مىكروسوفت Windows نىڭ ئاپتوماتىك قوزغىتىش(AutoRun) ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي چەكلىۋەتتى…
10 نەچچە يىللىق ئارىسالدى بولۇش نەتىجىسىدە، مىكروسوفت بۈگۈن ئاخىرى windows نىڭ بارلىق نەشىرىدىكى AutoRun(ئاپتوماتىك قوزغىلىش) ئىقتىدارىنى چەكلىۋەتكەنلىگىنى ئېلان قىلدى. AutoRun بولسا، Windows سېستىمىسىغا قولايلىق ئەپ كېلىدىغان، ئىشلەتكۈچىلەر USB لىق ئۈسكۈنە ياكى ياكى CD دېسكىسى قاتارلىق تاشقى ئېلىمېنتلارنى كومپيۇتېرغا ئۇلىغاندا، سېستىما ئاپتوماتىك ھالدا غول مۇندەرىجىدىكى Autorun.inf ھۆججىتىنى ئوقۇش ئارقىلىق بەلگىلەنگەن پروگراممىنى ئىجرا قىلىدىغان بىر ئىقتىدار ئىدى…
ئەمما كېيىن ئابونتلار شۇنى بايقىدىكى، بۇ خىل قولايلىق، بەزىبىر لۈكچەك يۇمشاق دېتال ۋە ۋىرۇسلار ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت تەمىنلەپ بەرگەنىدى(بىز دائىم يولۇقۇپ تۇرىدىغان بارماقدېسكا ۋىرۇسلىرى مۇشۇ ئۇسۇلدا تارقىلىدۇ)، شۇڭا مىكروسوفت كېيىن Autorun غا قارىتا بىر قەدەر نازارەتنى كۈچەيتكەن ۋە ئابونتلار ئۈچۈن، Windows نىڭ تىزىملاش جەدۋېلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۇ ئىقتىدارنى چەكلەش شارائىتى تەمىنلىگەن ئىدى.
نەچچە يىللاردىن بېرى، Windows تىكى بۇ AutoRun(ئاپتوماتىك قوزغىتىش) ئىقتىدارى ئاساسەن يامان نىيەتلىك پروگراممىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىپ كېلىندى، شۇڭا بۈگۈن ئېلان قىلىنغان بىر قېتىملىق «مۇھىم بىخەتەرلىك ياماقلىرى» ئارقىلىق، مىكروسوفت Windows نىڭ ھەر قايسى نەشىرلىرىدىكى AutoRun ئىقتىدارىنى تەلتۆكۈس چەكلىۋەتتى. بەلكىم بۇ بىر قىسىم بارماقدېسكىدىن يۇقىدىغان ۋىرۇسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رول ئوينىيالىشى مۇمكىن.
بۇ ياماق تېخى يامالمىغان سېستىمىلار: ئوغرى نەشىرىدىكى ئاپتوماتىك يېڭىلاش ئىقتىدارى ئېتىۋېتىلگەن XP، Vista ۋە Windows 7. ناۋادا كومپيۇتېرغا 360 قاراۋۇلىغا ئوخشاش قوراللار ئورنىتىلغان بولسا، سېستىما ياماقلىرىنى ئاپتوماتىك يامىشى مۇمكىن. ناۋادا بۇمۇ قاچىلانمىغان كومپيۇتېر بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ ۋە كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سالامەتلىگى ئۈچۈن، ھەقىقىي نەشىردىكى Windows سېستىمىسى ئىشلىتىڭ ياكى ياماقلارنى ۋاقتىدا ياماپ تۇرۇڭ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
- ھالقىلىق ســــۆز: USB، windows، سېستىما، مىكروسوفت، ۋىرۇس
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,198 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 02-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ms-shutdown-windows-autorun.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىز بىلىدىغان ئەشۇ Windows ھەققىدە رىۋايەت(3)
- كېيىنكى يازما > Windows 8 تېخى ئېلان قىلىنمىدى، بىراق Windows ھەۋەسكارلىرىمۇ قاراپ تۇرمىدى!!
- بۇ يىل يازدا ھەقسىز Windows 10 سوۋغا قىلىنىدۇ، 3D كۆزەينەكنى پۇلغا ئالىسىز
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- بىلگەيتېس: يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن
- سىستېمىڭىزنى ئاجايىپ كۆركەم قىلىپ بېرىدىغان بىر ياخشى قورال – XLaunchpad
- خاككىرلىق ۋە ۋىروس
- ئوچۇق كود توغرىسىدا بىر قىسىم ئوي-خىياللىرىم
- پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلەنگەن iOS 7 Beta نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
- 60 سكونتتا «خاككېر ئېمپىرىيىسى(Matrix)» دېگەن فىلىمنى كۆرۈپ چۈشىنىش
- Win8 موھىتىدا 红警2 نى نورمال ئويناش ۋە لەپتوپ (笔记本) دا ئويۇننىڭ پۈتۈن ئېكران بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- [ئەمدى سورىماڭ!] 32بىت ۋە 64بىتلىق سىستېمىنىڭ پەرقى ۋە ئالاھىدىلىكى
بۈگۈن بىر دوستۇم قوزغاتقۇچ ياسايمەن دەپ يان دېسكىسىنى رايونغا ئايرىۋىتىپ قاپتۇ
ئەتىگەن كومپىيوتېرنى قوزغاتسام بىرمۇنچە ھۆججەتنى يېڭىلىغىلى تۇرغان ئەسلى مۇشۇكەندە
بۇمۇ بىرھېسابتا بولىدىغان ئىش، AutoRun ئارقىلىق يۇقىدىغان ۋىروسلارنىڭ دەردىنى تارتقان دوستلىرىم تولا تېلفۇن قىلىپ قۇلاق مىڭەمنى يەپ كەتكەن ئىدى.
بۇ ياخشى قارار بوپتۇ
360 قاچىلاغلىق مەندە …ئۆزىى ياما ئەمدە ئۇنى … 360 ھەقىقەتەن ياخشى دىسە ..
ھەقىقىي نەشىردىكى Windows سېستىمىسى ھەممىلا ئادەم سېتىۋالامايدۇ دە، بىلمەيدىغىنى بازاردىن 5يۈەنلىك دېسكىنى سېتىۋالدۇ، بىلدىغىنى توردىن چۈشۈرۈپلا دېسكىغا ئويۇۋالدۇ شۇ.
5 يۇەنلىك شۇ دېسكا جۇڭگودا ۋاشاڭ.
مەن بۇ ئىقتىداردىن رازى ئىدىم . ھازىرغە قەدەر AutoRunۋىروسىنىڭ زىينىغىمۇ ئۇچۇراپ باقمىدىم
ھە ، تۇرۇپ تۇرۇپ مىنىڭ رۇي سىڭىممۇ رىمۇنۇت قىلامسىز دەپ چىقۋالدۇ
قىزىق ئىش، xp دا ئۇزۇن بولدى ئاپتۇماتىك يېڭىلامسىز دەپ ئۇچۇر كەلمىگىلى.
xp ئەمدى يېڭىلانمايدۇ. xp يامىقىنى ئەمدى كورەلمەيسىز.
بۇمۇ بىر چوڭ ئىسلاھات بۇپتۇدە ! ۋىرۇسچىلارمۇ ئۇسۇللىرىنى يېڭىلايدىغان بولدىدە ئەمدى …
ھەقىقىي نەشىردىكى Windows سېستىمىسى ھەممىلا ئادەم سېتىۋالامايدۇ دە، بىلمەيدىغىنى بازاردىن 5يۈەنلىك دېسكىنى سېتىۋالدۇ، بىلدىغىنى توردىن چۈشۈرۈپلا دېسكىغا ئويۇۋالدۇ شۇ.
+1
مەندە 2009-يىلنىڭ بىر ghost winxp بار ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئاپتۇماتىك قوزغىتىش ئىقتىدارى پۈتۈنلەي ئىتىۋىتىلگەن سىستېما ئۇنىڭ نۇر دېسكا ياكى بارماق دېسكا سالسىمۇ ھىچقانداق ئۇچۇر چىقمايدۇ ئۆزىمىز ئاچمىغىچە ئېچىلمايدۇ ئۇنداقتا مۇشۇ سىستېمىمۇ شۇنداق سىستېما ئوخشايدۇ لىكىن كونىراپ كەتتىدە كاساپەت سۈرئىتى بەك تېز ئىنكاسى ياخشى سىستېما ئىدى .