iPad ئالاي دېگەنمىدىڭىز؟ مەن سىزگە iPad ئالماسلىققا 10 دانە سەۋەپ كۆرسىتىپ بېرەي
ئەسلىدە كەسپىي ساھەدە مۇۋاپىقىيەت قازىنالمايدۇ دەپ قارالغان مەھسۇلات iPad مۇ بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئىزچىل ياشلارنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشتى، بۇنىڭ ئارىسىدا ھەتتا ئوقۇغۇچىلارمۇ بار. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلىمۇ توشتى، بەلكىم بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار تەتىلدە ئىشلەپ تاپقان، ئاتا-ئانىسى بەرگەن پۇللارنى يىغىپ iPad ،iPhone دېگەندەك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماقچى بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. يېقىندا، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، iPad ئوقۇغۇچىلارغا ماس كەلمەيدىكەن، بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك…
1. ئۇنىڭ باھاسى قىممەت
ئەڭ ئەرزان 16G لىق WiFi قوللايدىغان iPad نىڭ باھاسى 499 ئامېرىكا دوللىرى(جۇڭگودىكى باھاسى 3400 سوملار ئەتراپىدا)، 64G لىق 3G قوللايدىغان نۇسخىسى بولسا 829 ئامېرىكا دوللىرى. بۇ باھا خېلى كىشىلەر ئۈچۈن ئۇنچە ئاسان قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان باھا ئەمەس، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ شۇنداق.
2. ئۇ خاتىرە قالدۇرۇشتا ياكى ماتېرىيال تەھرىرلەشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش ئەمەس
iPad تە تەمىنلەنگىنى مەۋھۇم كۇنۇپكا تاختىسى، تېز سۈرئەتتە خەت كىرگۈزۈش ياكى ماتېرىيال بىر تەرەپ قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ.
3. ئۇ ئاسانلا زېھنىڭىزنى بۆلىۋېتىدۇ
iPad تە ھەرخىل پەيزى ئويۇن، كىنو، ناخشا-مۇزىكا، پاراڭلىشىش قوراللىرى، مىكروبلوگ دېگەندەك نەرسىلەر بولىدۇ، سىز ناھايىتى تېزلا بۇ ئەسلىدە سىزنىڭ ئۆگىنىش ۋە باشقا خىزمەت ئىشلىرىڭىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ئىشلارغا باغلىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
4. ئۇنى ئېلىپ يۈرۈش بەك قولاي، شۇ سەۋەپتىن ئاسانلا بۇزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن
iPad ئىنتايىن نېپىز ۋە ئېلىپ يۈرۈش قولاي بىر نەرسە، شۇڭا دائىم ئۇنى يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرگىڭىز كېلىشى ئېنىق. بىراق، دەل شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ سۈركىلىش، ئۇپراش ۋە چۈشۈپ كېتىشتەك سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇزۇلۇش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ، ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا، بىر مۇنچە ئىقتىسادى ۋە روھىي زىيان تارتىۋېلىشىڭىز مۇمكىن.
5. iPad ناھايىتى ئاسانلا ئوغرىلىنىدۇ
iPad نىڭ ئوغرىلارغا بولغان سېھرى كۈچى، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ iPad كە بولغان قىزىقىشىدىن ھەرگىزمۇ كەم ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك. شۇڭا iPad سېتىۋالسىڭىز، مەكتەپ، ئىشخانا ياكى كوچىلار دېگەندەك ئادەم جىق توپلاشقان جايدا، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرايدۇ، سىز تېخىمۇ كۆپ زېھىن سەرپ قىلىپ ئۇنى قوغدىشىڭىز كېرەك.
6. iPad سىزنى يالغۇز قويۇشى مۇمكىن
iPad كە مەپتۇن بولۇپ كىرىپ كەتكەن شۇ چاغلىرىڭىزدا، بەلكىم باشقا دوستلىرىڭىز سىرتلاردا تېخىمۇ مۇھىم ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇشى ياكى مەلۇم جايدا كۆڭۈل ئېچىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، iPad بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈش ياندىكى دوستلىرىڭىزنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويۇشىڭىزمۇ مۇمكىن. ناۋادا بۇ ئەھۋال داۋاملاشسا، سىزدە بارغانسىرى ئادەم خالىمايدىغان، رېئاللىقتىن ئايرىلىپ ياشايدىغان خاراكتېر شەكىللىنىپ قالىدۇ.
7. iPad تىكى ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز ئەمەس
iPad نى سېتىۋالغاندىن كېيىن، گەرچە سىزنىڭ خىزمەت ۋە ئۆگىنىشىڭىزگە نۇرغۇن جەھەتتىن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدىكى قوللانمىلار، كىتابلار، ئوقۇشلۇقلار ھەرگىزمۇ ھەقسىز ئەمەس. سىز يەنە ئاز بولمىغان ئىقتىساد سەرپ قىلىپ ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ئېھتىياجىڭىزنى قامدىشىڭىز كېرەك.
8. ئۇ بىر خىل شۆھرەتپەسلىكنىڭ سىموۋولى بولۇپ قالدى
iPad نى سېتىۋالغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىغا قارىغاندا، iPad ئىشلىتىشنى بىر خىل نوپۇز ۋە ئىمتىياز دەپ قاراپ، مودا قوغلىشىپ سېتىۋالىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى. سىز iPad نى ھەقىقەتەن قوللىنىش قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلات دەپ قارامسىز؟
9. سىز سېتىۋالغان iPad قولىڭىزغا تەگكەندە ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن
ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكىگە قارىماي، بىر يېڭى مەھسۇلاتنى زاكاس قىلىپ سېتىۋېلىش ئۈچۈنمۇ خېلى ساقلايدىغان گەپ. بۇنى ئەلۋەتتە، يەرشارىدىكى ئالما قىزغىنلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر ئامىل دېيىشكە بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، بەلكىم سىز يېڭى بىر iPad سېتىۋالسىڭىز، ئاللىقاچان يېڭى ئەۋلاد iPad بازارغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان بولۇشى مۇمكىن.
10. iPad سېتىۋالغاندىن كېيىن، سىز يەنىلا بىر دانە كومپيۇتېرغا ئېھتىياجلىق بولىسىز
iPad سېتىۋالغاندىن كېيىن شۇنى بايقايسىز، گەرچە سىزدە iPad بولسىمۇ، سىز يەنىلا بىر كومپيۇتېرغا ئېھتىياجلىق بولىسىز، چۈنكى نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلىشتا iPad ماس كېلىپ كەتمەيدۇ.
تورداش «زۇليار»نىڭ تەمىنلىگەن ئەسىرىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن! ناۋادا، سىزمۇ تورخۇمارغا ئۆزىڭىزنىڭ ھەرخىل ئەسەرلىرىنى چىقارماقچى بولسىڭىز، بۇ يەرنى بېسىڭ.
تەدبىركاردىن قوشۇمچە:
يۇقارقى كۆز قاراشلار گەرچە ئورۇنلۇقتەك بىلىنسىمۇ، بىراق ئۆز-ئۆزىگە تەسەللىي بېرىش، قەستەن كەمسىتىشتەك كۆز-قاراشلارمۇ يوق ئەمەس. تەدبىركارمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن سېتىۋېلىش سېتىۋالماسلىقنى ئويلىشىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەگەر ماڭا iPad سېتىۋالماسلىققا بىر باھانە كۆرسەت دېسە، ئۇنداقتا مەن 11-سەۋەپ قىلىپ، ئەتراپىمدا تېخى قويۇق سىمسىز تورغا چىقىش مۇھىتى(WiFi) ھازىرلانمىغانلىقىنى كۆرسىتىشىم مۇمكىن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، iPad، ئۆگىنىش، تۇرمۇش، خىزمەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 09-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: dont-buy-ipad.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئەرەپ دۆلەتلىرىدە داڭ چىقارغان لىۋانلىق يىگىتنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى ناخشىسى – Fi Hagat
- كېيىنكى يازما > قورسىقى تويغاننى كۆرگەن، ئەمما بۇنداق جېنىدىن تويغاننى كۆرمىگەن!! ھىندىستاندىن «ئۆمۈچۈك پالۋان» چىقتى!
- iPhone ئىشلەتكۈچىلەر ئەمدى Google دىن يول سوراش ھاجەتسىز! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا iOS6 دىكى 3D خەرىتىمىش…
- سىرلىق تەجرىبە! كامېرا + سۇ + ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئېقىۋاتقان سۇنى توختاتقىلى، ھەتتا تەتۈرىسىگە قاراپ ئاقتۇرغىلى بولىدىكەن!
- مەكتەپ ھاياتىدىكى بىر قىسىم قىزىقارلىق ئىشلار
- تېز كېلىڭلار! دۇنيا بويىچە ئەڭ سىرلىق ئالما شىركىتى باش شىتابىنىڭ ئىچىنى بىر ئايلىنىپ چىقايلى…
- بەزى كىشىلەر پەقەت مائۇسنى ئازراق مىدىرلىتىپ قويۇپلا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزىۋېتەلەيدۇ
- Google نىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆزەينىكى ئاشكارىلاندى
- «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ: ئالەم بوشلۇقى» iPhone/Android/PC نەشىرى ئېلان قىلىندى
- خېنەندىكى بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس شىركىتى ئۇدا 12 يىلدىن بېرى بىر سوملۇق پۇل بىلەن ئىش ھەققى تارقىتىۋېتىپتۇ
- تور دۇنياسىدىكى ئاشۇ بىر قىسىم ئۆزگىچە تاڭسۇق پاراڭلار
- نېمە ئۈچۈن ئالما شىركىتى iPhone ۋە iPad ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقارمايدۇ؟
بۇ تېمىنى ھېلىقى iPad ئالىمەن دەپ بۆرىكىنى ساتقان ئاداش بىر كۆرسە بوپتىكەن …
8. ئۇ بىر خىل شەھۋەتپەرەسلىكنىڭ سىموۋولى بولۇپ قالدى
شۆھرەتپەرەسلىكمۇ يا ؟
iPad بىر مۇۋاپىقىيەت قازانغان مەھسۇلاتلىقىدا شەك يوق، لېكىن يۇقارقى ۋە ئۇندىن باشقا نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەر تۈپەيلى بىزگە، بولۇپمۇ بىزنىڭ شىنجاڭغا ماس كېلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.
تاس قاپتىمەن جۇمۇ 3000 يۇەنگە ئېلىپ يۇگىلى ، ئويلاپ باقسام توغرا، يەنىلام ياخشاراق كومپىيوتور ئالغانغا يەتمەيدۇ، ئالمىغا بەك قىزىقاتتىم ، بوپتۇ ، كېيىنچە پۇل تاپقاندا ئالامەن.~~
مەنمۇ 2 iPad نى ستۋالغىلى تاس -تاماس قاپتمەن ،قايتا ئويلاشسام بولغىدەك جۇمۇ..
مەنمۇ بەك قىزىقىمەن بۇ نەرسىگە
بۇ تىما ناھايىتى ئورۇنلۇق بوپتۇ ، مېنىڭ بىر دوستۇم IPhone 5 ئالىمەن دەپ تۇرىۋالغان ئىدى، بولمىسا قولىدا HTC G8 بار ، سىزنىڭ قولىڭىزدا HTC G8 بولغاندىكىن ھازىرقى ئېھتىياجدىن چىقىدۇ، بەك ئالغىڭىز كەلسە 2 iPad ئېلىڭ خاتىرە كومپىيوتىر ئورنىدا ئىشلىتىسىز ھەم سېستىمىسىمۇ ئۆزگىچە دەپ تەۋىسىيە قىلغان بۇ مۇۋاپىق بولغانمىدۇ؟
ھوي ھوي!تورخۇمار نىما بولدى!!!بۇرۇن Appleنىڭ تەۋسىيەكارى ئىدىڭىزغۇ؟مىنىڭچە يۇقارقى سەۋەبلەرمىنىڭ ipad ئېلىش قىزغىنلىقىمنى كۈچەيتىۋەتتى.بىراق مەن يەنىلا sony tablate sنىڭ بازارغا سىلىنىشىنى 8 كۆزۇم بىلەن كۈتىۋاتىمەن..ھى ھى!
بۇرۇنراق دىمەي! ئېپبولغاندا كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىپ!
mypad چىقسا ئېلىپ قويارمىز، بولمىسا تۇرۇپ تۇرايلى كۆزنى پاقىرىتىپ.
بىلكان پەدنىلا تاللىمامسىلەر، گەرچە ئايپەدتەك بولمىسىمۇ يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتىكەن
تونغرا
مەن باھاسىنىڭ قىممەتلىكى بىلەنلا توختاپ قالىدىكەنمەن. پۇل تاپقاننىڭ ئەتىسلا بىرنى سېتىۋالىمەن.
شۇڭا مەن ئالمىدىم ھازىرقى خاتىرە كومپىيوتىرىم مىڭ ياخشى
مەن ئالسام ئىشلىتىدىغانلار جىق چىقكىتىپ، مەن بىر چەتتە قاراپ قالدىم، كۈندە بولسا ئايپاتەم ھېلى ئۇنىڭ، ھېلى بۇنىڭ قولىدا ئويناپ يۈرۈيدا…؟! ئاچچىقىمدا ئايپاتەمنى مەن ئالسام خەقنىڭ قولىدا ئويناپ يۈرۈيدىيا دەپ شۇنىڭ بىلەن سېتىپلاۋەتتىم… قانداق ..؟ بوپتىمۇ يا…؟
مەن iPad ئىشىلتىپ كىلىۋاتقىنىمغا 1 يىلدىن ئاشتىن، لىكىن يۇقارقىدەك ئەھۋاللارنىڭ بىرىمۇ كۆرۈلمىدى، شۇنىڭغا قارىغاندا سىناقتىن ئۆتكەن ئوخشايدۇ،،،ھە،،،، يىڭىلىققا ئىنتىلىش ئۈچۈن بەك كۆپ ئويلاپ كەتمەسلىك لازىم، چۈنكى ئۇ يىڭى تۇرسا،،،،،،،،،،،
توغرا ئېيتتىڭىز. يىڭىلىققا ئىنتىلىش ئۈچۈن بەك كۆپ ئويلاپ كەتمەسلىك لازىم،
نىمىشقىكىن مەن ئالمىغا ئانچە قىززىقىپ كەتمەيمەن باھاسىچۇ تىخى لىكىن ھەر ھالدا بوپ قويدۇ راستىنى دىسەم مەن تىخى جۇڭگۇدا يوق نوكىياn10 يانفۇنىغا قىززىقىپ قالدىم بەيدۇغا كىرىپ دائىم كۆرىمەن ئۇ تىلفۇننى