iPhone ئىشلەتكۈچىلەر ئەمدى Google دىن يول سوراش ھاجەتسىز! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا iOS6 دىكى 3D خەرىتىمىش…
يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتى بەلكىم iOS 6 دە ئۆزى تۈزۈپ چىققان iMap نى Google Maps نىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن، iOS6 بولسا، بەلكىم ئۈچىنچى پەسىلدە تارقىتىلىدىغان iPhone5 بىلەن تەڭ ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، iMap خەرىتە يۇمشاق دېتاللىرىغا نىسبەتەن كېيىنكى ئەۋلاد ئىنقىلاب ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ تېخنىكىلار ھەممىسى C3 Technologies دېگەن شىركەتتىن كەلگەن بولۇپ، 2011-يىلى بۇ شىركەت Apple تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. ھالبۇكى بۇ شىركەتنىڭ ئالمىغا ئېلىپ كەلگەن سوۋغىسى ئېھتىمال سىز تۆۋەندە كۆرمەكچى بولغان سىندىكى ئۆزگىچە 3D خەرىتە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
Google نىڭ خەرىتە يۇمشاق دېتالىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ھالبۇكى، ئالما شىركىتى بۇ كۈچلۈك رەقىبىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كېيىنكى ئەۋلاد خەرىتە يۇمشاق دېتالىدا Google Maps تىنمۇ كۈچلۈك بولغان يېڭىلىقلارنى سىڭدۈرىشى مۇمكىن ھەمدە بۇنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈشى مۇمكىن. ناۋادا ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئىككى سەركىنىڭ رىقابىتى ئاستىدا، ئىستېمالچىلار تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىشى ئېنىق. شەخسەن ئۆزۈمنى ئېيتسام، Google Maps تىن خېلى جىق پايدىلىنىمەن. ئالما شىركىتىنىڭ ھەر قېتىم يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلغاندا، شۇ ساھەدە يېڭى بىر پەللە يارىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، كۆپچىلىكنىڭمۇ iMap كە بولغان تەقەززالىقى كۈچلۈك ئەلۋەتتە.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، iOS، خەۋەر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,205 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ios6-3d-map-of-the-first.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iPhone نىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغىنىنى كۆرگەنمۇ؟! بۇ New iPhone5 تىكى Siri نىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىمىش!
- كېيىنكى يازما > NOKIA نىڭ يېڭى يانفونى قانداقراقتۇ؟ بىر تورداشنىڭ Nokia Lumia 800 نى ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئاڭلاپ باقايلى
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- «چوشقا-قوي»نىڭ سىرى
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- توخۇ پاچىقىدىنمۇ تەملىك كېسەكمىدۇ؟ ھىندىستانلىق ئەر كۈنىگە ئۈچ كىلو خام كېسەك يەيدىكەن
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
قايسىنى ئىشلىيىشنى بىلەلمەيلا قېلىۋاتىدۇ ئادەم ، ئەمدى بىرگە كۆنسە …..
دائىم ئىككىنچى دىۋاننى تاتقۇزۇپ قويىمەن دېسە؟
مەن دىۋاندا ئولتۇرۇپ قاپتىمەنغۇ ،بۇ موللاقنى خېلى ياخشى ئېتىپتىمەن … مەنلا قالغان دىۋانە بوپ باقمىغان
ئوبدان قارىسىلا سىلىمۇ پەگاھدا قاپتىلا!موللاقنىمۇ ئىككى يېنىغا قارىۋېتىپ ئاتىدىغاننىمە؟
ئۆزلىرىمۇ ئوبدان قارىسىلا ئۈستىگە ، بىز ئەزەلدىن ئويلۇشۇپ ئاتىمىز …
موللاقنى پەگاھقا ئاتقان گەپما؟ قوڭ ئاغرىمىدىما
ۋاي ئاۋۇ ئۈستىدىكى مەن بومماي كىمۇ
بىزدەك چوڭ شەھەرلەردە ياشىماي، ناھىيەلەردە ياشايدىغانلار ئۈچۈن بەك خوشاللىق بولماسلىقى مۇمكىن ،
Google maps نىڭ 3D نۇسقىسى پەقەت چوڭ شەھەرلەرنىڭلا بار ، باشقا يەرلەرنىڭ يوق ئەمەسمۇ بۇ نەرسە چىقسا يەنە شۇ چوڭ يەرلەرنىڭ بار ناھىيەلەرنىڭ تايىنلىق.
ھەقىقەتەن 3 ئۆلچەملىك خەرىتە ئېلان قىلىندى دىگەن تەقدىردىمۇ بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ بىز پايدىلانغۇدەك قىلغۇچە بالىمىز تېلېفون ئوينىغۇدەك بولارمىكى………………..
مومكىن بولسا بىر بىرى بىلەن بەسلىشىپ خېرىدار تالىشىپ باھاسىنى بىر چۈشۈرگەن بولسا….
بۇنىڭدا خەرىتىدىن پايدىلىنىپلا قالماي ، تەرەققى قىلغان ئەللەرنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىدىغان ئىشكەنغۇ …. ئەمدى خەقنىڭ ئالمىنى ئىشلەتمەسكە باھانىسى قالمىغۇدەك !
يېڭى ئۇسلۇبقا كۆچكەندىن بۇيان «ئىزىمنى قالدۇرۇپ» قويمىغان ئىكەنمەن. لېكىن بەك پەچەت قىلىۋېتىپلا جۇمۇ! مۇبارەك بولسۇن!
ئالما 5-ئەۋلات قاچان بازارغا سىلىنىدىكەن ؟