كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان Flash ئويۇن – ئارغامچا يېشىش! كېلىڭ، كاللىڭىز ئىشلەمدۇ يوق بىر سىناپ باقايلى
بەزىلەر ئەقىللىق بالىلار ئادەتتە زىھنى قۇۋەت تەلەپ قىلىدىغان ئويۇنلارنى ئويناشقا ئامراق كىلىدۇ دەيدىكەن. ئۆزۈمنىڭ ئالاھىدە ئەقىللىق ئىكەنلىكىمنى تېخى بايقىمىغان بولساممۇ ئەمما تولىراق كاللا كېتىدىغان، كىچىك تىپتىكى تېپىشماقلىق ئويۇنلارنى ئويناشقا ئوبدانلا مەيلىم بار. بايامدىن بېرى مەلۇم بىر ئويۇنغا كىرىشىپ قېلىپ چىقالماي قالدىم، شۇڭا تورخۇمار دوسلارنىڭ ھە ھۇ دىيىشىپ بېرىشى ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلدىم.
مەزكۇر ئويۇن پەقەت 20 ئۆتكەلدىن تەركىب تاپقان. ئويناش ئۇسۇلىمۇ ئالاھىدە ئاددى. يەنى تۇتاش نۇقتىلارنى يۆتكەش ئارقىلىق لىنىيەلەرنىڭ ئۆز-ئارا كىسىشىپ قالغان يەرلىرىنى يىشىپ چىقىمىز. ئۆز-ئارا كىسىشمە ھالىتىدىكى لىنىيەلەر ئاق رەڭدە، ئەركىن كىسىشمىگەن لىنىيەلەر كۈل رەڭدە بولۇپ، سىز مەلۇم نۇقتىنى تۇتقان ۋاقتىڭىزدا شۇ نۇقتىغا تۇتاش بولغان بارلىق لىنىيە ۋە نۇقتىلار ئاق رەڭدە كۆرۈنىدۇ. ئويۇن قائىدىسىمۇ پەقەت شۇ ئۆز-ئارا كىسىشمە ھالىتىدىكى لىنىيەلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ، ھەممىسىنى ئۆز ئالدىغا ئايرىم ھالەتكە ئەكىلىمىز. ئاڭلىماققا تولىمۇ ئاددى بولۇپ قېيىنلىق دەرىجىسىنى پەقەت ئويناپ باققانلارلا بىلىدۇ.
ئەمىسە باشلايلۇق
【دىققەت: مەزكۇر ئويۇن سەۋىر قاچىسى يوق كىشىلەرگە ۋە 12 ياشتىن تۆۋەنلەرگە ماس كەلمەيدۇ】
————————————- شەرەپ تاختىسى ———————————-
نېرى بېرىسى بىرەر سائەت ھەپىلىشىش جەريانىدا، ناھايىتى شەرەپلىك بىلەن 13 ئۆتكەلنى ئوڭۇشلۇق تۈگۈتۈپ، 14-سىدە قەتتىلا ئامال بولمىدى. قېنى تورداشلار كىم ئەڭ ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ تۆۋەندە ئىنكاس شەكلىدە ئورتاقلاشقاچ تۆۋەندىكى شەرتلەر بويىچە ئۆزىمىزنى باھالاپ باقايلى….
1. مەزكۇر ئويۇندا 10- ئۆتكەلگە بارالمىغانلار كەلگۈسىدە خوتۇن ئالالمايدىغانلار
2.مەزكۇر ئويۇندا ھەممە ئۆتكەلدىن بىراقلا ئۆتۈپ كەتكۈچىلەر كەلگۈسىدە دۆلەتنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە تەھدىتى باركىشىلەر
3.قەتتى كاللىسى يەتمىگەنلىكىنى مەزكۇر يازمىدا ئىنكاس شەكلىدە ئىتىراپ قىلالىغانلار ھەقىقى سەمىمى كىشىلەر بولۇپ، قىزلار بۇنداق باللارنى تاللىسا ئادەتتە كۆڭلى ئازار يىمەيدۇ
4.ئۆتەلمەي تۇرۇپ ھەممىنى تۈگەتتىم دەپ پو ئاتقۇچىلارغۇ ئا كىيۇنىڭ ئۆزى
5.ئوينىماي تۇرۇپلا ۋاز كەچكۈچىلەر ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى يوقلار، بۇنداقلاردىن ئادەتتە ھاللىق كىشىلەر چىقمايدۇ
6.ئويناپ تۇرۇپ ما تېمىغا ئىنكاس يازمىغانلار *********** لاردۇر.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Flash ئويۇن، ئويۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 33,619 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 07-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: untangle-flash-game.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > گىگانت ئويۇن «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 8» | 使命召唤8:现代战争3(مۇشۇ يىلدىكى ئەڭ نادىر ئويۇننىڭ بىرى)
- كېيىنكى يازما > پاركور تىپىدىكى ھەرىكەتلىك ئويۇن – Mirror’s Edge(خەنچە نامى: 镜之边缘)
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- ئەقلىي قابىلىيەت(IQ)نى سىنايدىغان ئويۇنلار، قانچىسىدىن ئۆتەلەيسىز؟
مەن 6-سىنى تۈگەتتىم
ھى..ھى…قارىغاندا ھەممىسى ئويۇن بىلەن بوپ كىتىم بۈگۈن دىۋان(يىڭىچە تۆر) ماڭا قاپتۇ-دە ئەمدى خاتىرجەم داۋامىنى ئويناۋىرەي-ھە،تورخۇمار،14-سىدىن ئۆتۈپ بولۇپ سىزگە دەيمەن.
7-سىگە كەلدىم،خەۋەر قىلىپ ماڭاي-ھە
8-سىگە كەلدىمبارا-بارا تەسلىشىۋاتىدۇ-دىسە
1سائەت بولدى،9-سىگە كەلدىم، مەندىن باشقىڭلار يوقما؟ تورخۇمار، سىز بارمۇ؟ ئادەمنى قورقىتىپ بىرىمۇ گەپ قىلمايدىيا
جىنىم مەلىكەم ، بۇ مېنىڭ ئىسمىمنى بىر چاقىرىپ قويسىڭىز ھاردۇقۇم چىقاتتىغۇ …..
10-سى…..
12-سىگە كەلدىم ،ھەجەپ تەسكىنا ، بىرەر قانۇنىيەتنى سەزدىڭلارمۇ يا
مەن11-سىگە كەلدىم، ئاساسلىق قانۇنىيىتى بەك چىگىش قىلىۋەتمىسىلا بولىدىكەن، ئەسلى ئاللىبۇرۇن ئويناپ بولاتتىممۇشۇ ئىشخانىغا ئادەم كۆپرەك كىلىپ قىلىپ سەل ئالدىراش بوپ كەتتىم شۇ
مەن11-سىگە كەلدىم، ئاساسلىق قانۇنىيىتى بەك چىگىش قىلىۋەتمىسىلا بولىدىكەن، ئەسلى ئاللىبۇرۇن ئويناپ بولاتتىممۇشۇ ئىشخانىغا ئادەم كۆپرەك كىلىپ قىلىپ سەل ئالدىراش بوپ كەتتىم شۇ
موھېم بىر قانۇنىيىتى بار ، تورخۇمار دەپ بەسۇن سىزگە
12-سى خىلى تەس ئىكەن، ھەرنىمە بولسا تۈگىدى.13-سىگە كەلدىم
تورىۇمار، ئويناپ تۈگەتكەنلەرگە مۇكاپات بارمۇ يە؟
14-سىگە كەلدىم، تورىۇمار ئويناپ ئۇتالمىغاننى مەن بىر سىناپ باقاي، تورخۇمار ئەقىللىقمۇ ياكى مەنمۇ14-سى يەلكەنلىك كىمىگە ئوخشاپ قالىدىكەن،رەسىمنى كىسىپ ئەۋالدىم، بىراق قانداق چاپلاشنى بىلمايمەنئىشەنمەي قالماڭلا يەنە
ئاھ خۇدا مەن خوتون ئالالمايدىغانلار تۇردىكەنمەن. مەلىكە سىز خىلى ئەقىللىق تۇرسىز مىنى ئويلىشىپ باقامسىز
ھاھا تورخۇمار تورخۇمار دەپ ۋىرۇسجاننىڭ ئەجەپ ئاچچىقىنى كەلتۇرىۋەتتى ھە
ۋوي ۋوي مەن 5مىنۇت ئويناپلا 9.سىگە كەلدىم ، مەن بەك ئەقىللىقمۇ نىمە ! مەلىكە كەينمدە قاپتۇ، بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كەتتىدە
مەلىكە بىڭسىڭىز بولسا كېلىڭە تورخۇماردىكى ماۋۇ ئۇيۇندا بەسلىشىپ باقايلى ، قانچىلىك بەرداشلىق بىرەلەيدىكەنسىكىن قېنى berdashliq-berish.html
1 . مەن 10-ئۆتكەلگە بارالمىدىم ، ئەمما مېنىڭ ھازىر ئەڭ بېشىمنى ئاغرىتىۋاتقىنى ئۆيدىكىلەرنىڭ كەلگۈسى ئىشىم ئۈچۈن ئالدىراپ كېتىۋاتقانلىقى ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ( مەزكۇر ئويۇندا 10- ئۆتكەلگە بارالمىغانلار كەلگۈسىدە خوتۇن ئالالمايدىغانلار ) بۇ سۆزگە رەدىيە بېرىمەن
2 . ئالتىنجى مەيدانغا چىقىپلا ئىچىم پۇشۇپ كەتتى
13.سىگە چىقىپ پەقەتلا ئوينۇغۇم كەلمىدى،
14كەلدىم ئاران…
چۇشۇرۇش ئادىرسىنى تەمىنلىگەن بول ساڭلار
http://1cup1coffee.com/fl/untangle.swf
چۈشۈرۈش ئادرېسى
بىچارە ۋىروس ، كۆپىنچىلەر تورخۇمارلار كۇلۇبىنى تەدبىركارنىڭ شەخسى بلوگى دەپ ئويلىغاندىكىن ، ئاپتورغا دىققەت قىلمايدىكەن ، ھەي كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن ، ئويۇنغا كەلسەك ، 6 – ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىدىم ، راسلا خوتۇن ئالالماسمەنمۇ مەن ؟
مەن ھىچ بولمىغاندا خوتۇن ئالالەيدىكەنمەندە
14-گە كەلگەندە ئاپام كومپىيوتېرنى ئۆچۈرىۋەت دەيدۇ،ئەتە يەنە سىناپ باقامەن…
ئەمدى خوتۇن ئالالايدىكەنمەن ھەنىم بولسا يۈرۈگۈم جايىغا چۈشتى .
يەنە 4 ى قالدى
13نى تۈگۈتۈپ 14 كە كەلدىم.ئەمدى ئۇيقۇم كەلدى ئوينىمايمەن.
19 دىن ئۆتتۇم ئوينسام ئۇتۇۋالغىدەكمەن ئاخىرنىمۇ ئويناي ، لېكىن ئويناش خوش ياخمىدى، ئىشىم چىقىپ قالدى 2 سائەتتە بىر باشقا ئېلىپ چىققىلى بولدىكەن، يولىنى تېپىۋالسىڭىز شۇنداق ئاددىي ئىكەن.. مەنمۇ ئوينىغاننى رەسمىگە تارتىپ ماڭدىم ..ھا ھا
18-ئۆتكەلگە كەلگەندە ئىچىم پۇشۇپ كەتتى
يەنە بىر دەي… توۋا …….
ئاخشام تورخۇماردىن Fetih 1453 دېگەن كىنونى چۈشۈرۈپ چۈش كۆرۈپ قاپتىمەن…
18-ئۆتكەلدىن پەقەتلا ئۇتەلمىدىم. پەقەتلا ئۇتەلمىدىم .پەقەتلا ئۇتەلمىدىم..
18-19-20-ئۆتكەلدىن ئۆتىۋاتقانلار بۇلسا ئەڭ ئاخىرقى بىر چىگىش قالغاندا رەسىم كىسىۋېلىپ 632574836@qq.com بۇياققا ئەۋەتىۋىتىڭلار `ئاخىرقى 3 ئۆتكەلدىن قانداق ئۆتىدىغانلىقىنى بەك بەك بەك كۇرگۇم بار ئىدى `·3Q
ئەھۋالدىن قارىغاندا مەن خۇتۇن ئالالماي دىغان ئوخشايمەن!!!!!!!!!!
مەن 2-تۇرگە تەۋە بوپ قالماي دەپ، 19-ئۆتكەلگە كېلىپ توختاپ قالدىم
دوسلار Fetih 1453 دىگەن فىلىمىنڭ قاچان قۇيۇلدىغانلىقىنى ياكى ئوغۇرلىقچە تارتىلغان نۇسخىسى بولسىمۇ تور ئادرىسىنى ئەۋەتىپ بېرىڭلا، ھىچىم ئۇقمىسا بۇنى تورخۇمارغا ياكى ۋىرۇسقا تاپشۇرۇق قىلىپ قالدۇرۇپ قۇياي شەنبە يەكشەنبىدىن پايدىلىنىپ توردىن ئىزدەپ باقسۇن، يەكشەنبە كۈنى كەچلىك مۇزاكىرىگە كىرىشتىن بۇرۇن تەكشۈرمە ،
14-سىنى ئەمدى ئوينايمەن، تۈنۈگۈن ئاز قالغاندا ئىشتىن چۈشۈپ كەتتۇق دىسە،14-سىنى ئويناپ بولۇپ ئاندىن سىلەر بىلەن پاراڭلىشىمەن.
پاھ….14-ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتۈم، دىمەك مىنىڭ كاللام تورخۇمارنىڭ كاللىسىدىنمۇ بەكىرەك ئىشلەيدىكەن،دىگەن گەپ ئەمدى 15-سىگە كەلدىم، ئىشەنمەي قالماڭلار يەنە،شەكلى 21 نۇقتىلىق يۇمىلاق ئىكەن
16-سىگە كەلدىم،26دانە نۇقتا بار ئىكەن :idea:،ئويناپ بولۇپ سىلەرگە خەۋىرىنى بىرىمەن
14 سائەتتە 19 . ئوتكەلدىن ئۈتۈپ كەتتىم . خاخاخا يىگىرمىدە خەتلا باركەن كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىپ
17-سىگە كەلاىم، بەلگە: مائۇسنىڭ سىتىرلىكا كۆرسەتكۈچ بەلگىسىگە ئوخشاش،
18-سى….6يىپلىق
19-سىگە كەلدىم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئىپادە، ئۆزى يۇمىلاق،ئوتتۇرىسىدا كۆزى بار
20 نى تۈگەتسىڭىز مۇكاپات بار !
مەن تۈگىتىپ بولدۇم ، ماڭا مۇكاپات بامۇ يوق ؟؟ سىز ئەمدى 18گە كەپسىز . 19دا EVIL دىگەن خەت بار ئىكەن .
نىمە مۇكاپات؟ 19-سى بەك بەك قىيىن ئىكەن
مەن 19غا كەلگەن بوپ قالىدىغان ئۇيانكەن لېكىن چىگىشىدىغان يېرى سەل جىقكەن مەيدان چوڭراق بولغان بولسا يېشىۋىتەركەنمە .
ھاھا ،مەنمۇ 19 قا كەلدىم ،ئەھۋالدىن قارغاندا دۆلەت ئۇچۇر بىخەتەرلىكگە تەھتىت بوپ قالىدىغان ئوخشايمە؟
مەن ئالدىرديتتىم ھازىر لېكىن چوقۇم ئويناپ تۈگىتىمەن خەپ…..
باشلاشنى باسساممۇ ھېچ ئىنكاس بولمىدىيا؟
بۇ ئويۇننى ئويناش ھەقىقەتەن ئاسانغا چۈشمىدى …… 2 سائەت ئويناپ ئاران 16 -مەيداننى تۈگبتىپتىمەن ……. قالغىننى ئەتە ئويناي …
16- مەيداندا easy,eh دېگەن ئىنگىلىزچە سۆز بار ئىكەن……
ئويۇننىڭ بىرەر قانۇنىيتىنى دەپ بەرسەڭلار بولغىدەك، ئالتىنجى مەيداندىن پەقەتلا ئۆتەلمەيۋاتىمەن، خوتۇن ئالالماي قالماي دەپ بەك ئېغىر روھى بېسىم بۇلۇپ كېتىپ ئۇخلىيالمايۋاتىمەن …
خېلى ھەقلىم باركەن، 14 مەيدانغا كەپ قالدۇق…
ئەقلى قابىلىيىتىممۇ نۇرمالدەك قىلىدۇ، ھەم ئۇيۇننىڭ قانۇنىيتىنىمۇ ئىگەللەپ بولدۇم، بىكار تاڭ ئېتىپ كەتمىسۇن، ئاخىرنى ئەتە ئويناي، ھېلىمۇ سائەت ئۈچ بوپ كېتىپتۇ… (ھە راس، ھەممىسىگە تەخمىنەن 70 مىنۇت ۋاقت كەتتى، يېڭى رىكورت ياراتقاندىمەنمۇ ؟)
خىلى بوپ قالىدىكەن، 15-سىگە كەلدىم، ئاللاھقا شۇكرى خوتۇن ئالايدىكەنمەن ھاھاھا……
خىلى بوپ قالىدىكەن، 15-سىگە كەلدىم، ئاللاھقا شۇكرى خوتۇن ئالايدىكەنمەن ھاھاھا……
ھاھا ىوتۇن ئالالايدىغان ئوخشايمەن
خېلى بولدى ئويناۋاتقىلى ئاران 16 -مەيداننى تۈگبتىپتىمەن !!!!!!!!!!!!!
مەن سائەتكە قاراشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن دىسە
good work دەپ كەينىدىن ئويۇن evilخەت شەكلى بويچە چىقتى….ئۇف…..خىلىلا تەسكەن جۇمۇ 19-سى ،ئەمدى 20-سىنى ئوينايمەن. مۇكاپات بارمۇ؟
ۋوي سىز ئەر ئالسىڭىز بولغىدەك
20 مىنوتتا 12سىنى تۈگىتىپتىمەن
!you win مانا مشۇنداق خەت چىقتى، 20-سى تۈگىدى،ھەممە ئۆتكەلنى ئۆتۈپ بۇ ئويۇننى تامامەن تۈگەتتىم، قارىغاندا ئەقلىي ئىقتىدارىم….ئاھ خۇدا…ئەمدى مىنى باشقىلار تۇتۇپ كىتەرمۇ-ھە؟! مۇكاپات بارمۇ؟؟؟؟
مۇكاپاتى … سىزئەرگە تىگەلەيدىكەنسىز …
مەن مۇ 20 مەيدانىنى تۇگەتىم
15 تىن ئۆتتۇم
ياخشى ئويۇنكەن مىنىڭغۇ ئەڭ ئاخرقى مەيدانغىچە ئويناپ تۈگەتكۈم بارئىدى ،بىراق كۆزۈمگە بىرسىزىق ئىككى كۆرۈنۈشكە باشلىدى 18-مەيدەن ئاڭلاشقا يامان ئەمەس ،تۇتۇپ كىتىشتىن ئەنسرەپ قالدىم،ئىككى بالام يىتىم قالمىسۇن يەنە.
12-مەيداننى تۈگەتتىم، قالغىنىنى ئەتە ئويناي..
باللا، ئاسان ئويناش ئۇسۇلىنى ئازراق بولسىمۇ بىلىۋالدىم، ئاۋال ئۆزۈڭلار خالىغان 4-5 نوقتىنى سىرتقا سۆرەپ ئاچىقىۋىڭلار، ئاندىن شۇ بويىچە ئوينىغىلى تۇرساڭلار……..
ئاسانكەن.
ۋاھ،ۋاھ…مەن بۇ ئويۇننى ئاخىرى تاماملىدىم.پو ئاتقانلىق ئەمەس جۇمۇ 14-ئۆتكەلدىن باشلاپ تەسلىشىدىكەن .لىكىن ھامان ئامال تىپىلىدىكەن .تورداشلارنىڭمۇ سىناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!
مەنمۇ خوتۇن ئالالايدىكەنمەن ھاھا~~!!! 11-مەيدانغا كەپ قالدىم
مەن ئەمدى خوتۇننى قويىۋەتسەم بولغىدەك
چاخچاق ھە !!!!!!
6-كىلىپ ،،ئۇيقۇم بەك كەپكەتتى،ئەتە داۋاملاشتۇراي.
مەنمۇ خىلى ئەقىلىق ئىكەنمەن ھەممە مەيداننى تۇگەتىم مەنمۇ خوتۇن ئالالايدىكەنمەن
ھەي بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك!
بۇئويۇن بەك ئوڭايكەن
مەن ئاخىرقى بىرمەيدانداىن چىقالمىدىم ،كاللام ئېلىشىپ كەتتى
مەن ھازىر11 ئوتكالنى ئويناۋاتىمەن ، ئەلۋەتتە بۇ ئۆتكەلگىمۇ كەلمىكىم ئاسانغا توختىمىدى.ئۇھ لىكىن زا كاللامدىن تارنىڭ ئورنىغان قان چىقاي دەۋاتىدۇ 3 سائەت بوپكالدى ئەمەسمۇ ئۇ خىزمەت قىلۋاتقىلى.
مەن 15- مەيدانغا چىقتىم لىكىنزە مۇشۇ كاللامدىن تەرنىڭ ئورنىغا قان چىىقاي دىدى
ئاخىرى تۈگىدى بۇ ئويۇن. ئالاھەزەل ئىككى سائەتچە ۋاقىت كەتتى. EVIL دىگەن خەت ھالىتىدە باشلانغان مەيدان ئەڭ ئاخىرقىسى ئىكەن.
مەن ھىچ بولمىغاندا خوتۇن ئالالەيدىكەنمەندە
مەن 18گە كەلگەندە بىشىم بەك ئاغرىپ كەتتى
مەن 7 غا كەلدىم
بۇنىڭدا پەقەت 3 نوقتا بېرىكىپ پەقەتلا 3 بۇلۇڭ شەكىللەنسىلا بولىدىكەن.
بىر نورمال بولغان پۈتۈنلۈك ئىكەن……