12 مۈچەلدىكى ھايۋاناتلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش خېتى
چاشقان : يەرلىك نوپۇس ، پولات زاۋۇتىدا ئىشلىگەن چاغدا ، بىر قىسىم پولات ماتېرىياللىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزىۋالغان ، كېچىلىك ئىسمىنىغا كۆنۈپ كەتكەن ، ئۈچ چاقلىق ھارۋا ھەيدىيەلەيمەن ، ئىجتىمائىي رايون مۇلازىمەتچىلىكى ، ئائىلە ئوقۇتقۇچى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلغۇم بار .
كالا : تېنىم ساغلام ، جاپاغا چىدايمەن ، كېچىلىك ئىسمىنىدا ئىشلەشتە چاتاق يوق ، ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئەمگەك نەمۇنىچىسى شەرىپىگە ئېرىشكەن ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردا ئىشلەش ئارزۇيۇم بار ، شەخسى شىركەتتىكىلەر ئاۋارە قىلماڭ .
يولۋاس : تەققى – تۇرقۇم قاملاشقان ، بۇرۇن << سۇ بويىدا >> فىلىمىدا باش رولغا چىققان . ھازىر بىر نەچچە داڭلىق مەھسۇلاتنىڭ ئوبراز ئەلچىسى ، مۇناسىۋەت دائىرەم كەڭرى . خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ئوبراز ئەلچىسى بولسام دەيمەن .
توشقان : تەنھەرىكەت ماھىرى ، بۇرۇن ناھىيە دەرىجىلىك قىسقا مۇساپىلىك مۇسابىقىدە تاشپاقا بىلەن بەسلىشىپ ئىككىنچى بولغان . شاخلىتىپ سېتىش شىركىتىدە ئىشلىگەن مەزگىلدە ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمنى ئۆز سېپىمگە كىرگۈزۈشكە قوشۇلمىغانلىقىم ئۈچۈن ، شىركەتتىن ھەيدەلگەن . ھەرقانداق يۈگۈر – يېتىم ئىشلارنى قىلالايمەن .
ئەجدىھار : يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرنىڭ پەرزەنتى ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىدا ئۇزۇن يىل رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن . مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خىزمەتنى قىلسام دەيمەن ، ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىدىن تۆۋەن خىزمەت بولسا ئاۋارە قىلماڭ .
يىلان : داڭلىق قىزلار ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەلىيۇلئەلاسى ، سودا باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ماگىستىرى ، تاشقى قىياپىتىم سەنئەتكارلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ ، تەكشىلىكتە لايىھىلەشكە ماھىر ، تىببىي مەھسۇلاتلارنى سېتىش كەسپى بىلەن بىر مەزگىل شۇغۇللانغان ، بەدەن مەشىقى كۇرسى ئاچقان ، ئورۇقلىتىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلانىغا چىققان ، قانداق خىزمەت بېرىشنى ئۆزىڭىز بەلگىلەڭ .
ئات : يۈك ماشىنىسىنىڭ B پراۋىسى بار ، ئىلگىرى ئۇزۇن يىل كىچىك ماشىنا ھەيدىگەن ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى پىششىق بىلىمەن ، كارخانىلارنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىلىك خىزمىتى ئىزدەيمەن .
قوي : تىرىشچان. ئاساسى قاتلام باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ، كوللىكتىپچانلىق روھىي كۈچلۈك ، تاغ ۋە تىك قىياغا يامىشىش ، ئۆڭكۈرلەرنى تەكشۈرۈشكە ماھىر . ساياھەت كوپېراتىپىدا ئىشلەش ئارزۇيۇم بار .
مايمۇن : چىقىشقاق ، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر ، ئوقىۋاتقان مەزگىلدە ، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كادىرى بولغان ، مەكتەپ رەھبەرلىكىگە بارلىق سىتۇدېنتلارغا ۋاكالىتەن ، چۈشتىن بۇرۇن تۆت سائەت ، چۈشتىن كېيىن ئۈچ سائەت دەرس ئۆتۈلسە ئۆگىنىش بېسىمى ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىپ ، مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق چۈشتىن بۇرۇن ئۈچ سائەت ، چۈشتىن كېيىن تۆت سائەت دەرس ئۆتۈشكە كېلىشكەن . مەمۇرلۇقتىن خىزمەت ئىزدەيمەن .
توخۇ : << پەپس كولا >> لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىدە ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە مەملىكەت چېمپىيونى بولغان ، ئائىلىگە كۆيۈنىمەن ، نەۋرە ئاكام مەلۇم گېزىت تەھرىراتىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى . ئېلانچىلىق ئىشلىرىدىن خىزمەت ئىزدەيمەن .
ئىت : بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر تالانت ئىگىسى ، ئىلگىرى مەكتەپتە مۇنازىرىلىشىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولغان ، ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ، خۇسۇسى كارخانىنىڭ ھۆددىگىرى بولغان ، ئىنكاسىم تېز ، خىزمەت ئورنۇمنى قەدىرلەيمەن . دېرىكتور ياردەمچىلىكىدىن خىزمەت ئىزدەيمەن .
توڭگۇز : مۇلايىم ، بەدەن ئېغىرلىقىم ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ، يەنى << مەن كۆرۈمسىز بىراق بەك ئوماق >> تىپىدىكىلەردىن . ئىشتىن قېلىشتىن بۇرۇن يېزا – بازار كارخانىسىدا ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغان ، باشقا تەلىپىممۇ يوق ، قورسىقىم تويسىلا بولدى .
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: پىسخىكا، تۇرمۇش، خىزمەت، قىزىقارلىق
- يازمــا مەنبەســى: ئىزدىنىش مۇنبىرى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,645 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 07-ئاينىڭ 10-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 12-muchelning-xizmet-izdishi.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > جوڭگۇلۇقلار ئەڭ ئۆچ رېئالست چولپان كىم؟
- كېيىنكى يازما > تورخۇماردا تۇرۇپ تۈركىيە ئىستانبۇلغا نەزەر، دۇنياغا داڭلىق تارىخى جامەئەلەر ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشى
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
بۇ مىنىڭ تۇنجى قىتىم دىۋاندا ئولتۇرشۇم
دىۋانكەنغۇ ماۋۇ
ئوروندۇقكەنغۇ بۇ!
ۋاي توۋا ، توڭگۇز دىگەن يەنىلا توڭگۇزدە .
تاشپاقا: ئىلگىرى كۆپ قېتىم ,ھەرخىل مەزمۇندىكى تور مۇنازىرىسىگە قاتناشقان,مەملىكىتىمىزدىكى نۇرغۇن داڭلىق تور بىكەتلەر تەرپىدىن “چاققان مېھمان”مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،ئىنكاسى تىز،ئەزەلدىن مەزمۇن بىلەن ھېساپلاشمايمەن ،‹تۆر› تالىشىشتا بىرىنجى ئىككىنجىلىكنى ئىزچىل قولدىن بېرىپ باقمىغان، ھۆكۇمەتنىڭ ئىنكاس تەلەپ قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم تارماقلىرىدىن خىزمەت ئىزدەيمەن.
ھاھا! تاشپاقا دېگەن قايسى مۆچەل بولۇپ كەتتى ئەمدى
تاشپاقا دىگەن مۇشۇ تورخۇماردىكى «تۆر مۇئەككىللىرى»نىڭ مۆچىلى…
بۇ پىڭىرگە قوشۇلىمەن،
تاشپاقا: گەرچە ئادەتتە ئاستا ماڭساممۇ تۆر تالىشىشقا كەلگەندە مەندىن «چاققان مىھمان»يوق، مەزمۇن بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايمەن، ئەڭ ئاۋال دىۋاندا ئولتۇرۋالساملا شۇنىغا خوش، مەزمۇنغا قاراپ ئىنكاس يازغان بىلەن ئەسلا خوشۇم يوق، كاسامنىڭ چىدامچانلىقى ياخشى، ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان خىزمەت ئىزدەيمەن، ھۆكۈمەتنىڭ بولامدۇ، شەخىسنىڭ بولامدۇ، پەرۋايىم پەلەك، تۆر بولسىلا بولدى.
دىۋان مۇئەككىلى دىسەك تېخىمۇ توغرا بولغۇدەك
ماۋۇ بوپ قويىدىكەن جۇما خېلى بوپتىكەن مۇنداق كۈلمىگىلى
ھا ھا ھا مۇشۇ تورخۇمارغا كىرسەم كۆڭلۈم باشقىچە يايراپ كېتىدۇ دىسە…… قانداق ئويلاپ تاپىدىغانسىز دەيمەن….