تارىختىكى ئەڭ قاتىل iPad ساتقۇچى! قارىغاندا iPad نىڭ سېھرى كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش خېلىلا تەستەك قىلىدۇ!!!
بىر نەپەر مال ساتقۇچىنىڭ ئىنتايىن ئۆزگىچە بولغان سېھرىگەرلىك ماھارىتى ئارقىلىق خېرىدارلارغا iPad نى تونۇشتۇرۇشى، قالتىس! تۆۋەندىكىسى دەل بۇ «سىرلىق» مال ساتقۇچىنىڭ iPad سېتىش تېخنىكىسى ھەققىدىكى سىن. سىندىكى ئۆزىڭىز چۈشەنمەيدىغان چەتئەلچە تىلنى ئاپتوماتىك سۈزىۋېتىپ، كۆزىڭىزنى ئېكراندىن ئۈزمەي قاراپ تۇرسىڭىزلا بولدى!
ئەقىللىق تورداشلار سۈرەتكە قاراپلا بۇ سېھرىگەرنى تونۇۋالدىغۇ دەيمەن؟ شۇنداق. بۇ ئىلگىرى تورخۇماردا تىلغا ئالغان، مەخسۇس iPad ئارقىلىق سېھرىگەرلىك قىلىدىغان سېھرىگەر Simon Pierro. تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق سېھرىگەرلىك قىلىش Simon نىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۇ 2004-يىلىدىن باشلاپ سېھرىگەرلىكتىن ئىبارەت بۇ ساھەگە قەدەم باسقان. ئۇنىڭ YouTube دىكى iOS 5 سېھرىگەرلىك ماھارىتى 3 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق چېكىلگەن ھەمدە گېرمانىيەنىڭ «ھەپتىلىك شەخىس» پروگراممىسىغا تەكلىپ قىلىنغان. ھازىر ئۇ يەنە بىزگە يېڭىچە ماھارەتلىرىنى ئېلىپ كەپتۇ.
Simon نىڭ ئىلگىرى ماھارەتلىرى:
سېھرىگەر Simon يەنە ئوتتۇرىغا چىقتى! بۇدا ئۇ تېخى ئېلان قىلىنمىغان iPad3 نىڭ كارامىتىنى كۆرسەتمەكچى!
iOS 5 ئېلان قىلىنماقچى! يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone 5 ۋە iPad 3 كۆزلىرىڭىزنى ئالداپ قويۇشى مۇمكىن!!!
تارىختىكى ئەڭ قاتىل iPad ساتقۇچى:
Simon نىڭ باشقا ماھارەتلىرى:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPad، سېھرىگەر، سېھرىگەرلىك، قالتىس
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,182 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: introduce-ipad-via-magic.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 2012-يىلى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن 10 چوڭ نادىر Super Bowl ئېلانى، بۇنداق ئېلان قويۇپ بەرسە ھېچكىم زېرىكمەيدۇدە؟!
- كېيىنكى يازما > ستۇدېنتلارغا تەتىلدە قىلىدىغان ئىش چىقتى، 2012-يىلىدىكى 100 يۈرۈش كىنونىڭ جۇغلانمىسى ۋە تىزىملىكى
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- كەلگۈسىدىكى ئويۇن دۇنياسى – دەۋر ھالقىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئويۇنچۇق Virtuix Omni
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى – خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ دۇنياغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ
- بېشىدا ياڭاق چېقىپ دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان پاكىستانلىق يىگىت [V]
دېۋان
مەن ئالما مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىپ بولالمايدىغان ئوخشايمەن،توغرىسى مىنىڭ خىز مەت شارائىتىمغىمۇ ماس كەلمىگىدەك . چۈنكى قۇشۇمچە باتارىيىسى يوق
200 سومغا 7500 لىك توك ساقلىغۇچتىن بىرنى ئالسىڭىز ئەممە بىر ھەپتە توكىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ… كەمچىلىكنى ئالدىراپ تاپقىلى بولمايدۇ دەيمەن، شۇ يېڭى قاپتىن چىقارغاندا Android بىلەن چىقامدۇ دېمىسىلا…
قوشۇمچە ماي بولمىسا يۆتكىلىشچان باتارىيە ئالسىڭىز بولىدىغۇ!
ئۈستىدىكىنى ئىشلەشكە بەك -بەك كۆپ زىھىن سەرپ قىلىپتۇ. مەن بەكلا قايىل بولدۇم بۇ سىمۇنغا.
بۇ ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشكە مەن سەل ئاجىزلىق قىلىدىكەنمەن يەنىلا مۇشۇ ئاندىرويىدقا كۆنۇپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ
مەن يىراق بىر يېزىدا ئىشلەيمەن ، توك توختاپ قېلىشىنىڭ بۇ يەرنىڭ ئىسىل ئەنئەنىلىرىدىن بېرىى، ئىدارىنىڭ تېلفونى قۇبۇل قىلىنمىسا ئايلىق خۇلاسىدە كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇپ نەچچە ۋاراقنى تاشلاپ قۇيۇپ چىقىمىز، شۇڭا ئاندىرويد سېستىمىلىق يانفونۇمغا سەككىز باتتارىيەنى سەپلەپ ئىشلىتىۋاتىمەن !
يەنە بىرسى ئالما تېلفون يىلدا يېڭلىندۇ ،ھازىر ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى ئالسڭىز ، كېلەر يىلى يەنە بىر نۇسخا چىقسا ، ئۈزىڭزڭىزنىڭكىگە خەكنىڭكىگە قارايدىغان ئىش چىقىدۇ ، يېڭىسىنى ئالاي دېسىڭز قولىڭزدىكى بىر ئوبدان تۇرغان ، پەرىق كىچىكىنىلا ، يەنە شۇ كۇچارنىڭ سوپىنى ياخشى دەپ ئەرزان ئاندىرويىد يانفونلىرى مۇۋاپىقكەن ، قىسقىسى ھاجىتىمىزدىن يامان ئەمەس چىقىدۇ ئەمەسمۇ !
بۇ ھۈنەرلەرنى دۆلىتىمىز يانفون بازىرىدىكىلەر ئۇقۇپ قالمىسۇن ھە، ئوخشۇتۇپ ياسالغان iPad لارنى ھارۋىسى بىلەن تۆكۈپ ساتىدىغان ئىش چىقىدۇ…..
بۇلار iPad نىڭ ئىچىگە راستىنلا پىۋا قاچىلاشتىن يانمايدۇ، ياكى پىۋا قۇتىسىنىڭ ئۈتىگە iPad دەپ يېزىۋىلىشتىن قىلچىلىكمۇ تەپ تارتىپ كەتمەسلىكىمۇ مۇمكىن
ئۈستىگە دېمەكچىتتىم باللا جۇمۇ… نېمىشقا تەھرىرلەش ئىقتىدارى يوق… تاماشىبىن دېگەن ئاداشقا 2 قېتىم ئۇچۇر كەتتى مانا بىكاردىن بىكار
سېھرىگەرلىك ئۈگۈتىدىغان فىلىملارنى جىق كۆرۈۋەتكەچكە پەقەت كۆرگۈم كەلمەس بوپ قالدى مۇشۇ سېھرىگەرلىكنى …..
قارىغاندا ماۋۇ ئاداش 21-ئەسىردە تاختاكومپىيۇتېر بىلەن سېھرىگەرلىك قىلمىغان سېھرىگەر ياخشى سېھرىگەر ئەمەس ! دىگەن ماقال-تەمسىلنى چۈشىنىپ قالغان بولسا كېرەك
IPadتە مۇشۇ ئىقتىدارلار بولسا….(تەسەۋۇرشۇناسلار تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار)
پۇرچاق ئەپەندىمگە ئۇخشاش ئادەشكەنغۇ بۇ ؟!
دەششەتكەن مەن تورخۇمۇمارغا راستلا ىۇمار بوپقالدىم
شۇ ipad. iphoneلانى زاپچاسلىرنى دولىتىمىز ئىشلەپ چىقىردۇ،دولىتىمىز شۇنداق ئوخشۇتۇپ ياسغاشقا، دولىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئەرزان ئىقدىدارى ياخشى تىلاۇنلانى ئىشلىتىۋاتىدۇ، ipad. iphoneلارنىڭ نەرىگە ئامراقتۇسىلە،بۇلانىڭ ئالاھىدىلىكى ماركىلىق كىيىم بىلەن ماركىسىز كىيىمدەكلا ، ماركى سى لا پۇل،باشقا ئالاھىدىلىك لىرى ئاساسەن ئوخشاش