نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

سېھرىگەر Simon يەنە ئوتتۇرىغا چىقتى! بۇدا ئۇ تېخى ئېلان قىلىنمىغان iPad3 نىڭ كارامىتىنى كۆرسەتمەكچى!

simon_ipad3_magic

ئالما شىركىتى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 0 دە ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى iPad3 نى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتى يەنە بۇ يېڭى سىرلىق مەھسۇلاتقا تىكىلدى. ئالما مەھسۇلاتلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى، شۇ يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرى بويىچە يېڭى مەھسۇلاتنى پەرەز قىلىپ باقىدۇ. خۇددى ئىلگىرى Apple ھەۋەسكارلىرى ئۆزى ياساپ چىققان iPad2 دەك…

بۇدا، گېرمانىيەلىك سېھرىگەر Simon Pierro مۇ بۇ سەپكە قېتىلغان بولۇپ، بىز ئىلگىرى تورخۇماردا ئۇنىڭ iPad ھەققىدىكى سېھرىگەرلىك ماھارىتىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق. يېقىندا ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭىچە نومۇرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۆز تەسەۋۋۇرىدىكى كېيىنكى ئەۋلاد iPad نىڭ قانداق ئىكەنلىگىنى سېھرىگەرلىك ماھارىتى ئارقىلىق ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنداپ چىققان. Simon نىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى iPad3 بولسا تېخىمۇ قېلىن، تېخىمۇ ئېغىر، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى Retina ئېكران سەپلەنگەن، iCloud، Siri قاتارلىق تېخنىكىلار سەپلەنگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا Simon يەنە، ئىلگىرى بىز تورخۇماردا كۆرۈپ ئۆتكەن iBeer ناملىق ئەپنىڭ iPad3 تە ھەقىقىي رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنىمۇ تەسۋىرلەپ بەرگەن. زادى ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا، زابويلار پىۋىنى بىۋاستە App Store دىنلا سېتىۋېلىشى مۇمكىن.



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 7 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. تاماشىبىن 2012.03.04 , 20:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سېھرىگەر بولساڭلار دىۋانغا چىقىپ بېقىڭلار…

  2. goodluck 2012.03.04 , 20:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمدى 2 نى ئالسام، 3 چىقسا. بۇ خەققە ئەگىشىپ بولغىلى بولمىغۇدەك جۇما :!:

  3. سەرگەردان 2012.03.04 , 20:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك ئاشۇرىۋەتتىمۇ نېمە! ھارقانچە ماختىسىمۇ ئۇ دەرىجىگە بىرىپ يەتمىگەندۇ؟!

    • V 2012.07.14 , 11:04

      شۇڭا بۇنى سېھىرگەرلىك دەيدۇ ئەمەسمۇ :arrow:

  4. ۋەتەن 2012.03.04 , 20:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇھ…مەن ئالما شېركىتى ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىغان ۋاقىتتا بىراقلا ئاخىرقى مەھسۇلاتىنى سېتىۋالىمەن :roll:

  5. ئۇيغۇربەگ 2012.03.05 , 08:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئىشلەي دەپ بولغۇچە ئىشلەپ بوپتا، پىلانلىرىممۇ باتى!

  6. ئەرك 2012.03.06 , 23:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ipad قا siri قاچىلىۋىتىپتا ما گۇيلا

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif