يېڭى ئالغان iPhone 5 نىڭ سىرى چۈشۈۋاتامدۇ؟ ھېچقىسى يوق، بۇ مەسىلىنى بىز ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلماقچى!
قارا رەڭلىك iPhone 5 نىڭ سىرى چۈشۈش مەسىلىسى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن كىشىلەر ئاق رەڭلىك iPhone 5 نى تاللاشقا مەجبۇر بولدى، ئەمما زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ مىكروبلوگدا بىر تورداش دەل مۇشۇ مەسىلىگە يولۇققان، ئەمما بۇ تورداش ئىنتايىن ئۆزگىچە بىر خىل ئۇسۇل – قۇم قەغەز بىلەن ھەل قىلغان. يەنى قۇم قەغەزنى يانفوننىڭ قارا رەڭلىك گىرۋىكىگە سۈركەپ يۈرۈپ كۈمۈش رەڭگە ئايلاندۇرىۋەتكەن…
قۇم قەغەزنى سۈركەش جەريانىدا يەنە بىر مەسىلە چىققان، يەنى كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايلارنىڭ يېقىن ئەتراپى كۇنۇپكىلار سەۋەبىدىن قارا سىرنى پاكىز سۈركەپ چىقىرىۋېتىشكە ئامال بولمىغان، شۇنىڭ بىلەن خۇيى تۇتقان بۇ تورداش قۇم قەغەز بىلەن بارلىق كۇنۇپكىلارنى سۈركەپ رەڭگىنى تەڭلا كۈمۈش رەڭگە ئايلاندۇرىۋەتكەن. بۇ تورداشنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، سۈركەپ سىرى چۈشۈرىۋېتىلگەن ئاۋاز كۇنۇپكىسى ئىشلىتىشكە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone، تۇرمۇش، تېخنىكا، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: completely-solve-iphone-5-diaoqi-problems.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iPhone 5 ئېلىشتىن بۇرۇن… بىر ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئالما تېلىفونلىرىنى ئىشلىتىش سەرگۈزەشتىلىرى
- كېيىنكى يازما > ئەۋرىشىم ئىكىرانلىق يانفۇن دەۋىرى يىتىپ كەلدىمۇ قانداق ؟ | Samsung ئەگمە ئىكىرانلىق يانفۇنىنى ئاشكارلىدى
- بالا تۇغۇش تەجرىبىسى؟ گوللاندىيەلىك ئەر رىياسەتچى «بالا تۇغۇش ئاغرىق ئازابى» تەجرىبىسىگە قاتنىشىپ تويۇپ كېتىپتۇ
- كۆڭلىدىكى قىزغا قانداق يىقىنلىشىشنى بىلەلمەيۋاتقان گۈدەكلەرگە بىر قانچە ئۈنۈملۈك رىتسىپ
- دۇنيادىكى ئەڭ ئورۇق ئىسكىلىت قىزچاق! ھەقىقىي بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قېلىش دېگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ!
- 美图秀秀 نى تاشلاڭ ئەمدى، PhotoShop مۇ يانفۇنغا كۆچتى | كۆچمە نۇسخىدىكى PhotoShop Touch
- ئەمدى قول ھەركىتى بىلەنلا ماشىنىڭىزنى باشقۇرۇپ كىتەلەيسىز | يىراقتىن سىمسىز كونتىرول قىلىش ئەسۋابى MYO
- [دات!!!!!!!] Google غا نورمال چىقىشنىڭ ئۈچ تەدبىرى – Google غا چىقىش تېخنىكىلىق ئوقەت
- [بىر كىنو بىر دۇنيا] Pi نىڭ ئاجايىپ سەزگۈرەشتىلىرى – كۆرمەسلىككە نىمە باھانىڭىز بار؟
- تورخۇمارلارغا بىرقانچە دەرس | دۇنيا ھامان سىز ئويلىغاندىن جىق مۇرەككەپ
- ئۆسۈملۈكلەر ۋە جەسەتلەر ئويۇنى iPad/iPhone نەشىرى | ۋاقىتلىق ھەقسىز
- نادىر ئەسەر يارىتىش ئۈچۈن تەسەۋۋۇرلا كۇپايە | خوببېتلار فىلىمىنىڭ ئارقا سەپتىكى ئىشلىنىش جەريانى ۋە كومپيۇتېر CG تېخنىكىسى
مەن 5Sچىققاندا ئالاي ئەمسە
بالدۇرراق بىلسەمچۇ كاشكى، بىر مۇنچە پۇلغا قاپ ئالماستىم. ھە راسىت، رىۋايەتلەردىكى دىۋانە دېگەن يەر مۇشۇ شۇمۇ؟! ئايفون نۇسقىسىدا ئوينىۋەتتۇق.
قارىغاندا رىۋايەتلەردىكى ئۇ جاينى ئايفونىڭىز قوللىمايدىغان ئوخشايدۇ….
دىۋانى دىگەن شۇنچە چوڭ بىلىدىغان يەرمىكەن ؟
راس قوللىماپتۇ
مانا ھازىرلا بىرنى سېتىۋىلىپ تورغا چىقسام بۇ تېما تۇرۇپتۇ.ئاق رەڭلىكنى ئالغىنىم ياخشى بوپتۇدە.
ما مازلىقنى، يېتەرسىزلىكنى ئارتۇقچىلىق قىلىپ كۇرسىتىۋىتىمىز دەڭلا مانداق.
بىراقلا ھەممە يىرىنى كۈمۈشرەڭ قىلىۋاماپتۇ’ھاھاھا
يېرىم يىل بولابولماي سىرى چۈشۈپتىما ، مەن 4 نى ئالغىلى بىريىلدىن ئاشتى ، قارىغاندا مەن خېلى پاكىز ئىشلىتىپتىمەن ، زاۋۇتتىن چىققاندەكلا تۇرىدۇ .
مەنمۇ بۇرۇنقى ئېلجى تېلېفۇنىمنىڭ ئاشۇنداق قىلىۋەتكەن. بىراق ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۆڭۇپ قارداپ سەتلىشىپ كەتكەن. بۇمۇ شۇنداق بوپ كەتسە.
مەن بىلەتتىم مۇشۇنداق بۇلىدىغىنىنى ئالما سېسپتۇدە ھەي ئىسىت ھېلىمۇ ياخشى باشقىلارنىڭ قىززىقتۇرىشى بىلەن ئالما ئالماپتىكەنمەن بولمىسا قۇم قەغەز سۇركەيدىغان كۈنگە قالارئىكەنمەن
سىسىق ئالما دەپ ياراتمىغان بىلەن ئىشتانغا چىققان كۆڭۇلگە تايىن تىلفۇنىمىزمۇ تايىنلىق ھەقاچان؟
ئىكرانى سىزىلىنىپ سەتلىشىپ كەتسە ئەمدى دېرىزىگە ئەينەك سالىدىغانلار بىلەن ئالاقىلاشسا بولغىدك دەڭلا
ۋەيرانە بۇرادەر تېلفۇنۇم ئالما بولمىسۇمۇ ئۈچ يۇلتۇزنىڭ خېلى ئالدىنقى قاتاردىكى مەھسۇلتلىرىنىڭ بىر كەچۈرسىز ماختىنىۋالىدىغان بولدۇم بىر ھەپتە بولغان ئىدى 三星 I9228 نى سېتىۋالغىلى . سەل چوڭلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ھەر ھالدا ماڭا يارىدى .
ئەنجىروي دىمەي ئەنجۈر دىسەك ياخشىدەك قىلىدۇ جۇمۇ .
ئالما سىستېملىق،ئەنجۈر سىېتىمىلىق دەپ تىلفۇن بازىرىنى مىۋە-چىۋە بازىرى قىلىۋىتىپ مانا…
قۇم قەغەز سۈرۈشكە قانداق پېتىغاندۇ ؟
ئالمىنىڭ پوستىنى ئاقلاپلاۋېتىپتىغۇ! بىزمۇ ماۋۇ ئەنجرويىدنىڭ يېشىل چاپىنىنى سالدۇرۋېتىمىزمۇيا باللا، ھاھا……
بۇلا تىلفۇننى سىرلىغىچە تىلفۇن ماتىريالىنىڭ رەڭگىنى تەڭشىسە بولمامدىغاندۇ؟
بۇ قۇم قۇغەز ئالاھىدە ئىشلەنگۈن كۆگەنلا قۇم قەغەزنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ
قارا سىرى بار ھالىتىدىن ، ھازىرقى رەڭگىدىكى ھالىتى باشقىچە پەيزى كۆرۈنىۋاتىدا كۆزۈمگە
تېلفۇن نۇسقىسدا ئىنكاس يېزىپ باقاي.قانداراق چىقىدىكىن؟
بالدۇرراق كۆرگەن بولسام، ئېقىنى زىنھار ئالماسىدىم…