FPS ئويۇنلىرى ئىچىدىكى فانتازىيەلىك گىگانت ئەسەر – «ئەرۋاھ ھەرىكىتى4: كەلگۈسى جەڭچىلىرى» ئېلان قىلىندى!
«ئەرۋاھ ھەرىكىتى4: كەلگۈسى جەڭچىلىرى» دە، ئويۇننىڭ ۋەقەلىكى ئانچە يىراق بولمىغان كەلگۈسىدىكى روسىيە پايتەختى موسكىۋادا يۈز بېرىدۇ. «ئەرۋاھ ھەرىكىتى» گۇرۇپپىسىدىكى ياراملىق بىر ئەزىمەت بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز ئويۇندا ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدىكى زامانىۋى قوراللار ۋە قويۇق فانتازىيە تۈسىدىكى جەڭگە دۇچ كېلىسىز. بۇ ۋەقەلىك ئالدىنقى ئەۋلادقا قارىغاندا 10 يىلدىن 15 يىل كەينىگە سۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى روسىيەدىكى رادىكال ئۇنسۇرلارنىڭ روسىيە زۇڭتۇڭىغا بولغان قەستىنى تارمار قىلىشتىن ئىبارەت.
ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
سەپلىمىگە بولغان ئەڭ تۆۋەن تەلەپ:
سىستېما: Windows Vista SP2 / Windows 7 SP1
ھېسابلىغۇچ: Intel Pentium D 3.0 Ghz ياكى AMD Athlon64 X2 4400+ 2.2Ghz دىن يۇقىرى
ئىچكى ساقلىغۇچ: 2GB تىن يۇقىرى
سىنكارتا: ئاز دېگەندەك 512MB لىك NVIDIA GeForce 8600 GTS / AMD Radeon HD4650
قاتتىق دېسكا: 25G دىن ئوشۇق ئورۇن بىكار بولسۇن
ئويۇننى قاچىلاش ئۇسۇلى:
1. ئاۋال سىستېمىڭىزنىڭ چوقۇم Windows7 SP1 بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.
2. پۈتۈنلەي لاتىنچە ھەرپلەردىن تۈزۈلگەن مەنزىلگە پرىستىن يېشىپ بېرىمىز.
3. setup.bat ھۆججىتى ئارقىلىق قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز.
4. Future Soldier.exe ناملىق ھۆججەتنى قوزغىتىش ئارقىلىق ئويۇننى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.
UBISOFT ئورگان تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇزۇنغا قالماي XP دا ئويناش يامىقى تارقىتىلىدىكەن. XP ئىشلەتكۈچىلەر ئاۋال ئويۇننى چۈشۈرۈپ قويغاچ ياماقنى ساقلاپ تۇرساڭلار بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
«ئەرۋاھ ھەرىكىتى4: كەلگۈسى جەڭچىلىرى» نى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | يېشىش يامىقى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: FPS، ئويۇن، ئۇرۇش، جەڭ، فانتازىيە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,553 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 06-ئاينىڭ 23-كۈنى
- يازما مەنزىلى: tom-clancys-ghost-recon-future-soldier.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ناۋادا موگو(Super Mario) ئويۇنى ھازىرقى دەۋردە ئىجاد قىلىنغان بولسا، بەلكىم مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئىدى…
- كېيىنكى يازما > گىگانت ئويۇن «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 8» | 使命召唤8:现代战争3(مۇشۇ يىلدىكى ئەڭ نادىر ئويۇننىڭ بىرى)
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
سەھەر قوپقاننىڭ پايدسى دىۋان مىنىڭ بۇپتۇ-دە
ۋاي ما تورخۇماردا دىۋان بۈگەن ماڭا تېگىپتۇ….
ئازلا قاپتىكەنمەن تاتىۋاغىلى…….
ئاپلا!!! ئازلا قاپتىكەنمەن ھە………
خەپ، كومپيۇتېرىمنى بىر يېڭىلاي، قانداق ئوينايدىكەنمەن….
مۇشۇنداق تۆۋەن سەپلىمىدىمۇ ئوينىغىلى بۇلامدىكەن ؟ خاتا بۇلۇپ قالمىغاندۇ؟
تورخۇماركام،4-تۇنۇشتۇادۇم دەپ 2-تۇنۇشتۇرۇپ ساپتۇ،
بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئالمىشىپ قاپتۇ، تۈزىتىپ قويدۇم، رەھمەت
تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمدا، بىر كېچە تورخانىدا تۈنەپ، مۇشۇنداقراق يۈگرەپ يۈرۈپ ئادەم ئۆلتۈرىدىغان بىر ئويۇننى بىر كېچە ئويناپ، سەھەر بولغاندا ئۆزىچە كۆڭلۈم ئېلىشىپ تورخانىدىن چىققانچە تا ھازىرغىچە شۇنداق چوڭ مەيداندا يۈگرەپ يۈرۈپ ئوينايدىغان ئويۇنلارغا يېقىن يولىيالمايمەن، بىردەم ئوينىساملا بېشىم ئاغىرىپ كۆڭلۈم ئاغىدۇ. نىمجان ئويۇنىنىمۇ كىچىك مەيدانلاردا ئويناپ قوياتتىم، كېيىن قىزىل تېرگاۋىنىلا ئوينايدىغان بولدۇم، ھازىر پات-پات قىزىل تېرگاۋا3 نى ئويناپ قويىمەن.
مېنىڭمۇ نېمىشقىكىن تاڭ ، ئېتىشىدىغان ئويۇن ئوينىساملا بېشىم قىيىپ ، كۆڭلۈم ئېلىشىپ كېتىدۇ ، شۇڭا ئويناشقا تۈگۈل قاراپمۇ قويمايمەن …..
ئاشقازىنىڭىز ئاجىزكەن!دورا يەپ بېقىڭ!بۇلۇپمۇ 侠盗猎车手ئوينىسىڭىز شۇنداق ئىچىڭىز ئېلىشىپ،بېشىڭىز قايىدۇ!
ئوپمۇ ئوخشاشكەنمىز… بىر قېتىم تورخانىدا ئويۇن ئويناپ كۆڭلۈم ئېلىشىپ كەتكەن، شۇنمىڭدىن باشلاپ شۇنداق ئويۇننىڭ قېشىغا كەلسەملا كۆڭلۈم ئېلىشىپ بىئارام بوپ كېتىمەن.
چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسسام سىز چۇقۇم NTFS رايۇنىغا چۈشۈرىشىڭىز كېرەك دەپ چىقىۋالدى ،cرايۇندىن باشقا رايۇننى تاللاشقا بولمايدىكەن بۇ قانداق ئىش چۈشەندۇرۇش بەرگەن بولسىڭىز؟(مىنىڭ cرايۇنىم سەل كىچىكتى )
باشقا رايونلىرىڭىزنى FAT32 دىن NTFS قا ئالماشتۇرىۋېتىڭ، FAT32 رايون 4G دىن يۇقىرى ھۆججەتنى يېزىشنى قوللىمايدۇ.
قارىسام شۇنداق ياخشىدەك قىلىدۇ، بىراق سىغىمى نىمانداق چوڭ بولۇپ كەتتى ئەمدى، قاچانمۇ چۈشۈپ بولار…
پىچچەت ئويۇنكەن جۇما! ئىمتىھانلىرىم تۇگەپ قالدى…ئەمدى قاندا ئوينىۋىتىمەنكىن ما ئوياننىى
روسىيەنىڭ ياسىغان ئويۇنى ئوخشىمامدۇ؟
ئۇيۇن بولا مۇشۇنچىلىك بولا مەن ھازىر ئويناۋاتىمەن ماڭا بەك ياردى
رەھمەت توخۇمار
مەنغۇ ئۇيۇنغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيمەن ،بىر قولنى ئىككى قىلالمايۋاتقاندا كىشى…. قارىسام دەھشەت ئۇيۇندەك قىلىدۇ ئاخشاملىققا خۇتۇن-باللىنى ئۇخلىتىپ قۇيۇپ بىر چۈشۈرۈپ ئويناپ باقمايمۇ؟
xp دا ئوينىغىلى بولماسما؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ؟
بۇ بېر ئۆزگىچە قالتىس تور بەت ئىكەن .بولسا مۇشۇ نادېر ئۇيۇنلارنېڭ ھەرخىل تىلدىكى نامې تۇلۇق يېزىلسا ،ئزدەش ،چۈشۈرۈش كە ئاسان بۇلاتتى ، رەخمەت سىلەرگە ،
بۇ بىر ئۆزگىچە، قالتىس تور بەتكەن ،
تەكلىۋېم ، نادېر ئۇيۇنلارنېڭ ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە ،ئىگىلىزچە ناملىرنىمۇ تۇلۇق يازساڭلار بەك ياخشى بۇلاتتى .