جوڭگۇلۇقلار ئەڭ ئۆچ رېئالست چولپان كىم؟
لويۈفىڭ جوڭگۇدىكى ئەڭ داڭق چىقارغان ئۆزمەپتۇن(自恋) قىز.ئۇنىڭ ئۆزمەپتۇنلىقىغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ .شۇڭا ئۇنىڭ مەستانلىرى «فىڭ ھەدىگە ئىشەنگەنلىك، ئۆزىگە ئىشەنگەنلىك»نى ئۆزنىڭ قىبلنامىسى قىلغان .ئۇ يېقىندا ئامىرىكىغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ «شەخس»ژورنىلى ئۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلغان .ماقالىنىڭ تېمىسى :جوڭگۇلۇقلار ئەڭ ئۆچ رېئالي چولپان.
ئۇ دەسلەپتە شاڭخەيدە كەررىفور سۇپىر ماركىتتە خىزمەت قىلغان چېغىدا لايىق ئىزدەش ئۈچۈن ئۆزى تەرىپىدىن تەييارلانغان لايىق ئىزدەش ۋارەقىسنى كىشلەرگە تارقاتقان.تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ تەشۋىقات ۋارەقىسىدىكى مەزمۇنلار
لايىق تاللاش ئۆلچىمى
مەزكۈر شەخس لايىق ئىزلەيدۇ.كېلىشكەن ھەم باي بولۇشى شەرت ئەمەس ،لېكىن جاپا-ھالاۋەتنى تەڭ تارتىدىغان بولۇشى كېرەك .
1. چوقۇم بېيجىڭ ياكى چېڭخۇا ئۇنىۋىرستىتىنىڭ ماگىستىرلىقىنى پۈتتۈرگەن بولۇشى، باكلاۋىرلىق بىلەن ماگىسترلىقىنى ئۇلاپ ئوقۇغان بولۇشى كېرەك ئارلىقتا سىنىپ ئاتلىغان-چۈشكەن بولماسلىقى، مەكتەپ ئالماشمىغان بولۇشى، سىرتتا خىزمەت ئىشلەپ ئاندىن مەكتەپكە قايتىپ كېلىپ ئوقۇغانلار بىردەك رەت قىلىندۇ.
2. ئىقتىساد كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولۇشى، ئەگەر بولمىسا، ئىقتساد كەسپىگە قىزىقىدىغان ياكى بۇ كەسپتىن خەۋىرى بولۇشى كېرەك.
3. خەلقىئارالىق نەزەر دائىرىسىگە ئىگە بولۇشى، بىراق، ئۇزۇن مەزگىل چەتئەلدە ئولتۇراقلىشىش ياكى كۆچمەن بولۇش ئىستىكى بولماسلىقى كېرەك.
4. بوي ئېگىزلىكى 183-176 ئەتىراپىدا بولۇشى، قاملاشقان بولسا تېخى ياخشى. لىيۇدىخۇادەك قاملاشقان، رىنداخۇادەك جەلىپكار، لېۋىيلىياڭدەك كېلىشكەن، خەنخەندەك تالانتلىق، شىيتېڭفىڭدەك كۇل بولۇشى كېرەك.
5. بالىسى بولماسلىقى شۇنداقلا بالا قالدۇرغان ياكى بالا ئالدۇرغان قىسمتى بولماسلىقى كېرەك.
6. سىچۇن، چۇڭچىڭ، يۈننەن، تىبەت ۋە خۇنەن، چېڭخەي تەۋەسىدىكىلەر بىردەك ئويلىشىلمايدۇ.
7. يېشى 28-25 ئەتىراپىدا.06،07،08يىلى مەكتەپ پۈتتۈرگەن بولۇشى، بىر-ئىككى يىللىق خىزمەت تارىخى بولۇشى، 06-يىللىقتىكلەرنىڭ يېشى چوقۇم 28 ياش ئەتىراپىدا بولۇشى كېرەك .09-يىللىقتىكىلەر چوقۇم ناھايىتى ئەقىللىق بولۇشى كېرەك. لايىق چوقۇم خىزمەت تەجىرىبىسىگە مول پىششىق بولۇشى كېرەك. چوقۇم ئورگاندا خىزمەت قىلغان بولۇشى كېرەك، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا-ئورۇنلاردىكلەر بىردەك ئويلىشىلمايدۇ. بىراق جوڭگۇ نېفىتى ياكى بانكا ئورۇندىكىلەر بولسا ئويلىشىپ بېقىشقا بولىدۇ،
لايىق ئىزدىگۈچى 85-يىلى تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى1.48مېتىر. ئېگىز پاشنلىق ئاياق كېيسەم1.53مېتىر. ئېغىرلىقىم 40كىلوگىرام.
مەن شېئىر ۋە رەسىم سىزىشقا ئۇستا. ناخشا ئېيتالايمەن، مۇزىكا ئورۇندىيالايمەن. ئەڭ زور ئارتۇقچىلىقىم شېئىر ۋە نەسىر. خەنزۇ تىلىغا پىششىق. بالا قىردۇرغان ياكى قالغان تارىخىم يوق. بىر نەچچەيلەن بىلەن ئارلاشقان. لېكىن ھەممىسى بىلەن ئۈزلىشىپ كەتتىم. قارشى تەرەپنىڭ كېلىپ چىقىشنىڭ ياخشى ۋە ئەقىللىق بولۇشنى ئۈمىد قىلمەن.
ئۇنىڭ مەشھۇر پاراڭلىرىدىن ئۈزۈندىلەر
1. 300يىل ئالدى كەينى 600يىلدا مەندەك ئەقىللىق ھەم قابىلىيەتلىك ئادەم چىقمايدۇ.
2. پەقەت ئوبامالا مېنىڭ لايىق تاللاش ئۆلچىمىمگە چۈشىدۇ.
3. مۇخبىر :ئەگەر چىن كۈن(جوڭگۇدىكى قاملاشقان چولپان)سىزگە تىزلىنىپ تۇرۇپ توي تەكلىپى قويسا، سىز قانداق قىلىسز؟
فىڭ: مەن رەت قىلىمەن، ئۇ قاملاشقان بولسىمۇ، داڭلىق ئۇنىۋىرستىتىنى پۈتتۈرمىگەن تۇرسا .
4. ئەرلەر 30 دىن ئاشقاندىن كېيىن تەمى قالمايدۇ.
5. 吾日三省吾身 (ئۇ 省 خېتىنى shěng دەپ ئوقىدى .ئەسلىدەxǐng دەپ ئوقۇلىشى كېرەك ئېدى.ئۇنىڭ خەنزۇتىلىغا مەندەك پىششىق ئادەم يوق دېگىنى نېم بولدى؟)
6. مەن ئېنسانشۇناسلىق-جەمئىيەتشۇناسلىق ھەققىدىكى ئىلمى ئەسەرلەرنى كۆپ كۆرىمەن. مەسلەن :ئوقۇرمەنلەر(ئۇيغۇرچە نەشىردىكى تەرمىلەر ژورنىلى، بۇ ژورنال نەدىمۇ ئېنسانشۇناسلىق-جەمئىيەتشۇناسلىق ھەققىدىكى ئىلمى ژورنال بولسۇن؟)
7. مەن كەررىفوردا خىزمەت قىلمەن، دۇنياۋى 500 كۈچلۈك كارخانا (ئادەتتىكى خىزمەتچى بولسمۇ، ئۈزەڭگىدىن چۈشمەيدۇ).
8. مەن ئادەتتە A4 قەغىزى ئىشلىتىمەن، چۈنكى ئۇ ئەڭ ئۆلچەملىك قەغەز.
9. ئۇ تېلىۋىزىيە زىيارىتىدە تۆۋەندىكىلەرگە مۇنداق دەيدۇ :ئەگەر مەن لايىق تاللاشتىكى 7 شەرتنى يوق قىلىۋەتسەم، ھەممىڭلار ماڭا توي تەكلىپى قويىسىلەر .
10.مېنىڭ ماقالە يېزىش ئۇسلۇبىمنى كىشلەر لۇشۈنگە ئوخشىتىدۇ.
11.دىكتور:ئېينىشتىين سىزدەك ئەقىللىقمۇ ؟
فىڭ:ياق، ئۇ ماڭا ئەسلا يەتمەيدۇ.
دىكتور:سىز ئۇ قىلغاننى قىلالامسىز؟
فىڭ:ياق، مەن لامپۇچكا ئىجاد قىلالمايمەن (لامپۇچكىنى ئېدىسۇن ئىجاد قىلغان)
12.ئەرلەر تاللاشقىلا يارىتىلغان.
13.مەن تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشنى ئىستەيمەن، چۈنكى مەن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويدىغان ئايال.
14.مېنىڭ لايىق ئىزدىشىم غېرىبلىقىم ئۈچۈن، ھەرگىز تاپالمىغىنىمدىن ئەمەس.
15.كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن دۇنياغا خوجايىنلىق قىلىمەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: چولپان، قىزلار، قىزىقارلىق، ھەجۋى
- يازمــا مەنبەســى: ئىزدىنىش مۇنبىرى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,072 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 07-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: luo-yu-feng-jie.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > MP3 ھۆججەت شەكلى قانداق قىلىپ ناخشا-مۇزىكا ساھەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان؟
- كېيىنكى يازما > 12 مۈچەلدىكى ھايۋاناتلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش خېتى
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
دىۋانچىلارقېنى
سېپى ئۇزىدىن پوچىكەن ئۇبىرئۇمۇرئايپاتەم بوپقالغىدەك
توۋا… ئاۋۇ رەسىمدىكىسى مۇشۇ داڭدار شەخىس شۇما…
نەق ئۆزى شۇ،بۇ بىر ساراڭ خوتۇن
‹ئوباما› ئەمەس‹ جۇباجى›مۇئارتۇق كەتكۇدەك
ماۋۇ گەپ جايىغا چۈپتۇ
نىمانداق ھاكاۋۇر مىنىڭچە مەڭگۈ قىرى قىز پىتى قالسا بولغۇدەك.
ھازىر داڭ چىقىرىش ئۈچۈن چوقۇم چىرايلىق بولۇش كېرەك، يا بولمىسا چوقۇم ئەڭ سەت بولۇش كېرەك…..
قارغاندا بۇ جۇۋان بىر ئۆمۈر ئولتۇرقالدىغان ئوخشايدۇ ، ئاسارە~ئەتىقە بوپ قاغۇدەك
凤姐 دىسە تونىمايدىغانلار يوقتە
تۆۋە ئوبامامىش تېخى! ئۇ لايىق ئىزدىمەي خەقنىڭ چاقاممىغان ياڭاقلىرىنى چىشىدا چېقىپ بەسە بوغۇدەك جۇما ئاشۇ چىرايلىق چىشلىرى بىلەن.
بۇ بىر قىپقىزىل ساراڭكەن… ‹ ئۆزمەپتۇن قىز›مىش تېخى…
ماڭا 300 يىل تىزلىنىپ ئولتۇرسىمۇ قولىنىڭ ئۇچىنى تۇتمايمەن بۇ سەتنىڭ!
بىزنىڭ توختىماي ئۇنىڭ توغۇرلۇق مۇلاھىزە قىلىشىمىز ،دەل ئۇنىڭ مەخسىتى.. . بىزلا ئەمەس پۇتۇن جۇڭگو خەلقى ئۇنى تىللاۋاتقىلى 2-3يىل بوپقالدى، تېلۋىزىيەدە،گېزىت ژورناللاردا، توردا توختىماي شۇنىڭ گېپى، دەل مۇشۇنداق بولغاچقا ئۇ ئۆزىنى چولپان ھېساپلايدۇ،ئۇنىڭsina مىكرو بىلوگىدىكى(微博)مەستانىلىرى(粉丝) جۇڭگو دىكى بەزى كىنو چولپانلىرىنىڭكىدىن كۆپ….
راستكەن ، ئەگەشكۈچىلىرى 2 مىليوندىن ئارتۇق ئىكەن بۇ ساراڭنىڭ ….
http://weibo.com/fengjieluoyufeng
مەن تەرجىمە قىلىپ يېزىو قويغان خەۋەرغۇ بۇ ./ىزدىنىشتىن /ېلىپ كەپسىز .ھېچقىسى يوق .تورخۇمار /ەزاسى بولۇش سۈپتىم بىلەن ,بۇ يەرگە /ېلىپ كەلگەنلكىڭىزدىن خۇش بولدۇم
راستىنى دىسەم ئۇ 阿Q غا ئازراق ئوخشاپ قالىدىكەن
تاغقا تاشلىۋەتسە مايمۇxxxxxمەيدىغان ‹گۈزەل ›ئىكەن بۇ!
يائاللا، بىكارچىلىقتا بىر بەيدۇلاپ بېقىپتىكەنمەن، سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ قورققىنىمىندىن كەينىمىگە ئۇچۇپ چۈشكلى تاسلا قالدىم.
ھەي قانداق داڭلىق چولپاندۇ بۇ دىسەم سىز دىگەندەك جۇباجىگە بەرسىمۇ پاسىق سۇڭەك ئالۋاستىدىن سەت بىر نىمىكەن بۇ
تورخۇمارغا تەشەككۈر
ياپىر، خەنزۇچە تورلاردا ئەمدى بىسىققان بۇ ساراڭ قىزنىڭ گىپى، ئەمدى تور خۇمارغا كەپتۇ دە…
چايان توغرا دەيدۇ..جۇباجې مۇ ئارتۇق كېتىدىكەن ئۇنىڭغا..خى خى خى
بەيدۇغا كىرىپ بۇ ساراڭ توغرۇلۇق سۈرەت ئىزدىمەڭلار.بولمىسا ئاخشاملىققا قارا بېسىپ قالمىسۇن…
ۋۇييۇ!!!! نېمىدىگەن گۈزەل قىز بۇ، ئەمدى بىر كېچە قارا بېسىپ جۆيلۈپ چىقىدىغان بولدۇمدە!