ئالما شىركىتى ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى iPad mini ۋە 4-ئەۋلاد iPad نى رەسمىي ئېلان قىلدى!
ئالما شىركىتىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە قېتىملىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى ئۇچۇرلار ئىلگىرى كۆپ مىقداردا ئاشكارىلىنىپ كېتىشى ۋە كىشىلەرنىڭ بەك چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كېتىشى تۈپەيلى، ئالما مەستانىلىرىنى خېلىلا ئۈمىدسىزلەندۈردى. بىراق تۆنۈگۈنكى ئالما شىركىتى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنىلا يېڭىلىقلار ئاز ئەمەس. بۇ يىغىندا، رىۋايەتلەردىكى iPad mini ئېلان قىلىنىپلا قالماستىن، يەنە تۆتىنچى ئەۋلاد iPad ۋە شۇنداقلا 13 ديۇملۇق Retina MacBook Pro ، Mac Mini قاتارلىق مەھسۇلاتلارمۇ ئېلان قىلىندى!
iPad mini توغرىسىدا:
iPad mini نىڭ قېلىنلىقى پەقەت 7.2 مىللىمېتىر بولۇپ، تۆتىنچى ئەۋلاد iPad كە قارىغاندا %23 نېپىزلىتىلگەن، ئېغىرلىقى 308 گرام بولۇپ، iPad 4 كە قارىغاندا %53 يېنىك، بىر قولدا ناھايىتى ئاسانلا كۆتۈرۈشكە بولىدۇ. 5 مېگاپېكىسللىق iSight كامېرا سەپلەنگەن، iPhone 5 كە ئوخشاش Lightning ئېغىزى سەپلەنگەن 4G LTE تورىنى قوللايدىكەن؛
تۆتىنچى ئەۋلاد iPad with Retina Display ھەققىدە:
بۇ يېڭى iPad نى ھازىر iPad with Retina Display دەپ ئاتايدىكەنمىز، رەت تەرتىۋى بويىچە تىزغاندا شۇ iPad 4 بولغۇدەك. Lightning ئېغىزى ئالماشتۇرۇلغاندىن باشقا، سىرتقى شەكلىدە the New iPad قا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك پەرق يوق.
بىراق iPad 4 تە يەنىلا ئۆزگىرىشلەر يوق ئەمەس. يەنى iPhone 5 كە ئوخشاش A6X بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، ئىقتىدارى ئىلگىرىكى A5X قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى، ئەمما سۈرئەتتە بەك كۆرۈنەرلىك پەرق يوق. تېخى يېقىندا iPad3 سېتىۋالغان تورداشلار ئۈچۈن، چوقۇم يېڭىلاش زۆرۈر ئەمەس دەپ قارىدىم. گەرچە قاتتىق دېتالدا ئازغىنە ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، ئەمما سىز تېخى iPad سېتىۋالمىغان بولسىڭىز ھەمدە iPad mini نىڭ كىچىك كۆرسىڭىز، ئۇنداقتا ئەڭ يېڭى iPad 4 يەنىلا ياخشى تاللاش بولالايدۇ.
باھاسى ۋە سېتىلىش ۋاقتى:
16G WiFi نۇسخىدىكى iPad mini نىڭ سېتىلىش باھاسى 329 دوللار بولۇپ، تەخمىنەن 2000 سوم ئەتراپىدا، 32G ۋە 64G لىقى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 429 ۋە 529 دوللار، 11-ئاينىڭ 2-كۈنى رەسمى سېتىلىشقا باشلايدىغان بولۇپ، تۇنجى قېتىملىق سېتىلىدىغان ئورۇنلار ئىچىدە شىياڭگاڭمۇ بار. 4G تورىنى قوللايدىغان نۇسخىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 459، 559 ۋە 659 دوللار بولۇپ، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن سېتىلىشقا باشلايدىكەن.
iPad 4 نىڭ سېتىلىش باھاسىدا ئۆزگىرىش بولمىغان بولۇپ، 16G WiFi نۇسىىسى 499 دوللاردىن باشلىنىدىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، iPad، Mac، كومپيۇتېر، مەھسۇلات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 5,875 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ipad-mini.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىملەرنى ps قىلىش ؟ ئەمدى دۇنيانىڭ ھەقىقى ئەپتىنى تىلىۋىزوردىن كۆرىمەن دىمەڭ !
- كېيىنكى يازما > iPhone 5 ئېلىشتىن بۇرۇن… بىر ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئالما تېلىفونلىرىنى ئىشلىتىش سەرگۈزەشتىلىرى
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- مۇزدەك بىلىملەر: نېمىشقا مائۇسنىڭ كۆرسەتكۈچ سترېلكىسى يانتۇ بولىدۇ؟
- ئىنتىلنىڭ ۋىرۇس خاراكتېرلىك ئېلانى – شىركەتتە ئادەم قالمىغاندا، خىزمەتچىلەر شاشلىشىپ كېتىدۇ
- HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF
- يەرلىك شىۋىسى ئېغىر پىروگراممىچىلار
- تەتقىقاتلارغا ئاساسلاندا، كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر ھەر يىلى 5 كۈنى ۋاقىتنى كومپيۇتېرنى قوزغىتىشقا سەرپ قىلىدىكەن
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- iOS 7 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى ۋە دەرسلىك(iPhone5/5s/5c/4S/iPad)
- فرانسىيەنىڭ قىزىقارلىق ئىشلەنگەن تازىلىق قەغىزى ئېلانى – Emma
دىۋان بۇگۇن مىنىڭ بولدى بۇ قىتىملىق ئالمىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئانچە ياختۇرمىدىم ۋاي دىگىدەك ئىختىدار قىتىىلماپتۇ
ئاپلا سەللا كېچىكپىتىمەن ئەمەسمۇ
مىنى نۇسقىسنىڭ باھاسى خىلى مۇۋاپىقكەن
iPad 3 ئالايمىكىن دەپ ئويلىشۋاتقان ،iPad 4 بولدىغاندەك قىلىدۇ ،لېكىن مۇشۇ يەرگە كېلىپ بولغۇچە ۋاقىت كېتىدۇ ، بۇ يەردىكى باھا مەسىلسى تېخى ،چەتئەلدىكى دوستلارغا ھاۋالە قىلساق قانداق بولا ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزدوستلار ئالدى بىلەن سەھرايىم بلوگتىن بارلىق دوستلىرىمغا ئۇلۇغ ئاللاھتىن سالامەتلىك ۋە ئىمان تىلەيمەن، ئايىمىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە تۇرمۇشۇڭلارغا بەخىت، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق، ھەر بىر كۈنۈڭلەرگە شادلىق ۋە بەرىكەت تىلەيمەن! كۈنلۈرۈڭلار خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتسۈن، ئائىلەڭلار تىنىچ ئامان بولسۇن، شادلىق سىلەرگە مەڭگۈ يار بولغاي .
جوڭگو دوللىرىغا سۇندۇرساق 3200 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن ، بىز يەر تېرىپ ، پۇل تېپىپ بۇنى ئېلىپ بولالمىساق يا ..