نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

MP3 ھۆججەت شەكلى قانداق قىلىپ ناخشا-مۇزىكا ساھەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان؟

ناخشامۇزىكا بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە، ناخشا-مۇزىكىنىڭ گېپى چىقسا، كۆپچىلىكنىڭ ئېسىگە چوقۇم MP3 ھۆججەت شەكلى(MP3 ئۈسكۈنىسى ئەمەس) كېلىشى ئېنىق. چۈنكى، بۇ سىغىمى كىچىك، ئېنىقلىقى يۇقىرى بولغان ھۆججەت فورماتى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا يېڭىچە ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى دېيىشكە بولىدۇ. مەزكۇر ماقالىدە MP3 فورماتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ھازىرقى نەشىر ھوقۇق تۈزۈلمىسى بىلەن يېڭى تېخنىكىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇش چۈشەندۈرۈپ بېرىلىدۇ.

how-mp3-changed-the-music-industry

1. 1987-يىلى، گېرمانىيەدىكى تەتقىقات ئورگىنى «فرونخوفېر جەمئىيىتى (Fraunhofer Instiut)» بىر كىچىك تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، مەخسۇس ئاۋاز چاستوتىسى كودىنى تەتقىق قىلىشنى باشلايدۇ.

image

2. دوكتور Karlheinz Brandenburg بولسا، بۇ گۇرۇپپىدىكى يادرولۇق شەخس بولۇپ، كېيىن «MP3 ئاتىسى» دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ.

image

3. 1988-يىلى 1-ئايدا، خەلقئارا ISO ئۆلچەم گۇرۇپپىسى «ھەرىكەتچان گىرافىك مۇتەخەسسىسلىرى گۇرۇپپىسى(Moving Picture Experts Group، قىسقارتىلىپ MPEG دەپ ئاتىلىدۇ)» قۇرۇپ، سۈرەت ۋە ئاۋازدىن تەركىب تاپقان پىروگراممىلارنىڭ پرېسلىنىشىدىكى ئۆلچەم مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولىدۇ. ئاۋاز چاستوتىسى كودى بۇ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ قولىدىكى بىر كىچىك تۈر بولۇپ، فرونخوفېر جەمئىيىتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاساسلىق يېتەكچىلىكىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.

image

4. 1992-يىلى، MP3 فورماتى دەسلەپكى قەدەمدە ئوڭۇشلۇق ھالدا تەتقىق قىلىپ ياسىلىپ چىقىلىدۇ ھەمدە ISO بۇنى خەلقئارا ئۆلچەم دەپ قوبۇل قىلىدۇ. 1994-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئورگان تەرەپتىن L3enc نامىدىكى كودلاشتۇرغۇچ(编码器) ئېلان قىلىنىدۇ ھەمدە ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى «.mp3» قىلىپ بېكىتىلىدۇ، بۇ كۈن دەل MP3 فورماتىنىڭ دۇنياغا كەلگەن كۈنى ئىدى.

image

5. گەرچە MP3 بىر خىل خەلقئارالىق ئۆلچەم بولسىمۇ، بىراق پاتېنت ھوقۇقى يەنىلا فرونخوفېر جەمئىيىتىگە تەۋە بولىدۇ. بۇ چاغدا فرونخوفېردىكىلەر MP3 نى تاۋارلاشتۇرۇپ، كود يەشكۈچ(decoder)نى ھەقسىز ياكى تۆۋەن باھادا ئىشلىتىشكە، ئەمما كودلاشتۇرغۇچ(encoder)نى يۇقىرى باھادا ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋالغاندىلا ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلىشنى قارار قىلىدۇ.

image

6. 1997-يىلى، يۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسى كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن مۇزىكا قويۇش يۇمشاق دېتالى Winamp نى تۈزۈپ تارقىتىدۇ. بۇ تارىختىكى تۇنجى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن MP3 قويغۇچ(كود يەشكۈچ) بولۇپ، MP3 فورماتى شۇندىن ئېتىبارەن سىرتقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلايدۇ.

image

7. MP3 فورماتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى يۇقىرى ئۈنۈملۈك پرېسلاشتا بولۇپ، 128Kbs لىق چاستوتىدا ئەۋرىشكە ئالغاندا، ھۆججەتنىڭ سىغىمى ئەسلىدىكى WAV فورماتىنىڭ پەقەت 1/11 گە توغرا كېلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋاز سۈپىتى ئەسلىدىكى بىلەن تامامەن پەرقلەنمەيتتى. بىر دانە CD پىلاستىنكىسىنى MP3 ھۆججىتىگە ئايلاندۇرغاندا، ئومۇمىي سىغىمى تەخمىنەن 60MB ئەتراپىدا كېلەتتى. ئەينى چاغدا، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىسكا سىغىمى ئارانلا 512MB بولغاچقا، MP3 فورماتى تېزلا ئاۋام ئارىسىدا مودا بولۇشقا باشلايدۇ.

image

8. MP3 نىڭ كىشىلەر ئارىسىدا ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۆزىنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىنى MP3 شەكلىدە ساقلىماقچى بولىدۇ، بىراق يۇقىرى باھالىق كود يەشكۈچنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى بىر توسالغۇ ئىدى.

image

9. 1997-يىلىنىڭ ئاخىرى، ئاۋسترالىيەلىك بىر ئوقۇغۇچى ئوغرىلاپ كەلگەن تەيۋەننىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى ئارقىلىق، گېرمانىيەنىڭ بىر شىركىتىدىن كەسپى دەرىجىدىكى MP3 كود يەشكۈچىسىنى سېتىۋالىدۇ. ئۇ بۇ كود يەشكۈچنىڭ مىكروسوفتنىڭ ھەممىباب پىروگرامما تۈزۈش كۆرۈنمە يۈزىنى ئىشلەتكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇنى يېشىۋېتىش بەكلا ئوڭاي ئىدى. ئۇ ناھايىتى تېزلا بۇ كود يەشكۈچنى يېشىۋېتىدۇ ۋە يېشىۋېتىلگەندىن كېيىنكى يۇمشاق دېتالنى ئامېرىكىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ FTP سىغا قويۇپ قويىدۇ. FTP غا قويۇپ قويۇلغان يۇمشاق دېتالنىڭ چۈشەندۈرۈلۈش ھۆججىتىگە: «بۇ بىر ھەقسىز يۇمشاق دېتال، خالىغانچە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ» دەپ يېزىپ قويۇلغان ئىدى.

image

10. بۇ ئىشنى ئاڭلىغان فرونخوفېر جەمئىيىتىدىكىلەرنىڭ چىرايى تاتىرىپ كېتىدۇ. ئۇلار ئامال قىلىپ قىلىپ ئىش تېرىغۇچىنى تۇتماقچى بولىدۇ ۋە بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرنى ئوغرىلاپ كەلگەن كود يەشكۈچنى قانۇنسىز ئىشلەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇرىدۇ. بىراق بۇنىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى بولمايدۇ، ھەقسىز كود يەشكۈچ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ، ھەممە ئادەم ئىشلىتىشكە باشلايدۇ، MP3 ھەقىقى تۈردىكى ئاۋاز چاستوتىسى كود ئۆلچىمىگە ئايلىنىدۇ. بىر قانچە يىل ئۆتمەي، فرونخوفېر جەمئىيىتىدىكىلەر پۇرسەتنىڭ كېتىپ قالغانلىقىنى، بۇ خىل يەر شارى خاراكتېرلىك ئېقىمنى توسۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە MP3 كود يەشكۈچىسىنى ھەقسىز قىلىۋېتىشنى قارار قىلىدۇ.

image

11. 1999-يىلى، 19 ياشلىق ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچى Shawn Fanning بىر دانە Napster ناملىق يۇمشاق دېتالنى تۈزۈپ تارقىتىدۇ، بۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نۇقتىدىن نۇقتىغا ھۆججەت ئۇزىتىش(P2P) تېخنىكىسى ئارقىلىق، ئۆز-ئارا MP3 ھۆججىتىنى يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق كىشىنى ئىنتېرنېت تورىدىن ھەر خىل ناخشا-مۇزىكىلار ئەسەرلىرىگە ھەقسىز ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلاتتى.

image

12. MP3 فورماتى بىلەن ئىنتېرنېتنىڭ بىر گەۋدىگە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىشلار تېخىمۇ ئايدىڭلىشىشقا باشلايدۇ، ئىنتېرنېت تورى ناخشا-مۇزىكىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئاساسلىق تارقىلىش ۋاسىتىسى بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ئىشلىتىش بەك قولاي ھەمدە تەننەرخ ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى. بۇ خۇددى قار كۆچكۈنىگە ئوخشاش، ھەر قانداق قىلىپمۇ توسۇۋالغىلى بولمايدىغان بىر ئىش ئىدى. ئۇنداق بولغانىكەن، بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىپ، ئالدىنئالا تەييارلىق قىلىش ئاقىلانە تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

image

13. فرونخوۋېر جەمئىيىتىدىكىلەر ئىنتېرنېت تورىدىن خالىغانچە ناخشا-مۇزىكا چۈشۈرگىلى بولىدىغان ھەقسىز ناخشا-مۇزىكا دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ ۋە ئۈن-سىن پىلاستىنكا شىركەتلىرىنىڭ ئالدىنئالا تەييارلىق قىلىپ قويۇشىنى ئەسكەرتىدۇ. ئەمما، ئۈن-سىن پىلاستىنكا شىركەتلىرى بۇ «قاباھەتلىك چۈش»كە دىققەت ئېتىبار بېرىشنى خالىمايدۇ. CD ئۇلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولۇپ، ئۇلار بارلىق ئامال بىلەن CD نىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالماقچى بولىدۇ.

image

14. ئۈن-سىن پىلاستىنكا شىركەتلىرى Napster نى ئەرز قىلىدۇ ۋە تاقىتىۋېتىدۇ، ئاندىن بارلىق P2P ئارقىلىق ناخشا-مۇزىكا چۈشۈرگۈچىلەرنى ئەرز قىلىمىز دەپ تەھدىت سېلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭغا جاۋابەن، مەخپىيلەشتۈرۈلگەن P2P چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ناھايىتى تېزلا تۈزۈپ چىقىلىدۇ، ناخشا-مۇزىكا چۈشۈرگۈچىلەرنى ئىز قوغلاش بىر «ئىمكانسىز ۋەزىپە»گە ئايلىنىدۇ.

image

15. ئۈن-سىن پىلاستىنكا شىركەتلىرى يەنە بىر خىل يېڭىچە مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ھۆججەت فورماتى تۈزۈپ، ناخشا-مۇزىكا چۈشۈرگۈچىلەرنى پەقەت پۇل تۆلىگەندىلا ئاندىن بۇ ھۆججەتلەرنى قويالايدىغان قىلماقچى بولىدۇ. كېيىن، بۇ خىيال بارا-بارا ھەر خىل «سىفىرلىق نەشىر ھوقۇقى باشقۇرۇش تېخنىكىسى(Digital Rights Management، قىسقىچە DRM دەپ ئاتىلىدۇ)»غا ئايلىنىدۇ.

image

16. 2007-يىلى، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ستىۋى.جوبز ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۈن-سىن پىلاستىنكا شىركەتلىرىنىڭ DRM دىن تەلتۆكۈس ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، جوبز ماقالىسىدە «ئۇنىڭ ھېچقانداق رولى قالمىدى، ساختا نەشردىكى مەھسۇلاتلارنى توسالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ يازىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ ناخشا-مۇزىكا ماگىزىنى iTunes دا سېتىلىدىغان بارلىق ناخشا-مۇزىكىلارغا DRM قوشۇلمىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدە DRM تەلتۆكۈس مەغلۇپ بولغان ئىدى.

image

17. ئىنتېرنېت دەۋرىدە، نۇرغۇن يېڭى تىپتىكى ناخشا-مۇزىكا ھۆججەت فورماتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئەمما ئىشلەتكۈچىلەر يەنىلا ناخشا-مۇزىكا ھۆججىتىنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئۈسكۈنىدە نورمال قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى، بۇ MP3 فورماتىنىڭ ھەمىشە باشقا رىقابەتچىلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان بىر مەھسۇلات ئىدى. بىر ھەقسىز ناخشا-مۇزىكا دەۋرى، ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان يېتىپ كەلگەن ئىدى.

image

18. MP3 نىڭ تارىخى بىر نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇچۇرنىڭ ھەقسىز تارقىلىشى توسقىلى بولمايدىغان بىر خىل ئېقىم بولۇپ، تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ ئېڭى بويىچە ئۆزگەرمەيدۇ. ھازىرقى ئىنتېرنېت ئۇچۇر دەۋرىدە، ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشى سودا خاراكتېرىگە ئايلاندۇرۇپ چەكلەنسە، ئېنىقلا مەغلۇپ بولىدىغان گەپ.

image



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. مەرۋايىت 2012.06.24 , 16:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان ئوخشايدۇ:grin:
    خېلى بىر نەرسىلەرنى چۈشىنىۋالدىم….

  2. نۆل ۋە بىر 2012.06.24 , 17:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھىم سونىينىڭ نائۈچنىكىنىڭ بازىرنى توسىۋەتكەن فورمات دەل مۇشۇ…:mrgreen::mrgreen:

    • شەمشەر 2012.06.25 , 02:52

      ۋۇي تېخى مۇشۇنداقمۇ ئىش بارمۇ ؟

  3. ئابدۇۋاھاب 2012.06.24 , 19:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھممممممم.چۈشىنىۋالدىم، رەھمەت،

  4. جاھانكەزدى 2012.06.24 , 22:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ چۈشەنگەندەك قىلدىم ..

  5. تاتلىقجان 2012.06.25 , 01:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت! بىلىۋالدىم!

  6. بەختىم 2012.06.25 , 01:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇرۇن بىر يەردە ئوقۇغاندەك قىلىمەنغۇ بۇنى.؟؟؟:!::!:

  7. شەمشەر 2012.06.25 , 02:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باللا بۇرۇن بىزنىڭ بۇ يەرگە MP3 فورماتى كەلمىگەن چاغلاردا RM ئاڭلايدىغان ھە ؟! ھازىرمۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ شۇ چاغلاردىكىھېلىقى كود ئىسىمدىن كەتمەيدۇ ……..:grin::grin:
    yahxi nahsha

  8. شەمشەر 2012.06.25 , 02:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاللا باھاغا كود چىقمايدىكەنغۇ:se:

  9. شامال 2012.06.25 , 08:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ماقالىنىڭ تېمىسى تازا توغرا تەرجىمە قىلىنمىغان دەپ ئويلايمەن. ناخشا مۇزىكا ساھەسى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىۋېتىلسە بۇ ھۆججەت شەكلى قانداقمۇ مەۋجۈد بولۇپ تۇرالىسۇن. ئەلۋەتتە، ماقالىنىڭ تېمىسىنى ئۆزگىچە قويۇپ كىشىنى جەلپ قىلىمەن دىيىش خاتا ئەمەس. ئەمما، مەنىسى ھەم مەزمۇن بىلەن باغلىنىشىغا دىققەت قىلىنسا دىگەن ئۈمىدتىمەن. ئەلۋەتتە، ئەسلى ماقالىنىڭ ئېنگلىزچە تېمىسىمى «How the MP3 Has Changed the Music Industry» نى بىۋاستە تەرجىمە قىلسىمۇ كىشىنى يەنىلا ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.

    • بەھرام 2012.06.27 , 02:12

      يوغان ئىش بوپتا . يا ئۈزى بىر ئىشنى قىلامماي ، بىر سى قىلپ بولغىچە ياراتماي

    • شامال 2012.07.05 , 12:23

      تىلىمىزنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەممىمىز ئۈچۈن يوغان ئىش.
      يازغان بىر قۇر ئىنكاسىڭىزنىڭ ئىچىدىلا نەچچە يەردە ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن. مۇمكىن بولسا يوغان كۆرۈپ تىلىمىزنى توغرا يازسىڭىز،رەھمەت.

  10. xilas 2012.06.25 , 11:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ تېمىنى بۇرۇن بىر يوللاپ بولغانغۇ دەيمە.:cool:

  11. ひㄚGんμЯ 2012.06.25 , 11:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    mp3 توغرىسىدا خېلى كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولۇپ قالدىم.

  12. radiofan 2012.06.25 , 17:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خىلى جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ، شۇنداق بولسىمۇ ،ماقالىنىڭ بىر نەچچە خاتالىقنى دەۋىتىپ چىكىتەي …
    1-«مەخسۇس ئاۋاز چاستوتىسى كودىنى …»
    音频 دېگەن ئاۋاز چاستۇتىسى ئەمەس ئاۋاز قانىلى بۇيەردە 频 نى چاستۇتا دېمەي قانال 频道 دەپ تەرجىمە قىلىمىز ، video & audio ئۈن ۋە سىن .
    2- خاتالىق .9-مەزمۇندىكى كود يەشكۇچ (解码器 ,decoder) بىلەن كودلىغۇچ (编码器,encoder) ئالمىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ ، مەن دېمەكچى ئاۋسترالىيەلىك ئوقۇغۇچى باھاسى قىممەت كودلىغۇچنى (编码器,encoder) يېشىپ ، ئۇنى ھەقسىز تارقىتىۋەتتى ، شۇنىڭ بىلەن ….

    باشقىلار تېمىنى ئەستايدىل ئوقۇمايدىغان ئوخشىمامسىلەر ؟ يا ماندەك تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەپ ، پىت ئۈچەيلىك قىلغۇڭلار كەلمەمدۇ ؟:mrgreen:

  13. جاھانزات 2012.06.25 , 19:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭچىمۇ ئاغدۇرۇپ تاشلىغان دىگەن سۆز تاززا مۇۋاپىق ئەمەس، ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن دىسە مۇۋاپىق بولامىكىن

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量