Win7 نىمۇ Mac OSX تەك بېزەشكە بولىدۇ! Windows 7 نىڭ ئۇسلۇب چەكلمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش
Windows 7 ئىشلىتىۋاتقانلار بەلكىم بىر نۇقتىنى بايقىغان بولۇشى مۇمكىن، يەنى win7 دا پەقەت سېستىما تەمىنلىگەن ئۇسلۇبلارنىلا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئىلگىرى XP ئىشلەتكەن چاغلاردا بولسا، ئۆزىمىز كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇبنى ياقتۇرمىساق، خالىغان ئۇسلۇبقا ئالماشتۇرىۋالاتتۇق. ئەلۋەتتە، Win7 دىمۇ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس ئەمەس. ناۋادا Win7 نىڭ باشقا ئۇسلۇبلىرىنى ياقتۇرۇپ قالسىڭىز، كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇبنى ئىشلەتكۈڭىز كەلمەي قېلىشىمۇ مۇمكىن. گۈزەللىكنى قوغلىشىدىغان، يېڭىچە مۇھىت قوغلىشىدىغان تورداشلار ئۈچۈن، بۇ يازما چوقۇم ئەسقاتىدۇ.
Windows 7 ئۇسلۇب چەكلىمىسىنى يېشىش
Windows 7 نورمال ھالەتتە سىرتتىن ئۇسلۇب قاچىلاپ ئىشلىتىشنى قوللىمايدۇ، شۇڭا بىز مەخسۇس قوراللار ئارقىلىق ئۇسلۇب چەكلىمىسىنى بۇزۇش ئارقىلىقلا مەقسەتكە يېتەلەيمىز. چەكلىمە بۇزۇش قوراللىرىدىن، Windows 7 ئەلالاشتۇرۇش ئۇستىسى، UniversalThemePatcher قاتارلىقلار بار. ناۋادا سىز ئىلگىرى تەدبىركار تونۇشتۇرغان Windows 7 ئەلالاشتۇرۇش ئۇستىسىنى قاچىلىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ناھايىتى ئاسانلا مەقسەتكە يېتەلەيسىز. يەنى Windows 7 ئەلالاشتۇرۇش ئۇستىسىنى قوزغىتىپ، 系统美化 نىڭ ئىچىدىن، 系统主题设置 دېگەن تۈرنى تاللايمىز، ئاندىن 破解主题 دېگەن تۈرنىڭ ئالدىغا بەلگە قويۇپ، چىققان كۆزنەكتىن ھەئە دېگەننى باسساق، نەچچە سكونت ئىچىدە ئوڭۇشلۇق بولدى، سېستىمىنى قايتا قوزغىتامسىز؟ دەپ سورايدۇ، ھەئە دەپ قايتا قوزغىتىمىز، چۈنكى چوقۇم شۇنداق قىلغاندىلا، ئۇسلۇب چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتكىلى بولىدۇ.
Windows 7 گە ئۇسلۇب قاچىلاش
Windows 7 نىڭ ئۇسلۇبلىرى، ئورگان تەرەپ ۋە ئۈچىنچى تەرەپ دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئورگان تەرەپنىڭ ئۇسلۇبى پەقەت ئېكران تەگرەسىمىنىلا ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ، ئۇسلۇب ھۆججىتىنىڭ فورماتى themepack بولىدۇ، بۇ خىلدىكى ئۇسلۇبلارنى قاچىلاش ئۈچۈن چەكلىمىنى بۇزۇش ھاجەتسىز، قوش چېكىپلا قاچىلاشقا بولىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ئۈچىنچى تەرەپ ئۇسلۇبلىرىنى قانداق قاچىلاش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى.
ئۈچىنچى تەرەپ ئۇسلۇبلىرىنى چۈشۈرگەندە، ئادەتتە بىر دانە theme ھۆججىتى ۋە بىر دانە ھۆججەتداندىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. بىز پەقەت بۇ ھۆججەتلەرنى Windows ئاستىدىكى Resources ئاستىدىكى Themes مۇندەرىجىسى ئاستىغا قويۇپ قويساقلا كۇپايە.
ئەمدى ئۈستەل يۈزىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، 个性化 نى تاللايمىز، ئاندىن بىز ئورناتقان بايىقى ئۇسلۇبنى تاللاپ بەرسەكلا بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئۈچىنچى تەرەپ ئۇسلۇبلىرىنىڭ بەزىلىرى سىغىشچانلىق ياكى ياساش جەريانىدىكى سەۋەنلىكلەر تۈپەيلى، بەزىدە قارا ئېكران بولىۋالىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ F8 نى بېسىپ بىخەتەر ھالەت(安全模式) غا كىرىپ، بىز ئورناتقان ئۇسلۇبنى ئۆچۈرىۋەتسەك بولىدۇ.
ئومۇمىي مەشغۇلات قىلىش ئۇسۇلى يۇقارقىدەك، ناۋادا سىز سېستىما گۈزەللەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە ئامراق بولسىڭىز ياكى Windows 7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇسلۇبلاردىن رازى بولمىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ يازمىدىكى ئۇسۇللارنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئىلگىرى كۆرۈپ ئۆتكەن Mac OSX Lion سېستىمىسى يادىڭىزدىمۇ؟ ئۇنداقتا تورداشلار شۇ Mac ئۇسلۇبىدىن بىرنى تەمىنلەي، Mac مەشغۇلات سېستىمىسى كۆرۈنمە يۈزىنى ياقتۇرىدىغان تورداشلار چوقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. كۆپچىلىكنىڭ ياخشى ئۇسلۇبلار بولسا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى قارشى ئالىمەن.
مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش مەنزىللىرى:
Windows 7 ئەلالاشتۇرۇش ئۇستىسى | مەنبە: torhumar.com | قوشۇمچە Windows 7 نىڭ Mac ئۇسلۇبى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
- ھالقىلىق ســــۆز: Mac، win7، windows7، سېستىما، گۈزەللەشتۈرۈش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,268 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: windows7-theme-crack.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Windows 8 تېخى ئېلان قىلىنمىدى، بىراق Windows ھەۋەسكارلىرىمۇ قاراپ تۇرمىدى!!
- كېيىنكى يازما > بىر مەشغۇلات سېستىمىسى مەستانىسىنىڭ MS-DOS 5.0 تىن پەيدىنپەي Windows 7 گە ئۆرلەش جەريانى
- پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلەنگەن iOS 7 Beta نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
- [ئەمدى سورىماڭ!] 32بىت ۋە 64بىتلىق سىستېمىنىڭ پەرقى ۋە ئالاھىدىلىكى
- Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي تارقىتىلدى | ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش
- IE 10 رەسمىي نەشىرى – Windows 7 دە ئىشلەيدىغان Internet Explorer 10 تور كۆرگۈسى ئېلان قىلىندى
- ئالما شىركىتى ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى iPad mini ۋە 4-ئەۋلاد iPad نى رەسمىي ئېلان قىلدى!
- Windows 8 Professional نىڭ RTM نەشىرى ئاشكارىلاندى
- 21- ئەسىردىكى ئون چوڭ تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى بىلەمسىز؟ بۇنىڭ ئىچىدە تۆتى ئالمىنىڭ ئىكەن…
- Windows 7 SP1 نىڭ MSDN ئەسلى ھەقىقى خەنچە نەشىرى(تەۋسىيە)
- ھەقسىز سېستىما ئەخلەتلىرىنى تازىلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش قورالى – CCleaner
- Ubuntu 12.04 تارقىتىلدى (كۆرۈنمە يۈزى %93 ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسى)
مەن بىر تورخۇمار ! دىۋان مانا مىنىڭ…
ئەڭ ياخشىسى apple دىن بىرنى سېتىۋالغان تۈزۈك~!
مەندەك WIN 7ھەۋەسكارلىرىغا بوپ بەردىدە!رەھمەد!
ھەر گۈلنىڭ پۇراقى باشقا … ھەر يارنىڭ قاياشى … دىگەندەك بۇنىمۇ كۆرۈپ باقاي قېنى ..
مەن سىناپ باقسام بولمىدى.
قانداق قاچىلايمىز دەپ بەرمەمسىز .
بوپ قويىدىكەن،رەھمەت سىزگە… تېخىمۇ پەيزى ئۇسلۇبلارنى تەۋسىيە قىلىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن!
مىنىڭكىدە توغرا بەلگىسى قويغىلى بولمىدى ؟
بىر تەبىر بەسىلە قايدا قىلساق بولا ھە ؟
ئىشلىرىمىز ئاسان بولغۇدەك
بەك سەت بولدى، خاپابولماي،Windows 7 يوللاپ بەرسەڭلابوپتىكەن.
ۋىندۇۋىس 7نى تورغا ئۇلىماي ئاۋاز تۇنۇتۇش دېتالى بولسا چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى تەمىنلەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن.مەن بۇ سېستىمىنى قاچىلىسام ئاۋاز كارتىسىنى تۇنىمىدى