iPhone 5 ئېلىشتىن بۇرۇن… بىر ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئالما تېلىفونلىرىنى ئىشلىتىش سەرگۈزەشتىلىرى
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىمۇ iPhone ئىشلىتىۋاتقىلى تۆت يىلدەك ۋاقىت بوپتۇ، 3GS تىن باشلاپ 4 ۋە 4S كىچە، گەرچە بەك سەۋدا دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما خېلى تەجرىبىلىك بولۇپ قالدىم دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن iPhone 5 ئېلىشتىن بۇرۇن، بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئورتاقلىشىپ بېقىشىم زۆرۈر دەپ ھېس قىلدىم…
iPhone 3GS
3GS ئېلىشتىن بۇرۇن، ئومۇمەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلىفون دېگەن ئاشۇ نوكىيادەك ئەقىللىق بولىدۇ دەپ قارايتىم, ئەمما ھەممىگە قادىر دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتى. كۆركەم، ئەمما ئېغىر بىلىنەتتى. كىشىگە بىردىنبىر ئارام بېرىدىغان ۋە شۇ چاغدا باشقىلارنىڭ تېلىفونىدىن پەرقلىنىدىغان يېرى، خالىغانچە ئۇسلۇب ۋە مۇزىكا ئالماشتۇرغىلى بولاتتى، كۆڭلۈمدە ئۆزۈمنىڭ تۇنجى ئەۋلاد ئەقلىفون ئىشلەتكۈچىسى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىپ يۈرەتتىم، تاكى بىر كۈنى 3GS كە يولۇقتۇم.
بىرىنچى قېتىم يانفون ئېكرانىنىڭ تىك ھالەتتىن يانتۇ ھالەتكە شۇنچە راۋان ۋە چىرايلىق ئالمىشىشىنى، مۇزىكا قويغۇچتىكى coverflow نىڭ شۇنچە پۇزۇر ئىكەنلىگىنى كۆرگەندە ئاندىن، ئەسلىدە ئەقلىفونلار مۇنداقمۇ لايىھەلەنسە بولىدىكەنغۇ دېگەن تۇيغۇغا كەلدىم. Symbian سىستېمىسى بىلەن، ئىمزا قويۇش ۋە سىستېما يېشىش بىلەن، مۇنبەر ئارىلاپ SIS ۋە SISX ھۆججىتى ئىزدەش بىلەن خوشلاشتىم، ئەسلىدە ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفوننى مۇشۇنداق ئارامخۇدا ئىشلەتسىمۇ بولىدىكەن. ئەلۋەتتە، ھېلىھەم مۇنبەرلەردە ياكى ئەتراپىمدىكى ھەۋەسكارلارنىڭ يۇمشاق دېتال، تۈرمىدىن قاچۇرۇش ھەققىدىكى پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن.
ئۇ چاغلاردا دۆلەت ئىچىدىكى يۇمشاق دېتال ئاچقۇچى شىركەتلەر ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلمىغان، iTools يوقتى، iFunbox يوقتى، پەقەت Cydia ھەم تېخى ئېلان قىلىنغىلى ئۇزۇن بولمىغان 91 يانفون ياردەمچىسى بارتى. يانفوندىكى ئەڭ چوڭ لەززەت بولسا، App Store دىكى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىدىكى ئويۇنلارنى ئويناش ئىدى، يەنە ئەل ئۇيقۇغا كەتكەندە ئانچە مۇنچە كىتاب كۆرۈپ قوياتتۇق. ئۇ چاغلاردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ سانى خېلى مول ھەمدە ھەرقايسى تۈرلەرمۇ خېلىلا پىشىپ يېتىلگەن ئىدى، پەقەت App Store غا Visa ياكى ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئادرېسى ئارقىلىقلا تىزىملاتقىلى بولاتتى، بىر تال App Store ID نى قانداق ئىلتىماس قىلىشمۇ خېلى ئۇزۇن مۇنازىرە تەلەپ قىلىدىغان تېما ئىدى.
iPhone 4
مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا Retina دېگەن ئۇقۇم ئېلان قىلىنغان چاغدا، ئانچە بەك دىققەت قىلىپ كەتمىگەن، پەقەت ئېكران ئېنىقلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپتىغۇ شۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ ئىشنى قايتا ئەسكە ئالغان چاغدىلا ئاندىن بۇ نەرسىنىڭ iPhone نىڭ شۇئارى – دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە ئوخشاش بىر ئۇقۇم ئىكەنلىگىنى بايقىدىم. تېخىمۇ تېز بولغان CPU، تېخىمۇ يۇقىرى پېكىسسېللىق كامېرامۇ قارىماققا ئاشۇ يېڭى ئېكراندەك كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلالمايتى، بۇ خىل تۇيغۇ پەقەت ھەقىقىي ئىشلىتىپ باققان ئادەمدە بولىدۇ، يەنى سىز بىر دانە 3GS ۋە 4 نى بىر يەرگە قويۇپ ئېكرانغا قارايدىغان بولسىڭىزلا شۇنچىلىك زور پەرقنى ھېس قىلىسىز.
تاكى ھازىرغىچە، iPhone 4 نى ئىشلەتكەن يانفونلىرىم ئىچىدە ھەممىدىن ياخشىسى دەپ قارايمەن. 5 مىليون پىكېسسلىق كامېرا بىلەن 16G دىكى سىغىم ئىنتايىن مۇۋاپىق بولۇپ، ئەينى چاغدىكى قوغلىشىدىغان سەپلىمە ۋە سۈرەتكە تارتىش، كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجىغا دەل ماس كېلەتتى، سەپەرگە چىققاندا سىغىم يېتىشمەي قېلىشتىن ئەنسىرىمەيتۇق، 720P ئېنىقلىقتىكى سۈرەتكە ئېلىش ئىقتىدارى تامامەن ھاجەتتىن چىقاتتى، كېيىن چىققان 4S تە بولسا، سۈرەتكە ئېلىشتىن بۇرۇن سىغىم يېتىشەمدۇ يېتىشمەمدۇ ياخشىراق ئويلاشمىسا، كېيىن ياخشىراق مەنزىرە ئۇچراپ قالسا بېشىدىكىسىنى ئۆچۈرىدىغان قاملاشمىغان تاللاشقا دۇچ كېلەتتۇق. 4 ۋە 4S ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش، چۈشىنىپ بولمايدىغان بىر خىل ئازاپقا ئايلاندى.
iPhone 4S
ئالدىنقى يىلى، 4S يېڭىلا سېتىلىشقا باشلانغان ۋاقىتتا، ھايانكەشلەرنىڭ بايرىقى ئاستىدا، ئەسلىدە باھاسى ھەر ھالدا يامان ئەمەس بىر تېلېفون، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ بىراقلا بىر ئاپەتكە ئايلاندى. 4 كە قارىغاندا 4S بەلكىم ئىقتىدار جەھەتتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇ تارىختىن بۇيانقى سېتىلىشى ئەڭ كۆپ بولغان iPhone بولۇپ قالدى. كۆپچىلىك ھەممىسى ئۇنىڭ ئىشقىدا سەۋدايى بولۇشتى، ئانچە كارغا كەلمەيدىغان Siri ئۈچۈن، 8 مىليون پېكىسسېللىق كامېرا ئۈچۈن ۋە كۆپچىلىك بىلەن تەڭ مودا ئېقىمغا ماسلىشىپ مېڭىش ئۈچۈن…
بۇ چاغدا مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى ئالمىنىڭ تەمى ئازراق ئۆزگىرىپ قالغان ئىدى، خۇددى بۇرۇن كۆرۈپ بولغان سېھرىگەرلىك ماھارىتىدەك، سېھرىگەر ئەمدىلىكتە كۆرسەتمەكچى بولغان مۆجىزىنىڭ سىماسى ئاللىقاچان كاللىمىزدا شەكىللىنىپ بولغان، قايتا ئەجەپلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۆزىمىزنى بېسىۋالالماي كۆپچىلىك بىلەن بىرگە سېھرىگەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئۈچۈن چاۋاك چالاتتۇق.
بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا 4S ئىشلىتىپ قالدىم، تېلىفوننى قولغا ئېلىپ قىلغان تۇنجى ئىشىم، ئۆزىدىكى سىنغا ئېلىش يۇمشاق دېتالىنى، 720P لىق سىنغا ئالىدىغان ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتالىغا ئالماشتۇرۇش بولدى، پەقەت ئۆزەمنىڭ مۆلچىرىنىڭ خاتا بولۇشى تۈپەيلى، 4S دەۋرىدە 16G لىق سىغىمنى ئاللىقاچان يېتىدۇ دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن ئۈچۈنلا شۇنداق بولدى. Siri نى بولسا ئېچىپ بىر ھەپتە بولىشىغىلا يۇۋاشلىق بىلەن تاقىۋەتتىم، ئېنگلىزچە ئادەتتىكىدەك ھاجىتىمدىن چىقالىساممۇ، ئەمما بۇ ئوقەتنىڭ ھېچبىر جانغا ئەسقاتقۇدەك يېرىنى بايقىيالمىدىم، بۇنىڭ سەۋەبى يەنىلا ئاخىرىدا «بۇ تېخى Beta نەشىرى» دېگەن بىر جۈملە سۆزگە يۈكلەندى. ئالمىنىڭ ئىلگىرىكى يۇقىرى دەرىجىدىكى ئۆلچەملىرىگە نىسبەتەن، كۆڭلۈمدە ئازراق چۈشۈش ھېسىياتى پەيدا بولۇشقا باشلىدى، لېكىن شۇنداقتىمۇ قولۇمدىكى قولۇمدىكى بۇ تېلىفوننى خۇشاللىق بىلەن قەدىرلەپ كېلىۋاتىمەن.
iPhone 5
شۇنداق قىلىپ، بىز زادى iPhone 5 گە ئېھتىياجلىقمۇ ئەمەسمۇ؟ سېتىلغان چاغدىكى قايناق مەنزىرە، ئالما مەستانىلىرى، ئۆچىرەت تۇرۇۋاتقان ھايانكەشلەر، ھەرخىل سىناش دوكلاتلىرى، يېڭى يانفونغا بولغان تەقەززالىق قارىماققا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا خېلىلا پەسەيگەندەك قىلىدۇ، بەلكىم كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ئالدىراشقا چۆمگەن بولۇشى، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرىدىغان ئىشلار كۆپەيگەن بولۇشى مۇمكىن، ۋە ياكى بەلكىم Android يانفونلىرىنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك بولۇپ كەتكەنلىگى، تېخىمۇ تۆۋەن باھا بىلەن iPhone بىلەن ئوخشاش، ھەتتا iPhone دىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئىقتىدارلارنى ئۆزىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن، يەنە Lumia 920 بىلەن تەڭ چىققان WP8، مەيلى مەشغۇلات راۋانلىقى جەھەتتىن بولسۇن ياكى باشقا جەھەتتىن كىشىگە بەرگەن ھاياجىنى، قارىماققا iPhone 5 نىڭ كىشىگە ئېلىپ كەلگەن لەززىتىدىن خېلىلا يۇقىرىدەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ، يەنىلا iPhone غا رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايمەن. ناۋادا ئۇ بولمىغان بولسا، بەلكىم ئەقلىي تېلىفون بازىرى قىسقىغىنە 5 يىل ئىچىدە بۇنچە قىززىپ كېتىشى، سېزىمچان ئېكران دېگەن نەرسە بۇنچە تېز تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشى، ئۇچۇر دەۋر تەرەققىيات ھالىتى بۇ ھالەتتە بولۇشى ناتايىن ئىدى، شۇنداققۇ؟
توردىن تەرجىمە قىلىندى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، iPhone
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,726 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone-using-feelings.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئالما شىركىتى ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى iPad mini ۋە 4-ئەۋلاد iPad نى رەسمىي ئېلان قىلدى!
- كېيىنكى يازما > يېڭى ئالغان iPhone 5 نىڭ سىرى چۈشۈۋاتامدۇ؟ ھېچقىسى يوق، بۇ مەسىلىنى بىز ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلماقچى!
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- iPhone بىزگە زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
ئوبدان يېزىلغان ماقالىكەن، ئايفوننى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەن ئابدۇرېشىت ئېلى، پاسىبان قاتارلىق تورداشلارنىڭ ھېسىياتلىرىنىمۇ ئاڭلاپ باقساق بولاتتى
مەن ئانچە چۈشىنىپ كەتمىدىم ئالمىنى…
بۇ ئايفون دېگەننى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيمەن جۇمۇ،
مەنمۇ 4s نى ئىشلىتىۋىرىمەن دەپ ئويلاپ يۈرگەن كۈنلەردە بىر بۇرادىرىم «4s نى ماڭا سېتپ بېرىپ iPhone5 ئال» دېسە ھە دەپ 4s سېتىپ iPhone 5 نى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن (مەن سېتىۋالغىنى دۆلىتىمىزدىكى بارلىق خەۋەرلىشىش كارتىلىرىنى بىمالال قوللايدىغان ئامېرىكا قۇلۇپسىز Verizon نۇسخىسى)…
ھۇزۇرىغۇ باشقچە… مەن بارغانچە ھېس قىلىۋاتىمەنكى، ئالما تېلېفونلىرى ئادەمنى ساراڭلا قىلىپ قويىدىكەن، ئۇنىڭغا بارغانچە باغلىنىپ قالىدىكەنسىز… بۇنىڭدا زادى نېمە سىر باردۇر؟
پايدىلىنالايدىغان ئادەمگە ھەقىقەتەن ياخشى نەرسە ، ئۇقمىغان ئادەمگە شۇ بىرسى – بىرسىگە كۆز – كۆز قىلىدىغان قىممەت باھالىق تېلىفۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن .
ماڭا كۈندە نەچچە قېتىم ئۇھ ……….. دەيدىغان ئىشلاردىن نەچچىسى ئۇچىراپ تۇرىدۇ …..
ماڭىلا يازان ئوخشىمامسەن تەدبىركار دوستۇم بۇ تېمىنى ؟
تەدبىركار يازماپتۇ ، ھەۋەسكار يېزىپتۇ ( تەرجىمە قىلىپتۇ ) بۇ تېمىنى ، ئاندا ئۇۋال قىلمايلى ….
بېشىدىكى مەزمۇنلاردا خۇددى مېنى دەۋاتقاندەكلا ھېس قىپ كەتتىم. ئەقىللىق تېلېفونغا قىزىقىشىم نوكىيانىڭ ھېلىقى بودەك تېلېفونى(تىپى ئېسىمدە قالماپتۇ) يېڭى چىققاندا سېتىۋالغىنىمدىن باشلانغان. ئەگەر ئۇنىڭدىن بۇرۇن Sony Ericsson نىڭ 2003 ئېلان قىلغان T618 دېگەن Java قوللايدىغان تېلېفونىنىمۇ كىرگۈزسەك ئاشۇنىڭدىن باشلانغان بولىدۇ. شۇنىڭدىن بۇيان بىر نەرسە قاچىلىغىلى بولىدىغان تېلېفوننىڭ ئارقىسىدىن پايلاپ كۆپ تېلېفون ئالماشتۇرۇپ كەتتىم. تاكى بىر كۈنى ئۇكامنىڭ قولىدىكى بىرىنجى ئەۋلاد iPhone نى كۆرگەندە تېلېفون دېگەن مۇنداقمۇ بولىدىكەنا دەپ ھەيران قالدىم. ئىچىدىكى ئويانلىرىنىڭ سەتەڭلىكى، بولۇپمۇ Bejeweled دېگەن بۇ ئويان ماڭا دەھشەت يېقىپ كەتتى. دەسلەپتە iPhone غا كىرىشىمغا مۇشۇ ئويان سەۋەب بولدى دېسەكمۇ بولىدۇ. مەنمۇ 3GS تىن باشلىغان. كىيىن 4 كە چىقتىم. 3GS تىن 4 كە چىققاندىكى ھاياجىنىم ماقالىدىكىگە ئوخشايدۇ. دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ سۈزۈك ئېكران بولىدىغانلىقىغا ھەيران قېلىپ، ئالمىغا تېخىمۇ ئىشتىياق باغلاپ كەتتىم. بلوگىمنىمۇ iPhone 4 ئىشلەتكەندىن بۇيان مۇشۇنداق بىر نەرسىنى مۇنازىرىلىشىدىغان بىر جاي بولىشى كېرەككەن دەپ ئاچقان (ئاخىرىغا بىكارلىق ئېلان قىستۇرىۋالاي)
مەنمۇ دەسلىپىدە 1-ئەۋلاد تېلىفۇندىن باشلىغان ئىدىم ، ئۇنىڭدىن كېيىن 3GS كە چىقتىم ، 3GS ئىشلىتىۋاتقان ۋاقىتتا 4s تىن بىرسى ئۇچىراپ قېلىپ تېلىفۇن ئىككى بوپ قالدى ، 4s كە قارىساملا 3GS نى قولۇمغا ئالغۇم كەلمەيتى ( 4s نىڭ ئىكرانىنىڭ سۈزۈكلىكى ، سۈرئىتىنىڭ ئىتتىكلىكى سەۋەپلىك ) لېكىن بۇ نەرسىنىڭ توكىنىڭ يەتمەيدىغان يېرى پەقەت بولمايدۇ .
ئەمدىكى پىلان iPad mini نىڭ باھاسى سەل تۆۋەنلىسە ن iPad mini دىنلا بىرنى ئېلىپ ، تېلىفۇنغا – توكى 4-5 كۈن يېتىدىغان تېلىفۇندىن بىرنى تۇتۇپ ios خۇمارىمنى iPad mini دا بېسىقتۇرايمىكىن دەيمەن …
جەمئىي 4 ئەۋلاد ئايفون ئىشلىتىپ بېقىپتىمەن.ماڭا ئەڭ يارايدىغىنى يەنىلا iphone4 . يېڭى iphone5 دەپ سېتىۋالغانغا چۇشلۇق نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلنالمايدىكەنمەن.تۈرمىدىن قاچۇرۇش تېخى بىر زامانلاردىكى گەپ.ئاستا يەنىلا شۇ كونىغا قايتتىم.ئەپسۇس.بلوگ ماڭدۇرۇشقا ۋاقىت يوق.بولمىسا iphone5 توغۇرلۇق خېلى پاراڭلار بار ئىدى.ياخشى يامان تەسىراتلىرىمنى كىيىنچە ئورتاقلىشارمىز.ئەمما تەۋسىيەرىم 6000 يۈەن خەجلەپ يېڭى ئەۋلاد سېتىۋېلىشقا ئەرزىمەيدۇ.ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كىيىنكى تەسرات.
يەنىمۇ تەپسىلىيراق بىر توختىلىپ باقمامسىز؟ شۇ باھانىدە يازما تېخىمۇ پۈتۈنلۈككە تولسا ئەجەپ ئەمەس
ئايفوندىكى ئەڭ پەرق 3Gs بىلەن 4 تە بەكرەك گەۋدىلىنىدۇ. بىراق ماۋۇ ئايفون 5 تىكى يېڭى ئىقتىدار ۋە سۈرئەتنىڭ تېزلىكى، شۇنداقلا ئېكراننىڭ مۇۋاپىق (4 سۇڭدىن ئېشىپ كەتكەن ئېكرانمۇ بەك چوڭ) دەرىجىدە چوڭايتىلىپ يەنىلا بىر قولدا بىمالال مەشغۇلات قىلغىلى بولۇشى قىزىقىدىغانلارنىڭ يەنىلا 5 نى سېتىۋېلىشغا ئوبدانلا باھانە بولالايدۇ.
بۇ مېنىڭ قارىشىم.
بىزمۇ تېخىچە ئايفون 4 تە يۈرۈۋاتىمىز
مەنمۇ دەھشەت كۆنۈپ كېتىپتىمەن ، ئاندىرويد تېلفۇنغا قەتئى كۆنەلمىدىم … ئەنسىرەپ قالدىم … بىز ئۇنىڭغا شۇنچىلىك كۆنۈپ كېتىپتىمىز … ئاخىردا ئالما شىركىتى بىز ئىستىمالچىلارنى ئۆزىگە قۇل قىلىۋالماس ھە ،،، ھېلىقى ۋېل سىمىتنىڭ بىركىنوسى بارغۇ «مەن ۋە ماشىنا ئادەم» دەيدىغان …
سىز قانداق بىلىۋالدىڭىز… شۇنداق بولىدىكەنغۇ كېيىن…
تەقلىدى ئايفۇن ئېلىپ ئوينىغاندىن كۆرە ،راست ئايفۇن ئالغان ياخشى.ئايفۇن ئۇيغۇرچە يېزىقىنى قوللاشتا خېلى ياخشى دەپ قارايمەن.
iPhoneسى يوق ياش،تام تۈۋىدىكى تاش
-نۇرنىجات ھېكمەتلىرى
ۋاي خۇدايىمەي، مەن شۇ ئاغىنەمنىڭ ئالما تېلېفونىنى بىر ئىككى سائەت ئويناپ باققاننى ھېساپقا ئالمىغاندا تېخىچە شۇ ئاندرويىد بىلەنلا ھەپىلىشىىپ كەپتىمەن، ھامان بىر كۈنى ئالما تېلېفون ئىشلىتىپ باقمىسام خەپ….
مەنمۇ ھازىرغىچە 4-ئەۋلات ئالما ئىشلىتىۋاتىمەن….جەمىى 4ئەۋلات ئايفون ئىشلىتىپ بېقىپتىمەن….ماڭا ئەڭ يارىغىنى يەنىلا ئالما 4
مەن تىخىچە ئالما ئەمەس ھەتتا ئاندىروئىد تىلىفۇنىنىمۇ تۇتۇپ باقمىدىم ئاشۇ ئاندىروئىدنىمۇ يىراقتىن كۆرگەننى ھىساپقا ئالمىغاندا ئىشلىتىۋاتقىنىم يەنىلا شۇ 30 سومغا ئالغان كىسەك تىلىفۇن …………
مەنمۇ 3gsنى ئىشلىتىپ بىر يىلچە ھۇزۇرىنى سۈردۈم ھەمدە ھەپىلىشىپ يۈرۈپ نۇرغۇن تېخنىكىنى ئىگلىۋالغانتىم ئەمما ئاخىردا شۇ تىلفۇننىڭ سىغىمى يىتىشمەي ئاخىردا ئەندىروئىد قا كۆچۋالدىم قارسام بۇ مۇ بولدىكەن ئويۇن ئوخشاش ئەمما ئالمىدەك كۆپ قوللانما يوقكەن ۋە ياكى يىڭىلىنىش تىز يىڭى مەزمۇنلار بەك ئاز دەمدۇق ئىشقىپ ھەممىسىنىڭ ئۆزگە چۇسلۇق پايدا زىينى باركەن دەپ قاردىم
ASUS PadFoneبۇمۇ يامان ئەمەس تېلىفۇن بولمىسا ،مۇشۇنى ئىشلىتىشنى ئويلاۋاتىمەن.سىلەرچە بۇلامۇ،ھەم تېلىفۇن ھەم تاختا كومپىيوتېر قىلىپ ئىشلەتكىلى بۇلدىكەن.
ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن ياقتۇردۇم ھە !\
مەن تېخى تەدبىركار يازغان ماقالىمىكىن دەپتىمەن…
مۇشۇ كەمگە كەلگۈچە ھېچ ئالما تېلىفۇنى ئىشلىتىپ باققىنىم ئېسىمدە يوق جۇمۇ…
ئاندروئىد يانغۇنلىرىغا بۇرۇندىن تارتىپلا كۆنۈپ قاپتىكەنمەن
ئەمدىلىكتە 4س ئالاي دەپ تۇرسام 5 چىقىپ بازىرى خېلىلا ياخشى بولۇپ كېيىن بىراقلا توردا ئۇنداقكەن مۇنداقكەن ھەم ئەتراپىمدىكى دوستلارنىڭ بەزىللىرى ئالما 5 نى سېتىپ يەنىلا . ئالما4س نى ئېلىۋاپتۇ شۇنىڭغا قاراپ بۇمۇ بولماپتۇ دەپ قولۇمدىكى Galaxy S3 زىيىنىغا سېتىپ ھازىر Galaxy Note II نى ئىشلىتىۋاتىمەن بۇ تېلىفۇننىڭ ئېكران سۈزۈكلىكى ھەم باتارىيەسىنىڭ ئۇزاقرەك يېتىشى ماڭا بەك ئەرزىدى
بولمايدىغان تەرەپلىرى سەل چوڭرەك ھەم ئاسانلا قولدىن چۈشۈپ كىتىدىغاندەكلا بىلىنىپ قالىدىكەن ئادەمگە
بىر چوڭ قىشنى كۆتۈرۋالغاندەكلامچۇ
ئەمما سامسۇڭنىڭ تېلىفۇنلىرىغا قول قۇيىمەن جۇمۇ
ئالمىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئارىسىدا ئىپادنى كۆپرەك ئىشلىتىپتىمەن شۇ ئەمما ئۇنىڭمۇ ھۇزۇرى باشىقىچە
سۆزۈم تامام
ئالما مەستانىللىرى ئارىسىدا ئاندروئىدنىڭ پاراڭلىرىنى سېلىپ قويدۇم كۆڭلۈڭلارغا ئالمايسىزلەر ھە ئالمىچى بوۋايلار …
مەن يېقىندا تېلفۇن ئالماشتۇرماقچى ئىدىم. ھازىرقى يانفۇنۇم ئوۋشىن ماركىلىق. بۇ تېلفۇننى 1يىل ئىشلىتىشىمنىڭ سەۋەبى ‹ئاپتۇماتىك ۋاقت توغرىلاش› سىستىمىسىدا ‹ئۈرۈمچى ۋاقتى› دەپ بىر ئىقتىدارنىڭ بولغانلىقىدا ئىدى.
مەن ئەسلى ئاندىروئىد ئالماقچى ئىدىم، كۇپەي ياكى خۇاۋېي يانفۇنلىرىنىڭ سەپلىمىلىرىنى توردىن ئىزدەپ يۈرەتتىم. بۈگۈن بۇ تىما ئۇچراپ قالدى.
ئالما4 بىلەن 4س نىڭ پەرقىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلا بەك مىننەتدار بۇلاتتىم. يۇقىرىدا ئىكراننىڭ سۈزۈكلىكىدىن باشقاگەپ بولۇنماپتۇ. 4س گە تېلىگرافنىڭ كارتىلىرىنىمۇ سالغىلى بولىدۇ دەيدۇ پەقەت شۇ تېلىگرافنىڭ كارتىسى بىلەن ئاپاراتنىڭ سۈزۈكلىكىلا بارمۇ ؟
مېنىڭ يانفۇن ئىھتىياجىم بولسا پەقەت ۋە پەقەت ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە بىمالال چىقالايدىغان. سىگنالى تۇراقلىق، باتارىيەسى بىرەر كۈن يەتكۈدەك،بولسىلا بولاتتى. يەنە خىزمەت ئىھتىياجى سەۋەبلىك فېيشىننى ئاچقىلى بولىدىغان ئېكسئېل دىكى ھۆججەتلەرنى ئاچقىلى بولسىلا … (مېنىڭچە بۇ بەك ئاددى تەلەپ)
ھازىر ئالما4 نىڭ بازار باھاسى 2500 يۈەن دەيدۇ. بۇ باھا نۇرمال باھامۇ ياكى قېپى يېڭىلانغىنىنىڭ باھاسىمۇ سەل گۇمانلىنىپ قالدىم
ئالما تېلفۇننىڭ ھەممە ئىقتىدارى بۇلىدۇ لىكىن بىرلا ئاجىزلىقى سىگىنالى تۆۋەن . مەن 3GS تىن باشلاپ ئىشلەتكەن . ماڭا ئەڭ يارايدىغىنى يەنىلا شۇ 4s ئاپىراتى بەكلا سۈزۈك تارتىدۇ كاساپەتنىڭ ئۇيۇن ئېچىلىش تورغا چىقىش سۈرئىتىمۇ شۇنداق ياخشى . سىگىنال ئاجىز بولغاچقا سېتىۋېتىپ ھازىر ئاندىرويىدقا كۈچىۋالدىم . بىر يەرلىگە كۈنەلمەيمەن . ئالما تېلفۇننىڭ مەشخولاتىغا كۈنۈپ قالغان ئادەم ئاندىرويىدقا ئاسانلىقچە كۈنەلمەيدىكەن . لىكىن سىگىنالىنىڭ ياخشىلىقىنى دەپلا يەنىلا شۇ ئاندىرويىد ئىشلىتىدىغان ئوخشايمەن ،.
appel id نى قانداق ئىلتىماس قىلىدىغاندۇ .پەقەت ئىلتىماس قىلالمىدىم ،
(iTunes قا) ھەقسىز Apple ID تىزىملىتىش دەرسلىكى
سىز راسلا ئالمىغا نىسپەتەن زور چۈشەنچىگە ئىگە بوپسىز.
ئالمىنىڭ مۇكەممەللىك ھاياتى ,4,ۋە 4س بىلەن ئاخىرلاشتىمىكى دەيمەن
iTunes ئارقىلىق ئايفونغا مۇزىكا قاچىلاش
ئاندىرويىدنىڭ تولا قېتىۋالىدىغان ئىشىدىن بەكلا زىرىكىپ 5s دىن بىرنى ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقان، 16G لىق 5S ئالسام كۆپرەك تورغا چىقىپ ۋە ئويۇن ئوينايدىغانغا سىغىمى يىتىشەرمۇ؟ ئالما ئىشلىتىۋاتقان دوستلار مەسلىھەت بەرسەڭلار.