Windows 8 تېخى ئېلان قىلىنمىدى، بىراق Windows ھەۋەسكارلىرىمۇ قاراپ تۇرمىدى!!
windows 7 مەشغۇلات سېستىمىسى بىزگە پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان بىر خىل كۆرۈنمە ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى، نەپس لايىھەلەنگەن سېستىما كۆرۈنمە يۈزىمۇ نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ XP دىن ۋاز كېچىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. Windows 7 نىڭ كۆرۈنمە يۈزى شۇنچە كۆركەم تۇرغان يەردە، كېيىنكى ئەۋلاد Windows 8 قانداق بولۇپ كېتەر ھە؟
ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىغىنى شۇكى، Windows 8 نىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسى تېخى ئاشكارىلانغىنى يوق، بىراق، ئوتتەك قىزغىنلىققا ۋە ھاياتى كۈچكە تولۇپ تۇرغان تورداشلىرىمىز بۇنىڭلىق بىلەن قاراپ تۇرمىدى ۋە ئۆزىنىڭ نەزەرىدىكى Windows 8 نىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ چىقتى، تۆۋەندىكى بىر يۈرۈش لايىھەلەر دەل مۇشۇ Windows 8 نىڭ ئۇقۇم لايىھەلىرىنىڭ بىر قىسمى.
ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر يۈرۈش لايىھەلەر چەتئەللىك تورداش minhtrimatrix نىڭ قولىدىن چىققان بولۇپ، ئىنتايىن نەپس ۋە كۆركەم لايىھەلەنگەن، يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، چەتئەللىك تورداشلارنىڭ مىكروسوفتنىڭ Windows8 مەشغۇلات سېستىمىسىغا بولغان تەلىۋىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ناۋادا مىكروسوفت Windows 8 نى مۇشۇ شەكىلدە لايىھەلەپ چىقسا، بىلمىدىم كۆپچىلىك قوبۇل قىلالامدىكىن؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows,نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: windows، لايىھە، مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,671 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 02-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: windows8-gui-design-yy.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 30 يىل بۇرۇنقى ھالەتكە قايتىشنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟
- كېيىنكى يازما > Win7 نىمۇ Mac OSX تەك بېزەشكە بولىدۇ! Windows 7 نىڭ ئۇسلۇب چەكلمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش
- بۇ يىل يازدا ھەقسىز Windows 10 سوۋغا قىلىنىدۇ، 3D كۆزەينەكنى پۇلغا ئالىسىز
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئادەمنى جىلە قىلىپ قويىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى | ئەسەبىي سەنئەتكارلارنىڭ دۇنياسىنى چۈشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن
- بىلگەيتېس: يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن
- دۇنيا بويىچە ئەڭ رەتلىك سېلىنغان شەھەر
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- سىستېمىڭىزنى ئاجايىپ كۆركەم قىلىپ بېرىدىغان بىر ياخشى قورال – XLaunchpad
- ئوچۇق كود توغرىسىدا بىر قىسىم ئوي-خىياللىرىم
- بىزنىڭ بالىلارنىڭ رەسىملىرى يەنە كەلدى، ئىمراننىڭ پارىژ چۈشى
- ئۇنداق رەسىملەرنى بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلارمۇ سىزالايدۇ، ئىشەنمەمسىز؟ ئەمىسە بۇ رەسىملەرگە قاراڭ!
مەن يەنىلا شۇ xp گە كۆنۇپ قاپتىمەن~!
مەن بۇ لايھەنى خىلى ياختۇرۇپ قالدىغاندەك قلىمەن..
WIN8 چىقىپ قالسا، ھەقلىق سېتىۋالىمەن.
مۇشۇنداق چىقسا مەن بەك قۇبۇل قىلاتتىم ! نىمىدىگەن كۆركەم!
مەنمۇ xp گە كۈنۈپ قاپتىمەن!
win7 غا ئوخشاپ كېتىدىكەن،بىراق ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئىلغاردەك كۆرۈنىدۇ.
بەزى ھەۋەسكارلار windows8 نى لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ ئىلھامىغا ئاساس سېلىپ بەرگۈدەك
ھەركاللىدا ھەر خىيال … بەلكىم windows8 نىڭ كۆزنەك لايىھەلىرى بۇلاردىن پايدىلانسا ئەجەپ ئەمەس …
چېقىلىپ كىتەمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن
Win8 قانداق بۇلۇپ چىقار ؟ مەنچە Win8نى ياخشى ئىشلىمەيدۇ، ئۇمۇ vistaغا ئوخشاش «قۇربانلىق» بۇيۇم بۇلۇپ win7نىڭ تەشۋىقات كوزىرى بۇلارمىكىن
مىنىڭچە يېڭى بىرئەۋلاد بولغاندىكىن….چۇقۇم (7) دىن (8) ياخشى چىقىدۇ…..لېكىن ئاۋۇسۇرەت ماڭا پەقەت ياقمىدى …. بەلكىم رەڭگىگە ئۆچ بولغانلىقىم ئۈچۈن شۇنداق كۈرۈنگەندۇ…..
يېڭى سېستىما چىقىش ۋاقتى بەك قىسقا بوپقالسا ئاشۇنداق بوپقالىدۇ. ئۇزاقراق ۋاقىتتا بىر چىقىرىپ ماۋۇنىڭدەك چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلسا پەچەت بولىتى
گۈزەللىك سىزىمى يۇقرى ئادەملەردە بۇ!
ماۋۇ سەت -پەت چىرايلىقكەن جۇمۇ ~~!!
بۇ لايىھىلەردە مەن ئۈمىد قىلغان ئۇسلۇب باركەن، بەكلا قالتىس
مېنىڭ شەخسى قارىشىم!!!! ۋىن 8 ۋىن 7 دىگەندەك نەرسىلەر ئادەمنى بەكلا بىزار قىلىدىكەن. مەن ئېلان لايىھىلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىمەن. بىراق بۇ ئىككى سېستىما كۆپ يۇمشاق دېتاللارنى قوللىمايدىغان يېرى مېنى بەك زېرىكتۇرۇپ قويدى. ھەتتا ئويۇننىمۇ قوللىمايدىغان يەرلىرىمۇ بار تېخى
windows7 نى قاچىلاپ كونەلمەي يەنىلا windowsxp گەقايىتقان، ، قارغاندا بۇداwindows8 مەيدانغا باشقىچە قىياپەتتە چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ ،ئەمدى كۆنمەيمۇ ئامال يوقتەك …ئادەم دىگەن نىمىگە كۆنمەيدۇ ،مۇشۇ كومپىيۇتىرىم بىلەن مەنلا بوسام ئازكۈن قامماي بۇنىڭغىمۇ كىلىشىپ قالىمىز …