نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يېــڭــى ئىــشــلار > يازما مەزمۇنى

قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارغا چېقىلماي تۇرۇپ رايونغا ئايرىش قورالى – EASEUS Partition Master

epm-banner

يېڭىدىن خاتىرە كومپيۇتېر ياكى قۇراشتۇرما كومپيۇتېر سېتىۋالغىنىمىزدا، كۆپىنچە قاتتىق دېسكا رايونغا ئايرىلىپ تەييار سېستىما قاچىلاپ بېرىلىدۇ، Windows7 ۋە Vista غا ئوخشاش سېستىمىلارنىڭ سىغىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، قاچىلاپ بىر مەزگىلدىن كېيىن C رايوننىڭ سىغىمىنىڭ بارغانسىرى ئازلاپ، ئېھتىياجىمىزدىن چىقالمايۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالىمىز، بۇ چاغدا قاتتىق دېسكىنى قايتا رايونغا ئايرىش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ، بىراق بۇ سەۋەپلىك قاتتىق دېسكىدىكى بارلىق ماتېرىياللارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ قويۇشقا ياكى ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ، ناۋادا قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارنى زىيان-زەخمەتكە ئۇچراتماي تۇرۇپ، خالىغان بىر رايوننىڭ سىغىمىنى چوڭايتقىلى بولىدىغان بىر دانە يۇمشاق دېتال بولغان بولسا، ھەقىقەتەن ئۇسسىغان يەرگە بارغان بولاتتىدە؟

بۇ خىلدىكى قوراللار ئەلۋەتتە بار، بۈگۈن كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلماقچى بولغىنىم مۇشۇ تۈردىكى ھەقسىز يۇمشاق دېتال EASEUS Partition Master بولۇپ، ھەقسىز، XP/Vista/Win7 قاتارلىق مەشغۇلات سېستىمىسىدىمۇ نورمال خىزمەت قىلالايدۇ، قاتتىق دېسكىدىكى رايونلارنى يۆتكەش، سىغىمىنى ئۆزگەرتىش، يوشۇرۇش، فورماتلاش، ئۆچۈرۈش ۋە يېڭىدىن رايون قۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلار تەمىنلەنگەن. ئەڭ مۇھىم يېرى شۇكى، مۇتلەق كۆپ قىسىم ساندىكى قاتتىق دېسكا رايونغا ئايرىش يۇمشاق دېتاللىرى قاتتىق دېسكىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە خىزمەت قىلىدۇ، EASEUS Partition Master بولسا ئۇنداق ئەمەس، بىۋاستە Windows 2000, XP, Vista ۋە Windows 7 مەشغۇلات سېستىمىسىدا تۇرۇپلا قاتتىق دېسكىغا نىسبەتەن زەخمىسىز ھالەتتە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارالايدۇ، بۇ ئۇنىڭ بىزگە ئەڭ نان تېگىدىغان يېرىنىڭ بىرى.

epm-01

EASEUS Partition Master نى نېمە ئۈچۈن ئىشلىتىمىز؟

Windows 7 نىڭ MSDN ھەقىقى نەشىرىنى كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلغاندىن بېرى، نۇرغۇن تورداشلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتىدۇ ۋە ناھايىتى ياقتۇرغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى، بىراق كۆپچىلىكنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان يەنە بىر مەسىلە شۇكى، Windows 7 نى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن C رايوننىڭ ئۆزىدىنلا 8GB تىن ئارتۇقراق ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. بىر قىسىم ئىلگىرى Windows XP ئىشلىتىۋاتقان ۋە C رايوننى كىچىك بۆلۈپ ئىشلىتىۋاتقان دوستلار Windows 7 گە كۆچكەندىن كېيىن، باشقا قوشۇمچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ قاچىلىنىشىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، C رايونىنىڭ بارغانسىرى كىچىكلەۋاتقانلىقىنى ھەتتا C رايونغا باشقا نەرسە قاچىلاشقا ئىمكانىيەت بولمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى. EASEUS Partition Master بولسا دەل مۇشۇنداق چاغدا ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، قاتتىق دېسكىنىڭ باشقا رايونىدىكى ئارتۇقچە رايوننى بۆلۈپ C رايونغا قوشۇپ بېرىشكە بولىدۇ، بۇ مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسى Windows مەشغۇلات سۇپىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن ھېچقانداق زىيان زەخمەت ئېلىپ كەلمەيدۇ.
EASEUS Partition Master نىڭ نۆۋەتتە تېخى خەنچىلەشتۈرۈلگەن نۇسخىسى يوق بولۇپ، خەنچە يۇمشاق دېتاللارنى بىمالال ئىشلىتەلەيدىغان تورداشلار ئۈچۈن سەل قىيىنغا توختىشى مۇمكىن، بىراق تەدبىركارنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، زۆرۈر مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسى نەچچە كۇنۇپكا بىلەنلا پۈتىدىغان بولۇپ، مەشغۇلات ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن، شۇڭا بەك كۆپ تەسكە توختاپ كېتىشىمۇ ناتايىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللار باشقا تىلغا ئۆرۈلۈش جەريانىدا، ئەسلى ئىقتىدارلىرى زىيان-زەخمىگە ئۇچرايدىغان، مۇقىملىقىغا تەسىر يېتىدىغان ئەھۋال ئۇچرايدۇ، ناۋادا شۇ سەۋەپتىن ئۇچۇرلىرىمىزغا زەخمە يېتىدىغان ئىش بولۇپ قالسا، ئۇ چاغدا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىمىز، شۇڭا كۆپچىلىككە يەنىلا ئەسلى نەشىردىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

epm-02

ۋاقىت مۇناسىۋىتى تۈپەيلى، مەنمۇ تەپسىلىي دەرسلىك يېزىشقا ھورۇنلۇق قىلىپ قالدىم، تۆۋەندە EASEUS Partition Master تىن پايدىلىنىپ، قاتتىق دېسكىدىكى باشقا رايونلاردىكى ئارتۇق سىغىمنى C رايونغا قوشۇپ بېرىش ۋە شۇ ئارقىلىق C رايوننىڭ سىغىمىنى چوڭايتىش ھەققىدە قىسقىچە دەرسلىك قالدۇرۇپ قوياي، ناۋادا قايسى ياخشى نىيەتلىك تورداش بۇ ھەقتە تەپسىلىي دەرسلىك يېزىشنى ۋە كۆپچىلىككە تەقدىم ئېتىشنى خالىسا، مەن تورداشلار نامىدىن ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

EASEUS Partition Master ئارقىلىق C رايوننىڭ سىغىمىنى چوڭايتىش

1-قىستۇرما رەسىمدىكىدەك ئاۋال ئارتۇق بوشلۇق بار رايوننى تاللايمىز ۋە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ Resize/Move نى باسىمىز، بۇ چاغدا 2-قىستۇرما رەسىمدىكىدەك كۆزنەك كۆرۈنىدۇ، ئۈستىدىكى ئورۇندىكى سېرىق رەڭلىك ئورۇن بولسا، ئاشۇنچىلىك ئورۇندا ئۇچۇر بارلىقىنى ۋە چېقىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئوڭ تەرەپتىكى كۈل رەڭ ئورۇن بولسا، بۇ ئورۇننىڭ بىكار ئىكەنلىكىنى ۋە ئىشلىتىش(ئۆچۈرۈش/يۆتكەش/يېڭىدىن قۇرۇش)كە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئوڭ تەرەپتىكى ئۈچبۇلۇڭ بەلگىسىنى مائۇس بىلەن بېسىپ تۇرۇپ سولغا تارتساق، تاكى سېرىق رەڭلىك ئورۇن بار يەرگىچە تارتىشقا بولىدۇ، يەنى بۇ رايوندىن پەقەت شۇ ئارتۇق سىغىمنىلا باشقا ئىشقا ئاجرىتىشقا بولىدۇ، ئۇچۇر بار ئورۇنغا چېقىلىشقا بولمايدۇ، بۇ چاغدا شۇنىڭ ماس ھالدا ئاستىدىكى ئاجرىتىلىدىغان سىغىم سانىمۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، بۇلارنى مۇۋاپىق تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن، ئاستىدىكى OK كۇنۇپكىسىنى بېسىپ جەزملەشتۈرىمىز، ئەمدى قارىساق قاتتىق دېسكا رايونلىرى ئارىسىغا باياتىن بىز يېڭىدىن ئۆچۈرگەن يېڭى بىر رايوننىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ئارتۇق سىغىمدىكى ئورۇننى C رايونغا قوشۇپ بېرىش ئۈچۈن، شۇ رايوننى تاللاپ مائۇس بىلەن تارتىپلا C رايون بىلەن D رايوننىڭ ئارىلىقىغا ئەكىلىمىز(بولمىسا C رايون ئاتلاپ D رايوننىڭ كەينىدىكى بىكار ئورۇننى ئۆزىگە قوشالمايدۇ). ئەمدى C رايوننىڭ ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ Resize/Move كۇنۇپكىسىنى باسساق، ئۈستى تەرەپتە تېخىمۇ قېنىق كۈلرەڭ ئورۇننىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقايمىز، بۇ دەل باياقى ئارتۇقچە رايون بولۇپ، ئۈچبۇلۇڭ بەلگىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئوڭغا تارتىپ تاكى قېنىق كۈلرەڭ ئورۇن ئاخىرلاشقىچە سۈرىمىز، ئاندىن OK كۇنۇپكىسىنى بېسىپ جەزملەشتۈرسەك بۇ بىكار ئورۇن C رايونغا قوشۇلىدۇ.
ئاخىرىدا يۇمشاق دېتالنىڭ سول ئۈستى تەرەپتىكى Apply كۇنۇپكىسىنى باسساق، EASEUS Partition Master رەسمى ھالدا باياقى مەشغۇلاتلىرىمىزنى ئورۇنداشقا باشلايدۇ ۋە مەشغۇلات تۈگىگەندە رامكا چىقىرىپ، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش كۆرسەتمىلىرىنى بېرىدۇ، Yes نى بېسىپ قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن، باياتىندىن بېرى قىلغان بارلىق مەشغۇلاتلىرىمىز كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
دىققەت: بەزىدە كومپيۇتېر تۇنجى قايتا قوزغالغاندا بىر قىسىم چۈشىنىكسىز ئۇچۇرلار كۆرۈنىشى ۋە يەنە قايتا قوزغىلىشى مۇمكىن، بىراق ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، EASEUS Partition Master بۇ مەشغۇلاتلارنى ھەممىسى ئۆزى ئاپتوماتىك بېجىرىپ بېرىدۇ.

تەدبىركارنىڭ ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تەسىراتى

پېقىرنىڭ C رايونىمۇ دەسلىۋىدە كىچىك بۆلۈنگەن بولغاچ، كېيىن قولايسىزلىق كېلىپ چىقىپ مەزكۇر قورالنى ئۇچراتقاندىن كېيىن سىناپ مۇۋاپىقىيەت قازاندىم ۋە يەنە ساۋاقداش مۇشاۋىر قاتارلىق بىر قانچەيلەننىڭ كومپيۇتېرىدا سىناپمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتكۈل مەشغۇلاتلار Windows مۇھىتىدا ئېلىپ بېرىلغاچ ھەمدە ئۇچۇرلارغا زىيان يەتكۈزمىگەچكە، بۇ يۇمشاق دېتالغا بولغان قايىللىقىم تېخىمۇ ئاشتى، شۇ سەۋەپتىن كۆپچىلىككىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم. ئەلۋەتتە بۇ EASEUS Partition Master ئارقىلىق C رايوننىڭ سىغىمىنى چوڭايتىشتىن باشقا، يەنە باشقا خېلى كۆپ مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ، تەپسىلاتىنى كۆپچىلىكنىڭ يەنە ماتېرىيال كۆرۈش ئارقىلىق ھەل قىلىپ كېتەلەيدىغىنىغا ئىشىنىمەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار:

يۇمشاق دېتال نامى: EASEUS Partition Master
ھۆججەت سىغىمى: 8.43MB
تارقاتقۇچى تور بېكەت: http://www.easeus.com
چۈشۈرۈش مەنزىلى: EASEUS Partition Master ھەقسىز نەشىرى | مەنبە: تورخۇمار



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. چاققان 2012.09.22 , 16:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋانما بۇ

  2. چاققان 2012.09.22 , 16:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي،،ياخشى نەرسىدەك قىلىدۇ ،،بولۇپمۇ بىزدەك كومپىيۇتىر بىلەن ھەپىلشىدىغانلارغا ….. رەھمەت ،،، جاپا تاتىڭىز،،،،، ئەمدى ياخشى بولدى :mrgreen::mrgreen:

  3. ئۆزقان 2012.11.10 , 16:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ شۇنداق ياخشى دېتالكەن ئەمەسمۇ! رايوننى قوشىدىغان چاغدا جىقراق ۋاقىت كەتكەنتى«ئىم، بىر بولسا ھەممەن رايون بىر بوپ كەتتى، يەنە بىر بولسا ھەممە نەرسەندىن ئايرىلىپ قالدىم بولغاي!» دەپ قورىققان ئېدىم، لېكىن مۇۋەپەقەيەتلىك ھالدا C دېسكىنى كېڭەيتىۋالدىم. ئەمدىwin8نى قورقماي قاچىلىيالايدىغان بولدۇم، تېما يازغۇچىغا رەھمەت!

  4. تورسودا 2012.12.26 , 13:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي ھەجەپ بالدۇراق بىلمەپتىمەن مۇشۇ دىتالنى،Win8 قاچىلايمەن دەپ كۆپ رىيازەت چەكتىم، C دىسكنىڭ سىغىمىنى چوڭايتالماي ئاخىرى نائىلاج كومىيۇتىردىكى بارلىق ماتىرياللىرىمنى كۆچمە دىسكىغا يۆتكەپ، بىكارلاپ بولۇپ يەنە قايتىدىن رايۇنغا بۆلۈپ ئاندىن قاچىلىدىم، بۇ ھەقىقەتەن بولىدىغان دىتالكەن، رەھمەت:smile:

  5. زىندان 2016.07.01 , 11:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بايامنىزى تىمىدا قالدۇرۇلغان ئادىرىستىن چۈشۈرەلمەي، يەنە بىر ئادىرىستىن باش بىتىگە چىقىپ چۈشۈرسەم ھەممە ئىشلار ئاخىرلىشاي دەپ ‹ھە ماقۇل› دەيدىغان يىرىگە كەلگەندە ‹پۇل!!!!!!!!!› دەپ تۇرىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن بەيدۇدىن ئىزدەپ تىپىپ چۈشۈرسەم ئالماشتۇرىدىغان ئىككى-تۆت تال ھۆججىتى بىلەن قوشۇپ پىرىسلىۋىتىلگەن ھۆججەت چۈشتى، شۇنىڭ بىلەن ھۆججەتنى يىشىپ، ئالماشتۇرىدىغاننى ئالماشتۇرۇپ، مانا ئەمىسە دەپ ئاخىردىكى بىر دىسكا رايونىنى كىچىكلىتىپ، ئوتتۇرىدىكى .ئۈچ دىسكىغا تەڭ تەقسىملەپ بەردىم، مەشخۇلاتىممۇ سەل .ئالدى كەينىگە دەسسەپ تولىراق بولۇپ قالدى، شۇ ئالدى كەينىگە دەسسىگەننىڭ ئىشىمۇ ياكى ئۈچ دىسكىغا تەقسىملىگەننىڭ ئىشىمۇ خىلى بولدى، ئاخىرلىشاي دىمەيدۇ، تىخى ئەمدى تەڭدىن ئىشىپتۇ، مەشخۇلات ئاخىرلاشقاندا كۆرەمەن ئەمدى قالدى كارامەتنى، يا مۈشۈك بولا، يا تۆشۈك ……..:mrgreen::mrgreen::mrgreen::grin::razz:

  6. زىندان 2016.07.01 , 11:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھا ھا ھا………. ھىچقايسىسى بولماپتۇ، مۇۋاپىقىيەتلەك بولۇپتۇ ، رەھمەت تورخۇمار :razz:
    ھە راست، ئۇلارنىڭ باش بىتىدىنمۇ چۈشۈرمەپتىمەن، شۇ ‹پۇل!!!!!!!› دىگىنى بەيدۇدىن چۈشۈرگىنىكەن، باشتا دىتال قوزغالغاندا ھەممە يېرى ئېنگىلىزچە ئىدى، كىيىن ھىلىقى پىرىسلانغان ھۆججەتنىڭ ئىچىدىكىلىرى يادىمغا يىتىپ قارىسام ئالماشتۇرىدىغان ھۆججەتلەركەن، شۇنى ئالماشتۇرغاندىن كىيىن ئاندىن دىتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزىمۇ خەنزۇچىگە ئۆزگىرىپتۇ.
    بولسا شۇنداق دىتاللارنىڭ پۇلىسىنى تۆلەپ ئىشلەتسەك ئوبدان بولاتتى، ئاللا خالىسا شۇنىڭ پۇلىسىنى تۆلەپ ئىشلەتكۈدەك سەۋىيەگىمۇ يىتەرمىز.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量