ئامېرىكىلىق يەنە بىر يىگىت Android يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق توي تەكلىۋى قويۇپ مۇۋاپىقىيەت قازىنىپتۇ
ئەيتاۋۇر، تەخمىنەن ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا، جوردان ئىسىملىك بىرەيلەن قىز دوستى جېشكاغا iPad2 دىن بىرنى سوۋغا قىلىپ توي تەكلىۋى قوبۇللانغان ئىدى. مانا بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسىي شىتاتىدا تۇرۇشلۇق Jon Hodgson ئىسىملىك يەنە بىرەيلەن، ئۆزى تۈزگەن Android يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق، قىز دوستىغا توي تەكلىۋى قويۇپ مۇۋاپىقىيەت قازىنىپتۇ! ياشلىرىمىز پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىشنى بىلىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ جۇما؟!
ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسىي شىتاتىدا تۇرۇشلۇق Jon Hodgson ئىسىملىك بىرەيلەن، ئىزچىل ھالدا ئارىلىشىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولغان قىز دوستىغا قايسى خىل ئۇسۇلدا توي تەكلىۋى قويۇش ھەققىدە باش قاتۇرغان. بىر خىل يېڭىچە ئۇسۇلدا توي تەكلىۋى قويۇش ئۈچۈن، جون ئەڭ ئاخىرى Android يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق بۇ رومانتىك، ئەمما ئەھمىيەتلىك جەرياننى تاماملاشنى قارار قىلغان.
ئۇ ئاۋال قىز دوستىنىڭ دىققىتىنى بۇراپ تۇرۇپ، ئاندىن ئۇ تەييارلىقسىز تۇرغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز توي تەكلىۋى قويماقچى بولغان. ھالبۇكى، جون ئويلاپ تاپالىغان قىز دوستىنىڭ دىققىتىنى بۇراشتىكى ئەڭ ئاددى ئىككى نەرسىنىڭ بىرى، يېڭىدىن كىنوخانىلاردا قويۇلىۋاتقان «خاررىي پوتتېر» فىلىمى بىلەن قىز دوستى يېڭىدىن سېتىۋالغان Android سېستىمىلىق يانفون – HTC Incredible ئىكەن.
بۇ ۋاقىت دەل «خاررىي پوتتېر» فىلىمىنىڭ قويۇلىشىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، شۇ سەۋەپتىن جون بىر دانە قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال تۈزمەكچى بولغان. بۇ دېتال قارىماققا كىنونىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئىشلەنگەندەك كۆرۈنىدىكەن، يەنى ئىشلەتكۈچىلەر بىر قانچە سوئالغا توغرا جاۋاپ بېرەلىسىلا، فىلىمنىڭ بېلىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن. ئەلۋەتتە، ئەڭ مۇھىم نىشان يەنىلا توي تەكلىۋى قويۇش بولۇپ، باشقا ھەممىسى ياسالمىلىق ئىكەن.
بۇ چاغدا يەنە بىر مەسىلە كېلىپ چىققان، يەنى جوننىڭ پروگرامما تۈزۈشتىن ئازراقمۇ خەۋىرى يوق ئىكەن، نۇرغۇن پروگرامما تۈزۈش قوراللىرىنى سىناپ كۆرگەن بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا مەغلۇب بولغان. كېيىن دوستىنىڭ تۈرتكىسىدە، Google تەجرىبىخانىسى ئوتتۇرىغا چىقارغان App Inventor ناملىق قورالنى ئىشلىتىپ، ئاخىرى ئۆزى كۆزلىگەن يۇمشاق دېتالنى تۈزۈپ چىققان.
پلاندىكى توي تەكلىۋى قويىدىغان ۋاقىت ئاخىرى يېتىپ كەلگەن. شۇ كۈنى كەچتە Jon قىز دوستى Meghan نى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلغان ۋە تاماق ۋاقتىدا قىز دوستىغا ئۆزى تۈزگەن بۇ يۇمشاق دېتالنى كۆرسەتكەن. Meghan بىر قانچە سوئالغا قىينالمايلا جاۋاپ بەرگەن ۋە ئەڭ ئاخىرىدا: Meghan، ماڭا ياتلىق بولۇشنى خالامسىز؟ دېگەن خەتنى كۆرۈپ جايىدا تۇرۇپلا قالغان. جوننىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، شۇ چاغدا Meghan خېلى ئۇزۇنغىچە ھوشىنى يىغالماي تۇرۇپ قالغان ۋە ئېسىگە كېلىپ «خالايمەن!» دەپ جاۋاپ بەرگەن.
جوننىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئەينى چاغدا بۇ يۇمشاق دېتالىنى Android Market قا قويۇپ قويماقچى بولغان، بىراق كېيىن يەنىلا بۇ خىيالىدىن ۋاز كەچكەن. ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ھېكايىنى ۋە يۇمشاق دېتالىنى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىگە قويۇپ قويغان. «ناۋادا بۇنداق ئىشلار ئۈچۈن مەخسۇس بىر يۇمشاق دېتال تۈزسەك، ئۇنداقتا يۇمشاق دېتالنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قويغان بولىمىز، مەن پۇلنى دەپ بۇنداق ئىشنى قىلىشنى خالىمايمەن». بىراق كېيىن ئۆزىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىچە، بۇ يۇمشاق دېتالنى تور بېكىتىگە قويۇپ قويغاندىن كېيىن، تور بېكەتنىڭ زىيارەت مىقدارى شىددەت بىلەن ئاشقان، ھەمدە تور بېكەتكە بەزى ئېلانلارنى قويغاچقا، ئاز-تولا كىرىمغىمۇ ئېرىشكەن. جون دەيدۇ: ئاشۇ كۈندىكى تاماققا يەتكۈدەك كىرىم بولدى، مەن تامامەن رازى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا,يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، توي، مۇھەببەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,323 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 06-ئاينىڭ 10-كۈنى
- يازما مەنزىلى: propose-android-application.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iOS 5 ئېلان قىلىنماقچى! يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone 5 ۋە iPad 3 كۆزلىرىڭىزنى ئالداپ قويۇشى مۇمكىن!!!
- كېيىنكى يازما > قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويغىنى ياخشى، ئەرلەر تۇخۇم قورۇشتا بېسىپ ئۆتىدىغان 17 قەدەم
- ھوللىۋود سەھىيسىدىكى قىسقا فىلىم – ئانا مۇھەببىتىنىڭ قۇدرىتى
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان كارتون فىلىم – باتارىيە ئالماشتۇرۇش
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- ئاتىنىڭ كۆچمە قەلئەسى – قىزى ئۈچۈن تۆت يىل ۋاقىت مىليون دوللار خەجلەپ كاتتا ئاپتوموبېل ياساپ چىققان دادا
- NOKIA نىڭ Android يۈرۈشلۈك يانفونلىرى (NOKIA X/X+/XL) ئېلان قىلىندى
- نورۋىگىيە كوچىسىدىكى كىچىككىنە مۇھەببەت، سىز بولسىڭىز چاپىنىڭىزنى بېرەلەمتىڭىز؟
- بىر دادىنىڭ ئوغلىغا ئېيتقانلىرى
ماڭا كىم بىرنى سوۋغا قىلىدۇ؟
دەپ چاقچاق قىلدىم تورخۇماردا
مەن …….
قېنى؟
سىز قىنى؟
سىزنى كۆرەپ قىچىپ كىتىپتۇ … قارىغاندا بەكلا چىرايلىق ئوخشايسىز …
بۈگۈن دىۋانەلەر نەگە كەتتىڭلارھەي؟
ئۇيغۇربەگ ئۇكام، جىددىيلىشىپ قېلىۋاتىسەن، سىناپ باقاي دەپ ئويلاۋاتمايدىغانسەن ھە
بۈگۈن مەخسۇس سىز ئۈچۈن دىۋان تەييارلىدۇق…..
توۋا مايەدە بىرسى سەۋدايى دىۋان كىسىلىگە گىرىپتار بوپتىغۇ.. قاتارسىغا 7تال ئىنكاسنى يېزىۋېتىپ قايىتقان گەپ~
بۇ خىل پروگرامما تۈزۈشنىڭ بىر قانچە خىل ۋاىيانتلىرى بار…
ۋاھ… نېمىدىگەن پەيزى……. بىزنىڭ ئوغۇللار نېمىشقا مۇشۇنداق بىر ئىشلارنى ئويلىيالمايدىغاندۇ دەيمەن…….. ھەممىسى قارىسا كونا ئۇسۇل بىلەن ئادەم ئالدايدۇ…..
قانداق؟
قانداق ؟
سىزنى كىم قايسى كونا ئۇسۇلدا ئالدىغان بولغىيتى
يىڭى ئۇسۇلنى قوللانسا نازلىنىپ ياق دەپ تۇرۋاسا كاجلىق قىلىپ نىمە دەتىسىز دىسە ھەيــــى
قىزلارمۇ يامان بوپ كىتىپتۇ جۇما ،بۇرنقىدەك پاچە-پۇرات خەت يازغانغا ئۇنمايدۇ ھازىز
مەن سىز گە شۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق توي تەكلىپ قوياي بولمىسا …
چاقچاق…… يەنە تىللاپ كەتمەڭ …سىزدىن بەكلا قورقىمەن جۇما ……بۇ توربىكەتلەرگىمۇ تېما يوللاپ قۇيارسىز …سىزنى باشقۇرغۇچى قىلىپ قويدۇم. http://altumar.tk
مەنمۇ قىز دوستۇمغا قۇتلان يانفۇنى سوۋغا قىلىپ توي تەكلىپى قويۇشنى ئويلىشىپ باقسام بولغۇدەك
بىز مۇشۇنداق پىروگىرامما تۈزۈپ توي تەكلىۋى قويايلى دىسەك قىزلارنىڭ ھەممىسى نەدىكى (زاپەر)تېلفۇنلارنى ئىشلىتىدىغان تۇرسا،htc ,iphone دىگەنلەرنى ئۆزىمىز ئەپ بىرىپ ئاندىن پىروگىرامما تۈزىمىزمۇ يا
ئۇنداق ئەمەسقۇ زاپەر تېلېفون تونۇمايمىز بىز
باشقىلاغا تۇزەتكۇزۇپ مەن تۇزدۇم دەپ قوياۋەسەك بىلمەيدا دەيمە… يا بولمىسا تىمىدىكى دىتالنى ئىشلىتىمىز يا … نەفىسە خاننى ئالدىغىلى بولماسمىكى . كاللىسى ئازراق تەرەققىي قىلۋالدى ئەمەسما ما تورخۇماردىكى بىزلەرنىڭ ئارىمىزدا يۇرۇپ …
بولىدىكەن.بۇ تەدبىركار دىگەن بويتاق مۇشۇنداق تىمىنى كۆپ يوللايدىغان بوپ قالدى دىسە
ھەر قايسىلىرىدەك قېرى بويتاقلارغا ياردىمى بولار دېگەندۇ بەلكىم بۇ ياش بويتاق.
مەن ئۇيغۇرچە ئاندىرو سىستىمىسىدا بىرنى ياساپ ئۇنداق قىلاي دىسەم قىز دوستۇم ھازىرچەيوق ئەمەسما بار بولسىمۇ بۇنداق نەرسىگە قىزىقماسلىقى مۇمكىن …ئەڭ ياخشىسى باشقا خىل ئۇسۇل ئويلاي … بۇنداق ئىشلارغا خىلى كاللام ئىشلەيدا …
ھازىرقى قىزلارغا داپ چېلىپ بەرگەن بىلەن بولمايدۇ، ئا ئۈستىدىكى ئىنكاستىمۇ دەپ بوپتۇ ئەنە، كونا ئۇسۇل دەپ. ھازىرقى قىزلار داپ چالالاملا گومۇش دېمەيدىغان چېغى بەلكىم، ئەمدى داپنى قويۇپ قويۇڭلا ئاستا،
ۋەيرانە داپچى بالىغا دېگەن ئىدىم. پەسكە چۈشۈپ قاپتۇ.
مەن باشقىچە ئۇسۇلنى ئويلاشمىسام، خەقلەر ئىشلىتىپ بولغان ئۇسۇلنى ئىشلەتكەننىڭ ئەھمىيىتى يوق
مېنىڭ ئۇسۇلۇم كونىدىن ھالقىپ ئىپتىدائىيغا يېقىنلاشقان بولسىمۇ ئايالىم يەنىلا دۇنيادا ئۆزىنى ئەڭ بەختلىك سانايدۇ
يوپۇرماق شاخلىرىدىن چەمبىرەك ياساپ، ئۈستىگە ئاپتاپپەرەس قىستۇرۇپ سوۋغا قىلمايۋاتقانسىز ھە؟؟؟
پاسىبان ئۇنى قىلىدۇ.
ئىشقىلىپ يامان بولمايدىغانلا ئىش بولسا قىلىپ تۇردۇق ھاجېم! مۇسۇلمان ئاياللار بەختلىك بولىشى كېرەك. بىز ئەرلەرمۇ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بوپقالغانلىقىدىن پەخرلەنگىدەك ھالەتكە كەلتۈرەلىشىمىز كېرەك!
ماڭا دىگەن بىلەن بىكار.بىز بارغۇ ۋاقتى كەلگەندە ئىسقىرتىپمۇ كەلتۇرەلەيمىز جىما ھاجىم.داپ دەپ قاپسىز…
ئىسقىرتساڭلىلا كەپ قالسا چوقۇم چاتاق با، دىققەت قىلىڭلا.
ئۈستىدىكى ئىنكاس تورخۇمارنى پۇرىتىۋېتىپتۇ.
رىتا بولسا سىز بۇ توربەتنى پۇرتېۋېتىڭە…
بۇ توربىكەتلەرگىمۇ تېما يوللاپ قۇيارسىز …سىزنى باشقۇرغۇچى قىلىپ قويدۇم. http://altumar.tk
ئىسقىرتسا قارىماڭ ھەرگىز
دادامەي ،قاراپ تۇرۇپ مەنسەپ تېگىپ ماڭا ….
بولدى ،پۇرىتىش شەرىپىنى يولداش ۋەيرانىغا ئۆتۈندۈم . ئۇنداق گۈزەل ئىشلار قولۇمدىن كەلمەيدىكەن مېنىڭ
ھەي ئۈمۈد يۇلتۇزى ، نېمە تور بەت ئۇ ؟ قارىسام بىرمۇنچە قالايمىقان ….
مەن تېخى سىلاۋيانچە چېغى دەپتىمەنا
مەن تۈنۈگۈن يۇۋكۇ دا ئالمىنىڭ ios5نىڭ تونۇشتۇرۇلۇش كىچىلىكىنى كۆردۈم.ئالمىمۇ ئانجىروئىد نى خىلىلا دوراپتۇ…بۇ ئىككىىسى بىربىرىنى دورىشىپ يەنە خىلىلا مۇكەممەللىشتى …
ھازىر قايسى بىر ئىنسان چاتاق ئەمەس.شۇ چاتاق ئەمەسلەردىن 4-دوختۇرخانىدىكى ئادەملەر قالغان چېغى..
ئىتەكلەر ياقا بولدى،ياقىلار ئىتەك.مەن تۇلپار دىگەنلەر، ئىكەنغۇ ئېشەك دىگەن گەپنى ئاڭلىغانمۇ يە؟
مەن ئايالىمىنى تېلىفۇندا تورغا چىقىشنى ئۆگىتىپ قويىمەن دەپ كەلتۈرىۋالغان ئۆز ۋاقتىدا… بولامىدىكەن؟!
ۋوي، ئايالىڭىز بولىدىكەن جۇمۇ؟
ۋاي ۋۈي .بىردەم ئايفون بىلەن بىر دەم يەنە بىر نىمە بىلەن توي تەكلىپى قۇيۇش مۇدا بوپ كەتتىيا.