نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

تورخۇماردا تۇرۇپ تۈركىيە ئىستانبۇلغا نەزەر، دۇنياغا داڭلىق تارىخى جامەئەلەر ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشى

mosque-three-dimensional-panorama

يىقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى ھەمدە تۈركىيە دۆلىتىنىڭ خەلىقارادىكى ئىقتىسادى ۋە سىياسى جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرى سەۋەب، رايۇنىمىزدا تۈركىيەگە ساياھەتكە بارىدىغانلار، قىززىقىدىغانلار ھەسسىلەپ كۆپەيمەكتە. ئىستانبول- تارىختىكى بىرقانچە كۈچلۈك ئېمپىرىيەنىڭ ئاستانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە سەپىرىدىكى بىرىنچى بىكەت بولىشى مۇقەررەر. ئوسمان ئېمپىرىيەسىنىڭ تىپىك سىماسى بولغان فەتىھ جامەسى، نۇر سۇلتان جامەسى، رۇستەم پاشا جامەسى قاتارلىق جامەئەلەر ئەلۋەتتە بۇنداق ئۇلۇغ ئاي ئۇلۇغ كۈنلەردە بىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان نۇقتىلاردۇر. ئەلۋەتتە تورخۇمار دوسلاردىن كۆپىنچىمىز يەنىلا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىش بىلەن چەكلەنمەكتىمىز. شۇڭا بۈگۈن دوسلارنىڭ ھوزورىغا تۈركىيەدىكى داڭلىق جامەئەلەر تارىخى ۋە ئۈچ ئۆلچەملەك كۆرۈنۈشىنى يوللىدۇق. مۇئەييەن ئىقتىسادقا ئىگە بوپ ساياھەتكە چىققۇدەك بولغۇچە، تورخۇمار ئارقىلىق ھوزۇرلۇنۇپ تۇرغايسىلەر!

سۇلتان ئەھمەد جامەسى

Blue-Mosque-Courtyard-istanbul

سۇلتان ئەھمەد جامەسى، ھاۋا رەڭلىك چىنە خىشلار ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ‹Blue Mosque› ماۋى (ھاۋا رەڭ) جامە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىستانبۇلدا ھازىرقى سۇلتان ئەھمەد رايونىدا سۇلتان بىرىنچى ئەھمەد تەرىپىدىن سالدۇرۇلغان جامە؛ مەدرەسە، دارۇلقۇررائ (ئوقۇرمەنلەر ئۆيى)، بالىلار مەكتىپى، گۈمبەز، رەستە، دۇكانلار، ھاممام، دارۇششىفا (دوختۇرخانا)، ئاشخانا ۋە ئۈچ ئاۋام سۇ ئىچىدىغان جايلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. 1609-1617- يىللىرى ئارىسىدا بىناكار سەدەفكار مەھمەد ئاغا تەرىپىدىن سېلىنغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئالتە مۇنارلىق بىردىنبىر سۇلتانلار جامەسىدۇر. مۇنارىنىڭ ئالتە بولۇشىنىڭ سەۋەبىمۇ بىر رىۋايەتكە كۆرە، مەككىدىكى جامەنىڭ يەتتە مۇنارىدىن ھالقىپ كەتمىسۇن ئۈچۈن شۇنداق بولغان دېيىلسە، يەنە بىر رىۋايەتتە بولسا، ئۆز دەۋرىنىڭ پادىشاھى بىرىنچى ئەھمەد، مۇنارلارنى ئالتۇن ياساتماقچى بولغان بولسىمۇ، قاپلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئالتۇننىڭ قىممىتى پادىشاھنىڭ خامچوتىدىن خېلىلا دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، جامەنىڭ بىناكارى سەدەفكار مەھمەد ئاغا بۇ بۇيرۇقنى خاتا ئاڭلىۋالغان بولۇپ، ئالتۇن دېگەن سۆزنى ئالتە دەپ چۈشەنگەن ۋە جامەنى ئالتە مۇنارلىق قىلىپ بىنا قىلىپ چىققان.

ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنىشى

يېڭى جامە

Cami_Resimleri_326_1

ۋالىدە جامەسى ئەمىنۆنۈ ناھىيەسىنىڭ ئەمىنۆنۈ مەيدانىدا، مىسىر چاسىسىنىڭ يېنىدىنلا ئورۇن ئالىدۇ… بالىلار مەكتىپى، دارۇلقۇررا، ئاۋام سۇ ئىچىدىغان جاي، چەشمە، گۈمبەز ۋە خان قەسرىدىن تەركىپ تاپقان بىر يۈرۈش ئىمارەتلەر ئىچىدە ئورۇن ئالغان جامە، دېڭىز قىرغاقلىرىغا سېلىنغان سۇلتانلار جامەلىرىنىڭ ئەڭ ھەشەمەتلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىستانبۇلنىڭ تەسۋىرىنى تولۇقلايدۇ. سۇلتان ئۈچىنچى مەھمەدنىڭ ئانىسى ۋە سۇلتان ئۈچىنچى مۇراتنىڭ خانىشى سافىيە سۇلتان نامىغا ئاتاپ 1597- يىلى بىناكار داۋۇد ئاغا تەرىپىدىن قۇرۇلۇش ئىشلىرى باشلانغان جامەنىڭ بىناكارلىق ئىشلىرىنى 1598- يىلىدىن كېيىن غەۋۋاس ئەھمەد ئاغا ئۆتكۈزۈۋالغان. 1603- يىلىغىچە داۋام قىلغان قۇرۇلۇش، سۇلتان بىرىنچى ئەھمەدنىڭ تەختكە ئولتۇرۇشى بىلەن يېرىم قالغان. 1661- يىلى سۇلتان تۆتىنچى مەھمەدنىڭ ئانىسى خەدىچە تۇرخان سۇلتان تەرىپىدىن قايتىدىن باشلىتىلغان قۇرۇلۇش، باشلىنىپ ئارىدىن 66 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆز دەۋرىنىڭ باش بىناكارى مۇستاپا ئاغانىڭ رىياسەتچىلىكى ئاستىدا 1663- يىلى تۆتىنچى مەھمەد دەۋرىدە تاماملاندى.

ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشى

پەرتەۋنىيال ۋالىدە سۇلتان جامەسى

Pertevniyal_Valide_Sultan_Mosque_1

بۇ جامە، ئاقسارايدىكى تۆت يول ئېغىزىدا سۇلتان ئىككىنچى مەھمۇتنىڭ خانىشى ۋە سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ ئانىسى پەرتەۋنىيال ۋالىدە سۇلتان تەرىپىدىن 1869-1871- يىللىرى ئارىسىدا سالدۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جامەنىڭ بىنكارلىق ئىشلىرىنى ئىتالىيەلىك بىناكار مونتانى ئۈستىگە ئالغان. جامە ۋاكالەتخانا، ئاۋام سۇ ئىچىدىغان جاي، چەشمە، كۇتۇبخانا، گۈمبەز ۋە مەكتەپتىن تەشكىل تاپقان بىر قاتار ئىمارەتلەر شەكلىدە لايىھەلەنگەن. بىردىن بالكۇنى بار بولغان ئىككى مۇنار، جامەنىڭ ئاساسلىق بۆلۈمىدىن مۇستەقىل ھالدا قوشۇمچە بىناغا بىرلەشتۈرۈپ ئىنشا قىلىنغان. تارىخىي جامە، ئىستانبۇل جامەلىرى ئىچىدە بېزەك ۋە زىننەت ئەشيالىرى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن جامەلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ يەردە، ئۆز دەۋرىنىڭ بىناكارلىق چۈشەنچىسىدىكى غەربنىڭ تەسىرى ۋە 16، 17- ئەسىرلەرنىڭ زىننەتلەش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇنىڭدىن سىرت، ئالتۇن ھەللەر بىلەن پارقىرىتىلغان، ھاۋا رەڭلەر ئېغىر سالماقنى ئىگىلىگەن، قەلەم ئارقىلىق روياپقا چىقىرىلغان زىننەتلەشلەر بىناكارلىق ئىستېتىكىسىدا ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالىدىغان ئامىللاردۇر. جامەنىڭ تاملىرى ئىچى ۋە سىرتىدىن موتىف ۋە ھەللەر بىلەن بېزەلگەن، قاشتېشى بىلەن قاپلانغان. قاشتېشىدىن ياسالغان مېھراب ۋە مۇنبەر بولسا ئاددىيدۇر.

ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشى

شاھزادە بېشى جامەسى

2901540028_6b47074870

شاھزادە بېشى جامەسى، شاھزادە بېشى دەپ جايغا جايلاشقان… مەدرەسە، بالىلار مەكتىپى، مېھمانخانا، بوتكا، كارۋانساراي، ناماز ۋاقىتلىرىنى بەلگىلەش ئورنى ۋە گۈمبەزلەردىن تەشكىل تاپقان بىر قاتار ئىمارەتلەر ئىچىدىن ئورۇن ئالىدۇ… جامە، قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ ياش ۋاقتىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلى شاھزادە مەھمەتنىڭ نامىغا ئاتاپ، مىمار سىنان تەرىپىدىن ئىنشا قىلىنغان. قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ ۋە ئوسمانلى ئىمپېراتولۇقىنىڭ ئەڭ پارلاق دەۋرىنىڭ ئەڭ كاتتا بىناكارلىق ئۇستىسى مىمار سىنان، شاھزادە جامەسى ۋە كۇللىيەسىنى 1544- يىلىدىن 1548- يىلىغىچە بولغان 4 يىل ئىچىدە پۈتكۈزگەن. بۈيۈك ئۇستا مىمار سىنان كېيىنچە قىلغان بىر سۆزىدە، شاھزادە بېشى شاگىرتلىق، سۇلايمانىييە مۇئاۋىنلىق، ئەدىرنە سەلىمىييە ئۇستىلىق مەزگىلى ئەسەرلىرىمدۇر، دەيدۇ. دېمەك، شاھزادە جامەسى مىمار سىناننىڭ بىناكارلىق ماھارەتلىرى سەپىرىدىكى ئاساسلىق دەۋرلەر ھېسابلىنىدىغان بۇ ئۈچ ئابىدە ئەسەرنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدۇر. 18.42 سم لىق گۈمبىزى 4 چوڭ يېرىم گۈمبەزگە تايىنىپ تۇرىدۇ. فونتان ھويلىسى 12 تۆۋرۈك، 16 گۈمبەزدىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، ئىككىدىن بالكونلۇق قوش مۇنارى بار. جامەنىڭ رىشاتكىلىرى ئىچىدە يەتتە قەبرە بار بولۇپ، بۇلار: شاھزادە مەھمەدنىڭ قەبرىسى، سەدرىئەزەم رۇستەم پاشانىڭ قەبرىسى، شاھزادە مەھمۇدنىڭ قەبرىسى، فاتىمە خانىم سۇلتان قەبرىسى، خەدىجە سۇلتان قەبرىسى، بوسنىيەلىك كىيئوغۇل ئىبراھىم پاشانىڭ قەبرىسى، مۇستاپا پاشانىڭ قەبرىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنىشى

فاتىھ جامەسى

fatihmosque

ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدا، ئىستانبۇل پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن سېلىنغان تۇنجى سۇلتانلار جامەسى بىلەن ئەتراپىدىكى بىر قاتار ئىمارەتلەر… فاتىھ جامەسى، فاتىھ سۇلتان مەھمەد تەرىپىدىن فاتىھ رايونىدا سالدۇرۇلغان. قۇرۇلۇش خىزمىتى 1467- يىلى باشلانغان فاتىھ جامەسى، 1470- يىلى پۈتكەن. 1766- يىلى مەيدانغا كەلگەن بىر قېتىملىق يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، سۇلتان ئۈچىنچى مۇستافا، 1767 ۋە 1771- يىللىرى ئارىسىدا جامە مەھمەد تاھىر ئاغىغا رېمونت قىلدۇرغان. فاتىھ جامەسى، ئەدىرنەدىكى ئۈچ بالكونلۇق جامە بىلەن بەيازىت ۋە سۇلايمانىيە جامەلىرى ئارىسىدا تۈرك بۈيۈك جامە بىناكارلىقىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى ھېسابلىنىدۇ. فاتىھ جامەسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى «چوڭ بىر يۈرۈش ئىمارەتلەرنىڭ مەركىزىگە سېلىنغان» بولۇشىدۇر. ھەجىم جەھەتتە ئاياسوفيادىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان فاتىھ جامەسى بىلەن بۇ بىر يۈرۈش ئىمارەتلەر (كۇللىيە) نىڭ بىناكارى، ئاتىك سىنان (ئازاتلى سىنان) دېگەن ئىسمى بىلەن تونۇلغان سىنائۇددىن يۇسۇف بىن ئابدۇللاھتۇر.

ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشى

بەيازىت جامەسى

img-poi1903-JsckI3-m

بەيازىت جامەسى، سۇلتان ئىككىنچى بەيازىت تەرىپىدىن ئىستانبۇلنىڭ بەيازىد رايونىدىكى بەيازىت مەيدانىغا تارقاق ھالەتتە سالدۇرۇلغان. قۇرۇلۇش ئىشلىرى 1500- يىلى باشلانغان جامە، 1505- يىلى پۈتكەن. بەيازىت جامەسى، كلاسسىك ئوسمانلى ئۇسلۇبىنىڭ دەسلەپكى ئۈلگىسىدۇر. جامە، مەدرەسە، ھاممام، كارۋانساراي، تاماقخانا، مېھمانخانا ۋە بالىلار مەكتىپىدىن تەشكىل تاپىدىغان بىر يۈرۈش ئىمارەتلەرنىڭ، بىناكار خەيرۇددىن ياكى بىناكار كامالۇددىن تەرىپىدىن بىنا قىلىنغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. يېقىنقى مەزگىللەردە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا، ياقۇپشاھ بىن سۇلتانشاھ ئىسمىنىڭ ئالدىنقى پىلانغا چىقىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. جامەنىڭ قىبلە تەرىپىدىكى بوش يەردە گۈمبەزلەر بار؛ سۇلتان ئىككىنچى بەيازىت، قىزى سەلچۇق خاتۇن ۋە تەنزىمات پەرمانىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغۇچىسى مۇستاپا رەشىد پاشانىڭ قەبرىلىرى مۇشۇ جايدىدۇر.

ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشى

رۇستەم پاشا جامەسى

normal_1171421376

رۇستەم پاشا جامەسى، تاختا قەلئەدىكى مىسىر بازىرىغا يېقىن يەردىكى بورىچىلار بازىرىغا جايلاشقان… ئۇ، ئىستانبۇلنىڭ تەسۋىرىنى تەشكىل قىلغان ئەڭ مۇھىم قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، بىناسى ئۆز دەۋرىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك دۆلەت ئەربابلىرىدىن بىرى، سۇلايمانىييە جامەسىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغىمۇ ھەسسە قوشقان سەدرىئەزەم رۇستەم پاشا (1561-يىلى ۋاپات بولغان) تەرىپىدىن سالدۇرۇلغان. سەدرىئەزەم رۇستەم پاشا قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ كىيئوغلى بولۇپ، ئىمپېراتورلۇقنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ئىنشا قىلدۇرغان بىنالىرى بىلەن نام چىقارغان. رۇستەم پاشا جامەسى مىمار سىناننىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. جامە، رۇستەم پاشانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، 1561- يىلى رەپىقىسى ھۈررەم سۇلتان تەرىپىدىن پۈتكۈزۈلگەن. رۇستەم پاشا جامەسى، شەھەر ئىچىدىكى ئورنى، قۇرۇلمىسى ۋە سىنان جامەلىرى ئىچىدىكى ئورنىچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان پەۋقۇلئاددە گۈزەللىكتىكى چىنە خىش بېزەكلىرى بىلەنمۇ مەشھۇردۇر. خۇسۇسەن لالە موتىفلىرى چۈشۈرۈلگەن چىنە خىشلار، ئوسمانلى چىنە خىشلىرى سەنئىتىنىڭ ئەڭ ئىلغار ئۈلگىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. جامە، 1660- يىلى مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتى ۋە 1776- يىلى مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، يەر تەۋرەشتە چۈشۈپ كەتكەن گۈمبەر ۋە مۇنارى كېيىنچە رېمونت قىلىنغان. 1960- 1961، 1964-1969- يىللىرى ئارىسىدا ۋەقىف ئىشلىرى باش ئىدارىسى تەرىپىدىن رېمونت قىلدۇرۇلغان قۇرۇلۇش، 1992- 1995- يىللىرى ئارىسىدا كەڭ ئەتراپلىق رېمونت قىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن.

ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشى

نۇر ئوسمانىيە جامەسى

169799_orj

ئەمنىنۆنۈدە چەمبەرلىتاش بىلەن يېپىق بازار ۋە چوغالئوغلۇ ئارىسىدا قالىدىغان، شۇنداقلا شۇ نام بىلەن ئاتىلىدىغان رايوندىكى چوڭ ۋە گۈزەل بىر جامەدۇر، نۇر ئوسمانىيە جامەسى… سىرتقى ھويلىسىنىڭ ئىككى ئىشىكىنىڭ بىرى يېپىق بازارغا، يەنە بىرى چەمبەرلىتاش تەرەپكە ئېچلىدۇ. ئەسەر، تۈرك باروك بىناكارلىقىنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ چوڭ ئەسىرى بولۇش بىلەن بىرگە كۆلچەكسىز يېرىم ئايلانما شەكلىدىكى ئىچ ھويلىسى بىلەن، باشقا جامەلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان مېھرابى بىلەن، 13 تۆۋرۈكلۈك 26 مېتىر ھەجىملىك غايەت زور گۈمبىزى بىلەن، گۈزەللىك ئابىدىسى مۇنارى بىلەن، ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ داڭلىق خەتتاتلىرىنىڭ كۆڭۈل ۋە قوللىرى ئارقىلىق روياپقا چىققان زىننەتلىرى بىلەن ناھايىتى گۈزەل بىر مەنزىرىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. نۇر ئوسمانىيە جامەسىنىڭ قۇرۇلۇشى 1748- يىلى سۇلتان بىرىنچى مەھمۇد دەۋرىدە باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، سۇلتان ئۈچىنچى ئوسمان دەۋرىدە داۋاملاشتۇرۇلۇپ، 1755- يىلى پۈتكۈزۈلگەن. قۇرۇلۇشنىڭ خاتىرە يازمىسى بۇ ۋاقىت ئەسكەرتىلگەن. «ئوسمانلىنىڭ نۇرى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان جامە «نۇرى ئوسمانىي» دەپ ئاتىلىش بىلەن بىرگە «ئوسمانىيە جامەسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جامەنىڭ باش بىناكىرى مۇستاپا ئاغا، مۇئاۋىنى سىمون ئۇستىدۇر.

ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشى

مىھرىماھ سۇلتان جامەسى

184063_orj

قانۇنى سۇلتان سۇلايمان تەرىپىدىن قىزى مىھرىماھ سۇلتان نامىغا ئاتاپ سالدۇرغان دەپ قارىلىدىغان كۈللىيە (يۈرۈشلەشكەن ئىمارەتلەر) نىڭ قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى 1540- يىللارنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا باشلانغان بولۇپ، جامەنىڭ خاتىرە تېشىغا يېزىلغان يازمىلارغا ئاساسلانغاندا، 1547 (ھىجرىيە 954) – يىلى پۈتكەن. مىمار سىنان باش بىناكار بولغاندىن كېيىن، شاھزادە كۇللىيەسى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا ئىنشا قىلغان تۇنجى مۇھىم قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولغان كۇللىيە جامە، مەدرەسە، بالىلار مەكتىپى، تاماقخانا، شۇنىڭدەك سۇ قاناللىرى، چەشمە ۋە ھاجەتخانىغا ئوخشاش جايلاردىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. لېكىن، كېيىنكى مەزگىللەردە، كۇللىيەگە ئىككى گۈمبەز ۋە بىر قوشماق ھاممام بىلەن مەۋجۇتلۇقى تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ئىسپاتلانغان ياغاچتىن ياسالغان بىر قەسىر بىلەن بىر ۋاكالەتخانا قوشۇلغان. لېكىن بۇلاردىن تاماقخانا، كارۋانساراي، قەسىر ۋە ۋاقىت بەلگىلەش ئورنى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چىقىرىۋېتىلگەن، يېقىنقى مەزگىللەرگىچە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان قوشماق ھاممام بولسا، رېمونت قىلىش ئەسناسىدا ماگېزىنغا ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىدىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىپ قويغان. جامە ھويلىسىدىكى سۇ كۆلچىكى بولسا، ئۆز دەۋرىنىڭ تاش ھۈنەرۋەنچىلىكىنى نامايەن قىلىپ بېرىدىغان نەپىس بىر ئۈلگە ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەرگە سۇ قاناللىرىمۇ تەسىس قىلىنىپ، باغلاربېشى ۋە ئىجادىيە تۆپىلىكلىرىدىكى بۇلاقلاردىن سۇ ئېلىپ كېلىنگەن. بىرى ھازىرقى جۇمھۇرىيەت يولى، يەنە بىرى سۇلتان تەپەنىڭ شىمالىي ئېگىزلىكلىرى ۋە پاشالىمانى يولىنى بويلاپ كۈللىيەگە قەدەر بارىدىغان بۇ سۇ قاناللىرىنىڭ بىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە، ئېھتىمال مىھرىماھ سۇلتان چەشمىسى ئىلاۋە قىلىنغان ھىجىرىيە 1092 (مىلادى 1681) – يىلىدا تەسىس قىلىنغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. مىھرىماھ ‹قۇياش ۋە ئاي› دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشى

ئورتاكۆي جامەسى

Mosquée Ortakoy - Istanbul

بۈيۈك مەجىدىيە جامەسى – خەلق ئارىسىدا ئورتاكۆي جامەسى دېگەن نام بىلەن تونۇلغان جامە – ئىستانبۇل بوغۇز ئىچىدە بەشىكتاش ناھىيەسىنىڭ ئورتاكۆي رايونىدا دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان يېڭى باروك ئۇسلۇبىدىكى بىر جامەدۇر. جامە، سۇلتان ئابدۇلمەجىد تەرىپىدىن 1853- يىلى بىناكار ئۇستىسى نىگوغوس باليانغا سالدۇرۇلغان. ناھايىتى نەپىس بىر قۇرۇلۇش بولغان بۇ جامە باروك ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بولۇپ، بوغۇز ئىچىدىكى تېپىلغۇسىز بىر جايغا جايلاشقان. بارلىق سۇلتانلار جامەلىرىدىكىگە ئوخشاشلا، خانىش ۋە سۇلتانلار بۆلۈمىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپىدۇ. كەڭ ۋە ئېگىز پەنجىرىلەر بوغۇزنىڭ ئۆزگىرىشچان نۇرلىرىنى جامەنىڭ ئىچىگە چۈشۈرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەنگەن. پەلەمپەي بىلەن چىقىلىدىغان قۇرۇلۇشنىڭ بىر بالكونلۇق ئىككى مۇنارى بار. تاملىرى ئاق كەسمە تاشتىن سېلىنغان. لېكىن گۈمبەزنىڭ تاملىرى قىزغۇچ مۇزايكادىن ئىشلەنگەن. مېھراب مۇزايكا ۋە قاشتېشىدىن، مۇنبەر بولسا، ئاق ھېقىق بىلەن قاپلانغان قاشتېشىدىن ياسالغان بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى ماھارەتنىڭ مەھسۇلىدۇر.

ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشى

قىلىچ ئەلى پاشا جامەسى

Kılıç Ali Paşa Camii

قىلىچ ئەلى پاشا تەرىپىدىن 1581- يىلى مىمار سىنانغا توپخانە مەيدانىدا ئىنشا قىلدۇرۇلغان قىلىچ ئەلى پاشا كۇللىيە (يۈرۈشلەشكەن ئىمارەتلەر) سى جامە، قەبرە، ئاۋام سۇ ئىچىدىغان چەشمە، مەدرەسە ۋە ھاممامدىن تەشكىل تاپىدۇ. كۈللىيەنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى بولغان جامە، بىر ھويلا رېشاتكىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ھويلا رېشاتكىلىرى 1956- يىلى ئېلىپ بېرىلغان يول ئېلىش خىزمەتلىرى ئەسناسىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىپ قويغان ۋە ھويلىنىڭ تېمى ئارقىغا تارتىلغان. جامەنىڭ كېچىكىپ قالغان جامائەتكە ئايرىلغان ئورنى بەش گۈمبەز بىلەن يېپىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا ئۈچ تەرەپتىن كېچىكىپ قالغان جامائەتكە ئايرىلغان جاينى ئوراپ تۇرىدىغان بالىخانا بىلەن بۇ قىسىمنىڭ تۇرۇس قىسمى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. تىك تۆت بۇلۇڭ قىلىپ سېلىنغان جامەنىڭ ئاساسلىق ئورنىنىڭ 12.70 سم ھەجىملىك گۈمبىزى پەنجىرىلىك بىر بەلۋاغقا دەسسىتىلگەن بولۇپ، گۈمبەزنىڭ ئېغىرلىقى ئىنچىكە پولات سىملار ئارقىلىق تۆت پايىگە چۈشۈرۈلگەن. ئاياسوفيانىڭ بىناكارلىق ئىستېتىگىنىڭ تەرەققىي قىلغان ئۈلگىسى دەپ قارىلىۋاتقان جامە، 16- ئەسىرنىڭ مەھسۇلاتى بولغان ئىزنىك چىنە خىشلىرى بىلەن بېزەلگەن. جامە، 24 تى گۈمبەز بەلبېغى بولۇپ، جەمئىي 147 پەنجىرە بىلەن يۇرۇتۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا، 1948- يىلى دېڭىز مۇزېيىغا قويۇلغان 16- ئەسىرگە ئائىت تارىخىي دېڭىز چىرىقىمۇ جامەنىڭ يۇرۇتۇلىشىدا ئىشلىتىلگەن. بىرلا بالكونى بار بولغان جامەنىڭ مۇنارى بولسا، 19- ئەسىردە رېمونت قىلىنغاندا يېڭىلانغان ۋە مۇنار باروك ئۇسلۇبىدا بېزەلگەن. قىلىچ ئەلى پاشا جامەسىنىڭ دېڭىزغا قاراپ تۇرىدىغان قىسمىدىكى سەككىز بۈرجەكلىك قىلىپ كەسمە تاش بىلەن سېلىنغان كۇللىيە مازىرى قىلىچ ئەلى پاشاغا ئائىتتۇر. دېڭىز تەرەپتىكى يەنە بىر قۇرۇلۇش بولسا، 18 ھۇجرىدىن تەشكىل تاپقان تۆت بۈرجەك قىلىپ سېلىنغان كۇللىيە مەدرەسەسىدۇر. ھاممام بولسا، جامەنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى گۈمبەزلىك جايدۇر. ھويلا تېمىنىڭ ئۈستىدىكى ئاۋامنىڭ سۇ ئىچىش ئورۇنلىرىمۇ كۈللىيەگە تەۋە دەپ قارالماقتا.

ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشى

شەمسى پاشا جامەسى

0031skdaremsipaacamii6fx

شەمسى پاشا جامەسى، شەمسى پاشا رايونىدىكى شەمسى پاشا يولى بويىدىكى دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان. ھويلىسىنىڭ ئىككى ئىشىكى بار بولۇپ، بىرى دېڭىز تەرەپكە، يەنە بىرى باغچا تەرەپكە ئېچىلىدۇ. كەسمە تاشتىن قاپلانغان بۇ ئىشىكلەرنىڭ ئۈستىدە يېزىق يوق. ھويلا تاملىرىدا كلاسسىك شەكىلدىكى تومۇر بارماقلىق پەنجىرىلەر بار. باغچا تەرەپتىكى ئىشكتىن كىرگەندە، ئوڭ تەرەپتە كىچىك بىر دائىرە ئىچىگە ئېلىنغان جاي، سول تەرەپتە بولسا، تاھارەت ئالىدىغان يەر كۆرۈلىدۇ. ھويلىنىڭ شىمال ۋە شەرق تەرەپلىرىنى ‹ل› شەكلىدىكى مەدرەسە ئوراپ تۇرىدۇ. ئىبادەتخانا ھىجرىيە 988 (مىلادى 1580) – يىلى مىمار سىنان تەرىپىدىن سېلىنغان. تۆت بۈرجەك قىلىپ سېلىنغان جامەنىڭ بىر گۈمبىزى قوغۇشۇن بىلەن قاپلانغان. گۈمبەز، سەككىز بۈرجەكلىك بىر بەلباغنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇلغان. بەلباغنىڭ تەرىپى بۇلۇڭلاردىكى يېرىم كىچىك گۈمبەزلەر بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەن. بۇلاردىن باشقا بەلباغلاردا تۆت پەنجىرە بار. جامەنىڭ كېچىككەن جامائەتكە ئايرىلغان قىسمى ۋە ئوڭ تەرىپى ئون قاشتېشى تۆۋرۈك بىلەن كۆتۈرۈلگەن بىر راۋاق بىلەن يېپىلغان بولۇپ، ئۈستى تۈزدۇر. كەسمە تاشتىن سېلىنغان جامەنىڭ بەلباغلىق ئىشىكىنىڭ ئۈستىگە تۆت مىسرالىق تۆۋەندىكى شېئىر يېزىلغان: شەمسى پاشا ئەيلەدى، بۇ جامىيى بۇنياد چۈن، ئومارىز كىم ئولا مەرھۇمۇن يەرى دارۇسسالام. ئۇلۋىيا خاتىف گۆرۈنجە دىدىكىم تارىخى، سەجدەگاھ ئولسۇن ھابىبىن ئۈممەتىنە بۇ ماكان. تەرجىمىسى: بۇ جامەنى شەمشى پاشا سالدۇردى، مەرھۇمنىڭ جايىنىڭ جەننەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. غەيىبتىن بىر سادا ئېيتتىكى، بۇ ماكان پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتىگە سەجدىگاھ بولغاي. لېكىن يازمىدا يىل، ئاي، كۈن يېزىلمىغان. تارىخىي مىسرانىڭ ئەبجەد ھېسابى 988 دېگەن ساننى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. لېكىن، ھىجرىيە 991-1064 (مىلادى 1583-1636) – يىللىرى ئارىسىدا ياشىغان ۋە «شەقائىقى نۇئمانىييە» گە شەرھ يازغان نەۋئىزادە ئاتائى ئەپەندى، بۇ شەرھىسىدە ۋە ياياباشى زادە ئەششەيخ خىزىر ئەپەندى قىلغان سۆزلىرىدە، ‹980- (1572م) يىللىرى ئەتراپىدا ئۈسكۈداردا شەمسى پاشانىڭ جامە شەرىف، دارۇلھەدىس (ھەدىس مەدرەسەسى) ۋە خانىقالىرى پۈتۈپ، بۇ يەرلەردىن ھەدىشسۇناس، تەپسىرشۇناس ۋە مۇتەسەۋۋۇپلار يېتىشىپ چىققانىدى› دېگىنىگە قارىغاندا، 988 دېگەن سان خاتا بولۇپ چىقىدۇ. بەلباغ قىسمى ئاق ۋە قىزىل قاشتېشىدىن ياسالغان بۇ ئىشكنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مۇنار ئىشىكى باردۇر. بۇ كىچىك ئىبادەتخانا يۇقىرى – تۆۋەن پەنجىرىلىك بولۇپ، ئۈست پەنجىلىرى تاقاقلىق تۇرىدۇ، ناھايىتى نەپىس كۆرۈنىدۇ. يېرىم گۈمبەزلىرى ۋە قاشتېشى مېھرابى ئاسما ھالەتتە تۇرىدۇ. مۇنبىرى كېيىنچە ياغاچتىن ياسالغان، جامەنىڭ ئىچى چىنە خىش ۋە ھۆسنخەتلىك بېزەكلەردىن يىراقتۇر. سول تەرەپتىكى مازارنىڭ جامەنىڭ ھويلىسىغا قاراپ تۇرىدىغان چوڭ پەنجىرىسىگە يوغان بىر تۆمۈر رېشاتكا قويۇلغان. بۇ كەڭ پەنجىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە تامغا پاتۇرۇلغان كىچىك تارتمىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. گۈمبەزنىڭ مەركىزى ۋە بەلبېغىغا ھۆسىنخەتلەر بىلەن ئايەتلەر يېزىلغان. ئوڭ تەرەپتىكى مۇنارى ئىبادەتخانىغا ئوخشاش كەسمە تاشتىن سېلىنغان بولۇپ، بالكونىنىڭ تۆۋەن قىسمى ئاسمىدۇر. مۇنار، كېچىككەن جامائەتكە ئايرىلغان يەر تەرەپكە بىر ئاز قايغان بولۇپ، جامەنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسى ۋە بۈلۈڭ تەرىپىگە دەسسىتىلگەن.

ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشى

ھاجى بايرامى ۋەلى جامەسى

3615282429_aa7a84897d_z

ھاجى بايرامى ۋەلى جامەسى، ھاجى بايرامى ۋەلىنىڭ ۋاپاتىدىن ئىككى يىل ئىلگىرى ھىجىرىيە 831، مىلادىيە 1427/1428- يىللىرى سېلىنغان. كېيىنكى دەۋرلەردە ناھايىتى كۆپ قېتىم رېمونت قىلىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى بىناكارى ھەققىدە مەنبەلەردە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. ھۇل قىسمى تاشتىن، تاملىرى خىشتىن، ئۆگزىسى كاھىشتىن سېلىنغان ھاجى بايرامى ۋەلى جامەسى شىمال – جەنۇب تەرەپكە سۇزۇلىدىغان شەكىلدە سېلىنغان بولۇپ، زېمىن قەۋىتىدە 437 كم، ئۈست قىسمىدا 262 كم لىق پايدىلانغانلىقى بولىدىغان ئورنى بار. قۇرۇلۇشنىڭ جەنۇب تەرىپىدە ھاجى بايرامى ۋەلىنىڭ قەبرىسى، شەرق تەرىپىدە ئوگۈست ئىبادەتخانىسى بار. قۇرۇلۇشنىڭ شەرق تەرىپىدە، مەركىزىدىن شىمال قىسمىغا قاراپ داۋاملاشقان يۇمىلاق بەلباغلىق تۆت بۇلۇڭلۇق قاپارتمىلار ئوراپ تۇرىدىغان بىر ئىشىك بار بولۇپ، بۇ ئىشىكنىڭ شىمال تەرەپ تۆۋەن بۇلۇڭىدا كېچىكىپ قالغان جامائەت ئۈچۈن ئايرىلغان جايدىكى يەنە بىر ئىشىك بىلەن چىلەخانىغا چىققىلى بولىدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق تەرىپىنىڭ غەرب تەرەپ ئىكەنلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ. پەلەمپەيسىمان بىر خىل كۆرۈنۈشكە ئىگە بولغان بۇ تەرەپ، ئۆز ۋاقتىدا كېچىكىپ قالغان جامائەت ئۈچۈن سېلىنغان بولسىمۇ، كېيىنچە تاملىرى ئېتىلىپ بىر يان ساھە ھالىتىگە كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ شەكىلدە بىر خىل كۆرۈنۈشكە ئىگە بولغان. جامەنىڭ ئىككى بالداقلىق غەرب تەرىپىنىڭ ئاياللار قىسمىغا كېيىنچە ئىلاۋە قىلىنغان ئىككىنچى قىسمىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى كەمەر ئاسقۇسىنىڭ ئۈست ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە يازمىلار بار. بىرى تۈركچە، يەنە بىرى ئەرەبچە يېزىلغان ھەر ئىككى يازمىدا، 1714- يىلىدىكى رېمونت خىزمەتلىرىگە دائىر ئوخشاش ئۇچۇرلار ئورۇن ئالىدۇ.

ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. تاماشىبىن 2012.07.22 , 23:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆزەينەك بىلەن كۆرەمدا 3 ئۆلچەم رەسىمنى

  2. مېستىر01 2012.07.23 , 00:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لۇمپا ئەينەكتە كۇرسەك تىخمۇ ئىنىق كۇزىتەلەيىمىز.:smile:

  3. بەھرام 2012.07.23 , 05:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۈشرۈش ئادرىسى يوقمىكەن؟ مەندە كەئبە بىلەن مەدىنە مۇنەۋۋەرە دىكى بىر مەسچىتنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك كۈرىنىشى بار ئىدى.

    • Mr.Forever 2012.07.23 , 13:54

      بۇ يەرنى ئېچىپ قاراپ بېقىڭ .

      http://website.informer.com/visit?domain=3dmekanlar.com

  4. سېھرىگەر 2012.07.23 , 13:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇماردا يازما قالمىغاچقا ۋىروس چىداپ تۇرالماپتۇدە

  5. Mr.Forever 2012.07.23 , 13:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاجايىپ ئادەملەر باردە ، قىلىدىغان ئىشى بولمىسا تورغا چىقىپ پۇتاق تاپىدىغان …

  6. بىغەم 2012.07.23 , 19:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ

    http://3dmekanlar.com/index.html

  7. مەپتۇن 2012.07.23 , 23:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يازمىنىڭ ماۋزۇسىدا ئىملا خاتالىقى يۈز بېرىپتۇ.
    ئىستامبول–›ئىستانبۇل

  8. پىنھان 2012.07.24 , 10:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يازمىنىڭ تېمىسى قۇناخۇنچە ئۇسلۇبتا قۇيۇلۇپتۇ ، مارەك بوغاي

  9. نۇرنىجات 2012.07.27 , 20:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىستانبۇلدا بىر مەسچىد بارتى!مۇقەددەس سوفىيە چېركاۋى(ھازىر جامە)دەپ!ئۇ بۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالالمىدىما؟

  10. نۇرنىجات 2012.07.27 , 20:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۈركىيەدىكى نۇرغۇنلىغان جامەلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئوخشاشكەن ھە؟

    • نۇرنىجات 2012.07.27 , 20:58

      چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن بولسا ھەممىسىنى بىر دەپ ئويلىغان بولاتتىم!

  11. رىتا1028 2012.07.30 , 06:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سۇلتانئەھمەتنىڭ ئالدى تەرىپىدىلا بىر قۇرۇلۇش بار ئاشۇ مەشھۇر كۆك مەسچىت يەنى ئەسلىدىكى ئايا سوفىيا شۇ .
    سۇلتانئەھمەتكە زىيارەتكە بېرىپ ياناشىمدا تەبىي ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئەمىنۆنۆگە بېرىپ مارمارا دېڭىزىغا قاراشنى بەك ياخشى كۆرىدىغانتىم .ئىنشائاللاھ ، ئەتە ئىشىم بالدۇرراق تۈگىسە بىر بېرىپ قەلمىسەم . ئۇ يەردىكى ئىپتارلىقلار قىزىپ كەتتى تايىنلىق ….:wink::wink::wink:

  12. رىتا1028 2013.04.02 , 16:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىسىر چاسىىسى ئەمەس
    مىسىر چارشىسى (مىسىر بازىرى ) دەيمىز.
    :smile:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量