تاللانغان ئۈچ پارچە ۋەھىمىلىك ھېكايە | يۈرىكى ئاجىز تورداشلار كىرىپ يۈرمەڭ!
بىرىنچى ھېكايە: دوختۇرخانىدا
مەلۇم دوختۇرخانىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بىر قېتىملىق جىددى قۇتقۇزۇشتىن چىقىپ ئۆيگە قايتىشقا تەمشىلىۋاتاتتى. بۇ ۋاقىت ئاللىقاچان يېرىم كېچە بولغان بولۇپ، دوختۇر لېفىتقا چىقىش ئۈچۈن لېفىت ئالدىغا كەلدى ۋە بىر سىستېرا قىزنىڭمۇ لېفىت ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىككىيلەن بىللە لېفىتقا چىقتى. لېكىن لېفىت بىرىنچى قەۋەتتىمۇ توختىماي ئۇدۇللا يەرئاستى ئۈچىنچى قەۋەتكە كېلىپ توختىدى. ئىشىك ئالدىدا بىر كىچىك قىز باشلىرى تۆۋەنگە ساڭگىلىغان، چاچلىرى چۇۋۇلغان ھالدا: مەن لېفىتقا چىقىۋالاي- دېگىنىچە تۇراتتى. دوختۇر ئىشنىڭ چاتاقلىغىنى بايقاپ لېفىتنىڭ ئىشىكىنى شۇ ھامان تاقىۋالدى. سېسترا قىز ئەجەبلەنگەن ھالدا سورىدى:
- نىمدەپ ئۇ قىزنى چىقىرىۋالمايسىز؟
دوختۇر: – يەر ئاستى ئۈچىنچى قەۋەت دوختۇرخانىنىڭ جەسەت ساقلاش ئۆيى، ئادەتتە دوختۇرخانا ھەر بىر جەسەتنىڭ ئوڭ قول بېغىشىغا بىر دانە قىزىل لېنتا تاقاپ قويىدۇ، ئاۋۇ قىزنىڭ قولىدا…ئاۋۇ قىزنىڭ قولىغىمۇ شۇنداق لېنتا باغلاقلىقكەن….. سېسترا قىز دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئالدىرىماي ئوڭ قولىنى چىقاردى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ دوختۇردىن سورىدى:
- مۇشۇنداق لېنتىمۇ؟
ئىككىنچى ھېكايە: كىمگە ئىشىنىسىز ؟
مەلۇم يىلى، تاققا چىقىش ئەتىرىتى بىر قېتىملىق تاققا يامىشىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە يەنە بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار تاغ قاپتىلىغا كەلگەندە كۈچلۈك بوراننىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ توسۇلۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەتىرەتتىكىلەر مۇزاكىرلىشىش ئارقىلىق، ئەرلەر داۋاملىق يامىشىشنى ھېلىقى مەشۇق قىز بولسا مۇشۇ يەردە چىدىرنى ساقلاپ يېتىشنى بېكىتتى ۋە تاغقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. لېكىن بۇ قىز ئۈچ كۈن ساقلىغان بولسىمۇ ئۇلار تېخىچە قايتىپ كەلمەيۋاتاتتى.شۇ تەرىقىدە بىر ھەپتە ئۆتۈم مەلۇم بىر كۈنى كەچ قۇرۇن ئەتىرەتتىكى ھېلىقى ئاشىق يىگىتتىن باشقا ھەممىسى قايتىپ كەلدى ۋە قىزغا يىگىتنىڭ يولغا چىقىپ بىرىنچى كۈنىلا بەخىتكە قارىشى ۋاپات بولغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ روھىنىڭ قىزنى ئىزدەپ كېلىشى مۈمكىنلىكىنى، كۆڭلىنى ھەرگىز يېرىم قىلماسلىقىنى، ئۇلارنىڭ قىزغا ياخشى ھەمرا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە ھەممىسى قىزنى ئوتتۇرغا ئولتۇرغۇزۇپ چەمبىرەك شەكىلدە يىغىلىپ قانداقتۇر ئەپسۇنلارنى ئوقۇشقا باشلىدى. شۇ كۈنى كېچە سائەت ئون ئىككى بولاي دىگەندە قىزنىڭ يىگىتى تۇيۇقسىزلا ئۈستى بېشى قان ھالەتتە يۈگۈرۈپ كەلدى ۋە قىزنىڭ قولىدىن تارتقىنىچە بەدەر قاچتى. بۇ ۋاقىتتا قىز قورۇققىنىدىن جىنىنىڭ بارىچە ۋارقىراىدى. يىگىت قېچىپ خېلى ئۇزىغاندىن كېيىن توختاپ قىزغا مۇنداق دېدى:
- بىز تاققا چىقىپ بىرىنچى كۈنىلا تالاپەتكە يولۇقۇپ پەقەت مەنلا ھايات قالدىم، سىز زادى كىمگە ئىشىنىسىز؟
ئۈچىنچى ھېكايە: ئەمدى مەندىن تالىشىدىغانلار قالمىدى
مەلۇم زاۋۇتنىڭ بىرنەپەر ئاددى ئىشچىسى ھەر ئاخشىمى ئىشتىن چۈشۈپ كوچا ئاپتوۋوزىدا ئۆيگە قايتاتتى. ئەمما بۈگۈن ئىشتىن بەك ۋاقچى چۈشكەچكە ئاپتوۋوز بىكىتىگە كەلگۈچە بىرمۇ ئاپتوبۇس قالمىدى. ئۆيى شەھەردىن بەكلا يىراق بۇ ئىشچىنىڭ باشقا تاللىشى بولمىغاچ يەنىلا ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە بىكەتتە ساقلاپ ئولتۇردى. شۇنچە ساقلاپ بىرمۇ ئاپتوۋۇزنى ئۇچىراتمىغان بىچچارە ئىشچى دەل ئارقىغا بۇرۇلۇپ قايتماقچى بولغىنىدا يىراقتىن بىر ئاپتوبۇزنىڭ چىراغ نۇرى كۆزگە چىلىقتى ۋە خوشاللىقىدا يۇگۈرگەن پېتى ئاپتوۋۇزغا چىقتى.
ئاپتوۋۇزغا چىقىپلا ئىچىدىكى ئادەملەرنىڭ ئانچە نورمال ئەمەسلىكىنى، چىرايلىرى تاتارغان بولۇپ بىر بىرىگە نىمىلەرنىدۇر پىچچىرلاۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق كېچىدە ئەسلى ماشىنا ئىچى قۇرۇق بولىشى كېرەك، ئەمما بۈگۈن ماشىنىدا لىققىدە ئادەم. مۇشۇ خىياللاردىن بىشىنى چايقاپ قارىسا ئالدىنقى سەپتە بىر بىر ئورۇن بىكار، ئىشچى ئاستا بېرىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، بۇۋاقىتتا ئۇنىڭ يىنىدا ئولتۇرغان ئايال ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قارىۋېتىپ :
- ئەسلى سەن بۇ ماشىنىغا چىقماسلىقىڭ كېرەكتى-. دېدى . ئىشچى ئەجەبلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا قارىدى. ئايال ئۇلاپلا:
- بۇ ماشىنىغا ھايات ئادەملەر چىقمايدۇ. ماشىنىغا چىقتىڭمۇ، ئۇلار (ماشىنىدىكىلەرنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ) سېنى تۇتۇپ ئاپىرىپ روھېڭنى تېنىڭدىن سۈمۈرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئورنىغا سېنى ئاملاشتۇرىدۇ. – دېدى.
ئىشچى قورۇققىنىدىن ئىشتىنىغا چىقىرۋېتەي دېدىيۇ قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي تەمتىرەشكە باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا ئايال :
- لېكىن ئەنسىرىمە، مەن ساڭا ياردەم قىلىپ سېنى قاچۇرىۋېتىمەن.- دېدى ۋە دەرىزىنى ئېچىپ ئەرنىڭ ياقىسىدىن تۇتقان پېتى پەسكە سەكىرىدى . سەكىرەش ئالدىدا ئىشچى ماشىنا ئىچىدىكى ئادەملەرنىڭ :
- ئۇ راستىنلا ئەرنى ئېلىپ قاچتى.- دىگىنىنى چالا پۇلا ئاڭلىدى.
بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ قېچىپ قايسى بىر ئورمان ئىچىگە كىرىپ قالغىنىنى بايقىدى ۋە بىر ئۇلۇغ تىنىۋېتىپ ئايالغا رەھمەت ئېيتىشقا باشلىدى. لېكىن ئايال مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ ئەرگە شۇنداق دېدى:
- ئەمدى سېنى مەندىن ھېچكىم تالىشالمايدۇ…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: قورقۇنچلۇق، ھېكايە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 07-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 3-qorqunuchluq-hekaye.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كېيىنكى ئەۋلاد iPhone ئېلان قىلىنىشقا ئاز قالدى، iPhone 5 ھەققىدىكى ئەپقاچتى پاراڭلارنىڭ توپلانمىسى
- كېيىنكى يازما > قىزىقارلىق ئىشلەنگەن 3D كارتون فىلىم – in The Rough | ئىپتىدائىي ئادەم خوتۇنى بىلەن سوقۇشۇپ قالغاندىن كېيىن…
- غېرىب بالىنىڭ تەڭرىسى ۋە ھوللىيۋود چولپىنى Johnny Depp نىڭ تەسىرلىك ھېكايىسى
- 40 يىلدىن بۇيان كۆيۈۋاتقان «جەھەننەم ئىشىكى» نى بىلەمسىز؟
- سەت قىزنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسى | دۇنياغا گۈزەللىك بىلەن باققىنىڭىزدا، ئۇنىڭمۇ سىزگە كۈلۈمسىرەۋاتقانلىقىنى بايقايسىز…
- MP3 ھۆججەت شەكلى قانداق قىلىپ ناخشا-مۇزىكا ساھەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان؟
- كلاسسىك فىلىملەرنىڭ بىرى – «بىئو-خىمىيىلىك كىرزىس5: جازالاش»نىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىندى!
- كىشىنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرىدىغان ئاجايىپ كىنو تەشۋىقات رەسىملىرى! ئارىسىدا قايسىلىرىنى كۆرۈپتىكەنسىز؟
- iPhone نىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغىنىنى كۆرگەنمۇ؟! بۇ New iPhone5 تىكى Siri نىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىمىش!
- پويىزدا قىستىلىش دېگەن نېمە ئۇ؟! ھازىر بوشلۇقتىكى ئايروپىلاننىڭ قانىتىغا يامىشىش مودا!
- سىرلىق زۇلمەت تۈسىنى ئالغان ئويۇن – Alan Wake
- iPhone راستىنلا تېلىفۇننىڭ قاتىلىمۇ نېمە؟ ھوللىيۋود سەۋىيىسىدىكى Siri ھەققىدە ئىشلەنگەن فىلىم
ئۈچىنچى ھىكايە ئىككى يەردە چىقىپ كېتىپتۇ
ساقلاپ قويدۇم، لازىم بوپ قالار
بىرىنجىسى خىلى بولدسىكەن ھازىر كەچ سائەت 11؛11
مەڭە ھىكايىدىن بەكراق مۇزىكا تەسىر قىپ كەتتى
بىر ياقتىن مۇزىكىنى ئاڭلىغاچ ئوقۇسا مۇزىزىكىنىڭ ئەۋجىگە چىققان چاغدا يۈرەك بىر جىغىلدايدىكەن…
ماۋۇ مۇزىكا ئادەمنى ئازراق بىئارام قىلىپ قويىدىكەن…
بىرىنجىسى قاتتىق ئوماقكەن.
ئالىلىرى ئۆزلىرىدىن بىسوراق بۇ ھىكايىنى ئىلان قىلىۋىتىدىغان بولدۇم ،
تازا يېرىم كېچىدە ئوقۇيدىغان ھېكايىلەر ئىكەن ماۋۇ
نەدىكى مۇزىكنىڭ گېپنى قىلۋاتسىلە ، مەن ھىچ مۇزىكا كۆرمىدىمغۇ!
موللاخۇن مۇزىكىنى كۆرمەيدۇ ئاڭلايدۇ، قارىغاندا ما ھېكايىلەرنى ئوقۇپ قورقۇپ كەتكەن ئوخشايلا….
يەنە بارمۇ ؟ يەن بولسا جىقراق يوللاپ قويارسىز .
قىنى ئۇ موزىكا؟
بىرىنجىسى بوپ قويىدىكەن
كەشتە ئوقىسا تەسىر قىلغۇدەك ئادەمگە.
قورقۇنىچلىق؟!ئانچە ئەمەسكەنغۇ؟!ھازىر چۈش سائەت 2:27.مۇزىكىنىمۇ ئۆچىرىۋەتتىم…ھى ھى ھى!
ماڭىمۇ بىرىنجىسى نوچى تۇيۇلدى .
ۋايجان ، نېمىدەپمۇ ئوقۇغانمەن . ۋارقىرىشىمدىن ئۆيدىكى قىزلارنىڭ جېنى چىقىپ كەتتى ….