Photoshop CS6 رەسمى نەشىرى(官方简体中文正式原版) ئېلان قىلىندى! ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە يازغىلى بولىدۇ!!!
نەچچە مىڭلىغان ئادەم تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن Adobe Photoshop CS6 Extended خەنچە رەسمى نەشىرى( 简体中文版) ئاخىرى ئېلان قىلىندى! ps CS6 ئىزچىل كەسىپىي ساھەدىكىلەر تەرىپىدىن، Adobe نىڭ مەھسۇلات يېڭىلاش تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق يېڭىلىنىش دەپ قارىلىپ كېلىنىۋاتىدۇ! مەيلى كۆرۈنمە يۈز، كۆزنەكلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى جەھەتتىن بولسۇن، photoshop CS6 دا ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن كۆپ! تاشقى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق، PS نىڭ ئايكونى ئەسلىدىكى 3D ھالەتتىن ھازىرقى بىر قەدەر مودا بولىۋاتقان تەكشى ۋە ئاددى ھالەتتە ئۆزگەرتىلگەن، مەشغۇلات كۆرۈنمە يۈزىمۇ قايتىدىن قېنىق قوڭۇر رەڭگە كىرگۈزۈلگەن؛ ئىچكى قىسىم جەھەتتىن ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغىنى، PS CS6 فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ئۈچۈن ئاساسلىق فىلىم تەھرىرلەش ئىقتىدارىنى تەمىنلەنگەن، ئۇنىڭدىن باشقا، سترېلكا، قەۋەت، فىلتىرلەش قاتارلىق جەھەتلەردىنمۇ ئاز بولمىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىشلەر قوشۇلغان.
PS CS6 دە Adobe غا مەخسۇس تەۋە بولغان Mercurh سۈرەت ماتورى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، سىنكارتا يادروسىدىكى GPU ئارقىلىق تېىمۇ كۈچەيتىلگەن سۈرەت تەھرىرلەش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن. Content-Aware Patch ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەلۇم رايوننى تاللىشىغا تېخىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدىغان بولۇپ، سۈرەت قىيىش، تەگلىكنى كېسىپ ئېلىۋېتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلار تېخىمۇ ئاددىيلاشقان.
Photoshop CS6 دا ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە يازغىلى بولىدىكەن:
Photoshop نىڭ ئىلگىرىكى نەشىرلىرىدە ئۇيغۇرچە بىۋاستە يېزىشنى قوللىمايدىغان بولۇپ، يۇنىكودلۇق يېزىقلار ئۈچۈن تەتۈر كۆچۈرۈپ چاپلاش ياكى خىيال كىرگۈزگۈچكە ئوخشاش ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچلەردە كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان، يەنە بىر قىسىم تورداشلار Photoshop نىڭ ئوتتۇرا شەرق نۇسخىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتەتتى.
Photoshop CS6 بولسا، ئۆزىدىلا يېزىق تەھرىرلەش ھالىتىنى ئوتتۇرا شەرق ھالىتىگە تەڭشەشنى قوللايدىغان بولۇپ، بۇ سىزنىڭ PS CS6 نى قاچىلىشىڭىزدىكى ئەڭ چوڭ باھانىڭىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، CS6 دە سۈكۈت قىممەتتە يېزىق كىرگۈزۈش ھالىتى شەرقى ئاسىيا ھالىتىگە تەڭشەكلىك بولغاچقا، ھەرپلەر يەنىلا ئۇلاشماي چىقىدۇ. بىز بۇنى ئوتتۇرا شەرق ھالىتىگە تەڭشەپ قويغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە يۇنىكودلۇق كىرگۈزگۈچتە نورمال كىرگۈزۈش مەقسىدىگە يېتەلەيمىز. مەشغۇلات ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
تەرتىپ بويىچە 编辑-首选项-常规-文字(سولدىن ئوڭغا) كىرگەندىن كېيىن، 选取文本引擎选项 دېگەن ئورۇندىن 中东 نى تاللايمىز ۋە ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىن 确定 نى بېسىپ، Photoshop نى بىر قېتىم قايتا قوزغاتساقلا بولدى.
قاچىلاش ۋە يېشىش ئۇسۇلى:
كومپيۇتېرىڭىزغا ئىلگىرى قاچىلانغان Photoshop CS5 نى پاكىز يۇيىۋېتىڭ، ئىلگىرى قاچىلاپ ئىشلەتكەن 滤镜 لارنى بىۋاستە CS6 نىڭ 滤镜 مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرۈپ داۋاملىق ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
1. Photoshop CS6 ئەسلى ئورگان قاچىلاش بولىقىنى چۈشۈرىمىز ۋە قاچىلايمىز.
دىققەت: قاچىلىغاندا ئاۋال سىناپ بېقىش(试用) ھالىتىنى تاللاپ قاچىلايمىز.(ئوتتۇرىلىقتا بىر دانە Adobe ID كىرگۈزۈشنى سورىشى مۇمكىن، يوق بولسا ئورگان بېتىگە بېرىپ بىرنى تىزىملىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تورسىز شارائىتتا بۇ ID نى كىرگۈزمىسىمۇ بولىدىكەن، شۇڭا تورنى ئۈزىۋېتىپ قاچىلاپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ)
2. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن PS CS6 نى بىر قېتىم قوزغىتىپ ئاندىن تاقايمىز.
3. Adobe CS6 ئاكتىپلاش يامىقىنى چۈشۈرىمىز، پرېستىن يەشكەندىن كېيىن 32 ۋە 64 تىن ئىبارەت ئىككى مۇندەرىجە پەيدا بولىدۇ، سىستېمىڭىز 32 بىتلىق سىستېما بولسا 32 نىڭ ئىچىدىكى amtlib.dll ھۆججىتىنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ، CS6 قاچىلانغان مۇندەرىجىدىكى ماس ھۆججەتكە قاپلاپ ئالماشتۇرىۋېتىمىز. ئەلۋەتتە، ئەسلىدىكى ھۆججەتنى بىر نۇسقا زاپاسلاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):
Photoshop CS6 خەنچە ئەسلى نەشىرىنى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | Adobe CS6 ئاكتىپلاش يامىقى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Adobe، photoshop، ps، سۈرەت، لايىھەلەش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 21,029 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: photoshop-cs6.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھەقسىز سېستىما ئەخلەتلىرىنى تازىلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش قورالى – CCleaner
- كېيىنكى يازما > ISO فورماتىدىكى ھۆججەتلەر(سېستىما، ئويۇن)نى قاچىلاشتا كام بولسا بولمايدىغان قورال – DAEMON Tools Lite
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار
- 20 پارچە ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى سۈرەت
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- يېڭىچە مودا سۈرەتكە چۈشۈش ئۇسۇلى: پلاستېر بىلەن يۈزنى ئورىۋېتىپ ئالۋاستىغا ئوخشاپ قېلىش
- تىنچ رەسىمنى PS قىلىش مودىدىن قالدى، ھازىر MTV نى PS قىلىمىز!
- 24 سائەتنى بىر پارچە سۈرەتكە پىرىسلاپ كىرگۈزۈش، مانا يېڭىلىق دېگەن!
- يەر شارىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كىشى ئەقلىنى لال قىلدىغان گۈزەل ماكان
- بۇ رەسىملەرگە قاراپ بۇ ئاتا-بالىنىڭ ئۆز ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي تۇرالامسىز؟ ئۆگەي؟! ياق، ئۆگەي ئەمەسكەن…
- «Desperado» فىلىمىدىكى باش پېرسوناژنىڭ كومپيۇتېردا سىزىلىش جەريانى ۋە پۈتكەن ئەسەر
مەن ئاۋال چۈشۈرگەچ تۇراي
لاھىيىلەش ساھەسىدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەر بارلىققا كەلگۈسى.
بەتنى ئاچقىلى مىنۇت بولمىغان، بىردەمدە بىرى ئۈستىگە چىقىۋاپتۇغۇ!؟
ئۇيغۇچىغا بولغان قوللاشنى يازماي قويوپسىز، قارام قوللاپ قويىدىكەن. مۇشۇ تورخۇماردا ئىنكاس يازغاندەكلا يېزىپ قويىدىكەنمىز.
راست، تولۇقلاپ قويدۇم، ئەسكەرتمىڭىزگە كۆپ رەھمەت!
مەن ئالدىنقى ھەپتە چۈشۈرگەن، ئەمما كۆنەلمەي يەنە ps5 كە يېنىۋالدىم
ئادەتتە سەرالىق دىگەن يىڭى شەيىگە ئانچە كۆنۈپ كېتەلمەيدۇ ، باشقىلار ئىستىمال قىلىپ مودىدىن قالغاندا سەرايى قىيامەتلەردە مودا بولىدۇ ، شۇڭا سىز ھازىرچە ps5 نى ئىشلىتىۋېرىپ ، تورخۇماردا ps7 ئېلان قىلىنغاندا ئاندىن ps6 نى چۈشۈرۋېلىڭ
يا ئاللا، ما موزاينى بىرەرسى سويۇۋەتتىمىكىن دەپتىمەن يەنە ماڭا تۆت پۇتلاپ پۇت قويۇپ يۈرەمدىغاندۇ
كۆرۈنمە يۈزى غەلىتە بىلىندى ماڭا،شۇڭا چۈشۈۋالدىم، باياتىن ھەزىرەتتىن 6 چارەك تەنقىد ئىشتكەن، قايتىدىن بەل باغلاپ ps6 نىلا ئىشلىتەي دېسەم…
ئۇيغۇرچىنى قوللايدىكەن دەڭ! قالتىس!!!
بىۋاستە ئۇيغۇرچە يازغىلى بولسا قۇلايلىقتەك قىلىدۇ، چۈشۈرۈپ سىناپ باقسام بولغۇدەك .
مەن دەل مۇشۇنىڭغا تەشنا بولۇپ تۇراتتىم ، رەھمەت .
چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويغىلى خېلى بولغان ئۇيغۇرچە يازسام تەتۇر چىقىۋېلىپ ئوڭلاپ يازالماي قۇيۇپ قويغان، تىمىدىكى كۆرسەتمە بويچە تەڭشىۋالدىم، بەك پەچەت چىقىدىكەن
amtlib.dll ھۆججىتىنى ،CS6 قاچىلانغان مۇندەرىجىدىكى ماس ھۆججەت دىگەن قايسى ؟ ياردەم قىلىڭلار دوسلار
بولدى تاپتىم، قاچىلىغان غول مۇندەرىجە ئىچىدە باكەن
مەنمۇ مۇشۇنى ئىزدەپ يۇرەتتىم؛
ھە راسىت؛ تۈنۈگۈن مەن مۇشۇ تورخۇمارغا ئوخشاش ئوخشاش ئۇسلۇپ،مەزمۇنىلىرىمۇ بەك كۆپ پەرقلەنمەيدىغان بىر خەنچە بىلوگنى كۆردۇم؛مەن تېخى تور خۇمار خەنچىمۇ يېزىۋاتقان وخشايدۇ دەپتىمەن
ئۇ بلوگ تورخۇمارغا يەتمەيدۇ
ئۇ بلوگ تورخۇمارنى دوراپ يازىدۇ…
يۇقارقىلارنىڭ دېگىنى بەرھەق ،ئۇ بلوگ تورخۇمارنى دورايدۇ ھەم يەتمەيدۇ
يۇقارقى ئۈچ يولداشنىڭ دېگىنى بەرھەق…
ھېلىقى TorHumar 山赛 نىڭ گىپىما ؟
مەنمۇ بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئىگىسىنىڭ بىلوگىنى كۆرگەن
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس ،ماڭا سالام ھايات بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى دەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن ، جىددى كىرەك بوپ قالغانتى
نەتىجە نىڭ دىگىنى بەر ھەق
كارامەت ئىش بوپتىغۇ. مېنڭ بۇ كومپىيوتېرىمدا PS تا ئۇيغۇرچە يازغىلى بولمىغىلى خېلى بوپ قالغان. مۇشۇنى چۈشۈرەي جۇمۇ.
ئىنكاس يازساملا ئاپپاق بەت ئېچىلىپ كەتتىغۇ؟؟ بىر تەڭشەيلى…..
ۋاھ… ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە قوللىسا بۇ ناھايىتى ياخشى ئىشكەن. ئەمدى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشتە قىينالمايدىكەنمىزدە… مەنمۇ تېزدىن چۈششۈرۋالاي.
نادىر… مەزكۇر يازمىىنى رۇخسىتىڭىزسىز ئوغىرلىدىم… http://dv.ziltar.net/forum.php?mod=viewthread&tid=238&page=1&extra=#pid2077
كەچۈرۈڭ…
بۇ بەك ياخشى بوپتۇ.
فوتوشوپتا قانداق قىلىپ بىر نەچچە رەسىمنى بىرلەشتۈرۈپ بىر رەسىم قىلغىلى بولىدۇ؟ بىلدىغانلار بولسا ياردەم قىلغان بولساڭلار. رەھمەت.
چۈشۈرۈش ئادرىسى خاتاكەن!
ئاكتىپلاش يامىقى ئىچىلمىدىغۇ؟ چۈشۈرۈش ئادىرىسى خاتامۇ-يا؟