Windows 8 نىڭ ئەڭ يېڭى ئاشكارىلانغان نۇسخىسى ۋە قىسقىچە تەسىرات
يېقىندىن بۇيان، Windows8 توغرىلىق خەۋەرلەر ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ، ھەتتا بىر قىسىم خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، Windows8 نىڭ رەسمى نەشىرى ئۇيغۇرتىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالارمىش، بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان بىر خەۋەردە؟! شۇ سەۋەپتىن، Windows8 نىڭ Beta نەشىرلىرىنىڭ چىقىشىنى تۆت كۆز بىلەن ساقلاۋاتقان تورداشلىرىمىز خېلى نۇرغۇن. ئەلۋەتتە، بۈگۈن كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگىنىم، Windows8 نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىردىكى ئاشكارىلانغان نۇسخىسى Win8 7959 بولۇپ، ئاللىقاچان Win8 7850 ۋە 7959 نەشىرىنىڭ ئايرىم ئايرىم ھالدا 32 بىتلىق ۋە 64 بىتلىق نەشىرلىرىنىڭ BT ئۇرۇقى چىقىپ بوپتۇ…
نۆۋەتتە Windows8 نىڭ كۆپ خىل ئاشكارىلانغان نەشىرلىرى تورغا تارقالغان بولۇپ، سىناپ ئىشلىتىۋاتقان Windows مەستانىلىرىمۇ خېلى كۆپ ئىكەن. ئەلۋەتتە، Windows8 نى قانداق ئاكتىپلايمىز دېگەن سوئالمۇ توردا كۆپ سورىلىۋاتقان سوئاللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، سىز ئۆزىڭىز ئىشلىتىۋاتقان ھەقىقى نەشىردىكى Windows7 نىڭ ئاكتىپلاش نومۇرى ئارقىلىقلا بۇ سىناق نەشىردىكى Windows8 نى ئاكتىپلىيالايدىكەنسىز!
مەزكۇر نەشىرنى ئىشلەتكەندىن كېيىنكى قىسقىچە تەسىرات(توردىن ئېلىندى):
1. سەل سەپرا مىجەز كىشىلەرنىڭ ئىشلەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمىز؛
2. ئۆزىدە تەمىنلىگەن قوزغاتقۇچ پروگراممىلار تېخى ئانچە تولۇق ئەمەس؛
3. ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلىۋالىدىكەن، نۇرغۇن ئىچكى قىسىمدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پروگراممىلار تېخى سىناق باسقۇچتا ئىكەن؛
4. كۆرۈنمە يۈزدە تېخى روشەن ئۆزگىرىش يوق، Windows7 بىلەن جىق پەرقلەنمەيدۇ؛
5. ئادەمنى ئەڭ خوش قىلىدىغان يېرى، سېستىما بايلىقىنى ئىگەللىشى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن؛
6. نۆۋەتتە پەقەت ئېنگلىزچە نەشىرىلا تەمىنلىنىپتۇ؛
7. ئىچكى قىسمىغا IE9 تور كۆرگۈسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛
8. بايلىق باشقۇرغۇچ كۆزنىكىگە Ribbon كۆرۈنمە يۈزى ئىشلىتىلىپتۇ، بىراق نۆۋەتتە ئايكونلار تېخى تولۇق ئەمەستەك؛
9. سېستىما ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدىكەن، ھەتتا Areo ئۈنۈمىنىمۇ ئاچقىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ؛
10. سېستىما كىرگۈزگۈچىنى ئالماشتۇرۇش win + a كۇنۇپكىسىغا ئالماشتۇرۇلغاندەك قىلىدۇ؛
ھاياتنىڭ مەنىسى ئەگرى توقايلىقتا(جاپا-مۇشەققەتتە) بولغىنىدەك، گەرچە نۆۋەتتىكى Win8 نىڭ كەمچىلىكلىرى خېلى كۆپ بولسىمۇ، بىراق بىر قىسىم سېستىما سىناشنى ياخشى كۆرىدىغان، يېڭى سېستىمىغا بولغان كۈچلۈك تەقەززالىقتا تۇرىۋاتقان تورداشلار ئۈچۈن يەنىلا بىر قاچىلاپ كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. ئەينى يىللىرى Vista مۇ خاپا سېلىپ، تاكى SP1 غا كەلگەندە ئاندىن سەل مۇقىملاشقان…
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
پرېستىن يېشىش پارولى: www.torhumar.com
Windows8 ئاشكارىلانغان نەشىرىنىڭ BT ئۇرۇقى | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
- ھالقىلىق ســــۆز: windows,windows8,سېستىما,مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 638 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 17-كۈنى
- يازما مەنزىلى: windows8-leak.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئېنىقسىز نىشان: ھاياتىڭىزدا نېمىگە ئېرىشىشنى بەكراق ئويلايسىز؟
- كېيىنكى يازما > 11-قەۋەتتىن سەكرىگەن چېغىمدا، ئاندىن تۇرمۇشنىڭ نەقەدەر گۈزەللىگىنى ھېس قىلدىم…
دىۋان دىۋان
يا ئاللاھ! ما تور خۇمار بىلەن تونۇشۇپ تۇنجى قىتىم دىۋانغا ئىرىشىشىم جۇمۇ! بىزمۇ دىۋاندا ئولتۇرۇپ باقىلى قىنى قانداق بولىدىكىن
كېلەر قىتىم دىۋانغا مىق قىقىپ قويمىسام
beta نەشىرى 10-ئايلاردا چىقىدىغۇ دەيمەن ، بولسا ئۇيغۇرچە نەشىرى چىققان بولسىغۇ ئېسىل ئىش بۇلاتتى . بىر ئاماللارنى قىلىپ يۇرۇپ سېتىۋالىدىغان گەپتە ھەققىي نەشىرىنى ……
يىرىم كىچىدە ئوتراپ مۇشۇنداق دىۋان ئىلۋالالايدىغانلارمۇ باركەن … مەنلام بارمىكى دىسەم …زاكاس قىپ قويمىسام بولمىغۇدەك …
ما باللارنى، دىۋاننىڭ نېمە پايدىسى باردۇ دەيمەن؟ تورخۇماردىن مۇكاپات بېرەمدۇ يا مەن ئۇقماي قالغان بولسام. ئۇيغۇرچىسى چىقسا قالتىس بولاتتى راس، 200 300 سوم بولسا ئالالايتىم
بۇقېتىم چوقۇم win8 نىڭ ھەقىلىق نۇسخىسىنى ئالىمەن.
win8 نىڭ ھەقىقى نۇسخسىنى بەكلا قىممەت دەيدىغۇ ؟ ھازىر كىشىلەر كۆپىنچە ساختا ئەرزان نەشىرىنى ئالىدىغان بوپكەتتى…..
يا ئاللاھ ئېكس پى نىڭ مونوپوللىقىنىڭ قۇلى بوپ كىتەي دىدىم مەن ….
مەن كونسىرۋاتىپكەنمەن ، ۋېن7 گىمۇ كۆنەلمەي ئىكىس پى غا كۆچەيمىكىن دەپ ئولتۇرىمەن .
تۆۋە ،بېشىم نەگە كەتتى ؟
ۋۇي پەيدا بولۇپ قاپتۇ دېسە تۇرۇپلا ئەمدى .نوچى
بۇتىلفۇندا خەت يازماق نىمانداق تەس!!!
باشقا كۈنى يازاي ھە؟ تورخۇمار بۇ كۆزنەكنىڭ كودىنى يەنە ۆزگەرتڭپتىدە؟ۋ اي بۇ ت
بىچارە تېلىفوننىڭ توكى تۈگىدى دېگەن گەپنى دېيىشكە ئۈلگۈرمەپتۇدە
شۇنداق بولغاندا، مەزكۇر سېستىمىدىن نېمىلەرگە ئېرىشىمىز؟
ھەقلىق چىقسا مەنمۇ ئالاتتىم ئۇيغۇرچە بولسىىلا چۇقۇم سىتىۋالىمەن.
ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن بولسىمۇ ھەممىمىز كۈچ چىقىرايلى!
2012 -يىلى ئېلان قىلىندۇ دەۋاتقان …
بۇنىمۇ كۆرۈپ باققۇلۇق جۇمۇ بالىلار!