مىكروسوفتنىڭ ھەقسىز ماتېماتكا يۇمشاق دېتالى Microsoft Mathematics v4.0
مىكروسوفتنىڭ ھەقسىز ماتېماتكا يۇمشاق دېتالى Microsoft Mathematics v4.0 بولسا، تولۇقسىزدىن تارتىپ ئاسپرانتلىققىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇرەككەپ بولغان ماتېماتكىلىق ھېسابلاشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرەلەيدۇ. مەيلى ئالگېبرا، گېئومېتىرىيە، ترىگونومېتىرىيىلىك فۇنكسىيە، سىزىقلىق ئالگېبرا، دىففېرېنسئال ۋە ئىنتېگرال بولسۇن، ھەممىسىنىڭ جاۋابىنى مۇشۇ يۇمشاق دېتالدىن تېپىشقا بولىدۇ…
ئوخشاشلا، Matlab قاتارلىق باشقا ماتېماتكىلىق يۇمشاق دېتاللارغا سېلىشتۇرغاندا، Mathematics جاۋابنى چىقىرىپ بېرىپلا قالماي، يەنە مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىش يولى تەپسىلاتىنى چىقىرىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا Word ۋە Onenote لارغا نىسبەتەن قىستۇرمىسى تەمىنلەنگەن بولۇپ، Word يۈزىدىكى فورمۇلا تەھرىرلەش ۋە كىرگۈزۈش قورالىنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي ئېلىپلا قالماي، يەنە ئىقتىدار جەھەتتە بىر بالداق ئۆرلىگەن دېيىشكە بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
Microsoft Mathematics نىڭ 32 بىتلىق نۇسخىسى | مەنبە: تورخۇمار | 64 بىتلىق نۇسخىسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئوقۇغۇچى، ئۆگىنىش، ماتېماتكا، مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 6,367 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 30-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ms-mathematics.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كومپيۇتېرىڭىزدا ۋىرۇس ياكى قارا مېھمانلارنىڭ ئىزى قالدىمۇ يوق؟ TheFolderSpy سىزگە دەپ بېرىدۇ
- كېيىنكى يازما > UDiskMonitor – بارماقدېسكا(U盘) ئىچىدىكى ماتېرىياللار بەزىدە مۇشۇنداق ئوغرىلىنىدۇ
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- بىلگەيتېس: يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن
- 49 ئادەم بىرمۇ كۆرۈنۈش ئالماشتۇرماي ئىشلەپ چىققان قالتىس MV! بۇنىڭدىنمۇ قالتىس بولامدۇ؟!
- ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغان ئائىلە باشلىقىنىڭ بايانى
- ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزدىكى ئاشۇ گۇزەل مىنۇتلار ھازىرمۇ يادىڭىزدىمۇ؟
- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق كۆچۈرمىكەشلىك ئۇسۇللىرى
- ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلارنىڭ ھەممىسى ياخشى قىزلار، تورخۇماردىكى يىگىتلەر بۇنداق قىزلارنى قولدىن بېرىپ قويماڭلار
- مېنىڭ ئاجايىپ مۇئەللىمىم | ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قىسىم قىزىقارلىق گەپ-سۆزلىرى
- ئۇيغۇرچە Windows 8 سېتىۋالالمىغانلارغا يەنە بىر پۇرسەت – ھەقىقى نەشىردىكى 8 Win يەنىلا 250 سوم (سانى چەكلىك)
- يېڭى يىلدىكى يەنە بىر خۇشخەۋەر: Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقماقچى!
يازمىنى ئوقۇۋىلىپلا قاچاي دېگەن ئەسلى ، ‹‹چۈشۈرۈش مەنزىلى›› نىڭ ئازتىغا قارىسام ،‹‹[تېخى باھا يېزىلماپتۇ، تۇنجى باھانى سىزلا يېزىۋەتمەمسىز؟]›› دەپ تۇرىدۇ ، پۇرسەت غەنىيمەت ، ئۆزۇممۇ مۇشۇنداق بىر نەرسىگە ئھتىياجلىق بولۇپ تۇراتتىم . Mathematics دېگەندىن قانچىلىك پەرقى بادۇ ؟ قىنى ئشلىتىپ بىقىپ بىلەي ،
ئازتىغا ئەمەس ئاستىغا ،
قارىغاندا ماتېماتىكا دىگەن گەپنى كۆرۈپ ھەممىسى قاچقان چىراي !
ئاپلا ئېنگىلىزچە ئىكەن ئەمەسمۇ ، خەنچە بولغان بولسىمۇ بولاتتى ئەسلى شۇنداق بولسىمۇ ئىشلىتىپ كۆرگۈلۈك
چۇشۇرۇپ پىرىستن يەشسسەم :This application requires ,NET Framework3.5SP1to Function properly.دىگەن ئىنگىلىزچە خەتلەر چىقتى ئاستىدىكى okنى باسسام يوقاپلا كەتتى قانداق بولغىندۇ بۇ ؟ماڭا بىر ياردەم قىلۋىتىڭلار !
كومپيۇتېرىڭىزغا NET Framework نى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
ياخشى نەرسىلەرنى ئىشلەتمىسىمۇ ساقلاپ قويغۇلۇق ….
ياىشى نەرسىدەك قىلىدۇ
ئىشلەپ چىقارغان ئورۇنغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت !~!~!~!
خەنزوچە قىلغىلى بۇلامدۇ ؟
ئېنگىلىزچە بەك قولايسىز ئىكەن !~!~!~
ماتىماتكىغا ئىنگىلىزچە بىلەن خەنزۇچىنىڭ ھاجىتى يوققۇ