە رەھبىرى دەلتە بولمىسلا سىز ئويلىغاندەك ئويلىمايدۇ. قىز بولسۇن ئوغۇل بولسۇن بىڭسى بولسىلا بولدى.

  5. نەفىسە 2011.06.08 , 11:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راسىت دەيدۇ….. كۆڭلۈمدىكىدەك گەپ بوپتۇ. زادى نېمىشقا دەيمەندە، زادى بىزگە ئۇۋال بولدى:twisted: بىزنى ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلسىمۇ بولىدۇ ئەسلى،:mrgreen: دەششەت ئىشلىۋىتىمىز دەيمەن:idea:

    • سەھرالىق 2011.06.08 , 14:00

      ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىدىغان داشۆگە ئالدىراۋاتامسىز؟:mrgreen:

    • ياۋايى 2011.06.08 , 15:13

      جىڭ گەپ بولدى جۇما … بوسا ئوقۇمايلا ئورۇنلىشىدىغىنى بوسا :mrgreen::lol:

    • نەفىسە 2011.06.08 , 16:31

      ئەسلىدىلا ئەقلى بىلەن تۇغۇلغان بالىلارنى ئوقۇتىمەن، ئىمتىھان ئالىمەن دەپ نېمىش قىلىدۇ …….. :mrgreen:

    • ياۋايى 2011.06.08 , 20:14

      شۇندەيمە سىزدەك قىزلارنى ئاشۇ تۇغىلىشىدىلا بىرەر شىركەت ئەكەتمەي قاپقاپتىكەنسىز دە ھە … مەن تىلفۇن قىپ قوياي ما يەدە بىر تاشقى پىلانت ئادىمى باكەن دەپ …

    • نەفىسە 2011.06.09 , 17:45

      ياۋايىنى دەسسەپلاۋىتەيمۇ باللا……:twisted:

  6. زىرەك 2011.06.08 , 11:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كىلىدۇ

  7. ئاقتۇرۇك 2011.06.08 , 14:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خوتۇنكىشى دىگەن ئۇيدە ئولتاسا بولدى نىمە قىلدۇ خىزمەتدەپ :lol:

    • نەفىسە 2011.06.08 , 16:28

      مانا ما گەپ قىزىپتۇ جۇما …….

  8. د.ئا.ئوغلان 2011.06.08 , 19:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىزنىڭمۇ بۇ يىل ئوغۇللارنىڭ خىزمەت تىپىش ئەھۋالى قىزلارنىڭكىدىن كۆپ ياخشى ، مەنمۇ بۇنىڭغا ھەيران ، دەرىستە شۇنداق ياخشى قىزلارنى ئالغىلى ئورۇن يوق ، ئوغۇل بالا بولسىلا نەتىجىسىگە بەك قاراپ كەتمەي توختام تۈزۈپ قويۇپ كىتىۋاتىدىغۇ !

  9. رازۋىتچىك 2011.06.09 , 01:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز،(ئەردىگەن ئەر،ئايال دىگەن يەنىلا ئايال)
    ۋاقتى سائىتى كەلگەندە ئەرگە ئايال،ئايالغا ئەربولمىسا بولمايدۇ.
    جۇما………….!!!:cool:

    • سەھرالىق 2011.06.09 , 11:44

      يولداش رازۋىتچىك توغرا دەيدۇ:mrgreen:

  10. سادا 2011.06.09 , 14:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىز بالا دىگەن تـــۆشۈك بىشىغا ئورۇنلاشسا مۇۋاپىقراق…:grin:

  11. نۆل ۋە بىر 2011.06.10 , 00:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەلكىم…:arrow:

  12. ئايقىز 2011.06.10 , 12:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭچە بۇ بىر تەرەپلىمە قاراش بۇلىشى مۇمكىن ،،:eek:ئەمەليەتتە يەنىلا بەزى كۆپ قىسىم خىزمەتلەرگىمۇ يەنىلا ئاياللارنىڭ مۇۋاپىق بۇلۇشى مۇقەرەر ،،:smile:

  13. نامسىز 2011.06.10 , 22:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭچە ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ۋاپادار ئايال، كۆيۈمچان ئانا بولۇپ ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلىسە بۇنىڭدىن ئارتۇق ئىقتىدار بولماس.

  14. مەن شۇ 2011.06.14 , 11:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لاتا دەيۇز ئەرلەر ئاياللىرىنى خىزمەت قىلغىلى پۇل تاپقىلى قويىدۇ

  15. سەمىمىي 2011.09.09 , 20:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۈنكى ھازىرقى قىزلار بەك نازۇك ..جاپادىن قورقىدۇ…ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارمۇ خىزمەت ئۈنىمىنىڭ چۈزۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.. بەلكىم مۇشۇ سەۋەپلەر بولىشى مۇمكىن .. بىزنىڭ ئىدارىنىڭ باشلىقلىرىمۇ قىز لاردىن نارازى ..

  16. سالىجان 2012.09.14 , 14:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن مۇشۇ ئاياللىرمىنىڭ تالادا قوڭىنى چىقىرىپ ئىشتاننى ئاشۇ چاپلاشتۇرۇپ كىيىپ گىرىمنى پوقتەك قىلىپ تالادا ئىشلەپ يۇرگىچە ئۆيدە ئولتۇرسا نىمە بولدۇ بۇ خەخكە …ئىرىنىڭ تىپىپ بەرگىنىنى يەپ شۈكۈر قانائەت قىلسا بولمامدۇ دەيمە ئۆيدە باللىلىرنى ياخشى باقسا ياخشى تەربىيەلەرنى بەرسە …مەسلەن ياپۇنىيەلىكلەرنى ئىلىپ ئىيىتساق مەن دىگەندە توي قىلىپ بولۇپلا ئىشلىمەيدۇ ..شۇڭا ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ ئەققىللىق ئۇرۇقلارغا تەۋە

  17. تىغ 2013.06.20 , 11:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سالىجاننىڭ پىكىرىنى قاتتىق قوللايمەن.:evil:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量