نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

ھايۋاناتلار ئارىسىدىن كەلگەن ھېكمەت: «گۆش» تەقسىملەشنى شىردىن ئۆگىنىڭ

شىر قاپلاننى 10بۆرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلىپتۇ ھەمدە ئۇلارغا يېمەكلىك تارقىتىشنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپتۇ. قاپلان گۆشنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنى تەپمۇ -تەڭ 11 پارچە قىلىپ بىر پارچىسىنى ئۆزى ئېلىپ قالغىنىنى بۆرىلەرگە بېرىپتۇ….

بۆرىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان گۆشنى بەك ئاز ھېس قىلىپ، بىرلىشىپ قاپلان بىلەن قارشىلاشماقچى بولۇپتۇ، گەرچە بىر بۆرىنىڭ قاپلانغا كۈچى يەتمىسىمۇ لېكىن 10 بۆرە بىرلەشكەندە قاپلاننىڭ تاقابىل تۇرۇشقا ئامالى بولماپتۇ. قاپلان ئامالسىز روھى چۇشكەن ھالدا شىرنى ئىزلەپ ئېستىپا سوراپتۇ. شىر ئۇنىڭغا مېنىڭ ئامالىم بار، قاراپ تۇر دەپتۇ.
شىر گۆشنى چوڭ -كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان قىلىپ 11 پارچە قىلىپتۇ ھەمدە ئەڭ چوڭىنى ئۆزى ئېلىپ بۆرىلەرگە ئۆزۇڭلار بىلىپ بۆلۈشۋېلىڭلار دەپ كېتىپتۇ. ئەڭ چوڭ پارچە گۆشكە ئېرىشىش ئۈچۈن بۆرىلەر ئۆز ئارا بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلاپتۇ، ھېچ قايسىسى ئازراق پەرقلىندىغان گۆشنى ئېلىشنى خالىماپتۇ.
قاپلان قايىل بولغان ھالدا شىردىن: بۇ قانداق ئۇسۇل دەپ سوراپتىكەن، شىر مىيىقىدا كۇلگىنىچە ئىنسانلارنىڭ ئۈنۈم مائاشى دېگىنىنى ئاڭلىغانمۇ؟ دەپتۇ.
ئىككىنچى كۈنى شىر گۆشنى يەنىلا 11 پارچە قىلىپ پارچىلاپتۇ ھەم ئۆزى 2پارچە ئېلىپ بۆرىلەرگە قالغان 9 پارچىسىنى قانداق بۆلىشىشنى ئۆزۈڭلار مەسلىھەتلىشۋېلىڭلار دەپ قۇيۇپ كېتىپتۇ.
10 بۆرە 9 پارچە گۆشكە قاراپ ئۇچقاندەك كېلىپ تالىشىشقا باشلاپتۇ، بىر چىشلەم گۆش ئۈچۈن بۇ ھەمرالار تاكى ئاجىز بىر بۆرە ھالسىزلىنىپ يېتىپ قالغىچە تالىشىپتۇ.
قاپلان يەنە قايىل بولغان ھالدا بۇ قانداق ئۇسۇل دەپ سوراپتىكەن، شىر بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئورۇننى تالىشىش ئۇسۇلى دەپتۇ.
ئۈچىنچى كۈنى شىر گۆشنى ئىككى پارچە قىلىپ بىر پارچىسىنى ئۆزى ئېلىپ سالماق ھالدا بۆرىلەرگە يەنە بىر پارچىسىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشنى ئېيتىپتۇ. بۆرىلەر تالىشىقا باشلاپتۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىدىن كۈچلۈك، قاۋۇل بىر بۆرە ھەممىنى يېڭىپ چىقىىپ مەغرۇر ھالدا ئۆز غەلىبە مېۋىسىدىن ھۇزۇرلىنپتۇ. بۇ بۆرە يەپ تويغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا بۆرىلەرنىڭ گۆشنى يېيىشىگە يول قۇيۇپتۇ، باشقا بۆرىلەر ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىگە ئايلىنپتۇ، بۆرىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، نۆۋەت بىلەن كېلىپ گۆشنى يەپتۇ.
شۇنىڭدىن باشلاپ شىر پەقەت مۇشۇ بىر بۆرىنى باشقۇرۇپ ، ئۇنىڭغا يېمەكلىكنى بۆلۈپ بېرىپ، باشقا ئىشلارغا باش قاتۇرمايدىغان بولۇپتۇ، قاپلاننىڭ قايىللىقى تېخىمۇ ئېشىپ بۇنىڭ قانداق ئامال ئىكەنلىكىنى سوراپتىكەن، شىر ئۇنىڭغا رىقابەتلىشىپ ئىش ئورنىغا چىقىش دېگەننى ئاڭلىغانمۇ ؟ دەپتۇ.
ئەڭ ئاخىرقى كۈنى شىر گۆشنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئېلىپ بۆرىلەرنى ئوت يېيىشكە بۇيرۇپتۇ، نەچچە كۇنلۇك ئۆز ئارا ئېلىشىش جەريانىدا ھالىدىن كەتكەن بۆرىلەر يەنە تالىشىقا ماغدۇرى بولمىغاچقا ئامالىسىز بويسۇنۇپتۇ. قاپلان بۇنىڭ قانداق ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى سورىغانىكەن ، شىر كۇلۇپ تۇرۇپ  ئىناق جەمئىيەت(和谐社会) ئاڭلىغانمۇ؟ دەپتۇ



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. يۈكسەل 2011.05.28 , 01:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي، بىر ئىشنى خاتا قىلغانلىقىمنى بايقاپ قالدىم. شىردىن ئادەم باشقۇرۇشنى ئۆگەنسەك بولغۇدەك …:grin:

  2. دولقۇن731 2011.05.28 , 01:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاھاھا، نادىر ئەسەركەن.

  3. پاسىبان 2011.05.28 , 01:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىسمى جىسمىغا لايىق شىر پادىشاھكەن بۇ

  4. پرېستان 2011.05.28 , 01:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھىم، ماۋۇ ماقالە كىشىنى ئويغا سېلىپ قويىدىكەن.

  5. ئۇيغۇربەگ 2011.05.28 , 02:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىسقۇچپاقا جەمئىيىتى دېگەن شۇۇ!:shock:

  6. ئەزىز 2011.05.28 , 04:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەزى ئىشلارنى غۇۋا ھېس قىلىپ قالدىم

    • نەفىسە 2011.05.28 , 12:45

      مەن سىزنىڭ قايسى ئىشلارنى غۇۋا ھېس قىلىپ قالغانلىقىڭىزغا قىزىقىپ قالدىم:mrgreen:!!!!!!!!!!

    • ۋېرۇس 2011.05.28 , 16:22

      مەن سىزنىڭ قىز ياكى ئوغۇللۇقىڭىزغا قىززىقىپ قالدىم !:evil:

    • نەفىسە 2011.05.28 , 16:28

      رەسىمدىكىسىنىڭ ئوغۇل – قىزلىقىنىغۇ مەنمۇ بىلمەيمەن . ئامېرىكىلىقلارمۇ گۇمان قىلىۋاتىدۇ. سىزمۇ شۇڭا سوراپ باققانسىز؟ ئەمدى ئىسىمدىنمۇ بىلەلمىدىڭىزما ؟ سىلەرنىڭ مەلىدە نەفىسە دېگەن ئىسىمنى ئوغۇل بالىغا قويامدا؟ بىزنىڭ مەلىدە قىز بالىغا قويىدۇ قاراڭ!!!!

    • سەھرالىق 2011.05.29 , 16:11

      بۇ ئىسىم شۇنداق چىرايلىق، (بىر ئاۋۇ باش سۈرىتىنى ھىسابقا ئالمىغاندا )بەك ياراشقاندە… گەپ-سۆزلىرى خۇددى گىرماننىڭ ئۇزۇن سىتۋوللۇق قورالىدەك دەل تېگىدۇ ،جاننى ئالىدۇ!!! ھىم….

  7. Bekle 2011.05.28 , 06:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :mrgreen: ھىم!! يامانلىقىنى ماۋۇ شىرنىڭ:shock:

  8. سەرقۇت 2011.05.28 , 09:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىيقەتەن چۇڭقۇر مەنىلىككەن!

  9. كۆك كەپتەر 2011.05.28 , 11:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقىي رەھبەرلىك سەنئېتى دىگەن شۇ. :smile:

  10. ئەزىز 2011.05.28 , 12:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باشلىقمنىڭ بەزى ئىشلىرىنى :???: ئەسلى ئادەمنى مۇشۇنداق باشقۇرىدىكەندە:cry:

  11. نەفىسە 2011.05.28 , 13:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ باشلىقلارزە ئادەمنى مۇشۇندا ئويۇنغا سېلىپ قويۇپ، تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلەپ يۈرۈيدۇ-دە….. شاش تۇرۇش كېرەك شۇڭا باغۇ……….

  12. ئەنقەر 2011.05.28 , 13:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭ غەيۋېتىمگە چۈشۈپ كېتىپسىلەرغۇ:mrgreen:

    • نەفىسە 2011.05.28 , 16:01

      كەينىڭىزدىن قىلساق غەيۋەت بولمىسۇن دەپ ئالدىڭىزدىن دەۋەدۇققۇ!!!!:mrgreen:

    • ئەنقەر 2011.05.29 , 01:21

      قىزلا شاش

  13. زىرەك 2011.05.28 , 15:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماتېريال قىلىپ مۇھاكىمە ماقالىسى قىلغۇدەك نادىر ئەسەركەن

    • سادا 2011.05.28 , 16:20

      بۇنى مۇھاكىمە قىلسا دۆت باشلىقلارغا بولۇپ بىرىدۇ!ئەمىلىيلەشتۈرىمەن دەپ ئاشۇرىۋىتىدۇ !:mrgreen:

  14. دېل 2011.05.28 , 16:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھا..ھا…ھا…

  15. weyrani 2011.05.28 , 17:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئادىل تەقسىمات دۇنيادا ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.پۇتۇن دۇنيادىكى بايلىقنى تەڭ تەقسىم قىلغاندىمۇ 2 يىلدىن كىيىن ھازىرقى ھالەتكە يېتىدۇ دەپ بىرسىنىڭ پەرىزىنى كۆرگەن ئىدىم.

  16. زىرەك 2011.05.28 , 22:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئا شىرغا قايسى كۈنى مەن ئۈگۈتۈپ قويغان، بىردەمدە تورخۇمارغا چىقىۋاپتۇ :idea:

  17. بەگزادە 2011.05.29 , 01:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۆرىلەرنىڭ بىركۈنلەردە شىرغىمۇ قارشى تۇرىدىغان ۋاقىتلىرى كىلەمدۇ تىخى…. كىم بىلىدۇ… توشقانمۇ ئاچچىغى كەلسا ئادەم چىشلەيمىش

    • ئوقۇغۇچى 2015.06.10 , 21:42

      ئېسىل گەپ قىپسىز ، ھەقىقەتەن تېگى بار

  18. ئۇيغۇرتېكىن 2011.05.29 , 01:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەبىئەت دۇنياسىنى كۆزەتسەك، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايقايمىز. «شىر پادىشاھ» دېگەن بىكار چىقمىغان-دە!:evil:

  19. نۆل ۋە بىر 2011.05.29 , 22:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھىم ھىم……

  20. ئىزدەن 2011.05.30 , 11:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇندىن كېيىن يەنە قانداق تەقسىملەيدىغاندۇ ئاۋۇ شىر ؟؟؟؟؟؟؟؟

  21. ئەلشات 2011.05.30 , 19:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ھەممىدىن ئاستىدا بولۇۋاتقان بەس بەس ئىنكاس مۇنازىرىلەرگە ھەيران قالدىم، مۇشۇ كەمدە تور خۇمارغا كىرسەم تىما ئاياقتا قىلىپ ئىنكاس ئوقۇيدىغان بوپ قالدىم دىسە :razz:

  22. سەھرالىق 2011.05.30 , 19:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇ خۇمار بەك تۇتىدىغان بوپ كەتتى:shock:

  23. بەگزادە 2011.05.30 , 22:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورنىڭ خۇمارى باشقا تور خۇمارنىڭ خۇمارى باشقىدە،،:razz:

  24. سادا 2011.06.03 , 14:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئىشلەۋاتقان مۇھىىت ھازىر 3-باسقۇچقا كىرىپ بوپتۇ . 4-باسقۇچ(和谐社会) نى ئۆزگەرتىش چارىسى يوقمۇ ؟

  25. مۇجتەھىد 2013.05.27 , 23:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量