نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يۇمشاق دېتاللار > يازما مەزمۇنى

كومپيۇتېرىڭىزدا ۋىرۇس ياكى قارا مېھمانلارنىڭ ئىزى قالدىمۇ يوق؟ TheFolderSpy سىزگە دەپ بېرىدۇ

كومپيۇتېرىڭىزدا ۋىرۇس ياكى قارا مېھمانلارنىڭ ئىزى قالدىمۇ يوق؟ TheFolderSpy سىزگە دەپ بېرىدۇ

ئۆزىنى ھۆججەتدان شەكلىدە نىقابلىۋالىدىغان، كېڭەيتىلگەن نامى exe بولغان ھېلىقى رۇدىپاي ۋىرۇس ئېسىڭىزدىمۇ؟ بەزى چاغلاردا بۇ ۋىرۇس ھەقىقەتەن كىشىنى جىلە قىلىپ قويىدۇ؛ يەنە بەزىدە پراكتىكانت خاككېرلىرىمىز ئىچى پۇشقاندا كومپيۇتېرىمىزغا بۆسۈپ كىرىپ، بىر دانە يېڭى ھۆججەت قۇرۇپ بۇنىڭغا ترويا باغلاپ كومپيۇتېرىمىزنى خالىغانچە كونترول قىلىش شارائىتىغا ئىگە بولىۋالىدۇ. زادى كىمنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا چېقىلغانلىقىنى چوقۇم بىلىپ باققۇڭىز بارغۇ دەيمەن؟ ناۋادا مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇقسىڭىز، ھۆججەتدان نازارەت قىلىش قوراللىرىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ…

TheFolderSpy بولسا بىر تۈرلۈك ھەقسىز بولغان، ھۆججەتدان(文件夹) نازارەت قىلىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، سىغىمى ئارانلا 50KB كېلىدۇ. كۆرۈنمە يۈزىمۇ ئىنتايىن ئاددى ۋە ئىشلىتىش قولايلىق، قاچىلاش ھاجەتسىز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. TheFolderSpy بولسا سىزگە ياردەملىشىپ بارلىق ھۆججەتدان ياكى بەلگىلەنگەن ھۆججەتدانغا نىسبەتەن نازارەت قىلىش ئېلىپ بارالايدۇ. نازارەت قىلىش دائىرىسى: يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆچۈرۈش، خاسلىقىنى ئۆزگەرتىش، ھۆججەتنىڭ زىيارەت قىلىنغان ۋاقتى، ھۆججەت سىغىمىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. TheFolderSpy نى يەنە سېستىما بىلەن تەڭ قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى، نازارەت خاتىرىسىنى مەخسۇس ھۆججەت شەكلىدە ساقلىغىلى بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، ھەممىلا كىشىنىڭ TheFolderSpy دەك يۇمشاق دېتاللارغا ئېھتىياجى چۈشىشى ناتايىن، بىراق كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋە تورغا چىقىش ئادىتى بىر قەدەر تەرتىپسىز بولغان، شەخسى ئۇچۇرلىرىنىڭ بىخەتەرلىگىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلار ئۈچۈن، يەنىلا مۇشۇنداق بىر يۇمشاق دېتالنىڭ بولغىنى ياخشى. ئىشلەتسىڭىز ئىشلەتمىسىڭىز ساقلاپ قويۇڭ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم ئەسقېتىپ قالىدۇ.

ھۆججەت تەپسىلاتى

ھۆججەت نامى: TheFolderSpy ھۆججەتدان نازارەتچىسى
ھۆججەت سىغىمى: 50KB
پرىستىن يېشىش پارولى: www.torhumar.com

چۈشۈرۈش مەنزىلى:

TheFolderSpy ھۆججەتدان نازارەتچىسى |    مەنبە: torhumar.com



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. قاينام69 2011.01.21 , 00:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىناپ باقساق بولغۇدەك

  2. سەھرالىق 2011.01.21 , 00:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەڭ بۇرۇن تونۇشقان يۇۋاش ۋايرۇسنىڭ ئىسمى فولدېر ئىدى…

  3. ئىنتىزار 2011.01.21 , 11:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    فولدېر htt مۇ ؟ مەن ئەڭ دەسلەپ مۇشۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقانغۇ دەيمەن .. ئۇ ۋاقىتلاردا ۋىندوۋس 98 ئىشلىتەتتۇق …

  4. ئىنتىزار 2011.01.21 , 12:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۋال تىزىملىتىپ ئاندىن چۈشۈرۈڭ دەيدىغۇ ؟ تىزىملانماي تۇرۇپ چۈشۈرگىلى بولمامدۇ ؟

  5. ئىمران 2011.01.21 , 12:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا ياردەم قىلسىڭىز مەن دىتالنى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يىشىپ قوزغاتسام
    http://filer.blogbus.com/6071187/resource_6071187_12955851272.png
    مۇنداق خاتالىق چىقىۋالدى ياردەم قىلسىڭىز

  6. GoodLuck 2011.01.21 , 12:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر چاغلاردا كىيىن سەۋىيەم ئۆسكەندە تەتقىق قىلىمەن دەپ ۋىرۇسلارنى يىغىپ كومپيۇتېرىمدا ساقلاپ قوياتتىم. دوستلىرىم كومپيۇتېرىمنى ئشىلەتكەندە ئىجرا قىلىپ قويۇپ خاپا قىلىپ، ئۆچۈرۋەتكەنتىم ھەممىنى .

  7. تۈرۈكزات 2011.01.21 , 13:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەڭ تۈزى قېلىن ۋىروس …autorun.inf مىكى دەيمەن :twisted:

    • نۇرلۇق 2011.01.23 , 17:08

      تۈزى قېلىن دېگەن نېمە گەپ ئەمدى ، چۈشۈنەلمەيۋاتىمەن جۇمۇ:grin:

  8. ۋىروس 2011.01.21 , 15:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمە،… مېنىڭ غەيۋىتىمنى قىپ كېتىپسىلەرغۇ !:shock:

    • ئابدۇۋەلى 2011.01.21 , 15:46

      بىزنى تولا يوقلاپ ئاۋارە قىلىپ كەتكەندىن كىيىن ، ئازراق غەيۋەت قىلىپ قويدۇق … :grin:

  9. بەشكەنت 2011.01.22 , 14:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇنى چۈشۈرۈپ ماڭدۇرالمىدىمغۇ؟تۆت تال ھۆججەت باركەن، ئىككىسى ئۇلانما، بىرسى چۈشەندۈرۈش، تۆتىنچىسىنى قوزغىتالمىدىم.

  10. سادا 2011.05.09 , 18:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قوزغاتقان ھامان قاتتىق دىسكىنى ئاپتوماتىك فورماتلايدىغان بۇيرۇق ھۆججىىتى ( ياكى ۋىرۇس ) بارمۇ ؟ :oops:

  11. شەيتان 2011.06.09 , 12:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاداش مەن چۈشۈرگەن بىلەن ئىشلەتكىلى بولمىدىغۇ!!!

  12. لاتا 2013.12.07 , 13:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ چۈشۈرۈپ ئىشلىتەل مىدىم ياردەم قىل ساڭلا دوسلا.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量