نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

گىگانت ئويۇن «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 8» | 使命召唤8:现代战争3(مۇشۇ يىلدىكى ئەڭ نادىر ئويۇننىڭ بىرى)

«جەڭگاھ3» تىن كېيىن، بۇ يىلقى جەڭ ئويۇنلىرى ئىچىدىكى گىگانت ئەسەر «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى8: ھازىرقى زامان ئۇرۇشى3» (Call of Duty: Modern Warfare 3) نىڭ PC نەشىرى ئاخىرى ئېلان قىلىندى!! جەڭ مەيدانىدىكى كەيپىيات ئاجايىپ ۋەھشەت!! بىر ئىككى ئېغىز سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولۇشمۇ ئۇنچە ئاسانغا توختىمىغۇدەك. ئومۇمى جەھەتتىن قارىغاندا، «جەڭگاھ3» ۋە «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى7» دىن بىر دەرىجە يۇقىرى تۇرىدىغاندەك ھېس قىلدىم، ھەقىقى نادىر ئەسەر دەپ تەرپلىسەك ئارتۇق كەتمىگۈدەك!

«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى: ھازىرقى زامان ئۇرۇشى3»  نىڭ تۇنجى كۈندىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئۆزىلا توققۇز مىليون 300 مىڭ پارچىدىن ئېشىپ، ئويۇنلارنىڭ سېتىلىش تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان! ھەقىقەتەن، مەزكۇر ئويۇننى ئوينىغاندىن كېيىن، ئىشىنىمەنكى چوقۇم ياخشى باھالارنى بېرىشىڭىز ئېنىق.

cod800

بىر ئاخشام ھارغۇچە ئويناش جەريانىدا مېنىڭ ھېس قىلغىنىم شۇ بولدىكى، مەزكۇر نەشىردىكى COD8 سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم قاتتىق ھاياجانغا چۆمدۈرۈشى ئېنىق! نۆۋەتتىكى ئەڭ قالتىس FPS جەڭ ئويۇنىنىڭ بىرى(مەن شۇنداق قارىدىم) دېسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. يەككە كىشىلىك ئويناش ھالىتى جەڭگاھ3 كە قارىغاندا نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دېيىشكە بولىدىكەن، پۈتكۈل جەڭ مەيدانىنىڭ كەيپىياتى، جىددى ھەرىكەتلىنىش قاتارلىقلار…ئەلۋەتتە، بۇمۇ ھەر كىمنىڭ ئۆز ئالدىغا شەكىللەنگەن كۆز قارىشىدىكى مەسىلە، بۇ يەردە كۆپ مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرمايلى. ئىشقىلىپ، ئاجايىپ قالتىس چىققان ئويۇن دېيىشكە بولىدۇ، ناۋادا سىنكارتىڭىز ياخشى بولسا، بۇ ئويۇننى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭ، چوقۇم بىر ئويناپ قويۇشقا تېگىشلىك!

ئويۇننىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى:

«ھازىرقى زامان ئۇرۇشى 3» بولسا «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى : ھازىرقى زامان ئۇرۇشى» ۋە «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى6 : ھازىرقى زامان ئۇرۇشى 2» لەردىكى ۋەقەلىكنىڭ داۋامىغا ۋارىسلىق قىلغان، مەجبۇرىيەت چاقىرىنىڭ كېلىپ چىقىش ئەنئەنىسىگە ئاساسەن، Price بۇ قېتىمدا يەنىلا ئۆلمەيدۇ، «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى : ھازىرقى زامان ئۇرۇشى 2» نىڭ خاتىمە قىسمىدا، ماكاروۋ Soap ۋە Price قا شېففېردنىڭ يوشۇرۇنغان جايىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، بۇنىڭدىن ماكاروۋنىڭ يەنە مەلۇم بىر سۈيتقەستنى پلانلاۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى، يەنى، ماكاروۋ Price ۋە Soap نىڭ ياردىمىدە شېففېردنى ئۆلتۈرىۋەتتى دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ، ھالبۇكى، ئامېرىكا ئارمىيىسى شېففېردنىڭ خائىن ئىكەنلىكىنى تېخى بىلمەيتى، Price بىلەن Soap نىڭ شېففېردنى ئۆلتۈرىۋەتكەنلىگى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، «ئەنگلىيە-ئامېرىكا ئۇرۇشى» پارتىلىشى مۇقەررەر ئىدى(چۈنكى Price بىلەن Soap ئەنگلىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيە قىسمىدىن، شېففېرد بولسا نامۇۋاپىق ۋاستىلەر ئارقىلىق شان-شۆھرەتكە ئېرىشىۋالغان ھەمدە ئاللىقاچان 141 ئالاھىدە ئەترەتنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنىلىنىپ بولغان ئامېرىكىدىكى چوڭ شەخىسنىڭ بىرى ئىدى). ماكاروۋ قارىماققا بىر قېتىملىق چوڭ جەڭنى قوزغىماقچى بولغاندەك تۇراتتى، ئاندىن بۇ ئارقىلىق «ئۈچىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى» ئۈچۈن يول ئاچماقچى بولغاندەك، ئاندىن يەنە قانداقتۇر بىر ۋاستىلەر ئارقىلىق دۇنيانى ۋەيران قىلماقچىدەك بىلىنەتتى…

[ مەجبۇرىيەت چاقىرىقى8: ھازىرقى زامان ئۇرۇشى3 تىن كەسمىلەر ]

ئويۇن نەشىرى ھەققىدە:

نۆۋەتتىكىسى ئېنگلىزچە نەشىرى بولۇپ، ناھايىتى تېزلا خەنچە تىل بولىقى تولۇقلىنىشى مۇمكىن، يەنە يېشىۋېتىش يامىقى توپلاشتۇرىۋېتىلگەن، كۆپ كىشىلىك ئويناش بۆلىكى چىقىرىۋېتىلىپ، پەقەت تاق كىشىلىك ئويناش بۆلىكى ۋە باشقا تەپسىلاتلار تولۇق ساقلاپ قېلىنغان.

1. پرېستىن يېشىمىز، ھۆججەت مەنزىلى پۈتۈنلەي لاتىنچە ھەرپلەردىن تەركىب تېپىشى كېرەك
2. setup.bat ھۆججىتى ئارقىلىق قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز، تولۇق قاچىلىنىپ بولغاندا 12.4G ئورۇننى ئىگىلىشى مۇمكىن
3. ئېكراندىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق ئويۇننى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ

دىققەت: ئويۇننى چۈشۈرۈپ قاچىلاش جەريانىدا يېشىش يامىقىمۇ بىللە قاچىلىنىدىغان بولۇپ، بىر قىسىم ۋىرۇسخورلار بۇنى خاتا ھالدا ۋىرۇس دەپ تونۇپ ئۆچۈرىۋېتىپ قالىدىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۇد. شۇڭا ئاستىدا يېشىش يامىقى ئايرىم تەمىنلەندى، ناۋادا نومۇر كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدىغان ئەھۋال بايقالسا، يېشىش يامىقىنى ئايرىم چۈشۈرۈپ قاپلىۋەتسەكلا بولىدۇ.

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):

«مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» ئويۇنىنىڭ بۇرۇنقى نەشىرلىرىنى چۈشۈرۈش: 使命召唤4

ئەڭ يېڭى «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 8 : ھازىرقى زامان ئۇرۇشى 3» نى چۈشۈرۈش     |      مەنبە: تەدبىركار تور بېكىتى     |      خەنچە تىل بولىقى     |     يېشىش يامىقى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ، ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 6,947 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 07-ئاينىڭ 12-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: cod8.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. بۆرە 2012.07.24 , 13:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋانما؟

  2. ئىبراھىم 2012.11.05 , 12:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۈنلى دىن چۈشۈرۈش كۆزنىكى ئېچىلىپ 4Gچوڭلۇقتا بىرنىمە بىرنىمە دە خەت چىقىۋېلىپ چۈشمەيدىيا؟
    سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويسىلا بوپتىكەن:razz::razz:

    • تورخۇمار 2012.11.05 , 12:06

      مەن چۈشۈرۈپ باقتىم، نورمالكەن. بىر ئاز ساقلىسىڭىز چۈشۈشكە باشلايدۇ.

    • يالغۇز 2012.11.24 , 21:53

      قارىغاندا سىزنىڭ ئويۇن چۇشۇرمەكچى بولغان دىسكىڭىز fat32 كە ntfs كە ئايلاندۇرمىسىڭىز چۇشمەيدۇ،fat32نىڭ ئەڭ چوڭ يەككە ھۆججەت سىغىمى 4گىگابايىت…

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量