Win7 قاچىلىسام ئاۋاز چىقمىدى؟ قاتتىق دېتال قوزغاتقۇچ پروگراممىلىرىنى 驱动精灵 جۆندەيدۇ!
بىر قىسىم سېستىمىنى يېڭىدىن قاچىلىغان دوستلار ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋال قىلىدىغان ئىش : بارلىق قاتتىق دېتاللارنىڭ قوزغاتقۇچ پروگراممىسىنى قاچىلاپ، نورمال خىزمەت ھالىتىگە ئەكىلىش. گەرچە مىكروسوفتنىڭ ئەڭ يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسى Windows 7 ئۆزىدە زور تۈركۈمدىكى قاتتىق دېتال قوزغاتقۇچ پروگراممىلىرىنى تەمىنلىگەن بولسىمۇ، بىراق بىر قىسىم يېڭى سېتىۋېلىنغان كومپيۇتېرلاردىكى ئۈسكۈنىلەر ياكى ئىلگىرىكى قاتتىق دېتاللىرىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى قوزغاتقۇچ پروگراممىلىرىنى تېپىپ قاچىلاشتا قىينىلىمىز. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟
驱动精灵 بولسا دەل مۇشۇ ئېھتىياجنى چىقىش قىلىپ تۈزۈلگەن يۇمشاق دېتال بولۇپ، سىزگە ياردەملىشىپ كومپيۇتېرىڭىزدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم قاتتىق دېتاللار، مەسىلەن، پرىنتېر، سىنكارتا، ئۈنكارتا، ئاساسى تاختا قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ يېڭى قوزغاتقۇچ پروگراممىسىنى ئاپتوماتىك ئىزدەپ تېپىپ ئورنىتىپ بېرەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئەڭ يېڭى قوزغاتقۇچ پروگراممىسى سىزنىڭ قاتتىق دېتاللىرىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى خىزمەت ھالىتىگە كېلىشىنىڭ ئالدىنقى كاپالىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تەدبىركارنىڭ كومپيۇتېرىنىڭ سەپلىمىسى بىر قەدەر كونا بولۇپ، Windows 7 نى قاچىلىغاندىن كېيىن، ئۈنكارتىدىن باشقا بارلىق قاتتىق دېتاللارنىڭ قوزغاتقۇچ پروگراممىلىرىنى سېستىما ئۆزى ئاپتوماتىك ئورناتقان ئىدى. بىراق يېقىندىن بېرى بىر مەسىلە مېنى بەك بىئارام قىلىشقا باشلىدى. يەنى FireFox تا تور بېكەت زىيارەت قىلغان ۋاقتىمدا، ناۋادا شۇ تور بېكەتتە Flash ئېلىمېنتى بىر قەدەر كۆپ بولسا، ئۇ ھالدا CPU بىردەمدىلا 90% كە چىقىۋالاتتى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن باشقا يەنە سىنكارتامنىڭ Windows XP دىكى بىر قىسىم تەڭشەكلىرىنى Windows 7 دىن تاپالماي قالغان ئىدىم. تاساددىپىي پۇرسەتتە، 驱动精灵 نى ئىشلىتىش جەريانىدا، بۇ قورالنىڭ قوزغاتقۇچ پروگراممىلارنى ئاپتوماتىك ئىزدەپ تېپىپ يېڭىلاپ بېرىش ئىقتىدارى بارلىقىنى بايقاپ قالدىم ۋە توردىن ئەڭ يېڭى نەشىردىكى 驱动精灵 2011 Beta نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم. قىسقىغىنە تەكشۈرۈشتىن كېيىن، 驱动精灵 مېنىڭ ئۈنكارتا، سىنكارتا، توركارتىسى، ئاساسى تاختا قاتارلىق قاتتىق دېتاللىرىمنىڭ قوزغاتقۇچ پروگراممىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ھالەتتە ئەمەسلىگىنى، يېڭىلاش ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقىرى بولغان خىزمەت ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمنى ئەسكەرتتى. شۇنىڭ بىلەن ھەممىسىگە يېڭىلاش بۇيرۇقى بېرىپ قويدۇم. 10 مىنۇت ئىچىدە بارلىق قوزغاتقۇچلارنى تېپىپ يېڭىلاپ بولدى ۋە قايتا قوزغىتىش ئۇچۇرى كۆرۈندى. قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن، تۇنجى ھېس قىلغىنىم، مەشغۇلات سۈرئىتى ئىلگىرىكىدىن روشەن راۋانلىشىپتۇ، ئەڭ مۇھىمى FireFox تا Flash قىستۇرۇلغان بېكەتنى زىيارەت قىلغىنىمدا، سۈرئەت بۇرۇنقىدىن خېلىلا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تېزلەشكەنلىكىنى بايقىدىم.
驱动精灵 2011 نىڭ ئاساسلىق كۆرۈنمە يۈزى:
ناۋادا، سىزمۇ قاتتىق دېتاللىرىڭىزنىڭ قوزغاتقۇچ پروگراممىسىنى تاپالمايۋاتقان بولسىڭىز، ياكى ئەڭ يېڭى ھالەتتىكى قوزغاتقۇچ پروگراممىلىرىنى ئورناتماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا 驱动精灵 بىر سىناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
驱动精灵 2011 Beta | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئەلالاشتۇرۇش,قاتتىق دېتال,قوزغاتقۇچ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 710 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: dg-2011.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Spam دېگەن نېمە؟ WordPress نىڭ Akismet قىستۇرمىسى ئارقىلىق ئەخلەت ئۇچۇرلاردىن قۇتۇلۇش
- كېيىنكى يازما > شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كەتكۈدەكمىز( فېليەتون)
ۋايــى ياخشىغۇ دىۋاننى مەن ئىلدىم ئەمسە … تالاشماڭلار ھە …
ئۇندا بولسا مەن چۇشۇرۇشكە باشلىلاي ئەمسە …ئىزا تات مىدىم …
قېنى مەن بىر جۆندەپ باقاي ئەمىسە مۇشۇ كامىرا تەتۈر چىقىۋېلىپ تازا بىسەرەمجان قىلدى مېنى
مەنمۇ ۋىن7 نى قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەيمىكى …. سىزگە قارىسام تۆۋەن سەپلىمە بىلەنمۇ ناھايتى نورمال ئىشلىتىۋاتقاندەك .
ئاللا ئاللا ~ بۇرۇنراق چىقاسىڭىزچۇ مۇشۇ تىمىنى ! مەنمۇ شۇ ئاۋاز تونىماي Win7 نى 5 قېتىم قاچىلىدىم !پەقەت تۇنىتالمىدىم ! ئاخىرى خەنزۇچە توربەتلەرگە كىرىپ مۇشۇنى تەپ چىقىپ قاچىلىغان ئوڭشالدى !
يەنە بىر ئىش مىنىڭ ئويۇنلار بىلەن قاچىلىغان دىتاللىرىم بىر دىسكىنىڭ ئىچىدىتى ،تۇشۇپ قاپتۇ !قىزىل چىقىۋالدى !شۇنى باشقا بىر دىسكىغا توپ ھالەتتە بىر كۇنۇپكا بىلەن يۆتكىگىلى بولدىكەنتۇق ! مەن پەقەت تاپالمىدىم ! بولسا مۇشۇنى سۆزلەپ بەرسىڭىز !
ئاللا ئاللا ! نىمدا جىق گەپ قىپ كەتتىم !
QQ电脑管家 نىڭ 软件搬家 دەيدىغان بىر ئىقتىدارى بار، سىناپ بېقىڭ.
مەن قاچىلىغاندىمۇ شۇ ئەھۋال كۆرۈلۈپ، پرېستاننىڭ ئۇيغۇر بەگدىكى تەسىراتىنى ئوقۇپ، كۆرسەتمىسى بويىچە 驱动人生2010 نى قاچىلاپ مەسىلىنى ھەل قىلىۋالغان ئىدىم.
مەنمۇ قاچىلاپ ئاۋازنى تۇنىتالمىدىم،ۋىن دىگەن ئەبەلتەق!!!
win7 دە خېلې كۆپ ھۆججەتلەر يەكلېنڭدېكەن ھە؟ مە بۇرۇن پات -پات auto cadنې ئېشلېتەتتېم ئانچە-مۇنچە لاھېلەش ئېلېپ باراتتېم . ماۋۇ سېستېما تازا قوللاپ بەرمەيۋاتېدۇ…. كېم مەسلەھەت بېرېدۇ؟؟؟؟
مەن دەل مۇشۇ مەسىلىگە يۇلۇقۇپ قالدىم. ئىشلىتىپ باقاي، ئەگەر ئوڭشالسا قايتا كېلىپ رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. ئەگەر ئوڭشالمىسا…
رەھمەت ئېيتقىلى كەلدىم.
مېنىڭ ماۋۇ زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالغان كومپيۇتېرىمنىڭ ئاۋازى ئاخىرى ئەسلىگە كەلدى رەھمەت…..
win7نى قاچىلغاندىن كىيىن 光驱دىسكا ئۇقۇمىدى 光驱تۇنۇپتىىكەن بولمىسا.سېستىما ئۆزگەرتىپ xpقاچىلسام نورمال ئۇقۇدى،مەن بۇنىڭ قانداق ئىشلىقىنى بىلمىدىم .ياردەم قىلساڭلار.سىلەردىن بەكمۇ مەمنۇن بۇلاتتىم.مۇشۇ win7نى بەك ئىشلەتكۇم بارتى.