«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇغۇلغان ئويلار…
تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ،كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىمۇ ئۆزلۈكسىز ئېشىۋاتقان كۈنلەردە شەھەر مەركەزلىرىدە ئارقىدىن–ئارقىدىن قۇرۇلىۋاتقان قاۋاقخانا،ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچاقخانا ۋە تورخانىلارنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلىدى. كۈنسىرى تېزلىشىۋاتقان تۇرمۇش رېتىمى، خىزمەت بېسىمى تۈپەيلى سەيلى قىلىش، دەم ئېلىش پۇرسىتى ئازىيىپ كەتكەن شەھەر پۇخرالىرى بۇ خىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ چارچىغان نېرۋىلىرىنى ئارام ئالدۇرماقچى بۇلۇشتى،بىراق بۇ جايلار ئۇلارنى ھەقىقىي دەم ئېلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىيەلىدىمۇ ،ياق،ئۇلار سورۇننى خاتا تاللىدى ،بۇ يەرگە كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن كىرىپ ئۆزلىرىگە باش ئاغرىقى تېپىۋالدى.شاۋقۇن-سۈرەنلەرگە تولغان ،ئىس-تۈتەكلەر لەيلەپ يۈرگەن بۇ مۇھىت شۇ كىشىلەرنى پۇلدىن ئىبارەت بۇ ئەجەللىك ۋاستە ئارقىلىق ئۆزىگە قىزىقتۇرۇپ ،ئۇلارنى ئۆزىگە يىپسىز باغلىۋالدى.بىزگە قەدەمدە بىر ئۇچراۋاتقان «ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىلىرى» دەل مۇشۇنداق ئورۇنلارنىڭ تىپىك مىسالى.
«ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق»ئەسلى ھەر خىل بالىلار ئۇيۇنلىرىنى ئويناش،دالىلارنى قىيغىتىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغان بالىلارنىڭ ئىچ-پۇشىقىنى چىقىرىشنى مەخسەت قىلغان ،كومپۇيۇتىر ياكى تېلىۋىزۇر ئارقىلىق ئويناشقا بۇلىدىغان بىر خىل ئويۇن ئىدى ،بىراق ھازىر تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئويۇن شەكلى تېخىمۇ سەرخىللىشىپ ،ھازىرقى ئىلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇق شەھەرچىللىرى قۇرۇلۇپ ،دەسلەپكى شەكىلدىكى تەڭگە تاشلاپ ئويناشتىن ،نەچچە يۈز ھەتتا نەچچە مىڭ يۈەنلەپ پۇل تىكىپ ئويناشقا بۇلىدىغان ئويۇن شەكىللىرى پەيدا بولدى ،نامدا قانۇنلۇق ،ئەمىللىيەتتە قانۇن رامكىسىدىن چىقىپ كەتكەن قىمار تۈسىنى ئالغان ئۇيۇنلار كۆپىيىشكە باشلىدى ،بۇ خىل ئۇيۇنلارنى نۇرغۇنلىغان ئىقتىسادى بار بايۋەتچىلەر ئەمەس بەلكى باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەپ جېنىنى ئاران بېقىۋاتقانلار ،ئالىي مەكتەپ ،ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ،ھىچقانداق چىقىش يولى ئىزدىمەي ئاتا-ئانىسىغا تايىنىپ ياشاۋاتقان بىكار-تەلەت ياشلىرىمىز ئاساسلىق ئويناش ئوبىكتى بۇلۇپ ئويناۋاتىدۇ، بەزىلەر بۇ خىل ئورۇنلار قانۇنلۇق ئېچىلىدىغان ،جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ،مەدەنىيەت ئورۇنلىرى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان تۇرسا نىمە ئۈچۈن ئوچۇق-ئاشكارا قىمار سورۇنىغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟نىمە ئۈچۈن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىرىشى چەكلەنمەيدۇ ؟دەپ ئويلىشى مۇمكىن !توغرا ،ھەر قانداق سودا خاراكتىرىدىكى ئورۇنلار قانۇنلۇق گۇۋاھنامىلارنى بىجىرىپ ،قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش شەرتى ئاستىدا تىجارەت باشلايدۇ ئەلۋەتتە ! بىز كۆرىۋاتقان شۇ ئۇيۇنچۇق شەھەرچىلىرىگىمۇ «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشى چەكلىنىدۇ»دىگەن بەلگىلىمىلەر چاپلانغان ،بىراق پۇل تىكىپ ئويناۋاتقانلار ياكى يېنىدا بارىنى ئۇتتۇرۋىتىپ باشقىلارنىڭ ئوينىغىنىنى كۆرۈپ ۋاقىت ئۆتكۈزىۋاتقانلارنىڭ تەڭدىن تولىسى يەنە شۇ ئوقۇغۇچىلار ،بۇنداق جايلاردا تەڭگە سېلىپ ئوينايدىغان كىچىك ئويۇنلار ئاساسەن ئوينالمايدىكەن ،يۇقۇرى سوممىلىق نۇمۇر ئېلىپ ئوينايدىغان ئۇيۇنلارنى بولسا ئۆچىرەت ساقلىشىپ ئوينىشىدىكەن ،ئويناۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا بىر-ئىككىسىنىڭ ئازراق ئۇتىۋالغىنىنى ھېساپقكا ئالمىغاندا ،قالغانلىرى يانچۇقتىكى پۇلنىڭ ھەممىسىنى سېلىپ بېرىپمۇ يەنە «بۈگۈن تەلىيىم يوقكەن ،ئەتە چوقۇم ئۇتىمەن »دەپ ئەتىدىكى ئوينالمىغان ئويۇن،ئۇتمىغان پۇللاردىن زور ئۈمۈتلەرنى كۈتىشىپ چىقىپ كىتىدىكەن.تېخى بۇ يەرلەرنىڭ خىېرىدارلىرىنى تەمىنلەيدىغان شارائىتى تېخىمۇ ئۆزگىچە،ھەقسىز مېنرال سۇ ،ئىككى كۈندە بىر ھەقسىز تارقىتىلىدىغان 50 يۈەن ،100 يۈەنلىك ئەزالىق كارتىلىرى ،بۇلار ئەمىلىيەتتە بۇ ھەۋەسكارلار ئۈچۈن بىر كىشەن خالاس!
ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقىۋاتقان ئىنىمنى ئىزدەپ بۇ يەرگە كىرىپ سەنئەت ئىنىستۇتىدا ئوقۇۋاتقان بىر ساۋاقدىشىمنى ئۇچرىتىپ قالدىم ،ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە كۈندە كىلىدىغىنىنى،تېخى يېقىندىلا بۇ يىللى ئوقۇش پۇلىنى ئۇتتۇرۋەتكىنىنى پەرۋاسىزلىق بىلەن ئېيتىپ بەردى .ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغىنىمدا يېنىمىزدىلا پاراڭلىشىپ تۇرغان بىرەيللەننىڭ گېپى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى ،ئۇ 35 ياشلار ئەتراپىدىكى ،سېرىقراق بىر ئۇيغۇر ئايال ئىدى ،ئۇ ئايال يېنىدا ئولتۇرغا يولدىشىغا :سەن بىلمىگەندىكى جىم ئولتۇرساڭ بولمامدۇ ،يەنە ئۇتتۇردۇق ،ئەكەل، بۇ قېتىم ئۆزۈم تىكىمەن ،بىر كۈن كارتا ساتماي ئوينىغانغا چۇشلۇق ئىش بولمىدى دەپ كايىۋاتاتتى.ئەسلىدە ئۇلار شىياۋشىمېندا تېلىفۇن كارتىسى سېتىپ پۇل تاپىدىغانلار ئىكەن ،بىر كۈن سودىسىنى تاشلاپ تەلىيىمىز كەلسى ئۇتىۋالىمىز دەپ ئويناپتىيۇ ھايت-ھۇيت دىگۈچە 900 يۈەننى ئۇتتۇرۇپ بوپتۇ.بۇنداق جايلارنى «ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق»دەپ چىرايلىق نىقاپلاپ ،چوڭ-كىچىك ،ئەر-ئايال دىمەي ئوينىشىۋاتقان بىلەن ،بۇ ئېنىقلا قىمارغۇ ،بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك؟ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن ،ئەرلەرنى ئائىلىسىدىن تارتىپ چىقىپ ،خۇددى سېھىرلىك ماگىننىتتەك ئۆزىگە تارتىپ تۇرىۋاتقان بۇ ئورۇنلارنى تەرتىپكە سالىدىغان ،خالىغانچە دەرس تاشلاپ ،ۋاقتىنى مۇشۇ يەرلەردە ئىسراپ قىلىۋاتقان بالىلارغا ئىگە بۇلىدىغانلار يوقمىدۇ؟ياق ،بۇنداق ئەمەسكەن ،ناھايىتى تېزلا بۇ سۇئالغىمۇ جاۋاپ تاپتىم ،شۇ ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى ئىشلەيدىغان بىر قىزنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە بەزى ۋاقىتلاردا مەدەنىيەت ئورگانلىرى بۇ يەرلەرنى تۇيۇقسىزلا تەكشۈرىدىكەن،لىكىن تەكشۈرۈشتىن ئاۋال بۇنداق ئورۇنلارنىڭ خوجايىنلىرى قانداقتۇر بىر يوللار بىلەن تەكشۈرۈش ئۇختۇرىشىنى مۇددەتتىن بۇرۇن بىلىپ بۇلىدىكەندە ،دەرھال تاقايدىكەن ياكى يۇقۇرى سوممىلىق پۇل تىكىپ ئوينايدىغان ئۇيۇنچۇقلارنى يۆتكىۋىتىپ ،خاتىرجەم تىجارىتىنى قىلىدىكەن ،يەنە بەزىرىلىرى بولسا «تىجارەت توختىدى»،«زىننەتلىنىۋاتىدۇ»،«بۈگۈن ئارام ئالدۇق »دىگەندەك تاختايلارنى ئېسىپ قۇيۇپ تەكشۈرۈشتىن بىخەتەر ئۆتىۋالىدىكەن،ئەمىلىيەتتە بۇ ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتىۋىلىشتىكى كوزىرى ئىكەن.
دىمەك،ھەممە ئىش پۇل بىلەن ئوخشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىنى ياخشىلىماقتا يوق مۇشۇنداق يەرلەردە ھەممە نىمىسىىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلارمۇ ئىنتايىن كۆپ .مۇشۇ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى جەمىيەتنى ئىلگىركىدەكلا مۇھىتى ئازادە ،قانۇن رامكىسىدىن چىقىپ كەتمىگەن ،ياخشى بىر كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى بىلەن تەمىنلىگەن بولسا ،بالىلىرىدىن زور ئۈمۈتلەرنى كۈتكەن ئاتا-ئانىلار تەلەي سىناشقا مەپتۇن بولغان پەرزەنتلىرىنى بۇ يەردىن ئىزدىمىگەن دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆزلىرى بىرگە ئېلىپ كىلىپ ئويناتقان ،ئۇيۇنچۇق شەھەرچىلىرىنىڭ خوجايىنلىرىمۇ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى چەكلەيمەز دەپ ئاۋارە بولمىغان بۇلاتتى.بۇ مەسلە بىر ياكى ئىككى ئادەمنىڭ توسۇشى بىلەن ھەل بولمايدۇ ئەلۋەتتە ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا ۋە مەكتەپ پەرزەنلىرىگە بولغان تەربىيىنى كۈچەيتىپ ،كۆڭۈل ئېچىش ۋە دەم ئېلىشنىڭ بۇنىڭدىن باشقىمۇ ئۇسۇللىرىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرسە،كىچە-كىچىلەپ ئۇيۇنچۇقخانىلاردىن كىلەلمەيۋاتقان ئاتىلار ئاۋال پەرزەنتلىرىگە ياخشى ئۈلگە بولسا بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت-ساپاسى ،پەرزەنتلەرنىڭ كىلەچىكى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بۇلار ئىدى دەپ ئويلايمەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئويۇنچۇق، تۇرمۇش، سودا، قانۇن، قىمار
- يازمــا مەنبەســى: باغداش مۇنبىرى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,367 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 06-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: oyunchuqxanidin-tughulghan-oylar.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىر چىرىك ئەمەلدارنىڭ كەيىپلىكتىن ئازغان سۆزلىرى
- كېيىنكى يازما > MP3 ھۆججەت شەكلى قانداق قىلىپ ناخشا-مۇزىكا ساھەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان؟
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
ھەي . مەنمۇ نەنمىندا شۇنچۋالا پۇلنى قۇيۇپ قۇيغان دىسە،،،نادانلىقىم ئىسىت..
بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ خېلى جىق بۇ يەرگە ئۈگىنىپ قالغانلار ، ئىسسىقتا جاپا تارتىپ ئىشەكتەك ئىشلەپ ئازغىنە پۇل تىپىپلا شۇ يەرگە ئۇچىدۇ. ئازراق ئۇتىۋالسا ئىچىشى قىزىل كالا ،چىكىشى ئىسىل تاماكا .ئۇتتۇرۋەتسە موخوركىمۇ چىكەلمەي ئولتۇرىدۇ .ھى !ھى1 ھى!
ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق»ئەسلى كىچىك بالىلارنىڭ ئەقلى قۇۋېتىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق…لىكىن ئاتالمىش دۆلىتىمىزنىڭ بۇ دىيارىدىكى ئويۇن شەكىللىرى ئاساسەن قىمارنى ئاساس قىلغان…مەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى ps3,xbox,ياكى wiiبىلەن ئېلمي ەم ئالدۇرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.شۇ ئوشۇق گەپ ھاجەتسىز.
ئۆيدە ئولتۇرۇپpsئويناش ئىس-تۇتەك،سىسىق گەپ،كېچىك لۈكچەكلەربىلەن تولغان سورۇندىن مىڭ-مىڭ ياخشى،،.،.،.،،.،
مەن نۆل ۋە بىرنىڭ گىپىنى قوللايمەن ،،ئەينى ۋاقىتتا مىنىڭ ئۇكاممۇ قىزىقىپ قاپتىكەن ، مەن ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ XBox بىرنى ئىلىپ ئىككەيلەن ئويدە ئولتۇرۇپ ئوينىغان،،. ئۇكا ياخشى ئويۇن دىسكا چىققان بولسا ئەكىلە ئوينايمىز دەپ چۇ ……ھى ھى ھى
ھازىرقى ئاتا ئانىلارنىڭ ھەممىسى سىزدەك ئاڭلىق بوغان بوسا بىزدەك بالىلا ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئوينايتتۇق ، ئۇنداق ناچار يەلەرگە بارىمىز دەپ كۈنىمىز ئۆتمەيتتى ، مەكتەپتىن قاچمايتتۇق ،
ئەمەلىيەتتە ھازىر ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شەكلى ئۆزگەرگەن قىمارخانا. چېرىكلىككە تولغان ئەمەلدار ۋە باشقىلارنىڭ قىمارخانىلار بىلەن كارى يوق . بىزنىڭ كاللىسنى ئىشلەتمەس نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز يەنىلا مۇشۇ يەردىن چىقالماي يۈرىيدۇ. ئەتراپىمىزدىكى كۆپ تۇنۇش-بىلىش كىشىلەرنىڭ مۇشۇ يەرگە كىرىپ ئۆزلىرىنى، تۇرمۇشلىرىنى تۈگەشتۈرۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.
نۇرغۇن ئائىلىلەرنى خانىۋەيران قىلىۋەتتى … ئىسىت دەپ قالىمەن بەزىلەرگە قاراپ … ئۇ بىرنىمىنى ئوينىغاندىن ئۇشۇق ئاتقان كۆپ ياخشى … بۇندا دىسەم ئۇشۇق ئاتسا بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس ماخما … شۇ ئۇشۇقتا يا سەن ئۇتىسەن يا مەن ئۇتىمەن … ماۋۇ لۇڭخۇ دىگەن نەرسىدە چوقۇم سەن ئۇتتۇر سەن ھامىنى مەن ئۇتىمەن …
ئەمەلدارلاردىن ‹‹پۇخرالارنىڭ غېمىنى يە››دەپ ئۇمۇت كۇتكەننىڭ پايدىسى يوق
ئەگەرسىزمىليادىربولسىڭىزبولسىڭىزباشقاگەپ
ئەڭ ياخشىسى ئۇزىمىزۋە باللىرمىزنى ياخشىراق باشقۇرساق بۇلىدۇ
مەن نۆل ۋە بىر ماركىلىق ناروتۇغا ئەگىشىمەن
ئۇ يەرگە كىرگەنلەرنىڭ ئارسىدىن ما بەسەيلەردىن نەچچىنى تاپالايسىلە ؟؟؟
مەنمۇ 150مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئۇتتۇرۋەتتىم ،ھازىرمۇ ،پات پات كىرىپ تۇرىمەن ،مەدىنىيەت ئىدارىسىدىكىلەر ،ج خ ئىدارىسىدىكىلەر ،بىرقىسىم قىمار ئۇيۇنچۇقلىرىنى ،شىر ، تىمساق ،لوڭخۇ دىگەندەكلەرنى چەكلىۋەتكەنتى ،ئەمما يەنە شەكلى كۆرىنىشى كۆڭۈل ئېچىش شەكلىگە ئوخشايدىغان ماھىيىتى قىممار بولغان ئۇيۇنچۇقلارنى ئەكەپتۇ ،يېڭى نەشىرى مىش ،، ئۇيۇنچۇقخانىنىڭ پىرىنسىپى پۈتۈن تەپسىلاتنى بىلمەكچى بولسىاڭلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار ،بۇ ھەقتە خېلى جىق ئىچكى تاشىقى ئىشلارنى چۈشىنىمەن ،420432475 چ چ
چىرىكلىك .ھەممىسى
مەنمۇ ھەيران قالىمەن . ئۇدىگەن ئادەم ياسىغان ماشىنا. نەدىمۇ ماشىنىنى ئۇتىۋالغاننى كۆرگەنتىڭلا؟ بىر ئىككى رەت ئۇتتۇرۇپ بېرىش ماشىنىغا يېزىۋەتكەن پروگرامما خالاس.